قــەمــبــەرنىســــا قـــوشــقىــى
يوللىغۇچى : پىياز
بۇ قوشاق جەنۇبى شىنجاڭدا كەڭ تارالغان ، قەمبەرنىسا ۋەقەسى 1943-يىلى ئاتۇشتا يۇز بەرگەن . بىر ياشانغان دىھقان ئايال بولۇپ دوپپا تىكىشكە ئىنتايىن ئۇستا ئىكەن ، ئۇنىڭ مەرەمنىسا ۋە قەمبەرنىسا دىگەن شۇنداق چىرايلىق ئىككى قىزى بار ئىكەن . ئۇلار ئانىسىدىن ئۇگىنۋالغان دوپپا تىكىش ھۇنىرى بىلەن جان باقىدىكەن . شۇ يىللاردا مەرەمنىسا بويىغا يىتىپ غۇلجىغا ياتلىق بولۇپ چىقىپ كىتىپتۇ . ئۆيدىكىلەرنىڭ ھال-ئەھۋالدىن خەۋەر ئىلىپ تۇرىدىغان ئادەم بولمىغاچقا ئانىسى قەمبەرنىسانى شۇ يۇرتتىكى بىر قىرى كىشىگە ياتلىق قىلماقچى بوپتۇ . بىراق قەمبەرنىسا بۇ ئىشقا پەقەت رازى ئەمەس ھەم قوشۇلمايدىكەن .
شۇ ۋاقىتتا غۇلجىدىكى ئاچىسى مەرەمنىسانىڭ ئاغىرىپ قالغانلىق خەۋىرى ئاتۇشقا يېتىپ كەپتۇ . قەمبەرنىسانىڭ ئانسى چوڭ قىزىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالنى ئاڭلاپ چوڭ قىزىنى كۆرمەك بولۇپ غۇلجىغا يولغا چىقىپتۇ ، بىراق مەرەمنىسانىڭ كىسىلى ئىغىرلاپ ئۇزاققا بارماي ئۇ ئۆلۇپ كىتىپتۇ . چوڭ قىزىدىن ئايرىلىپ قالغان ئانا كۆتۇرگىسىز دەرت ئەلەمنى يۇدۇپ ئاتۇشقا قايتىپ مىڭپتۇ ، ئۇ يۇرتقا كىلىپ بولغۇچە يوقسۇزلۇق دەردىنى كۆپ تارتقان ، ئۆزىنىڭ ئىختيارسىزلىق توي قىلىشقا ئۇنىمغان كىچىك قىزى قەمبەرنىسا ئۆزىنى بۇلاققا تاشلاپ ئۆلۋاپتۇ . ئارقا- ئارقىدىن بىر ئۆيدىن ئىككى كىشى ئۆلۇپ كەتكەنلىكتەك ۋەقەگە چىدىمىغان ئانا ۋە يۇرتدىكىلەر بۇ قوشاقنى توقۇپتۇ .!!!
قەمبەرنىسا بىر گۈل ئىدى ،
شىخىدا سايرىغان بۇلبۇل ئىدى .
ئول خۇدانىڭ تەقدىرى،
ئىككى قىزىمدىن ئايرىدى .
بىر قولىدا باردۇر قايچىسى ،
بىر قولىدا باردۇر يىڭنىسى .
بۇلتۇر ئۆلۇپتۇ ئاچىسى ،
بۇ يىل ئۆلۇپتۇ سىڭلىسى .
قەمبەرنىسا سۇغا چۆكۇپ .
سۇدىن چىقىپ لايغا پىتىپ .
ئۆمرۇم ئۆتەر يىغلاپ يۇرۇپ،
قارا كۆزۇمدىن ياشلار ئىقىپ .
جېنىم بالام قەمبەرنىسا ،
ئوتۇڭ يامان مەرەمنىسا .
كېلىش مەنبەسى : ئۇيغۇر خەلىق تارىخى قوشاقلىرى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا peyaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-1 02:34 AM