|
|
|
|
سەھرادا نورۇز
(قۇربانجان مەخەم)
ئۇرۇپ شامال جەنۇپتىن،
خەۋەر بەردى نورۇزدىن.
مەھەللىدە بوۋايلار ،
باھار دىدى خۇشلۇقتىن.
دەرەخلەرمۇ خۇشلۇقتا،
ئېرغاڭشىتىپ باشلىرىنى.
خوشلاشماقتا ھۇد بىلەن،
ئالماشتۇرغاچ تونىنى.
بالىلارمۇ بوش كەلمەي،
سەھەر تۇرۇپ ئورنىدىن.
قوللىرىغا لەگلەك ئېپ،
چىقىپ كەتتى ھويلىدىن.
توۋلاپ ئەمگەك ناخشىسىنى،
دىھقان يىگىت ئېتىزدا.
ھەيۋىسىنى كۆرسىتەر،
خوشنىسىنىڭ قىزىغا.
قىزلارمۇ ھەم بوش كەلمەي،
سېۋەت ئېلىپ قولىغا .
راۋان بولدى بېيىتلەن ،
بېدىلىكنىڭ يولىغا.
-"بېدە كۆكى تېرىمىز،
نورۇز ئېشى ئىتىمىز.
يىگىت بولساڭ ئېيىتمامسەن-
توينى قاچان قىلىمىز؟!"
-"بۈگۈن كەچتە گوگۇمدا
ئەلچى كىرىدۇ ئۆيۈڭگە،
خۇدا خالىسا نورۇزدا-
قوش توي بۇلىدۇ ئۆيۈڭدە!"
نورۇز كۈنى مەھەللىدە،
ناغرا -سوناي ياڭرىدى.
"توققۇز ئېشىم"قازاندا،
ھەيۋە بىلەن قاينىدى.
يىگىتلەرمۇ ھويلىدا ،
ساما سالدى ناغرىغا.
كۆيۈك ئوتىنى سېلىپ،
نازىن قىزلار باغرىغا.
قىزلارمۇ ھەم يىغىلىپ،
ھويلىدىكى چوڭ سۇپىغا.
ياغلىق تاشلار بەس-بەستە،
كۆڭلى چۈشكەن باتۇرغا.
مەھەللىنىڭ ئاقساقىلى،
چۈشۈپ ئاشۇ سەيناغا.
بارچە ئاۋازدا خىتاب قىپ،
سۆزلەپ كەتتى باللىلارغا.
-"نورۇز دىگەن ئۇلۇغ كۈن،
تەڭشىلىدۇ كۈن ۋە تۈن.
ئۈمۈد قىلىمەن سىلەردىن ،
ئۇنتۇپ قالماس دەپ بىركۈن.
نورۇز دىگەن بۇ بايرام،
مىراس بىزگە ئەجدادتىن.
ئۈزۈلدۈرۈپ ئەنئەنىنى،
قەرىز قالماڭ ئەۋلادتىن!"
جاۋاب بەردى بالىلار_
ئاڭلاپ بوۋاي سۆزىنى.
"ئەنسىرمىسلە چوڭ ئاتا،
ساقلاپ قالىمىز ئەنئەنىنى!"
قاينام- تاشقىن ئىچىد،
تويمۇ ئۇزاپ تارىدى.
ئېتىزلاردا قايتىدىن ،
ئەمگەك كۈيى ياڭرىدى.
مەنبەسى: ئۆزۈم2011-يىل12-مارىت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-4 11:42 AM
|
|
|
|
|
|