2012: يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار خارابلىشىدىغان يىلمۇ؟
ئاپتورى: جېففىرىي فرانكېل (تەرجىمىدە : نەپرەت2009)
ئۆتكەن 7 يىلدا، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارنىڭ ئىپادىسى كىشىگە يېڭىچە نەزەر ئاتا قىلدى. ئىقتىسادىي ئېشىشى، قەرز، GDP نىسبىتى، مالىيە سىياسى ھەمدە باھالاش ئورگانلىرى ۋە پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا نومۇر بېرىش جەھەتتە، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازالارنىڭ ئىپادىسى تەرەققىي قىلغان، سانائەتلەشكەن دۆلەتلەردىن كۆپ ياخشى بولدى.
ئەمما، 2012-يىلغا كىرگەندە، مەبلەغ سالغۇچىلار يېڭىدىن گۈللەنگەن بازلارنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك «خەتەرلىك» قىلمىشى سەۋەبلىك چېكىنىشىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى. جۇڭگو ئىقتىسادىي چېكىنىشنى باشتىن كەچۈرەمدۇ؟ تاۋار باھاسىنىڭ چۈشۈشى لاتىن ئامېرىكىسىغا زەربە بېرەمدۇ؟ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلۇق قەرز مالىمانچىلىقى تۈركىيە قاتارلىق قوشنىلىرىغا يامرامدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، ناھايىتى ئاز ئادەم تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا كۆرۈلگەن تېز سۈرئەتتىكى ئىقتىسادىي ئېىشىش ۋە غايەت زور سودا قىزىل رەقىمى بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇش تۇرۇش ھادىسىسى داۋاملىشىدۇ دەپ قارايدۇ. ئوخشاشلا، برازىلىيە ۋە ئارگېنتىنانىڭ يۇقىرى GDP ئېشىش دەۋرىدىمۇ ئېھتىمال تېزلا بۇرۇلۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ يەر شارى تاۋار باھاسىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلسە، ئەگەر جۇڭگو ئىقتىسادى ئاجىزلاشسا ياكى يەر شارى ھەقىقىي ئۆسۈم نىسبىتى بۇ يىل ئۆرلەشكە باشلىسا، تاۋار باھاسى چۈشىشى مۇمكىن. ھەتتا جۇڭگودىمۇ، ئۆي مۈلۈكنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىشى ھەمدە بانكىلارنىڭ يامان ھېساباتنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىشى سەۋەبلىك ئىقتىسادىي چېكىنىش كۆرۈلىشى مۇمكىن.
بۇ ھەرگىزمۇ ئورۇنسىز غەم-ئەندىشە ئەمەس. دۇنيا بانكىسى «2012-يىللىق يەر شارى ئىقتىسادىغا نەزەر» ناملىق دوكلاتىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى. برازىلىيەنىڭ GDP يىللىق ئېشىش نىسبىتى 2011-يىلى ئۈچىنچى پەسىلدە توختاپ قېلىش كۆرۈلدى، 2012-يىلى ئېشىش نىسبىتى %3.4 بولىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىپ، 2010-يىلدىكىدىن يېرىم تۆۋەن بولدى. ھىندىستاندا 2011-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىددەت بىلەن ئاستىلاش كۆرۈلدى، شۇڭا جەنۇبىي ئاسىيانىڭ 6 يىللىق يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشى ئاخىرلاشتى (2010-يىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى %9.1 يەتكەن). 2012-يىلنى مۆلچەرلىگەندە، جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، پەقەت %5.8 بولىدۇ.
ئىسپات، نەزەرىيە ۋە كەلتۈرۈپ چىقرىشتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىن ئىجابىي قاراش بار بولۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازلارنىڭ ئىقتسادىي ئىپادىسى 2012-يىلى زور دەرىجىدە ھالسىزلىنىدىغانلىقىنى قوللايدۇ.
بازار سىياسىي جەھەتتە، بىز تارىخىي سانلىق مەلۇماتلارغا قاراپ باقساق بولىدۇ: يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلاردا ھەر 15 يىلدا بىر قېتىم كىرزىس يۈز بېرىپ تۇرغان. 1982-يىلى پارتلىغان خەلقئارا قەرز كىرزىسى مېكسىكىدا باشلانغان، كېيىن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە باشقا رايونلارغا يامرىدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا كىرزىسى 15 يىلدىن كېيىن يۈز بەرگەن، 1997-يىلى تايلاندقا ھۇجۇم قىلغان، كېيىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە باشقا رايونلارغا يامرىدى. ھازىر، يەنە 15 يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇنىڭدىن قارىغاندا، 2012-يىلى دەل يېڭىدىن گۈللەنگەن بازلار كىرزىسى پارتلايدىغان يىلىمىدۇ؟
قانۇنىيەتلىك گۈللىنىش دەۋرىيلىكى تەلىماتى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىلىم-پەن جەۋھەرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، مەسىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادشۇناسى كارمېن رېيخارت (Carmen Reihart) نىڭ ئەسىرى. لېكىن مەن تېخىمۇ قەدىمىي مەنبە: تەۋراتنى كۆرسەتمەكچى، بولۇپمۇ يوسۇفنىڭ ھېكايىسىنى، فىرئەۋن ئۇنى چاقىرىپ چۈشىدە كۆرگەن 7 سېمىز كالا، كېيىن يەنە 7 ئورۇق كالىنى يېشىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
يوسۇف 7 يىل مول-ھوسۇللۇق يىل بولىدىغانلىقىنى، زىرائەتلەرنىڭ نىل دەرياسى تېشىپ چىقىشى سەۋەبلىك قاتتىق ھوسۇل بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغان؛ كېيىن يەنە 7 يىل ئاچارچىلىق باشلىنىدىغانلىقىنى، قاتتىق قۇرغاقچىلىق ئاچارچىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. ئۇنىڭ پەرەزلىرى كېيىن ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. بەختكە يارىشا، پىرئەۋىن ۋە ئەمەلدارلار 7 يىللىق مول-ھوسوللۇق يىلدا يېتەرلىك ئاشلىق توپلىۋېلىپ، مىسىر خەلقىنى 7 يىللىق ئاچارچىلىقتىن ئۆتكۈزۈۋالغان. ھازىرقى سانائەتلەشكەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ھېكايىنىڭ يەنىلا يۇقىرى ئۆگىنىش قىممىتى بار.
يېڭىدىن گۈللەنگەن بازلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 1975-1981 يىلغىچە بولغان بۇ 7 يىلدا زور مىقداردا كاپىتالنىڭ ئېقىپ كرىشى كۆرۈلدى، نېفىت ئامېرىكا دوللىرى قەرز بېرىش شەكلىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئېقىپ كىردى. 1982-يىلى مېكسىكىدىن باشلانغان خەلقئارا قەرز كىرزىسى 7 يىللىق قەھەتچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ «يوقاتقان 10 يىلى» دەپ ئاتالدى. بۇرۇلۇش ياسىغان 1989-يىلى، كۆزگە ئەڭ چېلىققان ئىش بولسا تۇنجى قېتىم براندىي (Brady) زايومى (لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى تارقاتقان ئامېرىكا دوللىرى زايومى) تارقىتىلىپ، لاتىن ئامېرىكىنىڭ كىرزىستىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا مەدەت بولدى.
ئىككىنچى مول ھوسوللۇق 7 يىل 1990-1996 يىلغىچە بولۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارغا ئېقىپ كىرگەن كاپىتال تارىخىي رېكورت ياراتتى. 1997-يىلىدىن باشلاپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا 7 يىللىق قەھەتچىلىكنى باشتىن كەچۈردى. ئارقىدىنلا ئۈچىنچى قېتىملىق كاپىتالنىڭ 7 يىللىق مول ھوسۇل دەۋرى باشلاندى (2004-2011)، ھەتتا يەر شارى پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىمۇ يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارنىڭ ئاۋاتلىقىنى توساپ قالالمىدى. ئەگەر تارىخنىڭ قايتىلىنىشىدىن قارىساق، ئۇنداقتا ھازىر دەل يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارغا ئاققان كاپىتالنىڭ ئۈچىنچى قېتىم «تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش» ۋاقتى كېلىپ قالدى.
ئۇنداقتا، سانلىق مەلۇمات ۋە قىياسلار 15 يىلنى دەۋرى قىلىش تەلىماتىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىگە يېتەرلىكمۇ؟ ئەگەر بىز خەلقئارالىق كاپىتال ئېقىشىنىڭ دەۋرىلىك تەۋرىنىشىنىڭ ھاسل بولۇش سەۋەبىنىڭ نەزەرىيىسىنى تېپىپ چىقالىساق، ئېتىمال يېتەرلىكتۇ.
بىر خىل مۇمكىن بولغان چۈشەندۈرۈش بولسا، 15 يىل دەل شەخسىي قەرز مەبلەغ سالغۇچىلىرى ۋە قوش فوند سودىگەرلىرىنىڭ يېتەرلىك پۇل تېپىۋېلىپ جاھاندارچىلىقتىن چېكىنىدىغان ۋاقتى. بۈگۈنكى ياش بىر ئەۋلاد مال-مۈلۈك باشقۇرغۇچىلار 2001-يىلدىكى تۈركىيە كىرزىسىنى بىلىدۇ، ئەمما ھېچكىم بىرىنچى بولۇپ باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان. ئۇلار ئېھتىمال بۇ قېتىم ئوخشىماسلىقى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
ئەگەر يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار 2012-يىلى راستىنلا گۇمران بولسا، بۇ قانۇنىيەتنى ئەڭ ئاۋال بايقىغۇچىلارنىڭ قەدىمقى مىسىرلىقلار ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ.
مەنبە: ئاپتورى جېففىرىي فرانكېل خارۋاد ئۇنۋېرسىتىتى كاپىتالنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆسىشى ئىلمىنىڭ پراففىسورى، نەپرەت2009 تەرجىمە قىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-4 01:44 PM