ئېھ، لالە....
يىراقتىن بىر نەرسە بىزگە قاراپ كېلىۋاتامدۇ نېمە؟ ئۇ زادى نېمىدۇ؟ تاپالمىدىڭمۇ لالە؟ ئۇ مېنىڭ كېمەم، مەن ئۆزۈمنىڭ ئاشىقلىق كېمەمنى ھەيدەپ، سېنىڭ مۇھەببەت پورتىڭغا كىرىپ كەلمەكچىمەن. سەن ئۇنى قوبۇل قىلارسەنمۇ؟
يىغلىمىغىنە لالە، مەن ئۈرۈمچىگە ئوقۇش ئۈچۈن ماڭدىم، مەن چوقۇم قايتىپ كېلىمەن،مېنى كۈتكىن، بەختىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ بىرنى كۈلۈمسىرگىنە لالە...
مەن قايتىپ كەلدىم لالە، ساڭا جىق سوۋغاتلارنى، ياق، بۇ سوۋغاتلاردىنمۇ قىممەتلىك بولغان چىن ئەقىدەمنى بىللە ئېلىپ كەلدىم، قانداق؟ خوشال بولدىڭمۇ لالە؟ تۆت ئاي مەن ئۈچۈن تۆت يىل بىلىندى ، سەنچۇ؟ مېنى سېغىندىڭمۇ لالە؟
بۈگۈن تويىمىز لالە، ھەممىنىڭ چىرايىدا شاتلىق ، ئەمما سېنىڭ بۇلاق كەبى كۆزلىرىڭدە ياش لىغىرلاپ قاپتۇ. بەلكىم بۇ خوشاللىق يېشىدۇر ۋە ياكى سېنى ئۇزۇن يىل بېقىپ قاتارغا قوشقان ئاتا-ئاناڭغا قىيماي ياش تۆكۈۋاتقانسەن؟ ياش تۆكمە لالە، ساڭا شۇنداق ۋەدە بېرەي، سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن بارلىقىم تەسسەددۇق لالە.
بۈگۈن كۆزىڭ يورىدى لالە، چىن مۇھەببىتىمىزنىڭ شاھىدى بولغان قىزىمىز بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچتى ، ئۇلۇغ ئاللا بىزگە بىر پەرىشتە ئاتا قىلىپتۇ ،لالە، ئىككىڭلارنى چوقۇم ياخشى ئاسرايمەن لالە. بالىمىزنى ئەللەيلىتىپ ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرغىنىڭدا كۆزىڭدىكى مەمنۇنلۇقنى كۆرۈپ ،ئىچىمدە ئويلىدىم « ئېھ ، ئانا ...».
بۈگۈن تويىمىزنىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنى لالە، شۇنداقلا نەۋرىمىزنىڭ ئالتە ياشقا توشقان تۇغۇلغان كۈنى . سەن نەۋرەڭگە قاراپ ئولتۇرۇپسەن، ئۇنىڭغا قاراپ ئۆزۈڭ ۋە قىزىڭنىڭ غۇبارسىز بالىلىق چاغلىرى ئېسىڭگە كېلۋاتامدۇ؟ ۋە ياكى قىزىڭنىڭ ياراملىقىدىن پەخىرلىنىپ ئولتۇردىڭمۇ لالە؟
مانا يەتتە نەزىرىڭنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، تۇپراق بېشىڭدا مۇڭلىنىپ ئولتۇرماقتىمەن لالە. يەتتە كۈندىن بۇيان، كۆزۈمدىن ياش ئەمەس، يۈرىكىمدىن قان ئاقتى لالە. ئاللا ئۆزىنىڭ يېقىن ئادەملىرىنى بالدۇر ئەكېتىدۇ دەيدىكەن، بەلكىم سەنمۇ ئۆزۈڭنىڭ پاكلىقى بىلەن ئاللاغا يېقىن تۇرغانسەن، مەنمۇ پات يېقىندا يېنىڭغا بارىمەن، ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولسۇن، لالە.
سەكراتتا تۇرۇپمۇ سېنى سېغىنماقتىمەن، لالە. سەن بىلەن بىللە ياشىغان 50 يىل مەن ئۈچۈن تولىمۇ قىسقا بىلىندى، لالە. مۇمكىن بولسا ئىدى، سەن بىلەن تا ئەبەدكىچە بىللە ئۆتكۈم بارئىدى لالە. پات يېقىندا يېنىڭغا بارىمەن لالە. خەيىر لالە....
ئېھ، لالە.................
2012.2.29
ۋېلىيار. ئىلھام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا weliyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-29 10:15 PM