مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1297|ئىنكاس: 13

ئۇيغۇر ماتېماتىك مۇھەممەت مۇسا خارازىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 11:44:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


مۇھەممەت مۇسا خارازىمى 780 - يىلى خارازىمنىڭ خىۋە شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن.بۇ شەھەر كىيىنچە  شەرقىي قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان.
ئۇ ياش ۋاقتىدا خاقانىيە تىلى (ئۇيغۇر تىلى ) دىن باشقا ئەرەپ ، يۇنان ، پارىس ، ھىندى تىللىرىنىمۇ پىششىق ئۆگەنگەن . ھەمدە ماتېماتىكا ، ئاستۇرنومىيە ، جۇغراپىيە ، مىدىتسىنا  ۋە تارىخ پەنلىرىنى ئالاھىدە بىرىلىپ تەتقىق قىلغان . كىيىن مەشھۇر ماتىماتىك بولۇپ يىتىلگەندىن كىيىن ئەينى چاغدىكى شەرىق مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى باغداتقا  تەكلىپ قىلىنىپ  ئابباسىلار خاندانلىقىنىڭ 5- خەلىپىسى بولغان ھارۇن رەشىدنىڭ ئوغلى  خەلىپە مەئىمۇن رەشىدنىڭ   سارىيىدا < ھىكمەت ئۆي > دەپ ئاتالغان كۇتۇپخانىدا كۇتۇپخانا رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن .
ئۇ ئاساسلىق ئەسەر ۋە تەتقىقاتىنى مۇشۇ يەردە ۋۇجۇتقا چىقارغان .
ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇنجى يازغان ئەسىرى < تىرىگونۇمىتېرىك قىممەتلەر جەدىۋىلى  > دۇر .
مۇسا خارازىمى ماتېماتىكىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنىڭ ئانالىتىك يىشىش ئۇسۇلىنى گېئومىتىرېيىلىك يىشىش ئۇسۇلىغا بىرلەشتۇرگەن تۇنجى ماتىماتىك . ئالگېبىرا ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى ، ئۇنىڭ < ئالگىبېرا > دىگەن ئەسىرى دۇنيا ماتىماتىكا  تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ .ئۇ يازغان < ئەلجەبىر ۋە مۇقابەلا > ( ئەزا يوتكەش ۋە ئوخشاش ئەزالارنى ئىخچاملاش ) ، < ھېساب ئىلمى > قاتارلىق ئەسەرلىرى شەرىق ئىلىدە ئۇزۇن بىر مەزگىل دەرىسلىك بولۇپ قوللىنىپلا قالماستىن ، 1140- يىلغا كەلگەندە لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىن  ( روبېرت تەرجىمە قىلغان ) باشقا ياۋرۇپا تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ ئۇزۇن مۇددەت يوۋرۇپالىقلارنىڭ ماتىماتىكا دەرىلىكى قىلىپ ئىشلىتىلگەن .
ماتېماتىكىنىڭ تارماقى < ئالگىبېرا > مۇ ئەل خارازىمىنىڭ تۆھپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر .
مۇسا خارازىمى ئوتتۇرغا قۇيغان تەڭلىمە يىشىشتىكى < ئەزا يۆتكەش > ، < ئەسلىگە قايتۇرۇش  > ئۇسۇللىرى ئۇنىڭ كىتابىدا < ئەلجەبىر > دەپ يىزىلغان بولسا ، يوۋرۇپالىقلار ئۇنى (Algebr)
دەپ تەرجىمە قىلغان . شۇنىڭدىن كىيىن بۇ پەن ئىسمى < ئالگىبېرا > دەپ تارقىلىپ مۇقۇملاشقان . دىمەك بۇ پەن ئىسمى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىم !!
كومپىيوتېر بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ، ھېسابلاش پىرۇگراممىسىنى تۇزۇشكە قوللىنىلدىغان پىروگرامما تىلىمۇ مۇشۇ ئالىمىمىزنىڭ نامى بىلەن < ئالگۇل تىلى > ( Algol  تىلى ) دەپ ئاتالدى . چۇنكى بۇ ئالىمنىڭ لاتىنچىلاشتۇرۇلغان ئىسمى  Alqaritmus   بولىدۇ ، بۇ شۇ ئىسىمنىڭ قىسقارتىلمىسى!!
مۇسا خارازىمى ياشىغان دەۋىرلەردە ھىندىلارنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئاستۇرنومىيىگە دائىر < سىند ھىند > دېگەن ئەسەر ئوتتۇرا شەرىقتە دەستۇر كىتاب ھېسابلىناتتى ، مۇسا خارازىمى بۇ ئەسەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خاتالىق ۋە چۇشۇنۇكسىزلىك بارلىقىنى بايقاپ ، زور ئەجىر قىلىپ ئۇنى تۇزەپ توغرىلاپ ، چۇشىنىشلىك قىلىپ قايتا يىزىپ چىقىدۇ . بۇ ئەسەرگە يەنە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ < يېڭى سىند ھىند > دېگەن ئوقۇشلۇقنى يىزىپ چىقىدۇ . بۇ ئەسەر ياۋرۇپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىن ياۋرۇپالىقلارمۇ بۇ ئەسەردە قوللىنىلغان ئەسلى ھىندىلەردە بولغان  0   نى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقەم شەكلى      (  0 ، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9  ) بىلەن تونۇشۇپ ، ئۆزلىرى ئەسلى قوللىنىۋاتقان رىم رەقەملىرى ئورنىدا قوللانغان . ھەمدە بۇ ئەسەرنىڭ ئەرەپ تىلىدا يىزىلغىنىغا ئاساسەن ئۇنى < ئەرەب رەقىمى > دەپ ئاتاشقان .بۇ نام ھىلىمۇ شۇنداق ئاتالماقتا .
دىمەك : بۇ خىل ئەڭ مۇكەممەل ، قوللىنىشقا ئەپلىك بولغان رەقەم سىستېمىسىنىڭ ئەسلى ئىجاتچىسى ھىندىلار بولسىمۇ پۇتكۇل ئىلىم دۇنياسىغا تونۇتقان ۋە تاراتقان كىشى دەل ئۇيغۇر ماتېماتىكى مۇسا خارازىمى بولىدۇ !!
ئەرەپ ئالىملىرىدىن سارتۇن 9- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىنى < خارازىم دەۋرى > دەپ ئاتىغان ، شۇنداقلا < مۇسا خارازىم ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇق ماتېماتىكى ، شۇنداقلا ئەڭ ئۇلۇق ئالىمىدۇ > دەپ تەرىپلىگەن .
بۇيۇك ئۇيغۇر ئاتېماتىكى مۇسا خارازىمى 847 - يىلى ۋاپات بولغان . ئۇيغۇر خەلقى ئۇنى مەڭگۇ ياد ئىتىدۇ !،ئەپسۇس،ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىخىچە ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشىرى دىيارىمىزدا بارلىققا كەلمىدى، پات يىقىندا بۇمۇ ئەمەلگە ئىشىپ قالار .... 
ئىلاۋە : بۇ بۇيۇك ماتېماتىكا ئالىمىمىزنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە خەلىقئارادا نۇرغۇن ئىختىلاپ بار ، پۇتكۇل ئوتتۇرا ئاسىيە قەۋىملىرى ئۇنى تالىشىدۇ ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەرەپ تىلىدا يىزىلغىنى ۋە ئەرەپ دۇنياسىدا ئىلىم تەھسىل قىلغىنى ئۇچۇن نۇرغۇن ماتېرىياللاردا ئەرەپ ماتېماتىكى -دەپ يىزىلغان.بۇ ھەقتە ئابلىز مۇسا سايرامى ئەپەندى نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلارنى كۆرسۇتۇش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئالىمى ئىكەنلىكىنى مۇئايەنلەشتۇرپ ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئىلان قىلغان . شۇڭا بىز شۇنداق قارىشىمىز كىرەك : ئۇنىڭ ئۇيغۇر ماتىماتىكا تارىخىدىكى ئورنىنى ھەرگىزمۇ ئسانلىقچە باشقىلارغا ئۆتۇنۇپ بىرىشكە بولمايدۇ !
(ئالىمنىڭ سۇرىتىنى فىرقەت ئەپەندى رامكىلاشتۇردى )

 بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://matimatik.blogbus.com/logs/33821701.html

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

تۇغرۇل _ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻗﯘﺵ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21736
تۆھپە نۇمۇرى: 1017
توردا: 2287 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 12:29:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسا خارازىمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن بەك پەخىرلەندىم شۇنداقلا ئىپتىخارلىق ھىس قىلدىم .
بىزنىڭ بۇ بۈيۈك ئالىمىمىزنىڭ دۇنيا ماتېماتىكا ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىنىشىگە ئەرزىيدۇ  . بۇنىڭدىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تەبئىي پەن ساھەسىدىكى تۆھپىسىنىڭمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ .

قۇياش يېيىشكە بولمايدىغان نان ،
ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5368
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10186
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 4400 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 01:08:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم.بىز بىلمىگەن ،بىلمىسەك بولمايدىغان بىر ھەقىقەتنى بىزگە يەتكۈزگەن قولىڭىزگە دەرت كەلمىسۇن.يەنە بىر دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان ئالىمىمىز بىلەن تونىشىۋالدۇق.ھازىرقى پەس كۆرىلىۋاتقان ،يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىلىپ قالغان ئۇلۇغ ئانا تىلىمىزنىڭ ئەسلى خاقانىيە تىلى ئىكىنلىگىنىمۇ بىلىۋالدۇق.ئاللا رەھمەت قىلسۇن.

ئەرلىرى زەيپانىلەشكەن ئەلنىڭ ،ئاياللىرى رەسۋالىشىدۇ.

ماڭغان يولۇڭدا ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2358
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10231
تۆھپە نۇمۇرى: 755
توردا: 2925 سائەت
تىزىم: 2010-6-9
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 01:17:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم. راستىنلا تۆھپىسى زور ئىكەن.

اللاھ بىر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4042
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7979
تۆھپە نۇمۇرى: 487
توردا: 2149 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2013-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 01:59:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق تېمىلار كۆپرەك يوللانسا،مىللىتىمىزنىڭ ئۇلۇغ كىشىللىرى بىلن كۆپرەك تۇنۇشساق بەك ياخشى بۇلاتتى. تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت

مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تىما

راھەت جاپاسى بىل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3385
يازما سانى: 1280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10919
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 02:36:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بولسا يوللاپ تۇرارسىز. ھىچ بولمىسا داڭلىق شەخىسلىرىمىزنى بىلىۋالغۇدەكمىز. [s:34]  [s:34]  [s:34]

دەرت يامان لىكىن،سىنىڭمۇ دوست-دۈشمىنىڭ بار.خۇشال ياشا،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.

ھايات ئادەمگە پە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2175
يازما سانى: 2897
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15485
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 6766 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 09:04:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇغىنىسى رەسىمى چىقماي قويدى، تىمىڭىزغا رەخمەت [s:33]

iQim~puxsa~喝酒︻◣ziriksam~抽烟

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5483
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8258
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2010-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 12:55:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىز  ناھىيىتى ياخشى بوپتۇ ...

我 的 自 由 我 做 主 , 谁 也 挡 不 住 我。。。            不 管 发 生 什 么 事 都 为 自 由 而 奋 斗。。。

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-20 11:28:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياۋروپا مەدەنىيەت تارىخىدىن سۆز ئېچىلغاندا، تۈركىي تىللىق مىللەتلەر تەرىپىدىن يېتىشىپ چىققان يەنە بىر ئۇلۇغ ماتېماتىك، ئاسترونۇم ۋە جۇغراپىيە ئالىمى خارەزىمنىڭ ئىسمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. چۈنكى، خارەزىمى ياۋروپاغا ئالگېبرا ئىلىمىنى تونۇتقانىدى.
خارەزىمنىڭ ماتېماتكا ساھەسىدىكى شۆھرىتى 16- ئەسىردە پۈتكۈل ياۋروپانى قاپلىغانىدى. شۇ دەۋرىدىكى ئىتالىيىلىك مەشھۇر ماتېماتكىچى گېرولاما كاردانو 1581- يىلى يازغان بىر ئەسىرىدە خارەزىمنى دۇنياىكى ئەڭ مەشھۇر 12 نەپەر مۇتەپپەكۈرنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆرسەتكەن. ياۋروپا مىلادىيە 12-ئەسىردىن باشلاپ، خارەزىمنىڭ ئەسىرلىرىنىڭ لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى بىلەن، قايتىدىن جانلىنىپ تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. خارەزىمنىڭ ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن بىرى «ئەل- جەبر ۋەل- مۇقابەلە» ئىدى. ئەرەبچە «جەبر» سۆزى «سۇنۇق سۆڭەكنى ئەسلىگە كەلتۈرمەك، تۈزەتمەك، ئوڭشىماق» دىگەن مەنىدە بولۇپ، ياۋروپالىقلار بۇ ئەسەرنى لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا، «ئەل- جەبر» سۆزىنى«ئالگېبىرې» (ئالگېبىرا) شەكىلىدە يازغان. شۇنداق قىلىپ بۇ ئەسەر شەرق ۋە غەربتە جەبر (ئالبېبىرا) ئىلىمىگە مىراس قالدۇرۇشتەك ئورنى بىلەن يۇقىرى قىممەتكە ئىگە.

خارەزىمنىڭ «كىتابۇل- مۇختاسار فىل- ھىسابۇل ھىندى» ناملىق ھېسابقا ئائىت يەنە بىر ئەسىرىنىڭ لاتىنچە تەرجىمىسى ھازىر گامېرا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقلانماقتا. 12- ئەسىردە جۇھاننىس ھىسپالىن تەرىپىدىن لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. «Liber alghorisimit de practica arismetrice» ناملىق شەرھىمۇ، خارەزىمنىڭ ئەرەبچە ئەسلىسى ئېنىق بولمىغان بىر ئەسىرگە ئاساسلانغان ھالدا يېزىلغان بولۇپ، بۇ شەرھى خارەزىمنىڭ ھېساب كىتاپبىنى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك ھالغا كەلتۈرگەن.
ئۇلۇغ ماتېماتىك خارەزىمنىڭ ئىسمى ياۋروپا تىللىرىغا تۈرلۈك شەكىللەردە قۇبۇل قىلنغان بولۇپ، لاتىنچە ئالخورىسمى، ئالگورىتما، ئالگورىزمى، فىرانسۇزچە ئائوگرىسمى ياكى ئاۇگرىمى ئىنگىلىزچە ئائۇگرىم دەپ ئاتالغان. ماتېماتكىدىكى ھېسابلاشنى ئاددىيلاشتۇردىغان بىر سىستېمىنىڭ نامى بولغان «لوگارىتما» دىگەن ئىسىمدىن كەلگەن. ⑿
ھۇنلارنىڭ ئىىزنى باسقان ئاۋارلارنىڭ مەدەنىيەت تەسىرىنىڭ ياۋروپادا ئۇزۇن داۋاملاشقانلىقى مەلۇم. خورۋاتلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەسكىرىي- ئىدارە ئۇنۋانلىرىدىن «بان» (كۆك تۈركچە ‹باغا›، ئاۋار تىلدا ‹باغان› دىيىلىدۇ)، «بويار» ، «يۇغۇرۇش» قاتارلىق ئونۋان ناملىرىغا ئوخشاش ناۋارىنو (ئاۋارىنو – پىيلوس) شەھىرىنىڭ نامىمۇ ئاۋارلارنىڭ خاتىرىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.بولۇپمۇ ھۇنگريەدە بايقالغان ئاۋارلار دەۋرىگە ئائىت (مىلادىيە 558-805- يىللار) ئارخېئولوگىيەلىك ئەسىرلەر- تۆكۈش سايمانلىرى بىلەن ئۈستىگە ھايۋانلارنىڭ سۇقۇشىۋاتقان كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن تەسۋرى بىلەن گىرىفۇن چۈشۈرۈلگەن ئات- ھارۋا جابدۇقلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا تەرەققىي قىلغان سەنئەت ئۇسلۇبىنىڭ (ھايۋان تەسۋىرى ئۇسلۇبى) ياۋرۇپادىكى ئۆرنەكلەر سۈپتىدە قۇبۇل قىلىنماقتا. بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئىزلىرى مېروۋنجىلەر دەۋرىدە فىرانسىيەدىمۇ كۆرۈلگەن. ھۇن دەۋرىدە رىملىقلار بىلىپ يېتەلمىگەن ئۆزەڭگە ياۋروپادا ئاۋارلار ۋاستىسى كەڭ ئومۇملاشتى. ⒀ ئارناۋۇتلۇقتىكى پىروستوۋاس ئالتۇن غەزنىسى ئاۋارلارغار ئائىت بولغىنىغا ئوخشاش، ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقاتلار ئاۋار تۈرك سەنئىتىنىڭ گېرمان ۋە سلاۋيان سەنئىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. مىلادىيە 4- ئەسىرگە قەدەر گېرمان گوتلىرىنىڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھۇن ئىمپېراتورلىقى بىلەن تۈرك ھاكىمىيەتلىرىنىڭ دائىرسىگە كىرگەن سلاۋيان قوۋمىلىرىگە ئائىت ئىشەنچىلىك ۋەسىقىلەر ئاۋارلار دەۋرىدە باشلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن سىلاۋيان تارىخى ئومۇمىي تۈرك تارىخىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. نۇرغۇنلىغان سلاۋيان توپلىرىنىڭ شەرقىي ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ۋە بالقانغا تارقىلىشى ئاۋارلار دەۋرىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ چوڭ دائىرلىك كۆچۈش ئاۋار خانلىقى تەرىپىدىن دېھقانچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە چېگرانى مۇداپىئە قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ خىل يول بىلەن تۈرلۈك سىلاۋيان قەبىلىلىرى تۈگۈنكى ئىلبا دەرياسى بويلىرى، دالماھىيا بويلىرى ۋە بالقانغا قۇبۇل قىلىندى. دىمەك، بۈگۈنكى چىغ ۋە يۈگۈسلاسىيەنىڭ سىلاۋيانلىشىشى ئاۋارلارنىڭ تەسەببۇسى بىلەن بارلىققا كەلگەن. ⒁ مىلادىيە 750- يىللىرى ئۆپچۆرىسىدە ئافىنا ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى جايلاردا «ئاۋارلار» دەپ ئاتالغان سىلاۋيانلار تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇ مەزگىللەردە خورۋاتلارنى ئادرياتىك ساھىلغا باشلاپ كەلگەن رەئىسلىرى ئىچىدە كۈچلۈك، لوبىل (ئالىپ – ئەل)، كۆسېنجى (قوشۇنجۇ)، بۇگا، توغاي قاتارلىق تۈركچە ئىسىملارنى قويغان كىشلەر بار ئىدى.⒂ يەنە شۇ مەزگىللەردە پاننويا (غەربىي ۋېنگرىيە) ۋە مورۋا سىلاۋيانلىرىگە سىلاۋيانلاشقان ئاۋار بەلگىلىرىنىڭ باشچىلىق قىلغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن گېرمان قەبىلىلىرىنىڭ چىغ مەمىلكىتىدىكى يۇرتىدىن ئايرىلىشنىڭ ئاۋار قوماندانلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا بولغانلىقى، بۇ ھادىسىنىڭ گېرمانىيە تەۋەسىدە بايقالغان ئاۋار سەنئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردىمۇ ئىسپاتلانغانلىقى مەلۇم بولدى. شۇنداق قىلىپ، سۈرىيەلىك ئىپىسكوپ جۇھانىسنىڭ مىلادىيە 584- يىلى دىگەن بىر سۆزى بىلەن ئېيتقاندا: «ئەزەلدىن ئورمانلىقلارنىڭ ئىچىدىن سىرتقا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان، ئاۋارلارنىڭ سايىسىدە ئاستىدا ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە ئالتۇن- كۆمۈش، توپ- توپ يىلقا ئىگىسىگە ئايلانغان سىلاۋيانلارنىڭ سىستېمىلىق ھالدا كۆچۈشىگە مەجبۇر قىلىنىشى،بۈگۈنكى كۈندىكى ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا مىللەتلىرى خەرىتىسىنىڭ ئاۋار خانلىقى تەرىپىدىن سىزىلىشىغا يول ئاچقان.» قىسقىسى، سىلاۋيانلار تەشكىللىنىپ ياشاشنى ئوغۇلار ۋە ئاۋارلاردىن ئۆگەنگەن. يۇقىرىدا سۆزلىگىنىمىزدەك، سىلاۋيانلار ئاۋارلارنىڭ چارۋا- ماللىرىنى باقىدىغان پادىچىلىرى ئىدى. سىلاۋيانلار ئاۋارلارغا پادىچى بولۇشنى بىر خىل مەمۇرىيەتكە تەيىنلەنگەندەك قۇبۇل قىلغان. شۇڭلاشقا سىلاۋيان تىللىرىدىكى «زوپان» يەنى «چوپان» سۆزى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر مەمۇرىيەت ئونۋانى سۈپىتىدە زامانىمىزغا قەدەر قوللىنىپ كەلدى. ⒃  

http://erkem.biz/show.asp?id=1348

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-20 12:40:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسا خارەزمىنىڭ كەشپىياتىنى ئىنتايىن مۇھىم كەشپىيات ھېساپلىنىدۇ.................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش