ئىسلام مەدەنىيتىدىكى كۈتۈپخانا ئەنئەنىسى
ئابباسىيلار دەۋرىدىكى ئىلىم تەتقىقاتى يېزىلغان قوليازما
ئىسلام مەدەنىيىتىدە بىر نەچچە خىل تۈردىكى كۈتۈپخانا مەۋجۇت بۇلغان بۇلۇپ ،بۇ باشقا ھىچقانداق مەدەنىيەتتە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئالاھىدە ئەھۋال ھىساپلىنىدۇ.بۇ خىل كۈتۈپخانىلار ئىسلامى سۇلالىلەرنىڭ ھەممە يەرلىرىدە كەڭ راۋاجلانغان بۇلۇپ، خەلىفەئوردىسى ،مەكتەپ –مەدىرىس ،كۇتتەب(بالىلارغا قۇرئان ۋە ئەرەپچە ئۆگىتىدىغان ئىسلامى باشلانغۇچ مەكتەپ)،مەسجىد ،ئىسلامى پايتەخىت شەھەرلەر ھەتتاكى يىراق يېزا قىشلاقلاردىمۇ بۇلىشى بۇخىل مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىلىمگە بولغان زور ئىشتىياقىنىڭ روشەن نامايەندىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئىسلام مەدەنىيتىدىكى كۈتۈپخانىنىڭ شەكىللىرى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ:
ئاكادىمىيەكۈتۈپخانىلىرى:بۇئىسلام مەدەنىيتىدىكى ئەڭ داڭلىق كۈتۈپخانىلاردىن بۇلۇپ ،دۇنيادانامى مەشھۇر بولغان باغداد كۈتۈپخانىسى شۇلارنىڭ بىرىدۇر.(باغداد كۈتۈپخانىسى ئابباسىيلار دەۋرىدە خەلىفە ھارۇن رەشىد تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇلۇپ ،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىتاپ قوليازمىلار ساقلانغان .بۇ كۈتۈپخانا كېيىن مۇڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىدە،باغداد ئىشغال قىلىنغاندا ۋەيران قىلىنغان.مەدەنىيەتسىز مۇڭغۇللار شۇ كىتاپلاردىن پايدىلىنشنىڭ ئورنىغا ،نەچچە مىليون كىتاپنى دەجلە دەرياسىغا تاشلىۋەتكەن._ت)
تىۋىپلار يېڭى ئوپراتسىيە ئۇسۇلىنى سىناق قىلماقتا
شەخسى كۈتۈپخانىلار: بۇ خىل كۈتۈپخانىلارمۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ھەممە يەرلىرىدە باربۇلۇپ ،خەلىفە ئەل مۇستەنسىر، ئەل فەتىھ ئىبىن خاقان ۋە بۇۋەھىد سۇلالىسىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋەزىرى ئىبىن ئەل ئەمىد قاتارلىقلارنىڭ كۈتۈپخانىسى بۇنىڭ ۋەكىلى ئىدى.ئەل فەتىھ ئىبىن خاقان"ماڭغاچ كىتاپ كۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بۇلۇپ ،يېڭىدە ھەر دائىم بىر كىتاپ بار ئىدى".داڭلىق تارىخچى ئىبىن مىسكاۋىيە ئىبىن ئەل ئەمىدنىڭ كۈتۈپخانىسىدا كاتىپلىق (مىرزا)قىلغان ئىكەن.ئىبنى مىسكاۋىيەنىڭ كۈتۈپخانا توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن بۇ كۈتۈپخانىدا ساقلانغان كىتاپلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا بۇ كۈتۈپخانىنىڭ ئىگىسىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىئى كەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بۇلىدۇ.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ۋەزىر ئىبىن ئەل ئەمىد كىتاپقا ناھايىتى ھېرىسمەن بۇلۇپ ،باشقا نەرسىلەر ئۇنىڭ قەلبىگە ئانچە يېقىپ كەتمەيدىكەن.بۇ كىتاپلار ئىلىم ۋە سەنئەتنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ ،نەچچە يۈزلىگەن كىتاپ جاھازلىرىغا تىزىلغانكەن.يەنە قازى ئىبىن ئەل مۇترىفنىڭمۇ كۈتۈپخانىسى بۇلۇپ ،ئۇ ھەتتا "شۇ دەۋىردە ئەندەلۇسىيەدىكى(ئىسپانىيە) كىشلەر تاپالمىغان كىتاپلارنى يىغىپ ساقلايدىكەن."
جامائەت كۈتۈپخانىلىرى:بۇ خىل كۈتۈپخانىلار مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئىنسانىيەت تەجىربەساۋاقلىرىنى ساقلاشىنى مەقسەت قىلغان مەدەنىيەت ئورگىنى بۇلۇپ ،جەمىيەتتىكى ھەرخىل ئىرىق ،سىنىپ ،ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتتىكى كىشلەر ئۈچۈن كەڭ ئېچىۋىتىلگەن.بۇكۈتۈپخانىلاردىن ئۈمەۋىيلەر خەلىپىسى ھەكەم ئەل مۈستەنسىر مىلادىيە 951-يىلى قۇرتەبەدە(ئىسپانيە ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا فەتىھ قىلىنغان بۇلۇپ،ئەندەلۇس دەپ ئاتالغان،بۇ يەردىكى ئىسلامىيەت نەچچە يۈز يىل داۋام قىلغان بۇلۇپ،كېيىن خىرىستىيانلارنىڭ ھىيلە مىكرى بىلەم مۇسۇلمانلار قولىدىن تارتىپ ئېلىنغان.قۇرتەبەشۇ دەۋىردىكى داڭلىق ئىسلام مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىدى._ت) قۇرغان قۇرتەبە كىتاپخانسى بار.ئۇ بۇ كۈتۈپخانا ئۈچۈن مەخسۇس كۈتۈپخانا كاتىپى ،مىرزا –پۈتۈكچى ۋە كىتاپ تۈپلىگۈچى تەيىنلىگەن.بۇ كۈتۈپخانا ئەندەلۇسىيەدىكى ئىلىم پەن تەتتىقاتى ۋەئۇقۇغۇچىلارغا دىققەت مەركىزىنى قاراتقان بۇلۇپ ،بۇنىڭدىن ئىلھاملانغان ياۋروپالىقلار توپلىشىپ كېلىپ بۇ يەردە ئىلىم تەھسىل قىلىشاتتى.بۇ كۈتۈپخانىنىڭ ھەر بىرسى يىگىرمە ۋاراقتىن بولغان پەقەت كىتاپ نامىلا تىزىملانغان ئىندېكىسىدىن44 بار ئىدى.ئۇندىن باشقا يەنە لىۋاندىكى تىرىپولىدا بانۇ ئەممار كۈتۈپخانىسى بارئىدى.كىتاپ ئىزدەش ئۈچۈن ۋاكالەتچىلەر ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممە يەرلىرىدە قاتراپ يۈرۈپ،داڭلىق ئەسەرلەرنى يىغىپ ئەكىلىپ كۈتۈپخانىغا قوياتتى.بۇ كۈتۈپخانىدا 85پۈتۈكچى بۇلۇپ كېچە كۈندۇز كىتاپ كۈچۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولاتتى.(بۇنىڭغا ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىدە ياشىغان بىزلەرنىڭ شاھانەئەسەرلىرىمىز بولغان قۇتادغۇبىلىك ،تۈركى تىللار دىۋانى قاتارلىقلارنىڭ شۇ دەۋىردىكى پادىشاھ سۇلتانلارغا ھەدىيە قىلىنىشى ،ۋە ھازىرقى دەۋرىمىزدە ھىرات نۇسخىسى،نەمەنگان نۇسخىسى ،قاھىرەنۇسخىسى،باغدات نۇسخىسى قاتارلىقلارنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقى ئىسپات بولالايدۇ_ت)
مەكتەپ-مەدرىس كۈتۈپخانىلرى:ئىسلام مەدەنىيتى كىشلەرنىڭ بىلىم ئېلىشىغا زور نەزىرىنى قاراتقاندىن كىيىن ،كۈتۈپخانىلارنىڭ مەكتەپلەرگە قۇشۇلۇشى ،بۇ خىل يۈكسىلىشنى تاماملاشتىكى تەبئى ئادەتكە ئايلاندى.مەكتەپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممە يېرىدە بار بۇلۇپ ،داڭلىق مەركەزلەر ھىساپلانغان ئىراق،سۈرىيە،مىسىر ۋە باشقا شەھەرلەردىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كۈتۈپخانىسى بار ئىدى.نۇرىددىن مۇھەممەد دەمەشىقتە بىر مەكتەپ سالغان بۇلۇپ ،ئۇنىڭغا بىر كۈتۈپخانا يانداش قىلغان ئىكەن.سالاھىدىدىن ئەييۇبى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرى قازى ئەل فازىل قاھىرەدە ئەل فەزىلىيە دەپ بىر مەكتەپ قۇرغان بۇلۇپ ئۇنىڭغا ئۇبەيدىنىڭ كىتاپ دۇكىنىدىن كەلتۈرۈلگەن 200مىڭ پارچە كىتاپ قۇيۇلغان ئىكەن.(قاراڭ11-ئەسىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ زور تەرەققىياتىغا ،ھازىر سىز مەكىپىڭىز كۈتۈپخانىسىغا قاراپ بېقىڭ ،قانچىلىك كىتاپ بار ئىكەن.)ياقۇت ئەل ھەمۋى مەرۋىدىمۇ(ھازرقى تۈركمەنىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قەدىمى شەھەر بۇلۇپ ،مۇڭغۇلئ ىستىلاسىدا پۈتۈنلەر ۋەيران قىلىنغان)جامائەتكە ئېچىلغان كۈتۈپخانىسى بار چوڭ مەكتەپلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.
مەسچىت كۈتۈپخانىلىرى:بۇ خىل تۈردىكى كۈتۈپخانىلار ئىسلام تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن پەيدابولغان دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.كۈتۈپخانىلارمەسچىتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ باش كۈتۈرگەن،مەسلەن مىسىردىكى ئەزھەر مەسچىتى كۈتۈپخانىسى ۋە كايرون (تۇنىسىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى مۇقەددەس شەھەر )چوڭ مەسچىتى كۈتۈپخانىسى قاتارلىقلار. "دۆلەت بۇ خىلدىكى كۈتۈپخانىلار ئۈچۈن مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىدۇ.ئۇندىن باشقا يەنە بايلار ۋە ساخاۋەتچىلەر بىر قىسىم مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ."
ئىنگىلىزچىدىن مۇئەتتەر تەرجىمىسى پايدىلانغان مەنبەلەر:ۋىكى ئىنسىكىلوپىيدىيەسى قىسسەتۇل ئىسلام تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا perfume تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-3 11:38 AM
|