ھېكايەت
شەيىخ ئەبۇ سەئىد ئىبنى ئەبۇل خەيرىدىن:
- سوپىلىق نېمە؟- دەپ سورىغانلىرىدا، ئۇ شۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ:
بېشىڭدا بارىنى چىقىرىپ تاشلا، قولۇڭدا بارىنى باشقىلارغا بېرىۋەت، ئۆزگىلەر ساڭا نېمە
قىلسا چىدا.
سوپىلىقنى خالىساڭ ئۆزۈڭدىن بولغىن خالاس،
چىقىپ كەتسۇن دىلىڭدىن پۈتۈن ھاۋايۇ ھەۋەس.
قولۇڭدا ھەر نە بولسا، باشقىلارغا بېرىۋەت،
يۈز بالاغا بەرداش بەر، بارچىغا تەڭ قۇلاق ئاس.
ھېكايەت
رۆيەم:
مەردانىلىك ئۆز بۇرادەرلىرىنىڭ كەمچىلىكىنى كەچۈرۈشتە ۋە كېيىن كەچۈرۈم سوراش لازىم
بولمايدىغان ئىشنى قىلشتا –دەيتتى.
ئىككى نەرسە مەردانىلىك بولۇر بىل،
ساڭا ئېيتىپ بېرەي بىر-بىر،قۇلاق سال.
بىرى شۇكى، كەچۈرۈشنى بىل دوستلارنى،
خاتالىق بولسىمۇ كۆپ، قوپال.
ئىككىنچىسى، ئۆزرىلىك ئىش قىلما ھېچ،
مەرد كىشىگە ئۆزرە سوراش بەك مالال.
ھېكايەت
يۈسۈف ئىبنى ھۈسەيىن رازىي:
ھەممە ياخشىلىقلار بىر ئۆيدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاچقۇچى ئەدەب ۋە كەمتەرلىكتۇر. شۇنداقلا
ھەممە يامانلىقلار يەنە باشقا بىر ئۆيدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاچقۇچى بولسا مەنمەنلىكتۇر، - دەر ئىدى.
ياخشىلىقلار بىر خانىگە جەم،
كەمتەرلىكتۇر ئۇنىڭ ئاچقۇچى.
يامانلىقلار باشقا بىر ئۆيدە،
ئۇنى ئاچار مەنمەنلىك ئىتى.
ئېھتىيات قىل تېيىپ كەتمىگىن،
شۇندىن كېلەر يۈز ئىناۋىتى.
ھېكايەت
باھاۋۇددىن نەقىشبەندىيدىن:
- سىزنىڭ سېپىڭىز قەيەرگە ئېلىپ بارىدۇ؟ - دەپ سورىغان چاغدا، ئۇ:
- ھېچكىم سەپ بىلەن بىر جايغا يېتەلمەيدۇ، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
چەكمەن ۋە خەسىدىن ساپا كەلمەيدۇ،
تەسبىھدە كۆپ رىيا، تەنھا كەلمەيدۇ.
بۇ سېپىڭ يەتكۈزەر نەگە دېيىشەر،
سەپ بىلەن ھېچبىر ئىش بەجا كەلمەيدۇ.