ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم !
دىققەت قىلسام بۇ مۇنبەردە فىلىم كىرىشتۈرۈشكە قىزىقىدىغانلار كۆپ ئىكەن. شۇڭا مەن مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ، فىلىم كىرىشتۈرۈشكە قىزىقىغانلار ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىدىم.
فىلىم كىرىشتۈرۈشتىن خەۋىرى يوقلارغا نىسبەتەن كىرىشتۈرۈلگەن فىلىم، بەك مۇرەككەپ، مەشخۇلات بەك قىيىندەك ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە فىلىم كىرىشتۈرۈش مۇرەككەپ ئەمەس. بىرقانچە كۈن زېھنىڭىزنى سەرىپ قىلسىڭىز ئاسانلا بىلىۋالىسىز.
نۆۋەتتە فىلىم ئىشلەش، كىرىشتۈرۈش دېتاللىرىنىڭ تۈرى كۆپ. مەسىلەن: CyberLink PowerDirector ،EDIUS ... توي فىلىم ئىشلىگۈچى ئۈچۈن EDIUS مۇۋاپىق دەپ قاراپ مۇشۇ سېستېمىنى تەۋسىيە قىلدىم. قېنى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ.
EDIUS نى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://www.verycd.com/topics/436068/
ئەگەر باشقا نەشرى ياكى ئۈگىتىش دەرسلىكلىرى لازىم بولسا ئۇيغۇرچە ئىزلەش ماتورىدىن ئىزلەڭ
CyberLink PowerDirector نى چۈشۈرۈش ئادرېسى
http://xz.soubu.net/soft/4033.htm
دەلىل كودى:
DW542364973PQ595
CyberLink PowerDirector نى ئىشلىتىش EDIUS تىن كۆپ ئاسان بولۇپ، كەمچىلىكى ئۇيغۇرچە خەتنى تونۇمايدۇ.
EDIUS قا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش ئۈچۈن سىزنىڭ كومپىيوتېرىڭىزدا خالىغان بىر ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش دېتالى بولسىلا بولىدۇ، خەت كىرگۈزۈرۈش ئورنىدا تۇرۇپ بىۋاستە كىرگۈزسىڭىزمۇ ياكى كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
CyberLink PowerDirector نىڭ نەشرى ھازىر 11 گە يەتتى. مەن يوللىغان ئادرېستا 3.1 نەشرى بار. دەسلەپتە ئۆگەنگۈچىلەرنى چىقىش قىلىپ، مۇشۇ ئادرېسنى يوللىدىم. باشقا نەشرى لازىم بولسا بەيدۇدىن تاپالايسىز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-29 03:47 PM