1. مۇھەممەد ئەلەيھىسالام (570-632)
مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسچىسى. ئەرەپ يېرىم ئارىلى مەككە شەھىرىدىكى قۇرەيىش قەبىلىسى ھاشىم جەمەتىدىكى زاۋال تاپقان بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئاتىسى دۇنيادىن ئۆتكەن. ئالتە ياشتا ئانىسىدىن ئايرىلغان. بالىلىق دەۋرىدە بوۋىسى ئابدۇلمۇتەلىب ۋە تاغىسى ئەبۇ تالىب ئۆز تەربىيىسىگە ئالغان. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە مالچى ۋە سودىگەر بولغان. سۈرىيە قاتارلىق جايلارغا بارغان. 25 يېشىدا باي سودىگەرنىڭ تۇل ئايالى خەدىچىگە ئۆيلەنگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ دائىم مەككە شەھرى ئەتراپىدىكى ھىرا غارىدا ئىستىقامەت قىلغانكەن. 40 ياشتا ئۆزىنىڭ ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ئاخىرقى «پەيغەمبەر» ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ مەككە شەھرىدە ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا باشلىغان. ئاللانىڭ بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىپ، كۆپ ئىلاھقا چوقۇنۇشقا قارشى تۇرغان ھەمدە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىدىغان بەزى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ خوتۇنى خەدىچە، بىر نەۋرە ئىنىسى ئەلى ۋە يېقىن دوستى ئەبۇ بەكرىلەر ئۇنىڭ ئەڭ بالدۇرقى ئەگەشكۈچىلىرى ئىدى. كېيىن كۆپ ئىلاھقا چوقۇنىدىغان مەككە شەھىرىدىكى قۇرەيىش قەبىلىسىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ۋە باي سودىگەرلەرنىڭ قارشىلىقىغا ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. مىلادى 622-يىلى 2-ئايدا ياترىپ (كېيىن مەدىنە دەپ ئۆزگەرتىلگەن، پەيغەمبەر شەھرى دېگەن مەنىدە) قا بېرىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ يەردە مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىنى ئېلان قىلىپ، ئىلاھىي ھاكىمىيەتلىك دۆلەت قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن مەككە شەھرىدىكى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن كۆپ قېتىم غازات قىلغان. غازاتلار ئىچىدە مەشھۇرلىرى بەدىر غازىتى، ئوھود غازىتى ۋە خەندەك غازىتى قاتارلىق غازاتلاردىن ئىبارەت. 628-يىلى ئىككى تەرەپ «ھۆدەيبيە سۈلھىسى» نى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئۇرۇش توختىتىلغان. 630-يىلى مەككىنى ئىشغال قىلغان. مەككىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ۋە سودىگەرلەر ئۇنىڭغا يول قويۇپ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ نوپۇزىنى ئېتىراپ قىلغان. ئو بولسا مەككىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ۋە سودىگەرلەرنىڭ دىن ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئەۋزەل ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان. كەئبە مەسچىت قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى(مۇسۇلمانلار) ھەج قىلىدىغان جاي قىلىپ بېكىتىلگەن. كېيىن ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى قەبىلىلەر ئارقىمۇ ئارقا ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈرگەن. ئەرەپ يېرىم ئارىلى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسالام 623-يىلى مەككىدە ھەج تاۋاب قىلىغاندىن كېيىن كېسەل بىلەن مەدىنىدە ۋاپات بولغان.
2. ئۆمەر
ئۆمەر (592-644) ئىسلام خەلىپىسى (634-644)، مەككىدە تۇغۇلغان. ئاقسۆڭەك سودىگەرلىكتىن كېلىپ چىققان. دەسلەپتە مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ دىن تارقىتىش پائالىيىتىگە قارشى چىققان، كېيىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئەبۇ بەكىرىگە ياردەملىشىپ دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان. كېيىن خەلىپە بولغان. تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئىراق، سۈرىيە، پەلەستىن، مىسىر ۋە ئىران قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان. ئەرەپ دۆلىتىنىڭ مەمۇرىي، ئەدلىيە، ھەربىي، مالىيە قاتارلىق بىر قاتار تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ چىققان. «ھىجرىيە» نى ئىسلام دىنىنىڭ يىلنامى قىلىپ بېكىتكەن. كېيىن مەدىنىدە بامدات نامىزىنى ئۆتەۋاتقاندا پېرىسىيە تەۋەلىكىدىكى قۇل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
3. ئاتتىلا
ئاتتىلا ( تەخمىنەن 406-153 ) ھون ئىمپېراتورى (434-453) مىلادى 434-يىلى ئۇكىسى بلېدا بىلەن بىرلىكتە تاغىسى رۇئانىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 445-يىلى بلېدا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بىردىنبىر ھۆكۈمىران بولۇپ قالغان. 443-يىلى كۈچلۈك ھونلارنى باشلاپ كونىستانتىنوپول ( ۋىزانتىيە ) گە يۈرۈش قىلىپ، ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى دىئودوت 2 ( مىلادى 401-450) نى يەر بۆلۈپ بېرىشكە، ئولپان تاپشۇرۇشقا، سۈلھ تۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان. ئارقىدىنلا رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا كىرگەن. ھونلارنىڭ قوشۇنى 500 مىڭ كىشلىك چوڭ قۇشۇن دەپ ئاتالغان. ئۇلار ياۋروپانى تازىلاپ رېين دەرياسىغىچە يېتىپ بېرىپ، بېسىپ ئۆتكەن جايلىرىدا دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، چىرىكلىشىپ زاۋالغا يۈز تۇتقان ئىمپېرىيگە ئەجەللىك زەربە بەرگەن ( كېينكىلەر ئۇلارنى « تەڭرى قامچىسى » دەپ ئاتىغان ) 451-يىلى رېين دەرياسىدىن ئۆتكەن، شالون ( فىرانسىيىنىڭ شەرقى شىمالى ) جېڭىدە غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ باش قوماندانى ئەيتىئوس بىلەن غەربىي گوتلارنىڭ كورۇلى دېئودورىك (؟-451) نىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ۋالېنتىنئان (419-455) تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئاتتىلا ئالىپ تاغلىرىدىن ئۆتۈپ شىمالى ئىتالىينى ئېلىپ، ئاچىلىيە (ئادرىياتىك دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقى ) نى ئۈچ ئاي ئىشغال قىلغان (452 ). ئېيتىشلارغا قارىغاندا پاپالېئو 1 ( 440- 461-يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان ) نىڭ تەلىپى بىلەن رىم شەھرى بەختىكە يارىشا بالا-قازادىن ساقلىنىپ قالغانىكەن. ئاتتىلا ھەربىي يۈرۈشتە تاسادىپى ئۆلۈپ كەتكەن( توي مۇراسىمىدا ئۆلۈپ كەتكەن دېگەن قاراشمۇ بار ). تارىخى كىتابلاردا ئاتتىلا «ھون ئىمپېرىيىسى» نى بەرپا قىلغۇچى دەپ ئاتالغان. ئاتتىلانىڭ ھەربىي يۈرۈشى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇنقەرز بولۇشىنى تېزلەتكەن.
4. بابۇر
بابۇر (1483- 1530 ) ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قورغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى زاھىرىددىن. بابۇر ئۇنىڭ لەقىمى بولۇپ، « يولۋاس » دېگەن مەنىدە. تېمۇرنىڭ ئەۋلادى. 1494-يىلى پەرغانىدە خان بولغان، بىر مەھەل سەمەرقەندنى ئىشغال قىلغان. 1501-يىلى شەيبانىخان تەرپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، خانلىق ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويغان. 1504-يىلى كابۇلنى بېسىۋالغان. 1525-يىلى ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ، 1526-يىلى پانىپان جېڭىدە لودى خانلىقىنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، دېھلىنى ئىگىلەپ، دېھلى سۇلتانلىقىنى يوقىتىپ، موغۇل خانلىغىنى قۇرغان. ئىككىنچى يىلى كاننۇيادا ھىندىستاندىكى بەگلەر بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىنكى نەچچە يىلدا شىمالىي ھىندىستاننىڭ كۆپ قىسم يەرلىرىنى بويسۇندرۇپ، موغۇل ئىمپېرىيىسىگە ئاساس سالغان. ئۇ ئەدەبىيات-سەنئەتنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ يازغان «بابۇرنامە» مەشھۇر ئەدەبىي تارىخى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1998-يىلى نەشىر قىلغان «ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە دۇنيا تارىخى لوغىتى» دىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-2 10:29 AM