|
|
|
|
ماتېماتىك ئېۋكلىد
بۈيۈك يۇنانىستان ماتېماتىكى ئېۋكلىد ئۆزىنىڭ گىگانت ئەسىرى «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» بىلەن بىللە شۆھرەت قازانغان. بۇ دۇنيادا ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ كەڭ تارالغان ماتېماتىكا ئەسىرى بولۇپ،2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئىزچىل ھالدا پۈتۈن دۇنيادىكى ماتېماتىكا ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ مۇھىم دەرسلىكى بولۇپ كەلمەكتە، كوپېرنىك، گالىلېي، دېكارت، نيۇتون قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» نى ئۆگەنگەن، ئۇنىڭدىن مول ئوزۇق ئېلىپ، بۈيۈك نەتىجىلەرنى ياراتقان. ئېۋكلىد ئۆمرىدە نۇرغۇن ماتېماتىكا ئەسەرلىرىنى يازغان، «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قەدىمكى دەۋردىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئېرىشكەن گېئومېتىرىيە بىلىملىرىنى يەكۈنلەپ، ئومۇم ئېتىراب قىلغان بەزى پاكىتلارنى ئېنىقلىما ۋە ئاكسىئومىغا ئايلاندۇرۇپ، فورمال لوگىكا ئۇسۇلىنى ئاساس قىلغان ھالدا بۇ ئېنىقلىما ۋە ئاكسىئومىلاردىن پايدىلىنىپ ھەر خىل گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلدى ۋە بۇ ئارقىلىق بىر يۈرۈش ئاكسىئوما، ئېنىقلىمىنى چىقىش قىلغان، ھۆكۈملۈكلەرنى ئىسپاتلاپ تېئورېمىلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر يۈرۈش گېئومېتىرىيىلىك ئىسپاتلاش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىپ، بىر مۇكەممەل لوگىكىلىق سىستېما − گېئومېتىرىيىنى شەكىللەندۈردى. «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» دا23 ئېنىقلىما،5 پوستولات،5 ئاكسىئوما،467 ھۆكۈملۈك بار.
ماتېماتىك ئېۋكلىدنىڭ گىگانت ئەسىرى
«گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» ئەسلى نۇسخىسىنىڭ پارچىسى
«گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» نىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى قوليازما ئىدى، كېيىن دۇنيادىكى ھەرقايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۇنىڭ تارقىلىش مىقدارى «ئىنجىل» دىن كېيىنلا بولۇپ،2 - ئورۇندا تۇرىدۇ.19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فرانسىيە ماتېماتىكى لېگېندر ئېۋكلىدنىڭ ئەسلىي ئەسىرىنى ھازىرقى زامان تىلىدىكى گېئومېتىرىيە دەرسلىكى قىلىپ يېزىپ، ھازىرقى ھەممىباب گېئومېتىرىيە دەرسلىكىگە ئايلاندۇردى. «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا (1607 - يىلى) جۇڭگوغا كىرگەن، ئۇنى ئېلىمىز ئالىمى شۈ گۇاڭچى بىلەن ئىتالىيە مىسسىئونېرى رىمادو بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان بولۇپ، ئېلىمىزدە تەرجىمە قىلىنغان غەربنىڭ تۇنجى ماتېماتىكا ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» نىڭ ماتېماتىكا تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى باشقا ھەرقانداق كىتابتىن ئېشىپ چۈشىدۇ. بىر تەرەپتىن، ئۇ ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ نەزەرىيە - ئاساسلىرىنىڭ بىرى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ كىشىلەرگە بىر يۈرۈش ئىلمىي گېئومېتىرىيە ئىدىيىسىنى ئاتا قىلدى.
«گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى»نىڭ1857-يىلى
ساڭخەيدا خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلىنغان ئەڭ دەسلەپكى نۇسخېسى
ماتېماتىك ئېۋكلىدنىڭ گىگانت ئەسىرى «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى»نىڭ تەتقىقات خاراكتىدىكى ئىلمىي ماقالىلاردا ئايرىم بۆلەكلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ ، لىكىن بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسلى تولۇق تەرجىمىسى تىخى مەيدانغا كەلمىدى.
بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://matimatik.blogbus.com/logs/69535352.html
|
|
|
|
|
|