مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1418|ئىنكاس: 9

قىزىمغا دەيدىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1930
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11520
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8628 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 12:28:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  قىز ئۇ ئېچىلمىغان سىر، بېسىلمىغان ئىز. قىزلارنىڭ بايلىقى ئۇنىڭ شەرمى–ھاياسى، ئەدەپ–ئەخلاقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. قىزلارنى گۇلگە ئوخشاتساق، ئەدەپ –ئەخلاق دەل ئۇنىڭ ئۆتكۈر تىكىنى. بۇ ئۆتكۈر تىكەن ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى ساقلاپ قالالىسىلا ھەر قانداق قارا قول ئۇنىڭغا چېقىلالمايدۇ. سەن مەن بەرپا قىلغان گۈزەل باغدىكى ئەڭ يارقىن ،ئەڭ خۇشپۇراق گۈل . مەن ئۇزۇندىن بېرى سېنى ھەم سېنىڭ ئۆتكۈر تىكەنلىرىڭنى تومۇز ئىسسىقتىن، جۇت–شىۋىرغانلاردىن ساقلاپ كەلدىم، ئەمدى كۆڭۈل قەسىرىڭنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى ئۆز كۈچىڭگە تايىنىپ قوغدايدىغان ۋاقتىڭ كەلدى. سەن بىر ئەرگە ئايال بولىسەن، بىر بالىغائانا بولىسەن، بىراق شۇنىمۇ ئۇنتۇپ قالما، سەن ماڭا ئوخشاش بىرئانىغا كېلىنمۇ بولىسەن. سەن مېنىڭلا قىزىم ئەمەس، بەلكى سەن سۆيگەن، سېنى سۆيگەن ئەرنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئانىنىڭمۇقىزى. پەرزەنتنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئاتا–ئانىسىنى رازى قىلىش.لېكىن بۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ بىر ئارزۇ ھەم بۇرچ بار،ئۇ بولسىمۇمەيلى كۈيئوغۇل بولسۈن ياكى كېلىن بولسۇن قېيناتا–قېينانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش. سېنىڭ كۆپرەك ۋاقتىڭ شۇلار بىلەن بىرگە ئۆتىدۇ،ئۇلارنىڭ رازىلىقىسىز سەن روناق تاپالمايسەن. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويغان بولساڭ،ئۇلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورا،ئەگەر ئۇلار سېنىڭ دىلىڭنى رەنجىتىپ قويسا بەك كۆڭلۈڭگە ئېلىپ كەتمە. ئۇلارنىڭ دېگىنى توغرا بولىشىمۇ مۇمكىن، ئەشۇ بىر قېتىملىق دىل رەنجىتىشتىن سەن يېڭى بىر ھايات لوگىكىسىنى يەكۈنلەپ چىقالىشىڭ مۇمكىن.

  قىزىم، ئەدەپ–ئەخلاقلىق،شەرم–ھايالىق بولۇشتىن باشقا يەنە شېرىن سۆزلۈك،گۈزەل تەبىئەتلىك بولۇشمۇ قىزلارغا خاس خۇسۇسىيەت. مەيلى زامان قانچە تەرەققى قىلسۇن ، كىشىلەر قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرسۈن، زامان قانچە رەڭدارلاشسۇن سېنىڭ چاچلىرىڭدىكى قارىلىق، مەڭزىڭدىكى قىزىللىق، قەلبىڭدىكى ئاقلىق ھەرگىز ئۆزگەرمىسۇن. چاچلىرىڭدىكى قارىلىقنى كۆرۈپ، يولدىشىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى، كۈچلۈك ئېتىقادىنى ھەرۋاقىت ئەستە ساقلايدۇ؛ مەڭزىڭدىكى قىزىللىقنى كۆرۈپ، يولدىشىڭنىڭ كۆزلىرىدە مۇھەببەت– نەپرەت ئۇچقۇنلىرى ئۇچقۇندايدۇ؛ قەلبىڭدىكى ئاقلىقنى كۆرۈپ يولدىشىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇلار يەنە پەرزەنتلىرىڭگە قانداق ياشاشنى ،قانداق ئادەم بولۇشنى،باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. سۆزۈڭ شېرىن بولسا مۇز يۇرەكلەرنىمۇ ئېرىتەلەيسەن. شېرىن سۆز،كەڭ قورساق،ئەپۇچان بولساڭ ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيسەن، قېينانا–قېيناتاڭمۇ تەبىئىيلا ساڭا ئامراق بولۇپ قالىدۇ. دۇنيادا ئۆز–ئارا كۆيۈنۈشتىنمۇ ئارتۇق مېھىر– مۇھەببەت، بەخت يوق قىزىم. سەن ئۆزئەمەلىيىتىڭ ئارقىلىق بەخت ۋە خۇشاللىق كۆزئالدىدىلا تۇرسىمۇ تۇتالمىغانلارغا ئۇنى قانداق تۇتۇشنى ئۆگىتىپ قويىشىڭ كېرەك.

  قىزىم، ئاياللارنىڭ ئانا بولغاندىن كېيىنىكى ھاياتى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يولدىشىڭ ۋە پەرزەنتلىرى ئۈچۈن داۋاملىشىدۇ. شۇڭا تۇرمۇشىڭدا ھەممىدىن ئاۋۋال ئېرىڭ ۋە پەرزەنتىڭنىڭ مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىشىڭ كېرەك. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرنىڭ ئارقىسىدا بىر قابىل، كۆيۈمچان، كەڭ قورساق ئايال بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات مۇساپەڭلاردا پەقەت سەنلا يولدىشىڭنىڭ بىردىنبىر قوللىغۇچىسى، ياردەمچىسى، يار يۆلىكى بولىسەن، شۇڭا سەن ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ مۇھەببەت ئاتا قىلىشىڭ كېرەك.   قىزىم، بالىنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشى ئانىنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دادىنىڭ سۆز ھەرىكىتى قانچە مۇلايىم، مەدەنىي بولسىمۇ ئانىنىڭ ئەخلاقى ياخشى بولمىسا بالىنىڭ ياراملىق ئادەم بولالىشى تولىمۇ قىيىن. سېنىڭ قىممەت باھالىق كىيىم–كېچەكلىرىڭ، ئالتۇن جابدۇقلىرىڭ زىننەت ئەمەس، بەلكى ئالغان تەربىيەڭ زىننەتتۇر.ئالغان تەربىيەڭ قانچە مول ھەم ئەتراپلىق بولسا ئۇ سېنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۇرىدۇ. قىزىم باشقىلارغا مۇلايىم، سىلىق سىپايە مۇئامىلە مۇئامىلە قىل. سېنىڭ مۇلايىملىقىڭ يولدىشىڭغا ئەرلىك خاراكتېر ئاتا قىلىدۇ. سېنىڭ ھەر بىر سۆز ھەرىكىتىڭ يولدىشىڭغا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىدۇ. سەن ئارقىلىق يولدىشىڭ ھۆرمەت تاپىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سەنمۇ ھۆرمەتكە ئېرىشىسەن ،دەۋرنىڭ گۈلى بولىسەن. قېيناتا–قېيناناڭمۇئۆزىنىڭ سىلەردەك بىرجۈپ خۇشپۇراق گۈلىنىڭ باغۋىنى بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ.

  قىزىم، قىزلار سىرىنى يوشۇرغانسېرى دانالىشىدۇ، جىسمىنى يوشۇرغانسېرى گۈزەللىشىدۇ، سەن سىرىڭنى باشقىلارغا ئېيتمىساڭلا، باشقىلار ھەرگىز سېنىڭ سىرىڭنى ئوغۇرلىۋالالمايدۇ، سىرىڭ سېنى دانالاشتۇرىدۇ، سىرىڭنىڭ بارلىقى قىممىتىڭنىڭ بارلىقىنى بىلدۇرىدۇ.جىسمىڭنى ھەر ۋاقىت يات كۆزلەردىن يوشۇر، قىسقا كىيىم بەدەننى ئېچىپ قويسا، كالتە پىكىر نادانلىقنى ئېچىپ قويىدۇ.

  قىزىم ئاخىرىدا ساڭا دەيدىغىنىم ، مەيلى قانداق ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كىرگىن ھەر ۋاقىت چوڭلارنى ھۆرمەتلە، كىچىكلەرنى ئىززەتلە،ئىشلاردا سەمىمىي، راستچىل، دادىل بول. تىلىڭ ھەر ۋاقىت شېرىن سۆزلۈك بولسۇن، ھەقنى سۆزلىسۇن،باشقىلار سېنىڭ تۇتقان ئۆيۇڭگە قاراپ ئەمەس، سېنىڭ تەربىيىلەپ يېتىشتۇرگەن بالاڭغا قاراپ ساڭا باھا بېرىدۇ. ھەر قانداق ئىشنى ئۆزۈڭدىن باشلا نەتىجىسىنى باشقىلاردىن سورا، شۇندىلا سەن پەرزەنتىڭ مەدھىيلىگەندەك ئانا، قېيناتا–قېيناتاڭ پەخىرلەنگۈدەك كېلىن، ئۆمۈرلۈك ھالال جۈپتىڭ ئىپتىخارلانغۇدەك ئايال بولالايسەن.


(ئاپتور: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپتە )

مەنبە <<شىنجاڭ  ئاياللار>>ژۇرنىلى  تورى







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-4 01:36 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئەنسار + 39 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 02:50:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن تولغان ،تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە تىما بوپتۇ

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

تېخىچە ئ‍ۆتمۈش ئ‍ىچىدە ياشاۋات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11654
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13800
تۆھپە نۇمۇرى: 882
توردا: 333 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 03:19:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن ، ئەخلاق _پەزىلەت  شەرمى ھايا  ئىنساننىڭ ئېسېل مەنىۋى گۆھەرلىرى..

ھايات ساڭا كۈلۈپ باقمىسا، سەن ھاياتقا كۈلۈپ باق، ئ‍اچچق كۈلسەڭمۇ مەيلى................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19159
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6899
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 364 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2014-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 04:24:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ ھەر بىر ئانىنىڭ قىزىغا دەيدىغان يۈرەك سۆزى بولسا كېرەك ، ئەمما ئۆيدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرۇتتا سەرگەردان ئۇقۇغۇچى بولغاندىن كۈندىن  باشلاپ بۇ سۆزلەر بەزىدە ئىسىمزدىن چىقىپ كەتسە كېرەك ، مەنغۇ ئۇنچىۋالا ياغاچ قۇلاق ئەمەس لىكىن بەزىدە ئاپامنىڭ ماڭا بۇرۇن دائىم ‹كوتۇلداپ›دەيدىغان پەنىد-نەسھەتلىرىنى سېغىنىپ قالىمەن، ئەمدى چۈشەندىمكى ئۇمۇ ئەسلىدە بىر مىھر-مۇھەببەتكەن...!:qiray146  

ئارتۇقچە مىھرىبانلىقنىڭ ئازاپ ئىكەنلىكىنى بىل!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74534
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3263
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 05:03:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رھمەت تېمىڭىزغا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 2050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10633
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 05:42:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغلۇم ساڭا دەيدىغانلىرىمىنى قوشۇپلا يوللىۋەتىسڭىز جۈپى بولاركەن تاق بولۇپ قاپتۇ ھى ھى

تاڭ ساباسى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3506
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11629
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2833 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 06:55:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن  قېرىندىشىم ، ئىسىل تېما يوللاپسىز .  ھەر بىر ئانا بولغۇچىنىڭ قىزىغا دەيدىغان يۈرەك سۆزئىكەن  بۇ .

ھايات شامى ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يىنىق ،
كەلدىڭمۇ دۇنياغا كەتمىگىڭ ئىنىق .
شۇ كىلىپ كىتىشنىڭ ئۆزى بىر سۇئال ،
تەييار بول سۇئالغا پۇتكىچە تىنىق .

*گۇناھنىڭ كىچىكلىكىگە قارىمىغىن ،لكىن ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلىۋاتقان زاتنىڭ كاتتىلىقىغا قارىغىن!

تامچە سۇدىمۇ قۇي

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19454
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6577
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 2553 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 08:28:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستلا ياخشى يېزىلىپتۇ.ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9810
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 08:49:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن تولغان ،تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە تىما بوپتۇ

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35362
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4323
تۆھپە نۇمۇرى: 92
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-5 06:24:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رھمەت تېمىڭىزغا!تولىمۇ پاساھەتلىك سۆزلەر

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش