تىنىش بەلگىلىرىنى قۇيۇشيوسۇنى
چېكىت( . )
(ئۈچۈنچى بۆلەك)
چېكىتتوچكا دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ تۈۋەندىكى ئۇرۇنلارغا قويۇلىدۇ؛
1. بايان جۈملە(مەيلى ئاددىجۈملە ياكى قوشما جۈملە بولسۇن، تولۇق جۈملە ياكى تولۇقسىز جۈملە بولسۇن،ئىگىلىكجۈملە ياكى ئىگىسىز جۈملە بولسۇن،ئاتشجۈملە ياكى بىر سۆزلۈك جۈملە بولسۇن) تۈگىگەندىكى تىنىش ئورنىغا قويۇلىدۇ،ئۇ ئويپىكىرنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بايانجۈملە راۋان ئىنتوناتسىيە بىلەن ئېيتىلىدۇ، يەنى بېشىدا كۈچلۈك بولۇپ، ئاخىرىدا پەيدىنپەي پەسىيىپ بارىدۇ. مەسلەن:
يامغۇرياغدى.
قارلىغاچ-قۇش.
سەھەر.جىمجىتلىق.
مەنكەتتىم، سەن كىيىن بارارسەن.
ماقۇل.
زامانباشقا ، ئادەت باشقا.
ۋاقىتئادىل ئۇ ھىچكىمگە بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇئارتۇق بەرمەيدۇ.
ئارزۇدائەيىپ يوق، ئارزۇدا چەك يوق.
بوۋاينىڭئاچچىقى تېز كېلىپ، تېز قايتىدۇ.
بۇگەپنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ زەردىسى قاينىدى.
مىجەزىتۈزنىڭ ئەيىبى كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.
2. بۇيرۇق، ئۈندەش جۈملىلەر ئۆز ئىنتوناتسىيىسى بىلەن ئېيتىلماي، بايانئىنتوناتسىيىسى بىلەن ئېيتىلسا ، بۇلارغىمۇ چېكىت قويۇلىدۇ.
ئوغلۇم،ئالدىڭغا قارا.
پەلسەپەساتقانغا قورساق تويمايدۇ.
مايماقپۇتقا ياخشى ئاياقنىڭ نېمە كېرىكى.
زەئىپبولساڭمۇ ،رەزىل بولما.
ئەجەپئۇز ئىكەنلا ، ئاي بىكار قالسۇن.
سىنىمىغانئاتقا يۈك ئاتما.
ماڭائىككى كۈنلۈك رۇخسەت بېرىلسە.
3. يۇقىرى ئاھاڭدا ۋە ساناش تەرزىدە ئېيتىلغان سۆز، سۆز بىرىكمىلىرىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.
سەنئەتكېچىلىكىدە ئېلانچى ماھىنۇر ئېلان قىلدى:
ـــ ناخشا . « ئازاد زامان» . مۇزىكىسى ھۈسەنجاننىڭ. سۆزى تېيىپجان ئېلىيۇفنىڭ.پاشا قىز ئورۇندايدۇ.
ـــ مۇزىكا . « تاشۋاي » .قۇربان ئىبراھىمنىڭ .ناخشا –ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكا ئەترىتى ئورۇندايدۇ.
ـــ ئۇسسۇل. «ئاتۇش سەنىمى» . ھەبىبە ئابدۇللا ئورۇندايدۇ. مۇقام ئانسامبىلىمۇزىكا ئەترىتى تەڭكەش قىلىدۇ.
4. رەتتەرتىپىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن رەقەملەرنىڭ يېنىغا قويۇلىدۇ.
يىغىن تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
1.يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش؛
2.ئېچىش نۇتىقى سۆزلەش؛
3.تەبرىك نۇتقى ؛
4.دوكلات؛
5.يېپىش نۇتقى؛
6. يىغىننىڭ يېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش.
ئېلىپبە تەرتىپى بۇيىچە، رەت تەرتىپىنىبىلدۈرۈپ كەلگەن ھەرپلەر يېنىغىمۇ چېكىت قويۇلىدۇ.
a.
A.
ئا .
b.
B.
ئە .
c.
C.
ب .
d.
D.
س .
5. ھەرپ بىلەن قىسقارتىلغان كىشى ئىسىم –ئاتلىرى يېنىغاقويۇلىدۇ:
ل . مۇتەللىپ ( لۇتپۇللا مۇتەللپ ) - ئاتاقلىقئۇيغۇر شائىرى.
ئا . س . پوشكىن- مەشھۇر رۇس شائىرى.
ك . ماركس(كارلماركس) .
6.بىرەر ماۋزۇچاقئاستىدا ئايرىم بايان قىلىنىدىغان كىچىك « ماۋزۇچاق» لارغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
تىركەلمە.
بۇرژۇئازىيە.
ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا.
7.چېكىت ئىش –ھەرىكەتنىڭتۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرگەچكە، تۈگىگەنلىكمەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئەمدى چېكىتقويۇلدى.
بۇ ئىشقا ئەمدى چېكىت قويۇلسا بولاتتى .
دىققەت:
1. ماۋزۇلارغا چېكىتقويۇلمايدۇ.
2. خەنزۇچىدا « ئايرىش بەلگىسى » دەپئاتىلىدىغان بىر بەلگە بار. بىز بۇ بەلگىنى چېكىت قاتارىدا كۆرۈۋاتىمىز. خەنزۇچىدا بۇ بەلگە ئاي بىلەن كۈننى قىسقارتىپيېزىشتا (7.1 )، ماۋزۇلاردا سۆزلەرنىئايرىم –ئايرىم ئوقۇشنى لازىم تاپقاندا قويۇلىدۇ.يەنە بەزى مىلللەتلەرنىڭ كىشى نامىدا ئۆز ئېتى بىلەن فامىلىسىنىئايرىشتا قويۇلىدۇ. بىزدە شۇنىڭغا ئوخشىتىپ ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا چېكىت قويۇلىۋاتىدۇ، بۇ توغرا ئەمەس.بىزنىڭيېزىقىمىزدا سۆزلەر ئايرىپ يېزىلغاچقا ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ ئايرىغۇچبەلگىنى بىزچە ئېيىتقاندا، چېكىتنى قويماسلىق لازىم. مەسلەن:
كارل ماركس
ئىسمائىل ئەھمەت
ياشىر ئەراپات
لىكىن كىتاپ نامىقىسىم، پەسىل نامى، بابلار ئارىسىغا ، شېئىر پەيزىسى بىلەن شېئىر ماۋزۇسى ئارىسىغاچېكىت قويۇلۇۋاتىدۇ. بۇ پاكىت ئېتراپ قىلىنسا.
سىماچىيەن: «تارىخىي خاتىرىلەر . پەرغانە تەزكىرىسى »
«چىنيۈەنچۈن . قار»
3. رىم رەقەملىرى رەتتەرتىپىنى بىلدۈرۈشتە قوللىنىلسا ، ھىچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ. بىزدە ھازىرئاساسەن پەسىل، بابلار، خاندانىلىق سەلتەنەتلىرى ۋە ئەسىرلەرنى بىلدۈرۈشتە قوللىنىلىۋاتىدۇ، بۇنداق يەردىمۇ ھىچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ. پەقەت يازما ئورىگىنالىدائاستى –ئۈستىدىن توغرا سىزىق تارتىپ قويۇلىدۇ.
رىم رەقەملىرىدىن 1دىن 10 غىچە ۋە 20، 30 لار تۈۋەندىكىچە:
Ⅰ( 1 ), Ⅱ( 2 ), Ⅲ( 3 ),Ⅳ(4 ), Ⅴ( 5 ),Ⅵ( 6 ), Ⅶ( 7 ),Ⅷ( 8 ),Ⅸ( 9 ),Ⅹ( 10 ),ⅩⅩ( 20 ),ⅩⅩⅩ( 30 ),
دۇنيا « ⅩⅩⅠ ئەسىرگە نەزەرمۇنبىرى » يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىلزابىت Ⅱ
چىن Ⅱ
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى مائارىپ قانۇنى» جەمئى 10 باب 84 ماددا بولۇپ، Ⅸبابىدا« قانۇنى جاۋابكارلىق» بەلگىلەنگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-2 07:00 PM