بالىلىقىم
بالىلىقىم كەلسەڭچۇ يېنىپ،
سېغىندىم مەن سەبىي كۈلكەمنى.
دوستلار بىلەن سۇغا چۆمۈلۈپ،
خۇشال-خۇرام ئۆتكەن كۈنلەرنى.
بالىلىقىم كېلەرمۇ يېنىپ،
دومىلىسام ئانا تۇپراقتا.
ھازىر قاچقان توپا-توزانلار،
ئىپار بولۇپ كىرسە دىماققا.
بالىلىقىم كەلمەسمۇ يېنىپ،
تال چىۋىق ئات قاياققا كەتتى؟
مەن ئوينىغان توپىلىق يوللار،
ئېغىر تىنىپ ئۇھسىنىپ قالدى.
بالىلىقىم كەلمەيدۇ يېنىپ،
بۈگۈن ئۆتتى بولدى تۆنۈگۈن.
ماڭا تالىق بولغىنى ھازىر،
يۈرەكتىكى ئارمان ۋە ئۆكۈن.
مەنبە:ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-28 03:00 PM