كىشىلىك ئالاقىدە ئېھتىياتچان بولۇڭ
چاشقان تاغ باغرىدا ئۇخلاۋاتقان شىرنىڭ بېشىغا تۇيۇقسىز سەكرەپ چۈشۈپ،ئۇنى ئويغىتىۋېتىپتۇ شىر دەرغەزەپتە چاشقاننى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ قاتتىق سىلكىنىپتۇ.چاشقان قورققىنىدىن:«شىر ئاكا،قەستەن قىلمىدىم.مېنى كەچۈرۈڭ،بىر كۈنلەردە سىزگە ئەسقىتىپ قالىمەن،مېنى ئۆلتۈرمەڭ»دەپ يالۋۇرۇپتۇ.
شىر:«ۋاي ئۆلۈمتۈك چاشقان،قولۇڭدىن نېمە كېلەتتى؟مەن دۇنياغا مەشھۇر شىر تۇرسام،سەندەك چۈپرەندىگە ھاجەتمەن بولۇپ قالاتتىممۇ،كۆزۈمدىن يوقال!»دەپ ۋارقىراپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ،بىر كۈنى چاشقان،جاڭگالدا كېتىۋېتىپ،شىرنىڭ تورغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
چاشقان:«شىر ئاكا،سىز پادىشاھ تۇرۇقلۇق مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىڭىزمۇ»دەپتۇ.
شىر:«مېنى مازاق قىلماي يوقال!»دەپ ۋارقىراپتۇ،چاشقان:«شىر ئاكا قىلغان ياخشىلىقىڭىز تېخىچە كۆڭلۈمدە بار.ياخشىلىقىڭىزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن سىزنى قۇتقۇزۇۋالاي» دېگىنىچە ئۆتكۈر چىشلىرى بىلەن تورنى كېسىپ تاشلاپتۇ.
شىر:«بۇنداق كارامىتىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن،رەھمەت ساڭا» دەپتۇ.
دېمەك،كاتتا ئادەملەرنىڭمۇ مەغلۇپ بولىدىغان،ئاجىز ھالغا چۈشۈپ قالىدىغان چاغلىرى بولىدۇ.بەزى كۈچلۈك ئادەملەرنىڭ ئىشلىرى ئاجىز ئادەملەرگە باغلىق بولۇپ قالىدىغان چاغلارمۇ كېلىدۇ.شۇڭا باشقىلارغا مۇئامىلە قىلغاندا ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك.
يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا،باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىغا يۈز كېلەلەيدىغان، ياخشىلىقنى قايتۇرۇش ئىستىكىدە يۈرۈشىمىز زۆزۈر.شۇڭا،كىشىلىك ئالاقىدە ئېغىر-بېسىق بولۇشىمىز كېرەك.
مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-3 12:40 AM