مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 860|ئىنكاس: 6

تەربىيىنىڭ ئۈنىمى نەگە كېتىپ بارىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40062
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3502
تۆھپە نۇمۇرى: 97
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2011-5-8
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 02:22:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز بىر گەۋدىلەشكەن مەكتەپتە ، تولۇقسىزنىڭ 9- يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئىككى قىز ئوقۇغۇچى قېچىپ كېتىپ سىنىپ مەسئۇلىمۇ مەكتەپتەپمۇ  ئېغىر دەرىجىدە ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.ئەمىلىيەتتە بۇ سىنىپقا ئېلىپ بېرىلغان ئەخلاقىي تەربىيىمۇ باشقا سىنىپلارغا ئېلىپ بېرىلغان تەربىيىلەرەە قارىغاندا ئۆزگىچە ھەم قاراتمىلىققا ئىگە ئىدى. سىنىپ مەسئۇلى بۇ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەر قېتىملىق سىنىپ يىغىنىدا ئەمىلىي مىساللار بىلەن پاكىتلىق سۆزلەپ بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرگىدەك تەربىيىلەرنى بېرىشتىن سىرت ، نۇرتاي ھاجىم يېتىملار مەكتىۋىدە ئوقۇپ نەتىجە قازانغان ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە سۆزلەتكەن، مۇشۇ يۇرتتىكى جامائەت ئەرباپلىرىنى ئەكىلىپ ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى سېلىشتۇرۇپ قاراتمىلىق تەربىيە ئېلىپ بارغان . ئوقۇغۇچىلارنى تۈرمىگە ، چىقىش يولى تاپالمايۋاتقانلارنىڭ يېنىغا ، شەرەپ قۇچقان ئىستىقباللىق كىشىلەرنىڭ يېنىغا باشلاپ بېرىپ زىيارەت قىلدۇرغان . تەسىرات سۆزلەتكەن ھەم بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ مەكتەپنىڭمۇ ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن . مۇئەللىم يەنە ھەر قايسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆيىگە قەرەللىك بېرىشنىمۇ ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ ، بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرغان . شۇنداقتىمۇ بۇ سىنىپتىكى ئىككى نەپەر قىز ئوقۇغۇچى تېخى 16ياشقا كىرمەي تۇرۇپ قېچىپ كېتىپ ، ئوقۇغۇچىدىن ئائىلە ئايالىغا ئايلاندى. بۇرۇنقى ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ << يامان بولىدۇ >> دىگەن سۆزىچىلىك تەسىر بېرەلمىگەن بۇنداق تەربىيە بۇ ئوقۇتقۇچىنى بەكمۇ ئۈمىتسىزلەندۈرگەن . چۈنكى قاچقان بىر ئوقۇغۇچىنى مەكتەپ ھەم جەمىيەتتىكى ساخاۋەتلىك كىشىلەر بارلىق چىقىمىنى كۆتىرىپ ئوقۇتىۋاتاتتى يەنە بىرى بولسا خېلىلا قول ئىلكىدە بار ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولۇپ ئوقۇشىمۇ ئەخلاقىمۇ ياخشى ئىدى.بۇ ئىش نۇرغۇن ئادەمنى ئويغا سالدى .بۇ ئوي تەربىيىنىڭ ئۈنىمى نەگە كېتىپ بارىدۇ ؟ مەسىلىسى سىزمۇ بۇ ھەقتە بىر نەرسە دەپ باقسىڭىز. زادى قانداق تەربىيە ئۇسۇلى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئەقىل كۆزىنى ئېچىپ ئادىمىلىك يولىنى تېپىپ بېرەر؟!

نۆلدىن باشلىنىپ نۆلدە ئاخىرلىش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72283
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 11:04:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چۈنكى بىر ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىغا نىسبەتەن تەربىيىنى سىز ياكى مەلۈم بىر قابىلىيەتلىك ئوقۇتقۇچىلا بېرەلمەيدۇ . ئۇ جەمىيئەتتىكى تۈرلۈك تۈمەن ھادىسە ، ئىش ۋەقە ۋە ھەرخىل ئادەملەرنىڭ ئۈلگىسىنى يەنى تەسىرىنى قۇبۇل قىلىدۇ . شۇڭا ھىلىقى ئاجايىپ ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ سەرخىل تەربىيىلىرى جەمىيئەتتىكى تۈرلۈك تەسىرلەرنىڭ تەسىرىدە ئۆز رولىنى يوقىتىدۇ . چۈنكى تەرەققىياتنىڭ يۆنىلىشى ۋە سۈرئىتى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەمەلىي تەربىيە ...
بۇ خۇددى كۈچلۈك چىراغ يورۇقى ئاستىدا ھېلىقى شامنىڭ يورۇقى كۆرۈنمەي قالغاندەكلا ئىش .

بەرىبىر قىلغاندىن كىيىن ، ياخشى قىلىش كېرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57313
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5605
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1278 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 08:23:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىمى ئەدەپ -ئەخلاقنى ئۆگىتىدىغان قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرلۇق يولى بىلەن تەربىيلىگەنگەن بولسا ئىش باشقىچە بولاتتىمىكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83654
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3957
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2014-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 08:09:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wahxi يوللىغان ۋاقتى  2012-2-29 08:23 PM
جىمى ئەدەپ -ئەخلاقنى ئۆگىتىدىغان قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرل ...


باشقىچەبولىدۇدە ئەلۋەتتە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salih133 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-27 08:10 PM  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 03:34:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ھازىرقى ئوتتۇرا مەكتەپ بالىلىرىنى باشقۇرماق تەس كېلىۋاتىدۇ 。

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91934
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-2-20
ئاخىرقى: 2013-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 03:46:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداق ئوقۇغۇچىنى ھەرەم بەيتۇللاغا ئاپىرىپ قويسىڭىز مۇ بىكا ‹ ئەئۇزىبىلە ›
ئائىلە تەربىيسى  ئەڭ مۇھىم ....بەك بەك  مۇھىم تەربىيە ،ئائىلەتەربىيسى ياخشى بولمىغان ئادەمگە ، بىز ئەمەس ،ئىسلام داشۇسىنىڭ  دوكتۇرسى كىلىپ سۈزلىسىمۇ ،ئۇ ئالدىڭىزدا ماقۇل دەيدۇ ،..ئۈزى بىلگەننى قىلىدۇ  قىرىندىشىم !!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94762
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 11:43:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلار تەربىيە ئىلىپ بارىدۇ.لىكىن گەپ ئۇنى قانداق ئەمەلىيلەشتۇرۇش ،قوبۇل قىلىش مەسىلسى.ئاڭ مەسىلسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش