مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 964|ئىنكاس: 1

ئابدۇراھمان جامىي - باھارىستان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14591
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 11:53:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باھارىستان


ئۇلۇغشائىر نەۋايىنىڭ دوستى، زاماندىشى ۋە مەسلەكدىشى ئابدۇراخمان جامىي 1414-يىلىخۇراساننىڭ جام دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ئەجداتلىرىئىسپاھان شەھرىدىن ئىدى. جامىي كىچىك دادىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەينىزاماندىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان بۈگۈنكى ئافغانىستاننىڭ ھېراتشەھرىگە كېلىپ ماكانلاشقان ۋە مانا شۇ جايدا ياشاپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.بۇ دەۋرنى ئەدەبىياتتا نەۋايى-جامىي دەۋرى دەپ ئاتاش ھەم مۇمكىن. چۈنكى بۇ ۋاقىتتائەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي مەزمۇندارلىقى ئۈچۈن كۈرۈشكەن ۋە ئۇنى يېڭىچە بەدىئىيچوققىلارغا كۆتۈرەلىگەن شائىرلارغا مانا شۇ ئىككى كاتتا ئەدىب باشچىلىق قىلغانىدى.

     ئەنئەنىلەرگە باي پارىس-تاجىك ئەدەبىياتىتەرەققىياتىنىڭ بەش يۈز يىللىق تارىخىنى يەكۈنلەپ ئۇنىڭ كاتتا ئۇتۇقلىرىنى ئۆزئىجادىدا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئەكس ئەتتۈرەلىگىنى ۋە ئۇنىڭغا يەنىمۇ تەرەققىيات يولىئېلىپ كەلگىنى ئۇلۇغ شائىر ئابدۇراخمان جامىي( 1414~1492) بولدى.

     جامىي ئىنتايىن كۆپ شېئىرى ۋە نەسىرىئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى بولۇپ، بۇلار ئارىسىدا ئۇنىڭ باھارىستان ناملىق كىتابىئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ ئەسەرنى ئەلشىر نەۋايى <<ھايات باھارىستانى ۋەنىجات نىگارىستانى>> دەپ ئاتىغانىدى.

     جامىي بۇ ئەسەرنى ھىجرىيە 892-يىلى 65يېشىدا يازغان بولۇپ، بۇ بىزنىڭ مىلادىيە يىلى ھېسابىمىزدا 1486 ~ 1487 – يىللارغاتوغرا كېلىدۇ. جامىينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەسەرنى 10 ياشقان كىرگەن ئوغلى زىياۋۇددىنيۈسۈپكە ئاتاپ يازغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىن بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ ئەسلىدىكىتەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كېتىپ، كىشىلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان، تەلىم-تەربىيە ئالىدىغانئوقۇشلۇقىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ھەتتا كېيىنكى يىللاردا بۇ كىتاب كۆپلىگەن شەرىقمەملىكەتلىرىدە دەرىسلىك كىتابى بولۇپ، پارىس تىلى، ئەخلاق ۋە ئەدەبىياتئوقۇتۇشىدا مۇھىم روللارنى ئوينىغان، بىزنىڭ كونا مەكتەپلىرىمىزدىمۇ كەڭ تۈردەپايدىلنىلغان.

     كىتاب سەئىدى شىرازىينىڭ<<گۈلىستان>> ناملىق ئەسەرى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇ سەككىزبابتىن ئىبارەت. ھەربىر بابى چىمەنزارغا تەققاسلىنىپ، <<باغ>> دەپئاتالغان. ئۇنىڭ بىرىنچى بېغىدا ئاشۇ زامان شەيخلىرىنىڭ، سوپى-ئىشانلىرى ھەققىدە،ئۇلارنىڭ خەلققە يېقىنلىقى، ھاكىم ۋە خانلارنى ئادالەت يولىغا ئۈندەپ تۇرغانلىقىھەققىدە ھېكايە قىلىنىدۇ.

     <<ئىككىنجى باغ>> دادانىشمەنلەر، پەيلاسوپ ھەكىملەر، تارىختا ئۆتكەن دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ھېكمەتلىكسۆزلىرى، نازۇك ئىبارىلىرى كەلتۈررۈلىدۇ، ھاياتتىن ئېلىنغان ۋەقەلەرگە بىرلەشتۈرۈپجەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق نەسىھەتنامىلەر يارىتىلىدۇ.

     <<ئۈچۈنچى باغ>> پادىشاھلارھەققىدىكى زىكىر بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇئەللىپ مەملىكەتتە ئەدل-ئىنساب ئورىنتىش،رەئىيەتپەرۋەرلىك ھەققىدە مول مەزمۇنلۇق ھېكايەت ۋە ھېكمەتكە تولغان شېئىرىيپارچىلارنى كەلتۈرىدۇ.

     <<تۆتىنچى باغ>>دا سېخىيلىق،مەردلىك، ئالىيجاناپلىق، ياخشىلىق، شىجائەت... قاتارلىق ئىنسانىي خىسلەتلەرھەققىدە ھېكايە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىكى ھېكايىلەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنسانغا ۋە ئۇنىڭمېھنىتىگە ھۆرمەت قىلىش ھېسلىرىنى تەربىيەلەيدۇ.

     <<بەشىنچى باغ>> ئىشىق-مۇھەببەتسۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىنسانىيەتتىڭ ئەڭ يۈكسەك ھېسىياتىلىرى، پاكىز مۇھەببەتتۇيغۇلىرى تەرىپلىنىدۇ.

     <<ئالتىچى باغ>>دا ھەزىل،ھەجىۋىي ھېكايە ۋە لەتىپىلەر جەملەنگەن. ئۇنىڭدا مۇئەللىپ ئۆز دەۋرىدىكى دۆلەتمەمۇرلىرىنىڭ خىيانەتكارلىقى، مۇپتى ۋە قازىلارنىڭ رىياكارلىقى، تىۋىپلارنىڭنادانلىقى، بەدۆلەت كىشىلەرنىڭ مال-مۈلۈككە ھېرىسمەنلىكى، پەس تەبىئىيتى ۋەمەيپەرەسلىكى، يالغانچىلىق قاتارلىق يامان ئادەتلەر ئۈستىدىن كۈلىدۇ.

     <<يەتتىنچى باغ>>دا شېئىرىيەتۋە شائىرلار ھەققىدە سۆز بولىدۇ. بۇ باب ئۆزىگە خاس تەزكىرە بولۇپ ئاشۇ دەۋرئەدەبىياتى، شائىرلىرى ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇماتلارنى جەملەش بىلەن بىرگەئۇلارنىڭ ئىجادىدىن نەمۇنىلەر كەلتۈرۈلىدۇ ھەم مۇئەللىپنىڭ شېئىر ۋە شىېئىرىيەتھەققىدىكى شەخسىي پىكىر ئويلىرىمۇ ئىزھار قىلىنىدۇ.

كىتابنىڭ ئاخىرىدىكى<<سەككىزىنچى باغ>> تەلىم-تەربىيە مەزمۇنىدىكى ئىبرەتلىك ۋەنەسىھەتلىك مەسەللەردىن ئىبارەت. <<باھارىستان>>دا ئەدىب ئۆز دەۋرىنىڭئىلغار خەلقچىل غايىلىرى — ئىنسانپەرۋەرلىك، ئىنساننىڭ ئىنسانغا تەۋە بولماسلىقى،شەخسىي ئەركىنلىك، دۇنيادا ئىلىم-مەرىپەتكە ئىنتىلىش، تاماگەرلىكتىن يىراق تۇرۇش،ئۆز مېھنىتىنىڭ ھوسۇلىغا قانائەت قىلىش، ئەدەب-ئەخلاق، توغرىلىق راستچىللىق، ۋەباشقا كۆپلىگەن ئالىيجاناب خىسلەتلەر ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى تاتلىق ھېكايىلەردىكىيارقىن ئوبرازلار ئارقىلىق تەلقىن قىلىپ بېرىدۇ. ئاساسەن خەلقتىن ئىلغار بۇھېكايىلەر گۈزەل شېئىرىي ئافورىزىملار يەكۈنلىنىدۇ.

     شۇنىڭئۈچۈنمۇ <<باھارىستان>> پەقەت شەرىقتىلا ئەمەس بەلكى غەرىبمەملىكەتلىرىدىمۇ كاتتا شۆھرەت قازىنىپ 18- ئەسىردە روس، نېمىس، ئىنگىلىز،فىرانسۇز، ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.

     بىزمۇبۇ نادىر كىتابنى تۇنجى قېتىم ئۆز تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە تەييارلىدۇق ۋەبۇ قىسقا كىرىش سۆزنى ئابدۇراخمان جامىينىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى بىلەنئاخىرلاشتۇرۇشنى لايىق تاپتۇق:

سەير ئەيلە بۇ<<باھارىستان>>دا،

كۆرۈنەر ئۇندا ئۇز گۈلىستانلار.

لاتاپەتتىن ھەر گۈلىستاندا،

گۈللەر ياشناپ، پۇرار رەيھانلار.



مۇقەددىمە


بۇ خۇش كۆڭۈل ۋاقتىمزداقەدرلىك زىياۋۇددىن يۈسۈپ ئەرەب تىلىنىڭ دەسلەپكى قائىدىللىرىنى توپلاش بىلەنشۇغۇللىنىشقا باشلىدى. مەلۇمكى كىچىك بالىلار ۋە تەجىربىسىز ياشلارنىڭ قۇلىقىغاناتونۇش ئاتالغۇلار ۋە تەبىئىيتىگە يىراق ئۇقۇملار ئاڭلانسا، ئۇلارنىڭ قەلبىنىبىئارام قىلىدۇ، خاتىرىسىگە ۋەھىمە چاڭلىرى قونىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ دىلىغامۇرۋۋەت، خاتىرىسگە قۇۋۋەت بېغىشلاش مەقسىتىدە مەشھۇر شەيىخ مۇسلىھىددىن سەئىدىيشىرازىينىڭ <<گۈلىستان>>ىدىن:

<<گۈلىستان>>ئەمەستۇر جەننەتتىن نىشان،

خەشەك-تىكىنىمۇ ئەنبەرگىدۇر جان.

جەننەت دەرۋازىسى ئۇندىكى بابلار،

ئۇنتۇلماس قىسسەلەر چىن ھەۋزىكەۋسەر.

پەردىگە ئورالغان نۇقتىلارپىنھان،

بۇلارغا رەشك قىلار ھۆر-پەرى،غىلمان.

شئېىرلىرى دەرەختۇر، ئېگىز،ھوسۇلدار،

مەرھەمەت شەبنىمىدىن ئېرىقلىرىبار.

دېگەن  قۇرلار ئوقۇلار ئىدى. شۇنداق ۋاقىتلارداكۆڭلۈمدە ئۇنىڭ شەرەپلىك سۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ ۋە گۈزەل ئىشلىرىدىن ئىلھاملىنىپ شۇتۈردە ۋە شۇ ئۇسلۇبتا بىرەر ئەسەر ئىجاد قىلىپ، ھازىرقىلارغا داستان ۋەكەتكەنلەرگە تۆھپە قىلىش پىكرى ئويغاندى. نەتىجىدە بۇ مەقسەت مۇرادىنى تېپىپ، بۇسۈرەت ئاخىرغا يەتتى...

سەير ئەيلە بۇ<<باھارىستان>>دا،

كۆرىنەر ئۇندا ئۇز گۈلىستانلار.

لاتاپەتتىن ھەر گۈلىستاندا،

گۈللەر ياشناپ، پۇرار رەيھانلار.

بۇ<<باھارىستان>> سەككىز رەۋزە — باغدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ جەننەتباغلىرىنىڭ ھەربىرىدە ئۆزگىچە گۈللەرنىڭ جىلۋىسى ۋە ئۆزگىچە رەيھانلارنىڭ ھىدىبار. باغنىڭ گۈللىرى كۈز شامىلىدا خازان بولمايدۇ ۋە رەيھانلىرى قىش سوغۇقىداسولمايدۇ.

     بىرەرتەمەدىن خالىي ۋە بىرەر تۆھپە-تەلەپ ئەخلەتلىرىدىن پاك بۇ باغنى سەيلەقىلغۇچىلارغا بىرلا ئىلتامىسىم بار: بۇ باغنى سەيلى قىلىپ، تاماشا قىلغانلار بۇچىمەننى بەرپا قىلغۇچى جىگرى قان، دىلى لەختە بولغان باغۋەننى دۇئا بىلەن يادئېتىپ، شەرەپ بىلەن شاد ئەيلىسۇن...

بەخىتلىكلەر ئىچرە ھەر كىم،

بۇ باغقا يەتسە گەر جىم.

يا تەرسە مېۋىسىدىن،

بەھرە ئالسا سايىسىدىن،

كۆرسەتسە ھەقشۇناسلىق،

كەرەمگە ئەتسە ماسلىق،

قىلسا ئەگەر دۇئالار،

ماڭا پەقەت شۇ قالار.


مەنبە:شەخسىي بلوگىم ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boraoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-29 12:18 AM  


ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79076
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-4-19
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 07:56:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش