بىرىنچى باغ: دەرۋىشلەر ھەققىدە
ھىرات پىرلىرىدىن ئابدۇللاھ ئەنسارىي ئۆز يېقىنلىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: <<ھەر پىردىن بىر سۆز ئەستە تۇتۇڭ، ئەگەر قولىڭىزدىن كەلمىسە، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ياد ئېلىڭ. بۇنىڭدىن بەھرە ئالىسىز>> دەر ئىدى.
ئەي سېنىڭ نامىڭدىن يېغىلار ئىشىق،
نامۇ كامالىڭدىن يېغىلار ئىشىق.
كوچاڭدىن كىم ئۆتسە بولىدۇ ئاشىق،
ئىشىك ھەم پەنجىرەڭدىن يېغىلار ئىشىق.
ھېكايەت
ئەبۇ ھاشىم سۇفىي دەيدۇ:
يۈرەكتىن كىبىر دېغىنى يۇيۇۋېتىشكە قارىغاندا تاغنى يىڭنە بىلەن قېزىش ئاسانراقتۇر.
كىبىرسىزلىك لاپىن ئۇرما، ئۇنى كۆرمەكتىن كۆرە –
قاراڭغۇ تۈن چۈمۈلىنىڭ ئىزىن كۆرمەك ئاسانراق.
كىبىر چېڭىنى سۈرتمەكتىن ئاسان ئىرۇر شۈبىھسىز –
يىڭنە بىلەن تاغنى قېزىپ ئاستىن-ئۈستىن ئاغدۇرماق.
ھېكايەت
شەيخ شىبلى ساراڭ بولۇپ قېلىپ، بېشىغا دىۋانىلىك چۈشتى. شۇڭا ئۇنى ساراڭخانىغا ئاپىرىپ قويۇشتى. نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئۇنى بىرنەچچە كىشى كۆرگىلى بېرىشتى.
سىلەر كىم ؟ - سورىدى شىبلى ئۇلاردىن.
بىز سېنىڭ دوستلىرىڭ بولىمىز،-دېيشتى كەلگەنلەر.
شىبلى قولىغا تاش ئېلىپ ئۇلارغا ھەيۋە قىلىۋىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ كېتىشتى.
كېتىڭلار! – دېدى شىبلى،- ئەسلىدە دوست دوستتىن قاچمايدۇ ۋە ئۇنىڭ جاپا تېشىدىن
ساقلىنىشقا ئالدىرمايدۇ!
چىن دوستىنىڭ دوستلۇقى ئاشار يەنىلا،
دوستىدىن يامانلىق كۆرگىنىدە ھەم.
باشقا مىڭ جاپا تېشى ياغسىمۇ،
مېھىر ئۆيى يەنىلا بولۇر مۇستەھكەم.
ھېكايەت
ئەبۇلھەسەن قۇشانچى مۇنداق دېگەنىدى:
دۇنيادا بىر نەرسە ھېسابىغا ياكى بىرەر نەرسە غەرىزىدە دوستلۇق بىلدۈرگەن كىشىدىنمۇ
خۇنۇكرەك ئادەم يوق.
دوست ھەجرىدىن ئاشىق كۈتەر ئادالەت،
يا ۋىسال ئىشىكىدە تۇرار بىر ھالەت.
دوستلۇقتىن ئۆزگە بىر مەقسىتى بولسا،
ئالەمدە بارمىدۇر بۇنداق رەزالەت؟
ھېكايەت
ئېيتىلىشىچە، ئەبۇ ئەلى دەققاق ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا شۇنداق بىر دەردكە يولۇقتىكى، ھەركۈنى ئەتىگەن ئۆگىزىگە چىقار ۋە قۇياشقا قاراپ شۇنداق سۆزلەرنى ئېيتار ئىكەن:
ئەي مەملىكەت سەرگەردانى، بۈگۈن ئۆزۈڭنى نېچۈك سېزىۋاتىسەن ۋە قايسى جايلارنى
كەزمەكچىسەن؟ شۇ تاپتا بۇ يەردىنمۇ غەمكىنرەك يەرنى كۆردۈڭمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىڭمۇ؟
ئۇ تاكى قۇياش پېتىپ كەتكۈچى شۇ ئەلپازدا سۆزلەپ تۇرار ئىدى.
سەندەك ئالەم كەزگەن بارمۇ، ئەي قۇياش،
يولدىن بىزگە بىرەر سوۋغا قىل يولداش.
بۈگۈن ئىشىق يولىدا كىمنى ئۇچراتتىڭ؟
دىلىدا دەرد-ئەلەم،كۆزلىرىدە ياش؟
مەنبە: شەخسىي بلوگىم