سەرەمجانلىق ۋە ئائىلە ئىختىزادىنى توغرا يۇرگۈزۈشسىز بىرەر پاراۋان ئائىلىنى تەسەۋۇر قىلىشقا بولمايدۇ ،يەنە ئىپتىخار بىلەن ئىيتىش كىرەككى،خوجىلىق ماشىنىسىنىڭ بۇ ئىككى ھالقىسىنى تۇتۇپ تۇرۇشلا ئەمەس،توغرا يولغا سىلىپ تۇرۇشقىمۇ پەقەت بىز –ئاياللار قادىرمىز.ئىيتىش جائىزكى،بۇ ئىككى ۋەزىپىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغۇچىلارنىڭ باشقا ساھەدىكى كۆپ ئەيىپلىرى يۇيۇلۇپ ، كەچۇرلۇپ كىتىدۇ.بولۇپمۇ ،ئىشتا ياخشى خادىم بولسڭىزمۇ،ئۆيدىكى ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالمىسىڭىز، ئۆيىڭىزدە بۇ ئەيىپىڭىزنى بىلدۇرمەي تۇرىدىغانلار –مەسىلەن :قىينانىڭىز ،ئۆز ئانىڭىز بولمىسا ،باشقا ھەممە ئەيىپلەرمۇ كۆپجىپ چىقىۋىرىدۇ،بوينىڭىزغا ئىسىلىۋىرىدۇ،ئىشىنىڭ،خۇددى شۇنداق بولىدۇ،ئايال كىشىنىڭ ئورنىنى ئۆي تۇتۇشقا ھىچكىم ئەپلەشتۇرەلمەيدۇ.
تەرتىپ،سەرەمجانلىق دەپ ئۆيدىكى ھەر بىر بۇيۇمنىڭ ئۆز جايىدا ،ياخشى ھالەتتە تۇرىشىغا ئىيتىلىدۇ،بۇنداق ئۆي تۇتماقنىڭ ئۆزى بىر سەنئەت .ئايال كىشى كۈندىن كۈنگە ،ئاستا –ئاستائىگىلەپ بارىدىغان سەنئەت !
بۇيۇملارنىڭ كۆپلىكىنىڭ بايلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەسلىگىنى ئۇلار بىسەرەمجان تۇرغاندا بىلىۋالىسىز.ھەر بىر بۇيۇمنىڭ ئۆز ۋەزىپىسى بارلىقى ئىنىق ،لىكىن ئۇلارنىڭ ئۆز ئورنى بارلىقىمۇ راست،بۇ جايلارنى پەقەت ئاياللار بىلىدۇ . مەسىلەن :پەرداز بۇيۇملىرىڭىزنىڭ بىرى ئىرىڭىزنىڭ ئۇستىلى ئۇستىدە تۇرسا ياكى مىڭ چىرايلىق بولسىمۇ،گۇل تەشتىكى پىئانىنو ئۇستىدە بولسا ،بۇ قەلبىڭىز ،دىتىڭىز قاششاق –مىشچانلىقىڭىز نى چۈشەندۈرىدۇ.
ئەڭ موھىمى ،ئەگەر ئايال ئۆزىنىڭ ئاياللىق ۋەزىپىسىنى تەن ئالالمىسا ،ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن ھاقارەت دەپ بىلسە ،بۇ ھەقتە قاتتىق يىڭىلىشىۋاتقانلىقىنى ۋاقتىدا بىلىپ يەتمىسە ،ھەقىقى مەنىدە ھاقارەتلىك مەۋقەنى بەلگىلەيدۇ،لىكىن ئەپسۇس،نۇرغۇن ئاياللار بۇنى چۈشەنمەيدۇ.
ئايال ئۆز مەزمۇن،ماھىيىتى نوقتىسىدىن ئىرىنىڭ ياردەمچىسى ئىكەنلىگى بىلەن ،ئۆي ئىشلىرىغا ئۆزىنىڭ مىننەتسىز ھەسسىسىنى قوشۇشى بىلەن پۈتۈن ئائىلىنىڭ پاراۋانلىقىنى تەمىنلەيدۇ،ئائىلىدە پەقەت ئاياللارلا ئاز سەرىپ قىلىپ ،كۆپكە ئىرىشىش قابىلىيىتىگە ئىگە.پەقەت ئاياللارلا ئۆينى كىرەك ۋە كىرەك ئەمەس بۇيۇملارغا تولدۇرۇشقا قادىر!خالىس تۇرۇپ ئىيتىڭچۇ!ئۆيىڭىزدە ،ئەتراپىڭىزدىكى شۇ بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىلا زورورمىدى؟
يەنە بىسەرەمجانلىقمۇ بىزگە خاسمۇ؟بەزىلىرىمىز ياخشى ئاياللىق ،بۇ ئۆيدىن ئۇ ئۆيگە تىنىمسىز مىڭىشلاردىن ،بۈرجەك بۇلۇڭلارغا قاراشتىن ،جاۋەن،تارتما ۋە ئىشىكلەرنى ئىچىپ يىپىشتىن،سائەتلەپ ئۇلارنى مالتىلاپ ئولتۇرۇشتىن ،ھەممىنى سەرەمجانلىق بىلەن ھارغۇۇشتىن ،ئاقىۋەت ئۆزىنىمۇ قىيناپ،ھارغۇزۇپ،«ئۇھ»دەپ كۆرپىگە ئۆزىنى ئىيتىشتىن ئىبارەت دەپ ئويلىشىدۇ .كىيىن ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ھەسرەت باشلىنىدۇ –دە :
-ئاھ،بىزگە ئاڭلىغان ئادەمدە ئىيىتقۇچىغا نىسبەتەن رەھىم ئويغۇنىشى مۈمكىن ،«ۋاي بىچارىيەي،ھەممە نەرسىگە پەقەت ئۇ قاراپ تۇرمىسا ھىچبىر ئىش پۇتمەيدىكەن ،بۇ بايقۇشقىمۇ قىيىن ئىكەن »
ئەسلىدە ئايالنىڭ ئىزتىراپلىرى ،ھالاۋەتسىزلىگى ئۇنىڭ ئىش بىلمەسلىگىدىن ئىكەنلىگىگە ئەقلىڭىز يىتىپ تۇرغاندۇ-ھە!باشقىلارنىمۇ قىيناپ يۇرگىنىچۇ تىخى!ئەنە سىزگەئائىلىۋى نىزا !چۈنكى بۇنداق ئايال ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئۆيدە تەرتىپ ئەمەس،بىسەرەمجانلىق بولىدۇ-دە.
دىمەك ،ئايال كىشى ئۆينى باشقۇرۇشقا كىرىشىشدىن بۇرۇن ،ئۆزىنى باشقۇرۇشنى ئۈگۈنىۋىلىشى كىرەك ئىكەن .ئۆزىنى تۇتىۋالغان ،ئۆزىنى باشقۇرۇشنى بىلىدىغان ئايالدىن ناھايىتتى ياخشى ئايال چىقىدۇ.
«ئاياللارنىڭ بەخت قۇياشى»دىگەن كىتابتىن ئىلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kunbike تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-1 04:50 PM