ئائىلىدە ئۈزۈپ تاشلاپ سۇيۇقئاش (汤饭)ئىتىش ئۇسۇلى
خام ماتىريالى:پىلتە خېمىر ،گۆش.پىياز،كۆكمۇچ،پەمىدۇر،پالەك ، سامساق ،يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ .
قۇشۇمچە:پەمىدۇر قىيامى
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،ئاچچىقسۇ.
تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن لەغمەن خېمىرىغا ئوخشاش خېمىر يۇغۇرۇپ پىلتە قىلۋالىمىز.
(خىېمىر يۇغۇرۇش ئۇسۇلى ئالدىنقى قېتىم تەپسلى يوللانغان بولغاچقا قايتا تەكرارلانمىدى.)
گۆشنى ئۇششاق نىپىز توغرىۋالىمىز.كۆكتاتلارنى پەكىز يۇيۇپ ،ئۇششاق تەكشى توغرىۋالىمىز .
پىشۇرۇش ئۇسۇلى:قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ ئاندىن گۆشنى سىلىپ سۇ قاينىغاندا سۇ ئۇستىدىكى
كۆپۈكچىلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
ئاندىن توغىرالغان پىياز،كۆكمۇچ،پەمىدۇر، يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ، پەمىدۇر قىيامى قاتارلىلارنى سېلىپ بىر قاينىغاندا
پىلتە خېمىرنى ياپىلاقلاپ سۇزۇپ ئۇزۇپ تاشلايمىز. ئاندىن تۇز،ئاقمۇچ،سېلىپ تەمىنى تېتىپ پالەك ،سامساق
سېلىپ ئاچچىقسۇ قۇيۇپ قاچىغا ئۇسۇپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ.
ئالاھىدىلىكى:ھارغىنلىقنى بېسىش،ئىشتىھانى ئېچىش .
مۇچ ،ئاچچىقسۇ قۇيماي تەييارلىغاندا كېسەل كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ .
ئائىلىدە تەييارلاش قولايلىق . قېنى سىزمۇ سىناپ كۇرۇڭ .
مەنبە :ئاشپەز تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا axpaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-2 02:52 PM