مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 897|ئىنكاس: 7

تۇغلۇق تېمۈرخاننىڭ ئىسلامغا مۇشەررەپ بولغانلىقىنىڭ بايانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 01:33:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەزىرتى مەۋلانا ئەھمەد-ئۇنىڭ سىرلىرى مۇقەددەس بولغاي_ھەزىرتى مەۋلانا ئەرشىددىن_تەڭرى ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي_نىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بولۇپ، تەۋەررۈك ۋە تەقۋادار زات ئىدى. ئۇنىڭ نەسەبىلىرى ئىچكى جەھەتتىن خاجەلەر_تەڭرى ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى مۇقەددەس قىلغاي_نىڭ سىلسىلىلىرىگە تۇتىشاتتى. پېقىر مۇھەممەدھەيدەر مەۋلانا خاجەئەھمەد_ئۇنىڭ سىرلىرى مۇقەددەس بولغاي_ھەزرەتلىرىگە يىگىرمە يىل مۇلازىمەت قىلدىم. ئككى مەسچىت بار ئىدى، ئۇ زاتنىڭ ئىبادەتگاھى شۇ يەردە ئىدى، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە جايدا ئۇ زاتنى ئۇچراتمىدىم. ئۇ زات ھەمىشە ئىبادەتگاھنىڭ بىر بۇلۇڭىدا_خىلۋەتتە ئولتۇراتتى. سۇفىيە ئەھلى_تەڭرى ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى مۇقەددەس قىلغاي_سۆزلىرىنى ناھايىتى ياخشى بايان قىلاتتى، ھەرقانداق مۇناسىۋەتسىز كىشىمۇ ئۇ ھەزرەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىسا تەسىرلىنىپ ئۆزىنى تۇتۋالالماي قالاتتى.
پېقىر ئاشۇ مەۋلانا خاجە ئەھمەد ھەزرەتلىرىمدىن ئاڭلىغانىدىم، ئۇ زات مۇنداق دېگەنىدى:«بىزنىڭ ئابا ۋە ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىخلىرىدا مۇنداق يېزىلغان: مەۋلانا شۇجائىددىن مەھمۇد مەۋلانا ھافىزىددىن كەبىرى بۇخارىي ھەزرەتلىرىنىڭ ئىنسى ئىدى. مەۋلانا ھافىزىددىن بولسا مۇجتەھىدلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقلىرىدىن بولۇپ، ئۇلاردىن كېيىن مۇجتەھىد پەيدا بولماپتۇ. چىڭگىزخان بۇخارادا تالاپەت يۈرگۈزگەندە بۇخارا ئۇلۇغلىرىنى يىغىپتۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئادىتى شۇنداق ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەۋلانا ھافىزىددىننى شېھىت قىلىپتۇ. مەۋلانا شۇجائىددىن مەھمۇدنى ئۆيۋاقىىلىرى بىلەن قوشۇپ، قاراقورۇم(مۇڭغۇل دالاسى)غا ئېلىپ بىرىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇپتۇ. مەۋلانا شۇجائىددىن مەھمۇد قاراقورۇمدا ۋاپات بولۇپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قاراقورۇم خاراب بولغاندا، مەۋلانا شۇجائىددىننىڭ ئوغلى خوتەن بىلەن تۇرپان ئارلىقىدىكى بىر ئۇلۇغ شەھەر_كەتىك شەھرىگە كۆچۈپ بىرىپتۇ. ئۇ زات بۇ شەھەرلەردە ناھايىتى ئىززەت ۋە ھۆرمەت بىلەن تۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ بىر نەچچە ئەۋلاد شۇ يەردە تۇرۇپ قاپتۇ.» مەۋلانا خاجە ئەھمەد ھەزرەتلىرى ئۇ ئەۋلادلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسىملىرىنى ۋە ئىش-ئەھۋاللىرىنى تولۇق بايان قىلىپ بەرگەنئىدى، ئەمما پېقىرنىڭ خاتىرەمدىن چىقىپ كېتىپتۇ. خۇلاسە شۇكى، ئۇ ئەۋلادلارنىڭ ئاخىرقىسنىڭ ئىسمى شەيىخ جامالىدىن بولۇپ، ناھايىتى تەقۋادار ۋە ئۇلۇغ كىشى ئىكەن، كەتىك شەھرىدە تۇرۇۋاتقانىكەن. ئۇ زات بىر جۈمە كۈنى جۈمەدىن كېيىن ۋەز ئېيتىپتۇ، خالايىققا خىتاب قىلىپ :«ھەي خۇدانىڭ بەندىلىرى، ئىلگىرى سىلەرگە نەچچە نۆۋەت ۋەز - نەسھەت قىلغانىدىم، ھېچبىرىڭلار نەسھىتىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار! مانا ئەمدى ماڭا شۇنداق مەلۇم بولدىكى، خۇداۋەندە ئالەم بۇ شەھەرگە چوڭ بالا - قازا ئەۋەتىدۇ. ماڭا بۇ يەردىن كېتىش ھەققىدە پەرمان ۋە ئىزنى بولدى. تەڭرىتائالانىڭ رەھمىتى بىلەن بۇ بالادىن قېچىپ خالاس بولارمەن. ئاگاھ بولغايسىزلەركى، بۇ مىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋەز ئېيتىشىمدۇر، ئەمدى سىلەردىن رۇخسەت تىلەيمەن ۋە سىلەر بىلەن خوشلىشمەن، بۇنىڭدىن كېيىن دىدارلىشىش قىيامەتكە باقىي قالغۇسىدۇر» دېدى. شەيىخ شۇنىڭدىن كېيىن مۇنبەردىن چۈشتى، مەسچىتنىڭ مەزىنىمۇ ھەزىرتى شەيىخ بىلەن بىللە قېچىش نىيىتىدە مەسچىتتىن بىللە چىقتى، چۈنكى مەزىن شەيىخنىڭ سۆزلىرىگە تولۇق ئىشىنەتتى. شۇڭا، ئىلتىماس قىلىپ :«پېقىرمۇ خىزمەتلىرىدە بولسام» دېدى، شەيىخ قوبۇل قىلدى. ئۇلار شەھەردىن بىللە چىقىپ ئۈچ فەرسەڭ (ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى-بىر فەرسەڭ 6.24 كىلومېتىرغا تەڭ) يىرىقلىقتىكى بىر يەرگە بېرىپ چۈشتى، بىراق مەزىننىڭ شەھەردە ئازراق زۆرۈر بىر ئىشى چىقىپ قالغان ئىدى. ئۇ زۆرۈرىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت تىلىدى، شەيىخ ئىزنى بەردى. مەزىن شەھەرگە كىردى. ئۇ ئىشىنى ئورۇنداپ بولۇپ يېنىپ چىقىۋېتىپ ھېلىقى مەسچىت ئالدىغا كېلىپ قالدى. مەزىن كۆڭلىدە :«خوشلىشىش سۈپتىدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خۇپتەنگە بىر ئەزان ئوقۇۋېتەي» دەپ ئويلاپ مەسچىتنىڭ مۇنارىغا چىقتى. ئۇ ئەزان ئوقۇۋېتىپ كۆردىكى ئاسماندىن قارغا ئوخشاش بىر نەرسە ياغماقتا ، ئەمما ئۇنىڭدا نەم يوق. ئەزاننى تامام قىلىپ ۋە بىر ئاز تۇرۇپ :«ئەسسالات! ئەسسالات!» دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇناردىن چۈشۈپ قارىسا، مۇنارنىڭ ئىشكى ئېتلىپ قاپتۇ. چىقىشقا يول تاپالماي يەنە مۇنارنىڭ ئۈستىگە چىقىتى. ئۇ ئويلاپ يەتتىكى، قۇم يېغىۋېتىپتۇ، شۇ تەرىقىدە شەھەرنى قۇم بىسىپ كېتىپتۇ. بىر ئاش پىشىم ئۆتكەنىدى، كۆزىگە يەر يېقىن كۆرۈندى. ئۇ جەزىملەشتۈردىكى، مۇنار تۆپىسىدىن يەر يۈزىگىچە بىر ئادەم بويچىلىك ئارلىق قاپتۇ. مەزىن مۇناردىن ئۆزىنى ئاستا يەرگە تاشلىدى. قورىققان ۋە تىترىگەن ھالدا يۈگۈرۈپ تۈن يىرىملاشقاندا شەيىخنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى ۋە يۈز بەرگەن ۋەقەنى شەيىخكە سۆزلەپ بەردى. شەيىخ :«تەڭرىتائالانىڭ غەزىبىدىن يىراق بولغان ياخشى» دەپ شۇ ھامانلا يولغا راۋان بولدى-دە، تېزلىك بىلەن يۈرۈپ كەتتى. ھازىرمۇ ئۇ شەھەر قۇمنىڭ ئاستىدا بار. بەزى ۋاقىتلاردا شامال قۇمنى ئۇچۇرۇپ كەتسە ، مۇنارنىڭ ياكى گۈمبەزلەرنىڭ ئۇچى كۆرۈنۈپ قالىدۇ. كۆپلىگەن ئۆي ۋە ھويلىلارمۇ ئېچىلىپ قالىدۇ. كۆپىنچە ئۆيگە كىرسە، ئۆي ئەسۋابلىرى ۋە ئۆي ئىگسىنىڭ ئۇستىخانلىرى قۇرۇپ-چۈرۈپ ياتقانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. دېمەك شۇنچە چوڭ كەتىك شەھىرى بىر كېچىدىلا قۇمنىڭ تېگىدە قاپتۇ. شەيىخ مەزىن بىلەن نەچچە كۈن يول يۈرۈپ ئاقسۇ چېگرىسدىكى ئايكۆل دېگەن جايغا يىتىپ كەپتۇ. شۇ كۈنلەردە تۇغلۇق تېمۈرخان ئاقسۇدا ئىكەن. تۇغلۇق تېمۈرخان شەيىخ بىلەن كۆرۈشكەن كۈنلەردە ئون سەككىز ياشقا كىرگەنىكەن.
خاننىڭ شەيىخ بىلەن ئۇچۇرىشىش ۋەقەسى مۇنداق بولغانىدى : تۇغلۇق تېمۈرخان شىكارغا چىقماقچى بولدى، بۇ ھەقتە ئالدىن يارلىق چۈشۈرۈپ :«ھېچكىم بۇ شىكارغا خىلاپلىق قىلمىسۇن، ھەرقانداق ئىشى بولسا قويۇپ شىكارغا چىقسۇن!» دېگەنىدى. تاۋاچىلار قارىسا بىر مۇنچە خالايىق شىكارغا قوشۇلماي، ئۆيۋاقى بىلەن بىر جايدا ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلار شەيىخ باشلىق ھەممىسىنى تۇتۇپ ھەيدەپ خاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى-دە :«بۇلار شىكارغا ھازىرلانماي يارلىققا خىلاپلىق قىلىپتۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تۇتۇپ كەلدۇق. قانداق جازا بىرىشكە يارلىق بىرىلسە، ئىجرا قىلغايمىز» دەپ ئەرىز قىلىشتى. خان ئۇ جامائەتتىن :«نېمە ئۈچۈن يارلىقنى ئەستە تۇتماي ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلدىڭلار؟» دەپ سورىدى. شەيىخ جاۋاب بىرىپ :«بىز ۋەيران بولغان كەتىك شەھرىدىن يېڭىلا كەلگەن مۇساپىر كىشلەرمىز، شۇڭا شىكاردىن ۋە يارلىقتىن خەۋرىمىز يوق ئىكەن. ئەگەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان بولساق ئىدۇق، يارلىققا ئەسلا خىلاپلىق قىلماس ئىدۇق» دېدى. خان ئاچچىقلىنىپ :«تاجىك خەلىقى ئادەم ئەمەس» دېدى ۋە شۇ ھالەتتە ئىتلىرىغا توڭگۇز گۆشى بېرۋاتاتتى، شۇ ئاچچىغىدا يەنە شەيىختىن :«سەن ياخشىمۇ، يا بۇ ئىتمۇ؟» دەپ سورىدى. شەيىخ ئېيىتتىكى :«ئەگەر ئىمان مېنىڭ بىلەن ھەمراھ بولغان بولسا، مەن ياخشىمەن، ئەگەر ئىمان مېنىڭ بىلەن ھەمراھ بولمىسا ، ئىت ياخشىراقتۇر.» بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھامان شاھ دەرھال ئوردىغا قايىتتى ۋە بىر كىشىگە بۇيرۇق بېرىپ :«سەن ئۇ تاجىكنى ئىززەت بىلەن ئاتقا مىندۈرۈپ، قىشىمغا ئېلىپ كەلگىن» دېدى.
ئۇ موغۇل ئاتنى شەيىخنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى، شەيىخ قارىسا ئاتنىڭ ئىگىرى پۈتۈنلەي توڭگۇزنىڭ قانلىرى بىلەن بۇلغىنىپتۇ. شۇڭا، شەيىخ :«مەن پىيادە بارىمەن» دېدى. مۇغۇل ناھايىتى دەبدەبە بىلەن سىياسەت قىلىپ :«خاننىڭ يارلىقى شۇنداقتۇركى، ئاتقا مىنگەيسەن!» دېدى. شەيىخ ئىلاجىسىز لۆڭگىلىرىنى ئىگەرنىڭ ئۈستىگە يېپىپ، ئاندىن مىندى. سارايغا كىلىپ كۆردىكى، خان بىر خىلۋەت ھۇجىرىدا تەنھا ئولتۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ چىرايىدا غەم-ئەندىشە ئالامەتلىرى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. شەيىخ خاننىڭ يېنىغا يېقىن باردى. خان شەيىختىن :«ھەمراھ بولسا كىشىنى ئىتتىن ياخشى قىلىدىغان، ھەمراھ بولمىسا ئادەمنى ئىتتىن بەتتەر قىلىدىغان بەتتەر قىلىدىغان قانداق نەرسە ئۇ؟» دەپ سورىدى. ھەزىرتى شەيىخ جاۋاب بىرىپ :«ئۇ ئىماندۇر» دېدى ۋە ئىماننىڭ تەرىپىنى، ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرىنى باشتىن - ئاياغ شەرھىلەپ ئۆتتى. خان ئىختىيارسىز يىغلاپ كەتتى ۋە ئېيىتتىكى :«مەن خان بولۇپ، مۇستەقىل ئىش باشلىغىنىمدا، مېنىڭ ھوزۇرۇمغا چوقۇم كەلگەيسەن، مەن ئەلۋەتتە مۇسۇلمان بولغايمەن.: خان شۇنىڭدىن كېيىن شەيىخنى ئىززەت ۋە ھۆرمەت بىلەن ياندۇردى. بۇ ۋەقەدىن نەچچە مۇددەتلەر ئۆتكەندە شەيىخ ئالەمدىن ئۆتتى.

مەنبە : «تارىخى رەشىدىي» دىن
داۋامى بار

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 07:04:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ياخشى تىما ئىكەن .نىمىشقا  مۇشۇنداق تىمىلار دا  ئادەم  يوقتۇ

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13215
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8082 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 08:01:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقىقىي تارىخ ،مەن بۇ مەزمۇنلارنى «تارىخى رەشىدى »نى ئوقۇغانلىغىم ئۈچۈن ،بۇرۇنلا بىلەتتىم .شۇنداقتىمۇ ئاپتۇرنىڭ كۇنۇپكا تاختىلىرىنى باسقان قولىغا رەھمەت ئىيتماي تۇرالمايمەن.

بىر فەرسەڭ =6.24كېلومىتىر .  بۇنى قانداق ھېساپلىغاندۇ ؟ فەرسەڭ ئەڭ بۇرۇن كىملەر ئىشلەتكەن ئۇزۇنلۇق بىرلىگى ؟ «ف» نى باش ھەرىپ قىلغىنىدىن قارىغاندا پارىسلارنىڭ تېلىدەكمۇ قىلىدۇ .

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

دىنىمنىڭ ئۇستۇن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34992
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8429
تۆھپە نۇمۇرى: 208
توردا: 3830 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 09:37:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kurax114 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-4 07:04 PM
ياخشى تىما ئىكەن .نىمىشقا  مۇشۇنداق تىمىلار دا  ئادەم   ...

  ئىنكاس يازمىسىلا ئادەم يوق دەپ گۇمان قىلماڭ !
ئوقۇپ  ئىنكاس يازمايدىغانلار نۇرغۇن ، ئەمما گەپ ئىنكاستا ئەمەس ، بەلكى ھەقىقى مەنپەئەتلىنىشتە

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى  -مىنىڭ شان-شەرپىم

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 09:43:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tiwep يوللىغان ۋاقتى  2012-3-4 09:37 PM
ئىنكاس يازمىسىلا ئادەم يوق دەپ گۇمان قىلماڭ !
ئوقۇپ   ...

دىمەكچى بۇلغۇنۇم  مۇشۇ تىمىنى كۇر گەن ئادەم ئاران 80 گە  بارماپتۇ .ئەگەر بۇ تىما ھەي  بولدىلا . شۇنى  دىمەكچى ئىدى

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

بىزكىم ..

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38507
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5122
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 10:09:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئۇقۇغۇم بار ئىدى ھەي......ۋاقىت ........

ئۆز مىللىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىللايدىغان مەرت باھادىرلار چىقمىسا بۇنداق مىللەت تىزلا ھالەك بۇلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 11:45:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىممىتى بار ئىكەن. ھەر كۈنى تارىختىن ئاز تولا خەۋەردا بولۇپ تۇرساق، بىر يىلدا خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىپ قالاتتۇق. بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىلەر!
فەرسەڭ دېگەن ئەسلى فەرسەخ خاتا ئېلىنىپ قالدىمىكىن دەپ ئويلايمەن. تاجۇل ئۇرۇس(ئەرەب تىلى لۇغىتى) دېگەن لۇغەتتە، ئەسلى پارسچە سۆز بولۇپ، ئەرەب تىلىغا پارسلاردىن كىرگەنلىكىنى، قەيت قىلىنغان.  ئەرەبچە يېزىلىشى «فرسخ»، ئوقۇلۇشى فەرسەخ. توغرىسى شۇ. بەلكىم ئۇيغۇر تىلىغا فەرسەڭ ياكى پەرسەڭ دەپ ئۆزلەشكەن بولۇشى مۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59724
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3097
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2011-10-9
ئاخىرقى: 2012-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-5 07:43:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەزمۇن ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ‹‹باھادىرنامە››ناملىق رومانىدا تېلغا ئېلىنغان! شۇنداق بولسىمۇ تېما ئېگىسىگە رەخمەت! جاپا چىكىپسىز!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش