مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 21162|ئىنكاس: 158

ئۆلۈم پەتىسىگە ئايلانغان توي   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 2088
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 517
تۆھپە نۇمۇرى: 2846
توردا: 10313 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 01:23:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆلۈم پەتىسىگە ئايلانغان توي


    - ياق -ياق ئانا مەن ئۇنداق ئادەمگە ياتلىق بولمايمەن، ئۆلتۈرۋەتسەڭمۇ بۇ توينى  قىلمايمەن دەپ يىغلاپ يۈگۈرگىنىچە چوڭ دەرۋازىدىن سىرىتقا قاراپ ماڭدى. ئەتىدىن ئانىسىغا تولا چۈشەندۈرۈپ قايىل قىلالمىغان مەرھابا (ئەمدى بېشىمغا نېمە كۈن كەلسە كۆرەي) دەپ ئانىسىغا تۇنجى قېتىم جاۋاب ياندۇردى. قىزىنىڭ ئۆزىگە جاۋاب ياندۇرۇپ تەڭ تۇرغىنىدىن ئەرۋاھى قىزىق گەز ئۆرلىگەن باھارخان، ئاچچىقتا ئۆزىنىڭ گۆشىنى-ئۆزى يىگۈدەك بولۇپ كىتىۋاتاتتى.

    مەرھابا بولسا يىغلىغان پېتى خىلۋەت دەريا بۇيىغا كەلدى. مەرھابا دەريا بۇيىدا  كىچىك چاغلىردىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى، ئەسلەپ <<ۋاي ئىسىت چوڭ بولمىسام بۇپتىكەن، ياكى ئوغۇل بالا بولۇپ قالسامچۇ كاشكى >>دەپ، تېخىمۇ يىغلاپ كەتتى.
    مەرھابانىڭ بۇ كىچىك مەھەللىدە ،دەريا بۇيىدا نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلىرى بار ئىدى. مانا ھاينى -ھۇيىت دەپ بولغۇچە -18 ياشقا كىرىپ قالغان مەرھابا، ئەمدى كىچىك چاغلىرىدىكى ئۇ گۈزەل ئەسلىمىلەرگە قايتالمايتتى.
    مەرھابانىڭ دادىسى مەرھاباغا شۇنداق ئامراق ئىدى. ئانىسى تولىراقى ئوغۇللىرىغىلا كۆڭۈل بۆلەتتى. بەزى مەرھابا ئانىسىدىن << مەن ئۆز قىزىڭىزمۇ يا!>>دەپ سوراپ سالاتتى...بۇنداق چاغدا باھارخان ئاچچىقلاپ<<بۇ نېمە دېگىنىڭ، مەن سېنىڭ ئۆز ئاناڭ بولمىسام سەندىن نەدىن كەلدىڭ، تولا ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمە! ئاكاڭ ئىنىڭ بىلەن مېھىر تالىشاي دەۋاتامسەن؟>>دەپ خاپا بولۇپ قالاتتى. بۇنداق چاغدا مەرھابانىڭ دادىسى...ئايالى باھارخانغا<<بولدى ئاچچىقلانماڭلا! قىزىمىز كىچىك، ئاكىسى ئىنىسىغا قاراپ شۇنداق دەپ سالغاندۇ؟ سىلەرمۇ بالىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىڭلار؟>>-دەيىتتى. مەرھابا دادىسنىڭ ئانىسىغا قىلغان سۆزلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ، دادىسىنى قۇچاقلاپ <<رەھمەت دادا ھېلىمۇ سەن مىنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشىنىدىكەنسەن>>-دەيتتى.
    مەرھابا كىچىك چاغلىرىدا قانداقلا قىيىنچىلىققا يۇلۇقسا ياكى كۆڭلى رەنجىسە دادىسى بىلەن ئورتاق بۇلاتتى. ئەمما ھازىر ئوخشىمايدۇ، مەرھابامۇ چوڭ بولدى. دادىسىغا بەزى كۆڭۈل سىرلىرىنى دىيەلمەيدۇ. <<قىز چوڭ بولسا ئانىسىغا يېقىن >>دەپ، ئانىسىغا دىسە يا ئانىسى مەرھابانىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدۇ.
مەرھابا كىچىك چېغىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، نەچچە يىل مەكتەپتىمۇ تەڭ ئۇقۇغان ئەكرەمنى ياخىشى كۆرەتتى. ئەكرەم بولسا كىچىك چاغلىرىدىمۇ مەرھاباغا دائىم ياردەم قىلىپ مەكتەپكە بارغۇچە سومكىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، باشقىلار مەرھابانى بوزەك قىلماقچى بولغاندا، ئەكرەم مەرھابانىڭ ئاكىسنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ مەرھابانى قوغدايتتى...چوڭ بولۇپ بۇرۇتلىرى خەت تارتىپ قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرىدىكى ھىسيات پەيدا بولغاندىن باشلاپ، ئەكرەم مەرھاباغا ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلدى.مەرھابا ئەدەپ-ئەخلاقلىق بەك نومۇسچان قىز بولغاچقا ئەكرەمگە ئۇچۇق جاۋاب بەرمىدى. ئەمما مەرھابانىڭ كۆڭلى ئەكرەمگە ئايان ئىدى.
شۇڭا ئەكرەم مەرھابانى<< بولغۇسى ئايالىم >>دەپ بىلەتتى.
ئەمما تەقدىر-قىسمەت بۇ ئىككى ياشنىڭ ئويلىغىنىچە بولمىدى. مەرھابانىڭ ئانىسى ئەكرەمنىڭ ئائىلىسىنى نامرات كۆرۈپ، مەرھابانى  بىر باي تۇغقىنىنىڭ ئوغلىغا بەرمەكچى بولدى. ئەكرەمنىڭ مېھرىبان ئانىسى ئوغلى ئۈچۈن باھارخانغا شۇنچە چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىپ يېلىنغان بولسىمۇ، باھارخان سۆزىدە چىڭ تۇردى. ئەكرەمنىڭ ئانىسنىڭمۇ ئوغىسى قايناپ<<بوپتىلا بەرمىسىلە مەيلى، قىزلىرى تېپىلماسنىڭ خورمىسىمىدى، ئوغلۇم ئۈچۈن قىز دېگەن ساماندەك>>دەپ كېتىپ قالدى.

    ئەكرەم كېيىن ئانىسىغا يەنە مەرھابانىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىقىشنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ،ئەكرەمنىڭ ئانىسى <<بولدى قىل ئوغلۇم، باھارخان پۇلغا ئامراق ھازازۇل خۇتۇنكەن، ئۇنىڭ قىزىمۇ ئانىسىنى دورىسا كېيىن پۇشايمان قىلىسەن؟>>دەپ بارغىلى ئۇنىمىدى. ئەكرەممۇ ئانىسىنى يەنە تەڭلىككە سالماي <<كىيىنكى ئەھۋالغا قاراي، يا مەرھابانىڭ ئانىسىمۇ باغرى تاش ئادەم بولمىغاندىكىن قۇشۇلۇپ قالار>>دەپ كۆڭلى توق ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى.
    مەرھابا ئانىسقا ئەكرەم بىلەن توي قىلسا بەخىتلىك بولدىغانلىقى توغرىسىدا شۇنداق يالۋۇرغان بولسىمۇ كار قىلمىدى. دادىسقا بولسا بۇ كۆڭلىدىكى سىرلارنى دىيەلمەيتتى...كۈنلەر تىز ئۆتۈپ مەرھابانىڭ ئۇنمىغىنىغا قارىماي، پۇل غەچلەپ دىگۈدەك ئوغول تەرەپ توي خېتىنى ئېلىپ بولدى. مەرھابانىڭ ئانىسىمۇ توي تەييارلىقىغا چۈمۈپ كەتكەن ئىدى. مەرھابا قاتتىق ساراسىمگە چۈشۈپ ئەكرەمگە بولغان ئىشلارنى دېدى. ئەكرەم بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرۇپ <<ئانامغا يەنە دەپ باقاي،ئانام ئۇنىمىسا چوڭ ئانامغا دەپ باقاي، ئۇلار ئانىڭىزنى قايىل قىلسۇن >>-دېدى. ئەكرەمنىڭ سۆزى بىلەن مەرھابانىڭ جىددى سوققان يۈرىكى خېلى رىتىمىغا چۈشتى...ئىككى كۈندىن كىيىن ئەكرەمنىڭ ئانىسى چوڭ ئانىسى مەرھابانىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن مەرھابانىڭ ئانىسى ئۇلارنى ئۆيگە باشلىماي<<قىزىمغا يەنە ئەلچى بۇلۇپ كەلگەن بولساڭلار، ئەمدى نىيتىڭلاردىن يېنىڭلار قىزىمنىڭ توي كۈنى بىكىتىلىپ بولدى.>>دەپ، ئىشىك ئالدىدىلا ئۇزۇتۇپ قويدى. ئەكرەمنىڭ ئانىسى بىلەن چوڭ ئانىسى ،بۇنداق سۆزنى ئاڭلاپ تۇرۇپ يەنە توي توغۇرلۇق سۆزلىيەلەمدۇ؟ ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق يۈزى باردە. شۇڭا ئۇلار قانداق كەلگەن بولسا شۇپېتى كەتتى...چوڭلاردىن چوڭ ئۈمۈت كۈتۈپ تاقىتى تاق بولغان بۇ ئىككى ياشنىڭ ،تاتلىق ئارزۇ-ئارمانلىرى كۈپۈككە ئايلاندى.
    شۇندىن كىيىن مەرھابانى ئانىسى پەقەت سىرىتقا چىقارماسلا بولدى. مەرھابا بىلەن ئەكرەممۇ كۆرشەلمىدى. ئەمما مەرھابانىڭ بۇ ھاياتىدا پەقەت ئەكرەمگە ياتلىق بولغۇسى باتتى...شۇڭا بۈگۈن قاتتىق جۈرئەتكە كىلىپ ئانىسقا يالۋۇرۇپ، ئۇنىمىسا تەڭ تۇرۇپ جاۋاپلاشقان ئىدى. ئەمما ئانا مەرھابانى <<كىيىنكى تۇرمۇشۇڭ بەختلىك بۇلىدۇ. جاپا تارتىپ قالمايسەن >>دەپ سۆزىدە قاتتىق چىڭ تۇرۇپ پەقەت ئۇنىمىدى.
مەرھابا بولغان ئىشلارنى ئويلاپ  يۈرىكى قاتتىق ئېچىشىپ تىنىمسىز ئېقىۋاتقان سۇغا قاراپ كۆزلىردىن ئېقىپ مەڭزىگە قۇنۇپ قالغان ياش تامچىلىرىنى سۈرۈتتىدە ،ئېغىر قەدەملىرى بىلەن ئۆيگە ماڭدى. ئىشىك ئالدىغا كىلىپ <<ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرەي>> دەپ ئىشىكنى ئىتتەردى، ئەپسۇس ئىشىك ئىچىدىن ئىتىلگەن بۇلۇپ، مەرھابا شۇنچە كۈچەپمۇ ئاچالمىدى. ئۇ ئامالسىز ئىشىك تۈۋىدە خوددى <<يىتىم بالىدەك >>بوينىنى قىسىپ ئولتۇردى. بىرۋاقىتتا دادىسى قادىرئاخۇن كىلىپ، مەرھابانى ئويغاتتى...مەرھابا كىچىدىنمۇ بۇ توي ئىشىنى ئويلاپ كىرپىك قاقمىغاچقا ئۇخلاپ قالغان ئىدى. دادىسى مەرھابادىن سورىدى.
-قىزىم نېمىشقا ئىشىك ئالدىدا ئۇخلاپ قالدىڭىز؟ بۇ يەردە ئولتۇرغىنىڭىزغا قانچىلىك بولدى. مەرھابا تىرنىقىنى كوچىلاپ گەپ قىلماي تۇردى. چۈنكى ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنىمۇ  ئۆزى بىلمەي قالغان ئىدى. دادىسىمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي ئىشىكنى چەكتى. باھارخان <<كىم-كىمۇ >>دەپ ئىشىك يىنىغا كەلدى. قادىرئاخۇن سەل ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ،<<مەن -مەن تىز ئاچە ئىشىكنى>>-دېدى. مەرھابا دادىسنىڭ ئاچچىقىدا ئانىسنى، تۇنجى قېتىم سەنلىگىنىنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپلا قالدى.
باھارخان ئىشىكنى تىزلا ئاچتى. قادىرئاخۇن ئىشىكتىن كىرىپلا<<ۋۇت پەسەندى خوتۇن گەپ قىلمىسام نېمە قىلغىنىڭ بۇ؟>>دەپ، باھارخاننىڭ كاچىتىغا بىرنى سالدى.باھارخان يۈزىگە تەككەن بۇ بىر شاپىلاقتىن ئاچچىقلىنىپ قىزىغا ۋاقىراپ كەتتى.
    -ۋاي ئىسىت سەنمۇ مىنىڭ قىزىم بولدىڭمۇ؟ داداڭغا چېقىپ تاياققا قۇيۇپ خوش بولدىڭمۇ؟ سېنى باققۇچە ئىت باقسامچۇ؟ دىگىنىچە توختىماي مەرھابانى تىللىغىلى تۇردى.
بايىقى ئاچچىقىنى ئاران بېسىپ تۇرغان  قادىرئاخۇن باھارخاننى يەنە ئۇرغىلى تۇردى. مەرھابا دادىسىغا يېلىنىپ<<جېنىم دادا ئانامنى ئۇرماڭ،ھەممە خاتالىق مەندە، مەن ئانامنىڭ دېگىنىگە كۈنەي>>-دېدى. مەرھابانىڭ بىر ئېغىز سۆزى بىلەن جىدەل ئاۋازى بېسىقىپ، ھويلىنىڭ ئىچى تىمتاسلىققا چۈمدى.
مەرھابا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ يا يىغلىماي يا كۈلمەي بىر نوقتىغا تىكىلىپ جىمجىت ئولتۇردى. مەرھابانىڭ دادىسى  باھارخانغا تاماق تەييارلاتقۇزۇپ قۇيۇپ، قىزىدىن ئەسىرەپ مەرھابانىڭ قېشىغا كىردى.
    -قىزىم جۈرۈڭ چىقىپ تاماق يەيلى،-دېدى.
    -ياق دادا قۇسىقىم ئاچمىدى، سىز يەۋىرىڭ.
    -ئۇبدان قىزىم مەرھابا ئاۋۋال تاماق يەڭ قالغان ئىشلارنى ھېلى دىيشەيلى بۇلامدۇ؟
    -ماقۇل دادا دەپ، مەرھابا دادىسى بىلەن ماڭدى. باھارخان ھازازۇلراق ئايال بولغىنى بىلەن تاماققا ئۇستا ئىدى. ھور چىقىپ تۇرغان سۈيقاشنى قادىرئاخۇن بىلەن مەرھابانىڭ ئالدىغا قويدى.مەرھابانىڭ ئاكىسى ئۆيلىنىپ بولغاچقا ئۆيى ئايرىم، ئىنىسى بولسا مەكتەپتىن تېخى كەلمىگەن ئىدى. قادىرئاخۇن مەرھاباغا <<قىزىم تىز-تىز ئىچىڭ>>دەپ قۇيۇپ ئۆزى ئىتتىكلا بىر قاچا ئاشنى ئىچىپ بولدى. باھارخان قاچىنى تولدۇرۇپ ئاش ئۇسسۇپ ئېلىپ كەلدى. مەرھابانىڭ بولسا گېلىدىن تاماق ئۆتمەي خۇددى زەھەر يىگەندەك مىڭ تەسلىكتە بىر قاچا ئاشنى ئىچىپ بولدى.
    ئاشنى ئىچىپ بۇلۇپ قاچىلارنى يۇيۋېتىپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ، كۈندىلىك خاتىرسى ئېچىپ بېشىغا كەلگەن بۇ پىشكەللىكلەرنى يېزىشقا باشلىدى. ئەمما ئىككى قۇر خەت يازا -يازمايلا قۇلى تىترەپ قەلەم قۇلىدا تۇرمىدى. مەرھابا ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلاپ كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ، يەنە ئەكرەمنى خىيال قىلىشقا باشلىدى. ئىچىدە <<توۋۋا ئەكرەم نىمىش قىلۋاتقاندۇ؟ مىنىڭ شۇ تاپتىكى ھىسياتىمنى چۈشنىدىغانمىدۇ؟>>دەپ ئۆز-ئۆزىگە سۇئال قويۇپ ئۇخلاپ قالدى.
    ئەتتىگەندە باھارخان ھېچ ئىش بولمىغاندەك، مەرھابانىڭ قېشىغا  كىرىپ <<ئاپپاق قىزىم ئۆگۈنلۈككە تويىڭىز گىپىمنى ياخشى ئاڭلاڭ، ئەكرەمنى ئۇنتۇپ كىتىڭ، ھايات دېگەندە ھەممە ئىش ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۆز خائىشىدەك بولمايدۇ. شۇڭا سىز بۇنىڭغا يۈزلىنىڭ، دادىڭىز كىچىچە سىزنىڭ غېمىڭىزدا كىرپىك قاقماي چىقتى، دادىڭىزنى مىنى ئويلاڭ، بەزى سۆزلەرنى دادىڭىز ئۆز ئېغىزى بىلەن سىزگە دىيەلمەيدۇ.>>دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى. مەرھابا ئانىسنىڭ بايىقى سۆزلىرىنى دادىسنىڭ بۇيرىقى بىلەن دىيىلگەن دەپ ھىس قىلدى.
ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىغا چىقتى. ياز كۈنلىرى بولغاچقا قۇياش سەھەردىلا چىقىپ بىر خىل ئىللىقلىق ئاتا قىلاتتى. مەرھابا تۇخۇلارغا دان، قويلارغا ئازراق ئوت بىرىپ بۇلۇپ، ئاشخانىغا كىرىپ دادىسى بىلەن ئانىسنىڭ كىلىشىگە تاماق ئەتمەكچى بولدى. توي كۈنىگە ئاز قالغاچقا باھارخان بىلەن قادىراخۇن قاتتىق ئالدىراش بۇلۇپ، سەھەردىلا ئېتىزغا چىقىپ ماللىرغا شاخ كىسىپ تەييارلاپ قۇيۇپ،كەم نەرسىلەرنى ئېلىش ئۈچۈن  بازارغا بارماقچى ئىدى.
    مەرھابا تىز-تىز تۇتۇش قىلىپ بىردەمدە ئۇخشىتىپ لەغمەن ئەتتى. دادىسى -ئانىسى تاماق يەپ بۇلۇپلا بازارغا ماڭدى. ئىنىسىمۇ مەكتەپكە ماڭغاچ مەرھابا ئۆيدە ئۆزى يالغۇز قالدى. ئۇ بۇ پۇرسەتتە <<ئەكرەم بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرشىۋالاي>> دەپ ئەكرەمنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلدى. قۇلىنى ئىشىك تۇتقۇچىغا تەڭلەپ تۇرشىغا ئىشىك ئېچىلىپ ئەكرەمنىڭ ئانىسى چىقتى.
    -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىزىم.
    -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ھامما.
    -بىرەر ئىش بىلەن كەلگەنمىدىڭىز؟ جۈرۈڭ ئۆيگە كىرەيلى قىزىم دەپ مەرھابانى ئۆيگە باشلىدى.
مەرھابا ھويلىغا كىرىپ بۇلۇپ، سەل خىجىل بولدىمۇ تۇرۇپلا قالدى. سائادەتخان مەرھابانىڭ قۇلىدىن تارتىپ ئۆيگە باشلىدى.
چاي دەملەپ مەرھاباغا داستىخان سېلىپ قۇيۇپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
    -قىزىم بۈگۈن مۇبارەك قەدىمىڭىز ئەجەپ يىتىپ قاپتىغۇ؟
    -سائادەت ھامما، مەن....مەن...شۇ ئەكرەمنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم ئۇ يوقما؟
    -ھە مۇنداق دەڭ قىزىم، ئەكرەم ئۆيدە يوق، بىر ھەپتىلىك تىجارەت بىلەن سىرىتقا چىقىپ كەتكەن، ئۈچ-تۆت كۈنلەردىن كىيىن كىلەرمىكىن-دېدى.
مەرھابا بۇگەپنى ئاڭلاپ ئىچىدە <<ئاھ ،خۇدا مۇشۇنداق چاغدا ئەكرەمنىڭ بولمىغىنى نىمىسى، ئەمدى قانداق قىلارمەن>> دەپ  يىغلىۋەتكىلى تاس قالدى. ئەمما زورىقىدا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ :
    -ھامما ئانام-دادام ئۆيدە يوقتى مەن قايتاي، كىيىن يەنە كىلەرمەن-دېدى.
ساھادەتخانمۇ مەرھابانى چىرايلىق ئۇزۇتاتقاچ،مەرھاباغا مۇنۇ سۆزلەرنى قىلدى.<<چىرايلىق قىزىم مەرھابا ئەسلى سىزنى بەكمۇ كىلىن قىلغۇم بار ئىدى. ئەمما ئانىڭىز ماڭا بەك ھاقارەت قىلدى. شۇ سەۋەپ بىلەن ئەكرەمنى بۇ يەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلاپ توي ئىشىڭىزنى ئۇختۇرماي يولغا سېلۋەتتۇق، ئەكرەم قايتىپ كەلگەندە بۇ خەۋەرنى ئاڭلىسىمۇ ئامال يوق، شۇڭا بىزنى كەچۈرۈڭ بىزگىمۇ ئوغلىمىز كىرەك، ئۇنىڭ ئازاپ چىكىشىگە قاراپ تۇرالمايمىز...ئەمدى باشقىسىغا ياتلىق بولغىلىۋاتىسىز، شۇڭا ئەكرەمنى ئۇنتۇپ كىتىڭ>>-دېدى.
مەرھابا سائادەتخاندا نېمە دىيىشنى بىلمەي، ئارانلا ماقۇل ھامما دېدى. مەرھابانىڭ ئەس-يادى ئەكرەمدە ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىر كۆرشىۋالغان بولسامچۇ كاشكى، ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوقتى دەپ ئويلاتتى.
بىكىتىلگەن كۈن ئاخىرى يىتىپ كىلىپ ئۇرۇق-تۇققانلار مەرھابانىڭ توي شادلىقىغا چۈمدى. مەرھابا توي كۈنىمۇ ئەكرەمنىڭ كىلىپ ئۆزىنى ئېلىپ كىتىشىنى ئۈمۈت قىلىپ كۈتمەكتە ئىدى. مەرھابانىڭ دوسلىرى مەرھاباغا ھەمراھ بۇلۇپ ئۇنى -بۇنى دىيشىپ ئولتۇراتتى. ئۇلار پاراڭلىشىپ يەنە ئەكرەم بىلەن مەرھاباغا چۈشۈپ كەتتى. ئارىدىن زۇلخۇمار مەرھابانى ئاڭلىسۇن دېگەندەك قىلىپ :
    -ھەي قىزلار ئەكرەم تۈنۈگۈن قايتىپ كەلدى. بۇ سۆزدىن چۈچىگەن مەرھابا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي،
    -راسما زۇلخۇمار...راس كۆردىڭما؟
    -ھەئە مەرھابا سېنى بۇ قىزلارنى ئالداپ نېمە قىلاي مەن دېدى.
    -ئۇنداق بولسا بىرەرسىڭلا ماڭا ياردەم قىلىپ ئەكرەمنى چاقىرىپ بىرىڭلا، مەن ئۇنى دەريا بۇيىدا ساقلاپ تۇراي.
    -ماقۇل مەن چاقىرىپ بىرەي دېدى زۇلخۇمار
قىزلار مەسلىھەتلىشىپ مەرھابانىڭ ئورنىدا مەلىكە ئولتۇرۇپ تۇردىغان بولدى. مەرھابا مەلىكەنىڭ كىيىمىنى كىيىپ ئاستا ھېچكىمگە تۇيدۇرماي ئۆيدىن چىقىپ دەريا بۇيىغا كەلدى. زۇلخۇمار ئەكرەمنى چاقىرغىلى كەتتى.
مەرھابا ئەكرەمنى چۇقۇم <<مىنىڭ ساقلاۋاتقىنىمنى ئاڭلىسا تىز كىلىدۇ.>> دەپ ئۈمۈت بىلەن كۈتۋاتاتتى. مەرھابا ساقلىدى-ساقلىدى .ئەمما تېخىچە ئەكرەمنىڭ ياكى زۇلخۇمارنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرۈنمىگەن ئىدى. مەرھابا جىددىيلىشىپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. ئارىدىن 1-سائەت ئۆتتى.يىراقتىن زۇلخۇمارنىڭ سىماسىنى كۆرگەن مەرھابا خۇشال بۇلۇپ، زۇلخۇمارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردى.
    -ئاداش زۇلخۇمار ئەكرەم قېنى؟
    -مەرھابا ئۇلار ئۆيدە يوقكەن. شۇنچە ساقلاپ ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم.
    -ياق -ياق يالغان سۆزلىمىگىنە ؟سەن يالغان گەپنى قاملاشتۇرۇپ دىيەلمەيسەن. قېنى راس گەپنى دىگىن، مەن چۇقۇم قۇبۇل قىلىمەن،- دېدى.
    زۇلخۇمار تەمتىرگەن ھالدا<<مەرھابا ئۆزۈڭنى تۇتۋال،ئەكرەمنى تۈنۈگۈن كۆرگىنىم راس، سېنىڭ بۈگۈنكى توي ئىشىڭنى ئەكرەمگە دېگەن ئىدىم. چىرايى ئۆزگەرگەن پېتى ئۆيىگە كىرىپ كەتكەن. ھازىر خوشنىستىن ئاڭلىسام، ئەكرەم ئاخشام ئاچچىقىدا موتسىكلىتنى مىنىپ چىقىپ كىتىپ قاتناش ھادىسكە يۇلۇقۇپتۇ. ھازىر ئۈلۈك-تىرىكلىكتىن تېخىچە خەۋەر يوقكەن>>-دېدى.
مەرھابا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھۇشۇنى يۇقىتىپ قويدى. زۇلخۇمار مەرھابانى يۈلەپ تۇيدۇرمايلا يەنە ھوجرا ئۆيىگە كىرۋالدى.
    مەرھابا ئەمدى ھۇشىغا كەلدى. ياش يۇقى كۆزلىرى بىلەن جىمجىت سۈكۈتتە بىر نوقتىغا قاراپ ئولتۇردى. شۇ ئەسنادا مەرھابانىڭ كىچىك ئانىسى <<قىزلار يىگىت تەرەپ كەلدى. مەرھابانىڭ كىيىملىرنى كىيدۈرۈپ چىرايلىق ياساپ قۇيۇڭلار>>-دېدى. مەرھاباغا زۇلخۇمار تەسەللى بىرىپ،<<كەچۈرگىن ئاداش ئەكرەمنىڭ گىپىنى قىلمىسام بۇپتىكەن، كۆڭلىڭنى يېرىم قىلىپ قويدۇم، تىز جابدۇنۇپ تەييار بولغىن>>دەپ، تويغا ئاتاپ تىكىلگەن رەڭدار  كىيىملىرىنى كىيدۈرگىلى تۇردى.
    مەرھابا<< ئۆزۈم كىيەي >>دەپ ئۆزى كىيدى. قىزلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە چىرايلىق ياراشتۇرۇپ گىرىم قىلدى. زۇلخۇمار بىلەن مەلىكە مەرھاباغا قاراپ ھەيران قىلۋاتاتتى.
    مەرھابا يىڭى كىلىن تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشكاپتىن سومكىسنى ئالدى. ئانىسنىڭ بۇرۇنلا قارشىلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۆز ئەقىيدىستە چىڭ تۇرالماسلىقنى بىلگەن مەرھابا سومكىسقا ئالدىن ئالا سېلۋالغان چاشقان ئۆلتۈرۈش دورىسنى قۇلىغا ئېلىپ، قىزلارغا <<بۇ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالدىغان دورا>>دەپ قۇيۇپ ئاغزىغا قۇيۇپلا يەۋەتتى. دورىنىڭ خالتىسنى يەنە ئاستا سومكىسقا سېلىپ قويدى. ئادەم كۆپ يەردە <<قوي ھارام>>دېگەندەك مەرھابانىڭ چاشقان دورىسى ئىچۋالغىنىنى ھېچكىم بىلمىدى. مەرھابا ئورنىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ كۆزلىرى ئاستا-ئاستا قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدىدە ياستۇققا بېشىنى دۈپ قۇيۇپ ياتتى. قىزلار مەرھابانى <<ئەمدى ھۇشىغا كىلىپ ئەكرەمنى خىيال قىلۋاتسا كىرەك !بىردەم جىمجىت قۇيايلى ...>>دەپ،ئۆز پارىڭى بىلەن  بۇلىۋەردى.
    مەرھابانى تەييار بولدىمۇ يوق ئوققىلى كىرگەن كىچىك ئاپىسى مەرھابانىڭ يېنىغا كىلىپ، دۈم يېتۋالغان مەرھابانىڭ بېشىنى كۆتۈپ ئاغزىدىن يانغان كۆپۈكچىلەردىن قورقۇپ توۋلىۋەتتى.
مەرھابانىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرگەن قىزلار قورقۇپ قاتتىق چىقىرشىپ كەتتى.چىقىراشقان  ئاۋازنى ئاڭلىغان ھەممەيلەن،ۋە مەرھابانىڭ ئاتا-ئانىسى مەرھابا بار ئۆيگە كىرىپ مەرھابانى قۇچاقلاپ<<ۋاي جېنىم قىزىم،نېمە بولدىڭىز  >>دەپ يىغلاشقىلى تۇردى.ئارىدىن ئەقللىق بىرەيلەن <<قادىراخۇنكا مەرھابا دورا ئىچۋالغاندەك قىلىدۇ.شۇڭا دۇختۇرخانىغا ئاپىرايلى.>>-دېدى.قادىراخۇن مەرھابانى كۆتۈرۈپ توي كۈچۈرگىلى كەلگەن ماشىنىدا مەرھابانى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى.تويغا كەلگەنلەر مەرھابانىڭ دورا ئېچۋالغانلىقىغا ھەيران قىلىشتى.مەرھابانى دۇختۇرخانىغا تىز ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ،دورىنىڭ كۈچى بەك كۈچلۈك بولغاچ،ئاشقازىنىنى يۇيۇپمۇ قۇتقۇزۇپ قالالمىدى.
    مەرھابانىڭ جەستىنى يەنە توي كۈچۈرگىلى كەلگەن ماشىنىدا ئۆيگە ئېلىپ كەلدى.تويغا كەلگەنلەر مەرھابانىڭ خەۋرىنى كۈتۈپ تېخى تارقىمىغان ئىدى. يىغا-زار بۇ ئۆينى قاپلىدى.باھارخان يۈزلىرىگە توختىماي ئۇرۇپ،قىزىنىڭ جەستىنى قۇچاقلاپ يىغلىدى.قادىراخۇن خۇددى مەرھابادەك يا يىغلىماي سۈكۈتتە جىمجىت تۇردى.
    بايام تېخى توي خۇشاللىقىغا چۈمگەن بۇ ئائىيلە ئەمدى يىغى-زار بىلەن تولدى.توي ئۆلۈم پەتىسكە ئايلىنىپ بۇ ياش چىرايلىق ئۇماق قىزغا ھەممىنىڭ ئىچى سىرىلدى.ھەرئادەمنىڭ ئېغىزىدا ھەرخىل سۆزلەر،باھارخان تۇلا يىغلاپ ھۇشۇدىن كەتتى...قادىراخۇن بىلەن مەرھابانىڭ ئىنىسى مەرھابانىڭ مىيىتىغا ھەمراھ بۇلۇپ سۈكۈتتە ئولتۇردى.قادىراخۇن يىغلىمىغىنى بىلەن ئامراق قىزىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالغىنىغا ،ئۆزىنى چەكسىز گۇناھكاردەك ھىس قىلىپ،قىزىنىڭ رايىغا باقمىغىنىغا  قاتتىق ئۆكۈندى.
مەرھابانى ئەتتىگەندە يەرلىككە قويدى.مەرھابانىڭ ئۆلۈم خەۋرىدىن خەۋەر تاپقان ئەكرەممۇ سۇنغان پۇتىنى سۆرەپ ئاكىسقا يۈلىنىپ مەرھابانىڭ تۇپراق بېشىغا كەلدى.ئەكرەم مەرھابانىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ،ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىدى.
    ئەكرەمنىڭ ھالىمۇ ئانچە ياخىشى بولمىغاچ ئەكرەمنىڭ ئاكىسى ئەكرەمنى دۇختۇخانىغا ئېلىپ كەتتى.بىر ئايدىن كىيىن ئەكرەم دۇختۇرخانىدىن چىقىپ،زۇلخۇمارغا ئەكرەمگە تاپشۇرۇپ بىرىش تۇغۇرلۇق مەرھابانىڭ بەرگەن خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
ئەكرەم خەتنى ھوجرىسىغا كىرىپ ئۇقۇپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.

    مەرھابا خەتكە مۇنداق دەپ يازغان ئىدى.

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەكرەم،بىزكۆرۈشمىگىلى نەچچە كۈن بولدى.سىزنى شۇنداق كۆرگۈم كەلدى.بۇ نەچچە كۈننىڭ ياقى ئانام مېنى پەقەت سىرىتقا چىققىلى قويمىدى.بەلكىم ھازىر مىنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنمەي سىزمەندىن ئاغرىنغانسىز.ئەمما مىنىڭ قەلبىم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.كىچىك چاغلىرىمدىكى قەيسەر جاسارەتلىك مەرھابايىڭىز يەنىلا مەن.تىنىغىملا بۇلدىكەن قەلبىمدە بىىرسىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ئاتايمەن.توي ئىشىمغا شۇنچە قارشىلىق قىلغان بولساممۇ ،ئانام سۆزۈمنى ئاڭلىمىدى.سىزنىڭ ئانىڭىزمۇ ئانامدىن رەنجىپ كىتىپ قالدى.قارغاندا تەقدىرمىز مۇشۇ ئۇخشايدۇ.ئەمما مەن يەنىلا ئۈمۈدىمنى ئۈزمەي سىزنى ئىزلەپ بارغان ئىدىم.ئەپسۇس سىز مىنى بۇ ئوتقا يالغۇز تاشلاپ كىتىپسىز،بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى.سىز قايتىپ كەلگۈچە  تۇيۇم بۇلىدۇ.ئەمما مىنىڭ باشقا بىرسى بىلەن توي قىلغۇم يوق ،ھاياتىمنىڭ ئاخىرغۇچە  سىز بىلەن ياشاپ،سىز ئۈچۈن ئۆلسەممۇ رازىمەن.خەيرى كۆرشەلىسەك تېخى ياخشى، كۆرشەلمەي قالساق بۇندىن كىيىن  بەختلىك  ياشاڭ،سىزنىڭ كۈلكىڭىز مىنىڭ كۈلكەم.
         چىرايلىق مەرھابايىڭىزدىن.

     ئەكرەم خەتنى ئۇقۇپ ،بىر يىگىت تۇرۇپ ،ئىرادىسى بوشلۇق قىلىپ مەرھابانى بۇ قىسمەتتىن قۇتقۇزۇپ قالالمىغىنى ئۈچۈن ،ئۆز-ئۆزىدىن  قاتتىق نەپرەتلەندى.

مەنبە: قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-3 05:46 AM  


ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aklala220 + 300
owchi. + 300 فاتىمە ھەدە ۋەھشى ئىس.
kilyang + 100 ماختاشقا تېگىشلىك رەھ.
suzuk-ay + 157 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
orkixi + 50 ماختاشقا تېگىشلىك كات.
مارشال + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
Eltekin + 99 ئەسىرىڭىز تولىمۇ راۋا.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1306   باھا خاتىرىسى

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

دوسقا زار، دۈشمە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4797
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5782
تۆھپە نۇمۇرى: 429
توردا: 1212 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2012-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 07:25:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ بولۇپ بىر قېسىملا بوپ قالدىم دېسە....ھەقېقەتەن ياخشى يېزىسىز.......

ھەممىڭلارغا تىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1761
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7566
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 6948 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 12:11:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قىز ھەقىقەتەن ۋىجدانلىق قىزكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46325
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 241
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2011-7-1
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 12:16:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم   !     ئىككى ياشنىڭ تەقدىرى بەك  ئېچىنىشلىقكەن.......                           ئوقۇپ بولۇپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى.   مانا بۈگۈن ئۇنىڭ تويى بولېۋاتېدۇ..............................................................                                                                                                                                                                           

پەقەت ئاللاھدىنلا  ياردەم تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 179
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5754
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 1874 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 12:16:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  ئەسەركەن ،  لىكن چاشقا ن  دورسى  ئىچكەن  ئادەم  ئۇنداق  جمجتلا  ئۈلۈپ  قالمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3825
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 9796 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 12:49:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  چىقىپتۇ...ئەسلى قىچىپ  كەتسىمۇ بوپتىكەن ........بەك  تىراگىدىيەلىك  بوپـتۇ........ئانىسىغا كۈندە دادىسى تاپا قىلىدۇ،  مەھەللىدىكى خەقلەر ھەرخىل پەرەز قىلىپ قىز ئەمەس ئوخشايدۇ  شۇڭا ئۆلىۋالدى  دەيدۇ ،،،،بۇ گەپلەر ئانىسىنىڭ قۇلقىغا يىتىپ تىخىمۇ كىسەل تارتىپ ئۆلۈپ كىتىدۇ .قىزنىڭ مىھرىنى دادىسىغا سالىدۇ دەپ دادىسىمۇ تۈگۈشۇپ كىتىدۇ. ئەكرەم توي قىلماي مىنى دەپ ئۆلدى دەپ جاھىللىقق قىلىپ ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى قان قىلىدۇ......ئىشقىلىپ ھەممىسى تۈگىشىپ كىتىدۇ ........رىئال تۇرمۇشتا بۇنداق ئىشلار ھەرگىز يۈز بەرمىگەي.....ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممەيلەنگە  ئاسانلىق ئاتا قىلغاي!!!!!!!!!!!! لىكىن  ئۆلىۋىلىش   بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ  بىردىنىبىر  يولى  ئەمەس..گۇناھ....ئىغىر  گۇناھ............ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   0998attella تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-3 01:06 PM  


جىسمىڭدا قىزلارغا خاس نازىڭ ،ق

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 1283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8136
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 4349 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 12:50:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي،،،،،،،،،،،،،،،ماۋۇ قىزغا ئاچچىقىم كەلدى ،شۇنداق ئاقماس بالىنى دەپ شۇنداق قىلىش ئەرزىمتى ،ئۇ بالچۇ شۇنداق يارماسكەن نىمە ئامال ئەمدى ،ئۆلۋاپتۇ نىمە پايدىسى ،بار دەرىتنى ئۇ دۇنيادا ئۆزى تارتىدۇ بۇ دۇنيادا يىقىنلىرىغا ھەسرەت ،ئوتنىڭ تىشىدا كۆيگىچە ئچىدە كۆي دەپتىكەن كونىلار ،نىمە بوپتۇ ،ئۆزى ياخشى كۆرگەنگە تەگىمىسە ،ئاتا- ئانىغا ئىتائەت قىلىش كىرەك ،بۇنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ ،ئەقىلىقراق بولايلى قىرىنداشلار نىمە ئۇ ئاشىقىغا تىگەلمەي ئۆلۋالدى دىگەنمۇ گەپمۇ ئەمدى،ئادەم دىگەن قەيسەر بولۇش كىرەك ،ھە دىسە چاشقان دورىسى يەپ ئۇنى چاشقانغا ئىشلەپ چىقارغان سىىزگە بىزگە ئەمەس ،بىز يا چاشقان ئەمەس ،ئادەم ..............ئاتا -ئانلارنىڭ جىنىغا ۋاي جۇمۇ ،كىچىكىدىن شۇنچە جاپا سالسا بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويماي چوڭ قىلسا ئەمدىچۇ .ئۆزى ئۆلۋاپتۇ توۋا ،خۇدا ساقلىسۇن ئۇنداق ئازغۇنلىقدىن

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
蓝狼331 + 20 ئېسىل !!
muslima912 + 10 توغرا،ئەگەشتىم..

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

يىقىلساڭ زارلىما ،ئۈمۈد ئۈزمە ھەم
ھاياتنىڭ يازىدىن قىشى  تولا ھەم
تاغلاردەك مەزمۇت تۇرامسەن بەردەم
كۆرۈپ باق بۇ ھايات سىناقىدا ھەم

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10351
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7740 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 01:34:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھازىرقى  جەمىيىتىمىزدە مۇشۇنداق  ئىشلا  ناھايىتى كۆپمۇ ياكى ماڭا  ئۈچراتامدۇ ..باشقىلاردىن  ئاڭلىغا  گەپلەر  ئاساسەن  مۇشۇنداق  گەپ ... قىزلارمۇ ھازىر  ئاتا-ئانىسىنىڭ زورلىشى بىلەن  توي قىلىپ  ئاجرىشىدىغان ... ئاجرىشىپ قايلىسا بىر بالا  بوپ قالغان ... ئەمدە قالغان  ئىشلانى قانداق قىلىدۇ  بىلگىلى بولمىغان ... ھەيـــــــى.. دۇنيادا م ياخشى بىلەن ياخشى بىر يەگە  كىلىشى  ناھايىتى  تەس ئىشكەن ... ياكى  مۇمكىن ئەمەسمۇ بىلمىدىم... كەلسىمۇ بىر يەگە  قىيىنچىلىق ئاستىدا  بىرگە بولىدىكەن دىسە ...
مۇشۇ  ئاتا-ئانىلارنىزە ...   
لىكىن  مۇشۇ ئۆلىۋالغىنى  بولماپتۇ.. ھەيـــى....ئاللاھ  جەننىتى قىلسىدى  ئىسىت !!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawayi-0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-3 01:37 PM  


ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40223
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1880
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 1987 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 01:35:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىچارىنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى ئەمدى باشلىنىپتۇدە.

مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .

جىسمىڭدا قىزلارغا خاس نازىڭ ،ق

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 1283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8136
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 4349 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 01:43:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yawayi-0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-3 01:34 PM
ھازىرقى  جەمىيىتىمىزدە مۇشۇنداق  ئىشلا  ناھايىتى كۆپم ...

دىگە
نلىرىڭىزمۇ شۇ توغرا ھەي............

يىقىلساڭ زارلىما ،ئۈمۈد ئۈزمە ھەم
ھاياتنىڭ يازىدىن قىشى  تولا ھەم
تاغلاردەك مەزمۇت تۇرامسەن بەردەم
كۆرۈپ باق بۇ ھايات سىناقىدا ھەم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش