ESIRDIN يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 01:39 PM 
تۈركىيە دۆلەت ئاتىسى(جۇمھۇرىيەت تۇنجى پىرىزدېنتى) مۇس ...
بۇ تۆت توملۇق روماندا مۇستاپا كامالنىڭ ئىسمى كۆپ بولسا تۆت يەردە چىقار ئەمما ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەسۋىرلەر پەقەتلا يوق. بەلكى مۇستاپا كامال دەۋىردىكى ئادالەتسىزلىك ۋە زۇلۇمغا چىدىماي تاغققا چىقىۋالغان يۈزلىگەن ئىسيانكار خەلق قەھىرمانلىرىنىڭ(ھۆۆكۈمەت تىلىدا قاراقچىلارنىڭ)
بىرى بولغان مەمەت ئاۋاقنىڭ كۈرەشلىرى ناھايىتى ئىنىچكە تەسىرلىك ۋە قىزىقارلىق بايان قىلىنغان. ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەش ۋە بايان قىلىش تىلى‹‹سۇ بويىدا››غا ،يېزىلىش شەكىلى‹‹ئانا يۇرت››قا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.روماندا مەمەت ئاۋاقتىن باشقا يەنە پەرھات ئىمام ،ئەلى توكۇرغا ئوخشاش نەچچە ئونلىغان پىرسۇناژلارنىڭ تىپىك ئوبرازى ناھايىتى ياخشى يورتۇلغان.مەسىلەن مەمەت ئاۋاق بىر يېزىغا بارسا،ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت ژاندارمىلىرى كەلگەندە مەھەللىدىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمى مەمەت بولغانلىقتىن مەمەت ئاۋاقنى تېپىش ۋە تۇتۇش مۇمكىن بولمايدۇ. مەن بۇ روماننىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى تەرجىماننىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك تەرجىمىسىدىن كەلگەن دەپ ئويلىدىم.
مەن بۇ روماننى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا رادىئودىن ئاڭلىغان. 1-2-3-قىسىمىنى 1988-يىلى مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىن ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇغان 4-قىسىمىنى 1993-يىلى سېتىۋېلىپ ئوقۇدۇم. ھازىر ئۆيۈمدە بار.5-6 يىل ئىلىگىرى 1-2-3-قىسمىنىڭ ھەممىسىنى ناھايىمىزدىكى بىر خۇسۇسىي كىتابخانىدىن ئون يۈەنگە ئالغان ئىدىم.ئىرى سىياسىي بىلەن تۈرمىدە يېتىۋاتقان دېھقان ئايال مۇشۇ كىتابنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسىلا،ئېرىم كىتاب ئەكىلىپ بېرىشى ئېيقان دېگەچكە،دوكاندارنىڭ سالاسى بىلەن ئالالمىغان ئىدىم.