تېمىسىز
ئا.س.پاكزات
كىچىك چاغلىرىمدا ئىزدەيتتىم، قەلەم تۇتقان قوللاردىن،ئېلىپبەنى ھەجىلەپ يازغان شۇ قۇرلاردىن،مۆكۈمۆكۈلەڭ ئويناپ مۆكۈشكە جاي تېپىش ئۈچۈن ئوي دۆڭ دېمەي قىيغىتىشقان ئەگرى بۈگرى يوللاردىن.«نېمە ئىزدەۋاتىسەن؟!»دېگەن غايىبانە سۇئالغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن نېمە ئىزدەۋاتقانلىقىمنى بىلىش ئۈچۈنمۇ ياكى باشقا ۋەزندىنمۇ ئەيتاۋۇر نېمىنىدۇر ئىزدەيتىم.
يىگىرمە باھار، يىگىرمە ياز ،يىگىرمە قىش ،يىگىرمە كۈزنى ئۆتكۈزۈپ تۆنۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يەنە ئىزدەپ كېلىۋاتاتتىم.قىز ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۈلۈمسىرەش قاراشلىرىدىن،ئانامنىڭ مىھىرلىك قوللىرى بىلەن باش-كۆزۈمنى سىيلاشلىرىدىن،يىگىتلىك ئالامەتلىرىمنىڭ ھەر يوسۇندا بىخلاشلىرىدىنمۇ يەنە نېمىنىدۇر ئىزدەشلىرىم توختىمايتى.ئاسماندىن سورايتىم،سۇئاللىرىمغا جاۋابەن ئاسمان كۆزياشلىرىى ياكى يېقىشلىق پۈۋلەشلىرى بىلەن ماڭا تەسەللىي بەرمەك بولاتتى.زادى نېمىنى سورىماقچى بولغىنىمنى بىلىدىغاندەك،لېكىن دەپ بېرىش شۇنچە مۈشكۈل، چوقۇم ئۆزۈم سۇئال ۋە جاۋابىنى تېپىشىم زۆرۈردەك تەرەزدە ماڭا سالماقلىق بىلەن باقاتتى. ئەسلىدىنلا چىگىىشلىشىپ كەتكەن، سۇدا نەمدەپ تارغاق سېلىشقا زارىققان خياللىرىمغا يەنە قانداقتۇر چىگىش تۇيغۇلار قوشۇلۇپ مېنى ئارام تاپقۇزمايۋاتاتتى.
ھاياتىمنىڭ 28-بېتىنى ۋاراقلاۋاتقان مۇشۇ كەملەردە قالغان 27بەتتىكى سۇئالسىز جاۋاپ ،جاۋاپسىز سۇئاللارغا بېقىپ ئۆزۈمنىڭ زادى قايسى سۇئالغا قايسى جاۋاپنى ئىزلەۋاتقانلىقىمنى تېپىشقا ئۇرۇندۇم.شۇنچە يىل ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بەش جان ئادەم بىلەن ياشاۋاتقان يالغۇز ھاياتىمغا نەزەر تاشلىدىم،مېنىڭ ئوي خيالىم،ئۇلارنىڭ ئوي خيالللىر ئىككى قۇتۇپتا بىر-بىررىگە چەكسىز يېقىنلىشىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ،يەنىلا مەڭگۈ شۇ پېتىچە تۇرۇپ، مەلۇم بىر كېسىشمە نۇقتىدا ئۇچىرىشىشقا ئىمكانىيەتنىڭ يوقلىغىنى ئىسپاتلاۋاتاتتى.
دېرىزدەمدىن چۈشكەن ئاينىڭ نۇرلىرىدىن ئۆزۈمنى شۇنداق يەڭگىل ھېس قىلدىم. كۆككە باقتىم، بىر دانە يۇلتۇز بىلەن پەقەت شۇ ئايلا تۇرغان چەكسىز بوشلۇق مېنى ئۆزىگە رام قىلدى. ئايغا باقتىم،ئاي بىلەن يۇلتۇز خۇددىي نېمىنىدۇر سۆزلىشىۋاتقاندەك،شۇنچە بىمالال،شۇنچە ئەركىن كۆرۈنەتتى. ئالەم بوشلۇقى شۇ كىچىككىنە ئاي ۋە شۇ بىر دانە يۇلتۇز ئۈچۈن نەقەدر كەڭ ،نەقەدەر چەكسىزلىك بولسىمۇ،ئارىسدا ھېچقانداق بوشلۇق يوق پىكىرلىشىش،سىردىششلار مېنىڭ يىللاردىن بېرى ئىزدەپ كېلىۋاتقانلىرىمنى تېپىۋېلىشىمغا ياردەم قىلغاندەك ئىدى. «راستىنلا شۇنداقمىدۇ؟!»
سۇئالىمنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن،شۇنچە كۆپ ئادەملەر بىلەن بىللە تۇرۇپمۇ،تەنھا ياشاۋتقان بوشلۇقۇمغا بىراۋنى يانداش قىلدىم.ئىلگىرى ماددىي تەرەپلەردىن قوشۇلۇلغان بولسام، مەنىۋىيىتىم،پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇنىڭ بىلەن قۇشۇلدۇم.ئەجىبا، مەن شۇنچە يىل ئىزلەۋاتقىنىم مەن بىلەن ئورتاق نىشان ،ئورتاق مۇددىئا ئۈچۈن جاپادا ھەم ھالاۋەتتە ئۆمۈرلۈك بىرگە بولالايدىغان بىرسىنى تېپىشلا بولغىيمىدى. قىز-يىگىتلەر مۇھەببەتنىڭ سەۋداسىدا زارىقىپ كۈتكەن« مۇقەددەس كېچە »نىمۇ تەڭ كۈتۈۋېلىپ ،تەڭ ئۇزاتتۇق. بىزنى قوينىغا ئالغان سۆيگۈنىڭ ئاپئاق دەستۇرخىنىنى ئۆز-كۆزۈمگە ئىشەنمىگەن ھالدا قىپقىزىل خېنە بىلەن بويىدىم. بىردەمدىلا دەستۇرخاندا ئېچىلغان قىپقىزىل خېنە گۈللىرى تەشۋىشلىرىمنى،ئەندىشلىرىمنى،چىگىشلىرىمنى يەشكەندەك كۆڭلۈم پاللىدە يورۇپلا كەتتى.
ئەمدى ھاياتىمنىڭ ئاشۇ قۇرلىرىنى ئۈنچە بىلەن تىزىشقا كامىل بولغان ھاياجان ۋە جاسارەت بىلەن ،يۈرەكلىرىمنىڭ تېز تېز سوقۇشلىردىن تىترەۋاتقان سەزگۈلىرىمنى،تىترەۋاتقان قوللىرىمنى،تىترەۋاتقان دۇنيانى قانائەتلەندۈرگىدەك جاۋاپقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن قەلەمنى قەغەز ئۈستىدە ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئوينىتىشقا باشلىدىم.
« گۇمان بىلەن كەڭرى قۇچىغىڭدىن ئورۇن بەرگىنىڭگە قوشۇمامنى تۈرۈپ،سۆرۈن تەلەتىم بىلەن باققان، گۈزەل تەبىئەت، مېنى كەچۈر.»
«گۇمان بىلەن مېھىرلىك ھەم كۈيۈملۈك پەرۋىشلىرىڭدىن ئاغرىنغان ،ئانا،مېنى كەچۈر!»
"نىكاھ قۇلۋىقىغا تەڭ دەسسەۋېتىپمۇ ، قۇلۋاقنى مەزمۇت، داۋالغۇتماي ئاىىرقى پەللىگە يەتكۈزەلىشىمىزگە گۇمان بىلەن قاراپ، مەن ئۈچۈنلا ئېچىلماقچى بولغان خېنە گۈللىرىڭنىڭ سولمىغىنىغا گۇمان بىلەن بىلەن قارىغان ،پەرىشتەم،مېنى كەچۈر ."
«گۇمان بىلەن ماڭا بېغىشلىغان،ئاتا قىلغان،بارچە بارچە نىممەتلىىرىڭدىن گۇمان قىلغان ،«ھەممە»،مېنى كەچۈر!»
ھاياتىمنىڭ يىگىرمە سەككىزىنجى بېتىگە قايتا نەزەر تاشلىدىم، قالغان يىگىرمە يەتتە بېتىنى گۇمان قاپلىغان بولسا،يېڭى بېتى تولۇپ تاشقان ئىشەنىچ بىلەن دۇنياغا، ھەممىگە تويماي،تويماي قاراۋاتاتتى.
مەنبە: قەلىمىم
2012.03.02
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-3 02:33 PM