ئوبۇنتۇدا ئانا تىلىم لوغەتنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى
مەن ئوبۇنتۇ سېستىمىسىنى ئىشلىتۋاتقىلى خىلى بولدى .بۇ سېستمىنىڭ شۇنداق ياخشى ئىكەنلىكى بارا -بارا ھىس قىلىشقا باشلىدىم ھەم بۇ سېستىمىنى تۇنۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ بىر بىلوگمۇ قۇرۇۋالدىم بىلوگىمدا ئۆزۈم ئوبۇنتۇدا يۇلۇققان مەسللەرنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ،ئوبۇنتۇدا كۆپ ئىشلىتىدىغان دېتاللار تۇنۇشتۇرىمەن.
بۈگۈن مەن سىلەرگە ئوبۇنتۇدا ئانا تىلىم لوغىتىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرماقچىمەن.
ئوبۇنتۇدا ئانا تىلىم لوغىتىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دېتال مەركىزىدىن stardic نى قاچىلايمىز .
ياكى تىرمىنالدا بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇيرۇق شەكلى:
sudo apt-get install stardic
stardic نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى قاچىلايمىز. ئۇيغۇچە تىل بولىقى deb شەكلىدە بۇلۇپ بۇنى بىۋاستە قوش چىكىپ قاچىلىسىڭىزمۇ ياكى تىرمىنالدا قاچىلىسڭىزمۇ بولىدۇ(قۇش چىكىپ قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلمايمەن،ئامال بار تىزمىنالدا قاچىلاڭ).
ئۇيغۇچە -خەنزۇچە ،خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە deb ھۆججەتنى بۇ يەردىن چۈشۈرۋېلىڭ.
http://115.com/file/dpleg09g#ubu ... che_deb__hujiti.zip
deb ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن stardic دىك باش بىتىگە كىرىپ تىزىملىتىپ ئاندىن ئىشلىتىشنى باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ.
دىققەت: تىزىملاتمىسىڭىز لوغەتنى نۇرمال ئىشلىتەلمەيسىز.
بۇ ئۇيغۇچە تەرجىمىدىن تۇتۇلغان سۈرەت :
بۇ خەنزۇچە تەرجىمىدىن تۇتۇلغان سۈرەت:
بۇ ئىنگلىزچە تەرجىمىدىن تۇتۇلغان سۈرەت:
بۇ تور يۈزدە سۆز تۇتۇپ تەرجىمە قىلغان سۈرەت :
سىز ئەگەر تور يۈزىدە مەلۇم بىر خەتنىڭ تەرجىمىسگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز شۇ خەتنى تاللاپ كۈرستىپ بەرسىڭىز خەتنىڭ تەرجىمىسىنى ئاپتۇماتىك يان تەرەپتە كۈرسىتىپ بىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۈزىڭىز خالىغان تىلنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى قۇشۋېلىپ ئىشلىتەلەيسىز .قىيىنچىلىققا يۇلۇقسىڭىز مۇشۇ تىمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ.
يازما ئەسلى ئادىرىسى :
قۇتبەگ بىلوگى
http://www.qutbeg.com بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-4 01:33 PM