ياۋروپا قەرز كىرزىسىنى ھەل قىلىدىغان كېلىشىم ئىمزالىنىشتىن ئىلگىرى سىز تەشۋىشلىنىۋاتامسىز؟ ئامېرىكا ئۈچۈن، ياۋروپا ئۈچۈن ئەندىشە قىلىۋاتامسىز؟ ئەمەلىيەتتە، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئاكسىيە بازارلىرى ھازىر 2007- يىلىدىكى يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلىشىپ قالدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئەللەر، ھەتتا كورىيەمۇ 2007- يىلىدىكى يۇقىرى نۇقتىدىن ئېشىپ كەتتى، تۆۋەندىكى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 2001- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا. ئەمما بەزى پاي كۆرسەتكۈچلىرى، يەنى ناسداكنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى 2000- يىلى بارلىققا كەلگەن.
تۆت ئەتراپقا نەزەر سالساق ۋەزىيەت تولىمۇ ياخشى، ھەممە يەردە تىنچلىق تەنتەنىسى.
1. ناسداك پاي كۆرسەتكۈچى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدىغانغا %5 قالدى؛
2. ھىندونېزىيە جاكارتا ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدىغانغا %7.5 قالدى؛
3. ھىندىستان بومباي كۆرسەتكۈچى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدىغانغا %12 قالدى؛
4. كورىيە Kospi كۆرسەتكۈچى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدىغانغا %14 قالدى؛
5. داۋ- جونېس كۆرسەتكۈچى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدىغانغا %15 قالدى؛
6 . ئەنگلىيە بايلىق ۋاقىت 100 كۆرسەتكۈچى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدىغانغا %17 قالدى؛
7. رۇسىيە كۆرسەتكۈچى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدىغانغا %17 قالدى؛
8. تايلاند كۆرسەتكۈچى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدىغانغا %18 قالدى؛
9. برازىلىيە پاي كۆرسەتكۈچى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدىغانغا %19 قالدى؛
10. گېرمانىيە Dax كۆرسەتكۈچى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدىغانغا 23% قالدى.
يۇقارقى دۆلەتلەر خەتەر ئىچىدە قالغانمىدۇ؟ پاي بازىرى ئىقتىسادنىڭ بارومېتىرى، بۇ ئەللەردە چوقۇم تىنچلىق تەنتەنىسى ياڭرىماقتا. بوران- چاپقۇندا قالغان ئىتالىيە، گرېتسىيەلىكلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى بۇ يىل يازدا چەتئەلدە دەم ئالدى.
جاپادا قىلغان جۇڭگوغا قاراپ باقايلى:
11. تەيۋەن جياچۈەن كۆرسەتكۈچى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدىغانغا 60% بار؛
12. خېڭشېڭ كۆرسەتكۈچى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدىغانغا %62 بار؛
13. شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدىغانغا 151% بار.
نېمىشقا پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلار زىيان تارتسا ھەممىسىنى جۇڭگو قۇتقۇزىدۇ، جۇڭگودىكى پايچىكلەر زىيان تارتسا كىم قۇتقۇزىدۇ؟ جۇڭگو ئالدى بىلەن چوڭ قۇرۇغلۇقتىكى نامرات ئاھالىلەرنى، ئوتتۇرا- كىچىك كارخانىلارنى قۇتقۇزۇشى، ئاندىن شياڭگاڭنى، ئاخىرىدا ئازراق پۇل ئېشىپ قالسا تەيۋەننى قۇتقۇزۇشى كېرەك.
ھەممىمىز گادايلىشىپ كەتتۇق. 2011- يىلى شىركەت بېجى يەنە ئۆستى، دۆلەت مائارىپ قوشۇلما خىراجىتى، شەھەر قۇرۇلۇشى خىراجىتى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈردى، ئاندىن شېنجېندا يەنە يەرلىك مائارىپ قوشۇلما خىراجىتى ئۆستۈرۈلدى. نۆۋەتتە، كارخانىلارنىڭ بېجى: %17 قوشۇلما قىممەت بېجى + %17 × %19 تۈرلۈك قوشۇلما خىراجەت. دۆلەت كارخانىسى، مەركەز كارخانىلىرىغا مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، چوڭ كارخانىلار مۇناسىۋەتكە تايىنىپ قوشۇمچە ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ، كىچىك كارخانىلارچۇ؟ قاتراپ باقىدۇ؟
بانكىلار كۈندە دۆلەت كارخانىلىرىنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىغا قەرز بېرىدۇ. كىچىك كارخانىلار كۈندە بانكىغا قاتىرىسىمۇ قەرز ئالالمايدۇ. ياۋروپانىڭ پاي بازارلىرى PE (خۇسۇسىي پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش) مۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئەمما ROE (ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتى) بەك تۆۋەن، ئاران %10 ئەتراپىدا بولۇپ، شېنجېن B پېيىنىڭ %22 لىك نىسبىتى ۋە شاڭخەي ئاكسىيە 50 نىڭ %16 لىك نىسبىتىدىن خېلىلا تۆۋەن. يۇقارقى دۆلەتلەردىكى ئاكسىيە بازارلىرى ئىچىدە، مۆلچەر قىممىتى ئەڭ تۆۋەن بولغىنى جۇڭگونىڭ شېنجىن B ، شاڭخەي B ، خېڭشېڭ كۆرسەتكۈچى، شاڭخەي 50 قاتارلىقلاردۇر.
جۇڭگودىكى شۇنچە كۆپ پۇل ئالدى بىلەن ياۋروپا، ئامېرىكىنى قۇتقۇزۇش، ئاندىن گېرمانىيە بانكىسى، شۋېتسارىيە بانكىسى، ئامېرىكا بانكىسى، گولدمان، مورگانلارنى ئەندىشىدىن خالاس قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار جۇڭگونى چۈشۈرۈشكە مادارى يېتىدۇ، ئاخىرىدا جۇڭگونىڭ تېگىنى كوچىلايدۇ. ھەر قېتىم شۇنداق ئەمەسمۇ؟
مەنبە :
http://www.aksiya.com/article.asp?mid=6137
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ياۋۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-2 05:28 PM