مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 17148|ئىنكاس: 138

مەن ئۇيغۇر، ئوغرى ئەمەس !!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10339
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3029 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 05:38:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                          مەن ئۇيغۇر، مەن شىنجاڭلق مەن ئوغرى ئەمەس !!
                    ( ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان سىتودىنتلانىڭ قىسقىغىنە كەچۈرمۈشى)


مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن. كىندىك قېنىم تۈكۈلگەن، تۇغۇلغان چاغدىكى تۇنجى يىغا ئاۋازىم ۋە تاتلىق كۈلكە ئاۋازىمنى ئاتەشتەك ئىللىق قوينىغا ئالغان ئاشۇ مىھرى ئىسسىق يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ خەقىنڭ يۇرتىدا سەرگەردان بولۇپ ، ماڭا يات ،سوغوق كۆزى بىلەن قارايدىغان جايدا ئوقۇيمەن.
     بۇ يەردە يۇرتۇم شىنجاڭدىكىگە ئوخشاش قۇلاققا ئاڭلنىپ تۇردىغان مۇقام- نەغمىلەر، دىماققا .ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان پولو كاۋاپ ھىدلىرى، كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بادام دوپپا - ئەتلەس كۆينەكلىكلەر، كۈيۈمچان ئاتا- ئانام، مېنى ھەرۋاقىت ئىللىق قوينىغا ئالىدىغان يۇرتۇمنىڭ كۆك ئاسمان، يېشىل يايلاق ۋە بىپايان قۇملۇقلاردىن  ئەسەرمۇ يوق.  ماڭا پۈتۈنلەي ناتۇنۇش بولغان بۇ جايدا ماڭا  بىر ياتاقتا ياتىدىغان بىر نەچچە ئۇيغۇر ساۋاقدېشىم ، بىر نەچچە پەرچە دەرىسلىك كىتابىم ، ئۇلۇغ غايەم ۋە يۇرتۇمغا بولغان سېغىنشىم ھەمرا.  
       مەن دائىم '' نېمىشقىمۇ بۇنداق جايغا ئوقۇيمەن دەپ كەلگەندىمەن، شىنجاڭدىمۇ ئالىي مەكتەپ دېگەن نۇرغۇن تۇرسا  خەقنىڭ يۇرتىدا نېمە بار ماڭا ؟؟ شىنجاڭدا بولغان بولسام ھازىرقىدەك خورلۇققا قالماستىم '' دەپ ئويلاپ قالىمەن. سىز بەلكىم بۇ بالا نېمە خورلۇقتا قالغاندۇ دەپ ئويلاپ قالغانسىز ، بۇ مۇنداق ئىش.
     كۆپچىلىك بەلكىم بەزى نىيىتى قارا ئىپلاسلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئاق-قارىنى پەرىق ئىتىلمەيدىغان سەبىي بالىلارنى ئالداپ ئىچكىرگە ئېلىپ كىلىپ ئوغرلىققا سالغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرنى ئاڭلغان بولشى مۇمكىن. دەل ئاشۇ كشىلەرنىڭ گۇناھى ماڭا ئوخشاش ئىچكىردە ئوقۇيدىغان سىتودىنتلارغا ئارتىلىپ قېلىۋاتىدۇ.
     ئىچكىردىكى نۇرغۇن ئادەملەر '' شىنجاڭلىق''،'' ئۇيغۇر '' دىگەن سۆزلەرنى ئاڭلسىلا  كاللسىغا تۇنجى بولۇپ ''ئوغرى'' دېگەن ئۇقۇم كېلىدىكەن. مەن بۇ خىل ئەھۋالغا ئاز ئۇچرىمىدىم، بۇنداق ئەھۋالغا پەقەت مەنلا ئەمەس بەلكى ماڭا ئوخشاش ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلامۇ دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ.  
     بىر كۈنى مەن مەكتەپنىڭ يېندىكى سودا ساريىغا  نەرسە-كېرەك سېتۋالغىلى چىقتىم. مېنىڭ تەقى-تۇرقۇم بۇ يەردىكىلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بولغاچقمىكىن دۇكاندار مېنى چەتئەللىك دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك  مەندىن  '' سىز قايەردىن كەلدىڭىز، خەنزۇچە سۆزلىيەلەمسىز ؟؟'' دەپ سورىدى. مەن دۇكاندارغا  '' مەن چەتئەللىك ئەمەس، مەن جۇڭگۇلۇق، شىنجاڭدىن كەلدىم '' دەپ جاۋاپ بەردىم، بۇنى ئاڭلىغان دۇكاندار دەرھاللا '' ئۇيغۇرمۇ ؟ '' دەپ سورىدى، مەن  '' شۇنداق ، مەن ئۇيغۇر، سىز قانداق بىلىۋىلدىڭىز ؟؟ '' دېدىم. لېكىن ئويلمىغان يەردىن دۇكاندارنىڭ بايىقى ئوتتەك قىزغىن مۇئاملىسى ئاللىقاياقلارغا غايىپ بولغان ئىدى، ئۇنىڭ بايىقى خوشخۇي چىرايىنىڭ ئورنىنى مانا ئەمدى بىراۋدىن قورقۇۋاتقاندەك ئەنسىز ھەم غەلىتە چىراي ئىپادىسى ئېگەللىگەن ئېدى.
     مەن نېمە ئىش بولغانلقىنى ئاڭقىراپ بولغۇچە دۇكاندار ماڭا قاراپ '' ھازىر دۇكاننى تاقايمەن، مال ساتمايمەن'' دېدى. مەن بۇ ئىشتىن ئازراق غەلتەلىك ھىس قىلىپ باشقا دۇكانغا كىردىم. بۇ دۇكاننىڭ خوجايىنى مەندىن '' سىز قەيەردىن كەلدىڭىز، قارىسام ئەرەبىستاندىن كەلگەندەك قىلىسىز ، شۇنداقمۇ ؟ '' دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا '' مەن چەتئەللىك ئەمەس، مەن ئۇيغۇر، شىنجاڭدىن كەلدىم '' دېدىم. لېكىن بايقىغا ئوخشاشلا سوغوق مۇئاملىگە ئۇچرىدىم.
      شىنجاڭدىكى بەزى نىيىتى قارا كىشىلەر نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر باللرىنى ئىچكىرگە ئالداپ ئېلىپ چىقىپ ئوغرلىققا سېلىپ شىنجاڭلىقلارنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ بولغان، شۇڭا بىزدەك بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلار ئاشۇ نائەھلىلەرنىڭ جىنايىتنىڭ جازاسىنى تارتىۋاتمىز، باشقىلارنىڭ كەمستىشى ۋە ھاقارەتلشىگە ئۇچراۋاتىمىز.
      مەن يېقىندا دوستلرىمنىڭ QQ  بوشلقىدىن مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم.
       مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتىكى بىر خەنزۇ قىزنىڭ  iphone 4 سى يۈتۈپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ قىز بۇ ئىشنى ئوغۇل دوستىغا ئېيتىپتۇ، ئۇ قىزنىڭ ئوغۇل دوستى شۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتقىغا كىرىپ ئۇلارنىڭ ياتقىنى ئاختۇرۇپتۇ، لېكىن ھېچنەرسە تاپالماپتۇ. بۇ ئىش بۇ مەكتەپتكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتتىق غەزپىنى كەلتۈرۈپتۇ. ئاخىرى مەكتەپ رەھبەرلرىنىڭ ئارلىشىشى بىلەن ھېلقى ئوغۇل بالا شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلاردىن كەچۈرۈم سوراپتۇ.
     ............
     بۇنداق چاغلاردا مېنىڭ سەبىي بالىلارنى ئوغرلىققا سالغان ئاشۇ كىشىلەرگە بولغان نەپرەتلكىم كېلىدۇ. ئۇلار ئازغىنە پۇلنى دەپ بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ يۇزىنى تۆكۈپ بولدى، بىزدەك بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارنى باشقىلارنىڭ كەمستىشىگە قويدى.
     يۇرتمىزدىن، ئاتا-ئانىمىزدىن ، يېقىن دوستلرىمزدىن ئايرىلىپ يىراق-يىراقلارغا ئوقۇشقا كەلگەن بىز ئەسلىدە باشقىلارنىڭ كۆينىشى، غەمخورلۇق قىلىشىغا مۇھتاج ئېدۇق، لېكىن بىز بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ھېچقايسسىغا ئېرىشەلمىدۇق.  
     مەيلى قانداق بولمىسۇن مەن شىنجاڭلىق!! مەن ئۇيغۇر!! مەن ئوغرى ئەمەس !! بىز ئوقۇغۇچى، بىز شىنجاڭلىق، بىز ئۇيغۇر، بىز ئوغرى ئەمەس !!  
   




       مەنبە: باشتىن كەچۈرگەنلىرىم ۋە ئاڭلىغانلرىم
       ئاپتورى: لىياۋنىڭ پىداگوكا ئۇنۋرسىتىتدىن ھەزرتېلى.
       2012-يىل 2-ئاينىڭ 29- كۈنى.


   

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18545
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7138
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 2462 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 06:12:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن غورۇر ۋىجدانىڭىز باكەن. بەزەنبىر ئىپلاسلا يۈزمىزنى تۆكۈپ بولدى .

ھايات مەن ئۈچۈن  ھەممىدىن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت .
لىكىن كىچىمەن ھەرئىككىسىدىن ،
ئازاتلىق ئەركىنلىك ئۈچۈنلام پەقەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4523
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 06:23:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرنىڭ سېسىقى مىڭغا  دەپ  ھەممىمىزنى  سېسىتىپ  بولدى  بۇ  مەلئۇن  ئوغرىلار.  بۇ يامان  نىمىنداق  تىز  يۇقىدىغاندۇ دەيمەن  بىزگە.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4011
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 06:24:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-2-29 06:19 PM
شۇڭا ئالىم كاۋاپدەك ئادەملەر تېخىمۇ كۆپىرەك چىقسا  بول ...

ئالىم كاۋاپ ئەمەس،ئالىمجان كاۋاپچى دەڭ !...ھى...ھى...

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4011
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 06:25:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست دەيسىز ! يېمىگەن لەغمەنگە پۇل تۆلەپ بىز ئوقۇغۇچىلار.....

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72219
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3462
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 06:28:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي، ئىچكىرىدە ياخشى ياشاپ، ياخشى يۈرىۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىز بەك ئاز بولسا كېرەك. پۇلنى سۈپۈرۈپ كېلىدىغاندەك قىلماي، مۇشۇ يەردە توي قىلىپ ئۆي تۇتۇپ خاتىرجەم يۈرسىكەن دەيمەن.

زەر ئەمەسكە خار ئەمەسمەن، ئوتى يوق يۈرەككە پار ئەمەسمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76250
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2012-2-19
ئاخىرقى: 2012-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 06:32:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئەمەسمۇ،بۇنداق ئىشلار بىزگىمۇ كۆپ ئۇچرىغان،،ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ.........

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16334
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 4043 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 06:35:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۈكۈمەت ھەممە ئىشنى قىلالايدۇ ، كۈچى يەتمەيدىغان يەر يوق نىمە ئۈچۈن ئۇلارغى ئۈزۈل ك-كىسىل زەربە بەرمەيدۇ .
مەن بۇ ئىشلاردىن بەكمۇ ھەيران ياكى بىرە قىيىنچىلىق بارمۇ ئۇ قانۇنسىز سودىگەرلەرنى يۇقىتىشقا.

دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 722
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5168
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 618 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 06:36:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غورۇرلۇق يىگىتكەنسىز،تېخىمۇ جىگەرلىك بولۇڭ!گەرچە بىر قىسىم چۈپرەندىلەر ئابرويىمىزنى تۆكۈپ بولغان بولسىمۇ،لېكىن يەنە نۇرغۇنلىغان قىز-يىگىتلىرىمىز تىرىشىپ ئوقۇپ،ئىشلەپ مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلماقتا،سىزنىڭمۇ شۇنداق قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61891
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4100
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2011-10-23
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 06:37:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيسېز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش