يان تېلېفون قانداق بولۇپ خىشقا ئايلىنىپ قالدى؟
−تېز يوللانما كەسپىدىكى قالايمىقانچىلىقنى تەكشۈرۈشتىن خاتىرە
ئىشچى-خىزمەتچىلەر تىل بىرىكتۈرۈپ، يان تېلېفۇن، كومپيۇتېرنى خىشقا ئالماشتۇرۇۋەتكەن
بۇلتۇر چاغان ھارپىسىدا، بېيجىڭ «جەيجىسۇڭ» شىركىتى قىممىتى 4000 يۈەنچە كېلىدىغان يان تېلېفون پوسۇلكىنى مەزكۇر شىركەتنىڭ تۇڭجۇ رايونى دۇڭگۇەن تىجارەت نۇقتىسىغا ئەۋەتىپ بەردى. تىجارەت نۇقتىسىنىڭ دىرېكتورى سۈن لىمىن كۈندە توشۇلۇۋاتقان بۇ پوسۇلكىلارنى كۆرۈپ، نىيىتىنى بۇزدى. ئۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، پوسۇلكىنى ئېچىپ، يان تېلېفوننى خىشقا ئالماشتۇردى ھەم ئۇنى «جەيجىسۇڭ» شىركىتىنىڭ بېيجىڭدىكى تىجارەت نۇقتىسىغا ئەۋەتىپ بەردى.
سۈن لىمىن تۇنجى قېتىملىق كۆز بويامچىلىقنىڭ تەمىنى تېتىپ قالدى. ئەمما ئۇ بۇنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنى تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى دەپ تونۇشتۇرغان ما جيەنلى ۋە زۇڭ شياۋدۇڭدىن ئىبارەت ئىككى يۇرتدىشىنى ئويلىدى.
ما جيەنلى بىلەن زۇڭ شياۋدۇڭ سۈن لىمىننىڭ كۆرسەتمىسىنى ئوبدان چۈشىنەتتى. شۇڭا زۇڭ شياۋدۇڭ قىممەت باھالىق بۇيۇم قاچىلانغان، ئاسان ئوراپ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغان تېز يوللانمىلارنى يوللاشتا، سۈن لىمىن ۋە ما جيەنلىگە تېلېفون قىلىپ، پوسۇلكىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرەتتى.
ئۇچۇر يەتكۈزۈش، پوسۇلكىنى ئېچىپ تەكشۈرۈش، ئەسلىدىكىگە ئوخشاش ئوراش، قوبۇل قىلماسلىق، قايتۇرۇۋېتىش، ھارام مالنى مەخسۇس كىشى سېتىش... تېز يەتكۈزگۈچىدىن تىجارەت نۇقتىسىدىكى دىرېكتورغىچە، بۇلاردىن يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىغىچە ھەر قايسىسى ئۆز «ۋەزىپىسى»نى بېجىرىپ، ئىش ئايرىمىسى ئېنىق، قاتتىق ماسلاشقان، يۈرۈشلەشكەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەشغۇلات لىنىيەسى شەكىللەندۈردى.
مەزكۇر دېلونىڭ ئەيىبلىگۈچىسى بېيجىڭ شەھىرى تۇڭجۇ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ياردەمچى تەپتىشى خېي جيەنتۇڭ مۇخبىرغا: بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە يەتكۈزۈلىدىغان قىممىتى 25 مىڭ يۈەنلىك يەتتە يان تېلېفون يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، «جەيجىسۇڭ» شىركىتى تۇڭجۇغا مالنىڭ ھېسابىنى قىلغىلى كەلگەندىلا ئاندىن بۇ ئىش ئاشكارىلاندى، دېدى.
تېز يەتكۈزۈش ساھەسىدە قالايمىقانچىلىق كۆپىيىپ قالدى، ئىستېمالچىلارنىڭ سەۋر-تاقىتى چەككە يەتتى
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پوسۇلكا ئالماشتۇرۇش قىلمىشىدىن باشقا، تېز يەتكۈزۈش ساھەسىدىكى تۈرلۈك غەلىتە ئەھۋاللار ئىستېمالچىلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ئىستېمالچىلار تېز يەتكۈزۈش ساھەسىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى «تۆت چوڭ نۇقتا»غا يىغىنچاقلىدى:
بىرىنچى چوڭ نۇقتا: «تېز يەتكۈزۈش ئاستا يەتكۈزۈشكە ئايلاندى»، پوسۇلكىنى كېچىكتۈرۈش دائىملىق ئىش بولۇپ قالدى. بۇلتۇر «1 - ماي»دىن كېيىن، بېيجىڭدىكى جاڭ فەن ئائىلىسىدىكىلەر يۈننەندىن تېز يوللانما قىلىپ ئەۋەتكەن بىر يەشىك ئەنبەھنى تاپشۇرۇۋالغان، ئەمما بۇ نەرسىلەر قولغا تەگكۈچە سېسىپ كەتكەنىدى. دۆلەت پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، چاغان مەزگىلىدە تېز يوللانمىلارنى كېچىكتۈرۈش توغرىسىدىكى ئىنكاس، ئەرزلەر ناھايىتى كۆپەيگەن.
ئىككىنچى چوڭ نۇقتا: تېز يوللانما يوقاپ كەتكەن. جۇڭگو خوتەن قاشتېشى تورى − بېيجىڭ يىغىپ كۆرگەزمە قىلىش مەركىزىدىكى تيەن ئەپەندى 2011-يىلى 12-ئايدا قىممىتى 30 مىڭ يۈەنلىك خوتەن قاشتېشىنى «شېنتۇڭ» تېز يوللانما شىركىتى ئارقىلىق بېيجىڭ پۇل مۇئامىلە كوچىسىدىن ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇخەيگە يوللىغان، ئەمما 20 نەچچە كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، قارشى تەرەپ مالنى تاپشۇرۇۋالمىغان. تيەن ئەپەندىنىڭ كۆپ قېتىم دېرىكىنى قىلىشى بىلەن شېنتۇڭ شىركىتىدىكىلەر مالنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى، ئەمما توشۇش ھەققىنىڭ بەش ھەسسىسىچىلىك تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەم ئۇنىڭ ھۆكۈمەت تور پونكىتىدىكى توشۇش تالونىغا ئالاقىدار نومۇرلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.
ئۈچىنچى چوڭ نۇقتا: مال تەكشۈرۈشنى رەت قىلىش مۇشتۇمزور شەرتكە ئايلاندى. بېيجىڭدىكى لى ئەپەندى 2011-يىلى 9 - ئايدا توردىن ئائىلە سايمىنى سېتىۋالغان، تېز يەتكۈزگۈچى مالنى لى ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەندە، لى ئەپەندىم مالنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى تەلەپ قىلغان، مال يەتكۈزگۈچى تالونغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن مالنى ئېچىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لى ئەپەندىم مالنى ئاچقاندا، يۆتكەش جەريانىدا سوقۇلۇپ، سايمانغا دەز كەتكەنلىكىنى بايقىغان، ئەمما ئۇ بۇنى تۆلىتىشكە ئامالسىز قالغان.
تۆتىنچى چوڭ نۇقتا: كاپالەت سوممىسىنى خالىغانچە بېكىتىش، ئىشتىن چاتاق چىققاندا تۆلەم بېرىشنى رەت قىلىش. تېز يەتكۈزۈش تىجارەت نۇقتىسىدىكى خىزمەتچى خادىم مۇنداق دېدى: كاپالەت سوممىسىنىڭ قانچىلىكلىكىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز، بىز پەقەت كاپالەت سوممىسىنىڭ %1ى بويىچە كاپالەت ھەققى ئالىمىز.
باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ۋەزىپە بولۇپ قالدى
تېز يەتكۈزۈش ساھەسىدە يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەر ساقلانغاندىن سىرت، قاتتىق باشقۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ كەمچىلىكى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ يېتەرسىزلىكى، جازالاش تەدبىرى، ئۆلچەملىرىنىڭ قاتتىق بولماسلىقى ئىستېمالچىلارنىڭ شىكايەت قىلىش، تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى.
دۆلەت پوچتا ئىدارىسى 2011-يىلى 8-ئايدا تۇنجى قېتىم «تېز يەتكۈزۈش مەشغۇلاتىنىڭ يېتەكچى قائىدىسى»نى ئېلان قىلىپ، مەدەنىيەتسىز تۈرگە ئايرىش قاتارلىق قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەر توغرىسىدا تېخنىكىلىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما قائىدە چىقىرىلغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمىدى. مۇخبىر تېز يەتكۈزگۈچىلەرنى زىيارەت قىلغاندا، بەزىلەر: ھەممە ئىشنى ئۆلچەم بويىچە قىلىمەن دېيىش بەك تەس. بۇنىڭدا ئۆزىنى سورايدىغان ئاڭ بولمىسا بولمايدۇ، دېدى. كۆپ سانلىق كىشى «قائىدە»نى ئىجرا قىلىش تەس، دېدى.
جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقات مەركىزىدىكىلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك مالنى ئۆز قەرەلىدە ئالالماسلىق، زوراۋانلىق بىلەن تۈرگە ئايرىش قاتارلىق قىلمىشلارغا ناھايىتى غەزەپلىنىۋاتىدۇ، «قائىدە»دە بۇ ھەقتە ھېچقانداق كونكرېت بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى.
بۇلاردىن باشقا، ئىستېمالچىلارنىڭ تۆلەم مەسىلىسىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرمۇ چۈشىنىكسىز. پوچتا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، تېز يەتكۈزۈش رىقابەتلىك كەسىپكە تەۋە، بۇنىڭغا ئالاقىدار تۆلەم ئىشلىرىنى ھەق تەلەپ قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، كونكرېت ھالدا توختام قانۇنىغا ئاساسلىنىش كېرەك. ئەمما توختام قانۇنىدا تېز يوللانمىنى يوقىتىپ قويغاندا، قانداق تۆلەم بېرىش توغرىسىدا جانلىق بەلگىلىمە چىقىرىلمىغاچقا، كارخانا تۆلەم ئۆلچىمىنىڭ مۇۋاپىق بولغان - بولمىغانلىقىنى بېكىتىش تەس.
شۈ يۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى قانۇن-نىزاملار ئاساسىدا ئالاقىدار مۇلازىمەت، تۆلەم بېرىش قاتارلىق ئۆلچەملەرنىڭ ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشىنى كۆپەيتىپ، ئىستېمالچىلارنى تۆلەم ئىشلىرىدا ئاساسلىنىدىغان قانۇنغا ئىگە قىلىش كېرەك. تېز يەتكۈزۈش ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەھەتتە، بىرىنچىدىن تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت كەسپى كاپالەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، بۇ ساھەگە كىرگەن كارخانىلاردىن كاپالەت ھەققى ئېلىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن تۆلەم فوندى تەسىس قىلىش، كارخانا سەۋەبىدىن ئىستېمالچىلارغا زىيان يەتسە كۆپرەك تۆلەم بېرىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، تېز يوللانما كارخانىسىنىڭ دەرىجىسىنى تېزدىن باھالاپ بېكىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تاللىشىغا قولايلىق يارىتىش كېرەك.
مەنبە:جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئۇلىنىش:
http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201202/t20120228_266601.html