|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
بۇندىن بىر ئاي ئىلگىرى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسسىسى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنى كۆرۈرمەنلەرگە تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش ئەھمىيىتى بار بولغان، ئاۋام-خەلققە بەلگىلىك ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلگەن كەسپىي تور بېكەتلەرنىڭ بىرى دەپ قاراپ، «ئىقتىساد كۆزنىكى» پروگراممىسىدا مەخسۇس ئەلداۋا ساغلاملىق تورىمىزنى تونۇشتۇرۇپ بىر فىلىم ئىشلىگەن ئىدى.
ئالدىنقى قېتىم تورداشلارغا ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيەسىدە [خوش-خەۋەر] UTV «ئىقتىساد كۆزنىكى» دە ئەلداۋا ناملىق پروگرامما قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، بىر قىسىم تورداشلار (ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سىگنالىنى قۇبۇل قىلالمايدىغان جايلاردىكى) ئۆزىنىڭ بۇ پروگراممىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشقان ئىدى. تۆۋەندە، مەزكۇر فىلىم سىن ھۆججىتىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.
ھۆرمەت بىلەن ئەلداۋا ساغلاملىق تورى 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
|
|
|
|
|
|