قايتۇرما سوئال
 كارۋان دوختۇردىن سوراپتۇ:
   — ھۆرمەتلىك دوختۇر، مەن قانداق قىلسام 100 ياشقا كىرىمەن؟
   — بىرىنچىدىن ھاراق ئىچىشنى تاشلاڭ.
   — ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيمەن.
   — ئىككىنچىدىن ئاياللارغا قاش ئاتماڭ.
   — توۋا دەڭا دوختۇر، ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن.
   — ئۈچىنچىدىن گۆشنى ئاز يەڭ.
   — مەن دەل گۆشسىز تاماق يەيدىغىنى.
   — ھوي، ئۇنداقتا بۇنچە ئۇزۇن ياشاپ نېمە قىلىسىز؟
     。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。
   ئائىلىنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى كىمنىڭ باشقۇرۇش مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن ئۇزۈمتال ئايالى  بىلەنتاكاللىشىپ قالدى. ئاخىرى ئايالى ۋارقىراپلا سۆزلەپ كىتپتۇ:
   — ئەگەر مېنىڭ پۇلۇم بولمىغان بولسا، بۇ تېلېۋىزۇر بۇ يەردە تۇراتتىما؟
   — ئەگەر مېنىڭ پۇلۇم بولمىغان بولسا، بۇ كرېسلو بۇ يەرگە قويۇلاتتىما؟
   — ئەگەر مېنىڭ پۇلۇم بولمىغان بولسا، بۇ ئۆي بولاتتىما؟
   ئايالىدىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ چىدىمىغان 
ئۇزۈمتال دەپتۇ:
   — ھوي، توغرا دەيسەن، ئەگەر سېنىڭ پۇلۇڭ بولمىغان بولسا مەن بۇ يەردە تۇراتتىما؟
............................................................................................................
  مۇسلنە قىزىنى مانتا ئەكىلىشكە بۇيرۇپتۇ.
   ئاشخانا مۇلازىمى مانتىنى گېزىتكە يۆگەپلامۇسىلنەنىڭ  قىزغا تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ.
   — ھامما، مۇئەللىم بىزگە ‹‹يېمەكلىكنى گېزىتكە ئورىسا بولمايدۇ›› دېگەنىدى.
   — جېنىم قوزام، ھېچنېمە بولمايدۇ، بۇ دېگەن ‹‹ساغلاملىق گېزىتى››دىگدەك،
.............................................................
زۇلەيخا باققالغا دەپتۇ-ئالمىلار بەك قىممەتقۇ ؟ 
-قارىمامسىز ، بىر بىرىدىن قىزىرىپ پىشقان ئالمىلار تۇرسا بۇ . 
زۇلەيخا دەپتۇ -قىممەت بولغاچقا ، ئىزا تارتىپ قىزىرىپ كەتكەندۇ !!! 
............................................................................................................................
 qartekinكىچىك ۋاقتىدا ،،،، مېھمانخانا ئۆيدە مېھمان بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئاتىسىنىڭقۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولۇپ نەچچە قېتىم كەلسىمۇ، سۆزلىگىلىقويماپتۇ ۋە ئەيىپلەپ: 
- مېھمان بار يەردە بۇنداق قىلىش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ، گەپ بولسا ئوچۇق دەۋەگۈلۈك،- دەپتۇ. 
شۇنىڭ بىلەن  qartekin دېمەكچى بولغان گېپىنى ئوچۇقلا دەۋىتىپتۇ. 
- ئاپام “ ئۆيدە كۆكتات قالمىدى، ئاتاڭغا دەپ قوي، مېھماننى تۇتۇپ قالمىسۇن“ دەيدۇ. 
....................................................................................................................
بىر كۈنى ئەلتېكىنڭ ئۆيىگە تۇيۇقسىز ئوت كىتىپ ، ئالدىراپ تىلفۇن قىپتۇ : 
- ۋەي سىز 119 ما ؟ 
 ياق ، مەن 118 . 
 ئەلتېكىن ئەمسە خوشنىڭىزغا دەپ قويسىڭىز ، ئۆيۈمگە كىلىپ ئوتنى ئۆچۈرۈپ بەرگەن بولسا . 
تۇركيە : ھەدە ، ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئۇرۇشسا ، قانداق پەرقلىنىدۇ ؟ 
  ھەسەلخان: تاپانچا بىلەن ئاپتۇماتتەك پەرقلىنىدۇ . 
ئەنسار: مۇئەللىم ، چوڭ تەرەت قىلماقچىدىم . 
مۇئەللىم : گەپ قىلغاندا مەدەنىيەتلىك گەپ قىل . 
ئەنسار : مۇئەللىم ، كاسسامنىڭ ياندۇرغىسى كېلىپ كەتتى . 
مەنبە. تور  دۇنياسى
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbar5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-4 12:14 AM