ئىستېمالچىلار قانداق ئەھۋالدا روھىي زىيان تەلەپ قىلسا بولىدۇ ؟
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى›نى يولغا قويۇش چارىسى» نىڭ 48 – ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەنگەن : تىجارەتچىلەردىن تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتە تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلىرى زىيان سېلىش قىلمىشىنى توختىتىشى ، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ، تەسىرىنى تۈگىتىشى ، ئەپۇ سورىشى ھەمدە روھىي زىيان بېرىشى كېرەك :
1. ئىستېمالچىلارنى ھاقارەت قىلغان ياكى ئۇلارغا تۆھمەت چاپلىغانلار ؛
2. ئىستېمالچىلارنىڭ يېنىنى ، يېنىدىكى نەرسىلەرنى ئاختۇرغانلار ؛
3. ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلىگەنلەر ؛
4. قانۇن – نىزاملاردا روھىي زىياننى تۆلەش بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار .
تىجارەتچىلەر مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتە ، ئىستېمالچىلارغا جىسمانىي زەخىم يەتكۈزسە ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلسا ، ئىستېمالچىلار ماددى تۆلەم تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە ، روھىي تۆلەم تەلەپ قىلىشقىمۇ ھوقۇقلۇق .
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى .
http://www.kanunblog.com/