مۈشۈكنىڭ سۇ ئىچىش سىرى ئېچىلدى مۈشۈكخۇمار كىشىلەرنى ئۇزۇندىن بىرى گاڭگىرتىۋاتقان بىر مەسىلە بار،ئۇ بولسىمۇ بۇ ئەرمەك مۈشۈكلەرنىڭ زادى قانداق قىلىپ ئىچىملىكلەرنى ئىنتايىن نەپىسلىك بىلەن ئىچەلەيدىغانلىقىدۇر.
ھازىر،بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك كامىرا ۋە ئەرمەك مۈشۈكلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ مەسىلىگە جاۋاب تاپقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ مۈشۈكلەرنىڭ تىللىرىنى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ئىشلىتىپ ،ئىچىملىك يۈزىنى قىلچىلىك بۇزمىغان ئاساستا سۇنى ئۈستىگە تارتىپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىدى.
بۇ تەتقىقاتىنى ”ئىلىم پەن“ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ خىل ئىچىملىك ئىچىش ئۇسۇلىنىڭ تامامەن ئەكىسچە ئىتلار مەينەت تىللىرىنى چۈمۈچ شەكىلدە قىلىپ،چۈمۈچتە سۇئۇسقاندەك سۇ ئىچىش ئارقىلىق ئۇسسۇزلىقلىرىنى قاندۇرىدىكەن.
بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە،مۈشۈكلەرنىڭ بۇنداق مۇرەككەپ، ئەمما پاكىز ئۇسۇلدا سۇ ئىچىشكە ئادەتلىنىشى _ئۇلارنىڭ سۇئىچكەندە سۇنى ئۆزلىرىگە چاچراتماسلىق ئۈچۈنكەن.
ئامرىكا ماسساچۇست تېخنىكائىنىستوتى(MIT) بىئولوگىيەئالىمى دوكتۇر رومان ستوككېر ئۆزىنىڭ ئامراق ئەرمەك مۈشۈكىنىڭ سۇ ئىچىۋاتقان ھالىتىنى كۆرگەندىن كېيىن،ئىلھاملىنىپ مۈشۈكنىڭ بۇ فىزىكىلىق ھەركىتىنى كۆزىتىشكە كىرىشكەن.ئۇ مۇنداق دەيدۇ:“مەن ناھايىتى ئاددى بولغان بۇ ھەركەتنىڭ كەينىگە قىزىقارلىق بولغان بىر بىئومېخانىكىلىق مەسىلىنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقىنى ھېس قىلدىم.بۇ لاھىيە مانامۇشۇنىڭدىن تەرەققى قىلغان“. پىرىنسىتون ئونۋېرستىتىنىڭ ۋېرژىنىيە سانائەتئىنىستوتىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىلەن بىللە خىزمەت قىلىۋاتقان ستوككېر بىر يۇقىرى سۇرئەتلىق كامىرا بىلەن ئۆزمۈشۈكىنىڭ سۇ ئىچىش ھەركىتىنى كۆزەتكەن.
ئادەملەر ۋە قوي،ئات قاتارلىق ھايۋانلارسۇنى شوراش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆستىگە تارتىپ چىقىرىدىكەن. ئىتلار مەينەت تىللىرىنى چۈمۈچ شەكىلدە قىلىپ،خۇددى چۇمۇچ سۇ ئۇسقاندەك ئۈستىگە تارتىپچىقىرىدىكەن.كامىرادىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە،مۈشۈكلەر تېخىمۇ نەپىس بولغان بىر مېخانىزىم بىلەن سۇ ئىچىدىكەن.
ئالىملارنىڭ بايقىشىچە،مۈشۈك قاچا ئىچىگەئېڭىشكەندە،تىلىنىڭ ئۇچچىنى ئالدىغا ئەمەس بەلكى كەينىگە قارىتىپ ئېگىدىكەن.ئاندىن تىلىنى سۇغا تىقىش ئورنىغا ،سۇ يۈزىگە بىلەر-بىلىنمەس تەگكۈزىدىكەن. دوكتۇرستوككېر چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:“سۇيۇقلۇق مۈشۈكنىڭ تىلى بىلەن تېگىشىدۇ ۋەتىل ئارىسىغا ئورنىشىدۇ،ئاندىن مۈشۈك تىلىنىڭ ئاجايىپ تىز سۈرئەتتە ئۈستىگە تارتىش ھەركىتى سۇيۇقلۇق تۈۋرۈكى ھاسىل قىلىدۇ.ئاندىن مۈشۈك ئاستىنقى كالپۇكىنى ئېتىش ئارقىلىق مەلۇم مىقداردىكى سۇغا ئېرىشىدۇ.“
ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى،ئەسلى“مۈشۈكنىڭ سۇ ئىچىشىگە ياردەم بېرىدۇ “ دەپ قارالغان مۈشۈكنىڭ تىلى ئەتراپىدىكى ئۇششاق تۈكلەرنىڭ سۇ ئىچىش جەريانىغا قاتناشمايدىغانلىقى بايقالدى. بۇھەركەت مېخانىزىمىنى تېخىمۇ ئىنچىكە چۈشىنىش ئۈچۈن،تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىر ماشىنامۈشۈك تىلى ياساپ چىقتى ھەمدە بۇ جەرياننىڭ پەقەت ئېغىرلىق كۈچى بىلەن ئېنىرتسىيەئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقتى.
دوكتۇر ستوككېر چۈشەندۈرۈپ مۇنداقدەيدۇ:“سۇيۇقلۇق تۈۋرۈكى بىر قېتىملىق ھەركەت بىلەن داۋاملىشىدىغان ئېنىرتسىيە كۈچىنىڭ ھەركەتلەندۈرۈشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ.بۇ تۈۋرۈك ئېنىرتسىيلىك ھالدا ئۇزۇنلۇق ۋە ھەجىم جەھەتتىن ئاشىدۇ،لېكىن سۇيۇقلۇق تۈۋرۈكىنىڭ ئېغىرلىق كۈچى ئېنىرتسىيە كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەندە سۇيۇقلۇقنىڭ قاچا ئىچىگە كىرىپ كېتىشىنى پەيداقىلىدۇ.شۇ سەۋەبلىك سۇ ئىچكەندە مۈشۈكنىڭ ۋاقىتنى دەل جايىدا كونتورول قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. سۇيۇقلۇق تۈۋرۈكىنىڭ ھەجمى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەندە (يەنىئېنىرتسىيە كۈچى بىلەن ئېغىرلىق كۈچى تەڭلىشەي دېگەندە)مۈشۈك دەرھاللا كالپۇكىنى ئېتىدۇ“
ھايۋاناتلار باغچىسى ۋە يۇتيۇبدىكى فىلىملەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق،تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر شىر، يىلپىز، قاپلان قاتارلىق مۈشۈك ئائىلىسىدىكى باشقا چوڭ ھايۋانلارنىڭمۇ ئوخشاش سۇ ئىچىش مېخانىزىمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
ئەمما دوكتۇر ستوككېر ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى مۇشۇك ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ زادى قانداق قىلىپ بۇنداق يۇقىرى دەرىجىدىكى سۇ ئىچىش مېخانىزىمىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلمىدى،ئەمما ئۇلار بەلكىم بۇ ھايۋانلار سۇغا چىلىشىشنى ياقتۇرمايدىغانلىقى سەۋەبلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى. ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:“مۈشۈكنىڭ بۇ سۇ ئىچىش مېخانىزىمى كۆرۈنۈشتىنلا ئاۋاز چىقىرىپ، سۇنى چاچرىتىپ ئىچىدىغان ئىتقا قارىغاندا كۆپ دەرىجىدە پاكىز.چىقىرىشقا بولىدىغان بىر يەكۈن شۇكى مۈشۈكنىڭ يۈزى ، بولۇپمۇ بۇرنى بىلەن بۇرۇتى ئەتراپىدىكى جايلار ھەددىدىن زىيادە سەزگۈر بولغانلىقتىن ،مۈشۈك بۇخىل سۇ ئىچىش ئارقىلىق بۇ جايلارنىڭ ھەردائىم ئامال بار قۇرۇق تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى مۇمكىن.ئۇندىن سىرت مۈشۈك ئىتقا قارىغاندا سۇيۇقلۇق ھەركەت مېخانىزىمىنى بەكرەك ياخشى بىلىدۇ.“
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،بۇ ماقالىنى بۇ يەرگە يوللىشىمدىكى سەۋەب_ بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۈشۈكتىن ئېشىپ قالغان سۇ ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلىرىنىڭ ئىلمى مۆجىزە سۈپىتىدە ئىسپاتلانغانلىقى دەپ قارىغانلىقىمدىندۇر.ئاۋال تۆۋەندىكى ھەدىسلەرگە كۆز يۈگۈرتەيلى:
ئەبۇ قەتادەنىڭ كىلىنى بولغانكەبىشە بىنتى كەئبى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ:ئەبۇقەتادە رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئۆيگە كىرىپتىكەن مەن ئۇنىڭغا تەھارەت سۈيى قويۇپ بەردىم.ئاندىن بىر مۈشۈك سۇ ئىچىش ئۈچۈن كەلدى،ئەبۇقەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۈشۈككە قاچىنى يېنى قىلىپ بېرىۋېدى مۈشۈك سۇ ئىچىپ قاندى،ئۇ مېنىڭ قاراۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ ؛ئى قېرىندېشىمنىڭ قىزى !ھەيران بولىۋاتامسىز؟دېدى. مەن ھەئە دېسەم ،ئۇ ماڭا:ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن مۈشۈكلەر نىجىس ئەمەس،ئۇلار بولسا ،سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارنى تاۋاپ قىلغۇچىدۇر.
مالىك ،ئەھمەد،ئىبنىھەببان،ھاكىم،بەيھەقى ئالتە كىتابنىڭ تۆتى توپلىغان ،سەھىھ ھەدىس
داۋۇد ئىبنى سالىھنىڭ ئانىسىرەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى خۇجايىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېشىغا بىر قاچا پولا(ئۇيغۇرچىغاشۇنداق تەرجىمە قىلىنىپتۇ،بىز يەيدىغان پولوغا ئوخشامدۇ ياكى ئوخشىمامدۇئۇخمايمەن) بىلەن ئەۋەتىپتۇ،ئۇ مۇنداق دەيدۇ؛مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېشىغا كىرسەم ،ئۇ ناماز ئوقىۋاتقان ئىكەن، ماڭا تاماقنى قويۇپ قويغىن دەپ ئىشارەتقىلدى.مەن قاچىنى قويۇپ قويغاندىن كېيىن بىر مۈشۈك كېلىپ ،پولادىن يېدى،ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھا نامازدىن قايتقاندا ،پولانىڭ مۈشۈك يېگەن جايىدىن يەپ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن مۈشۈكلەر نىجىس ئەمەس ، ئۇلار بولسا ،سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارنى زىيارەت قىلىپ ،تاۋاپ قىلغۇچىلاردۇر.ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مەن رەسۇلۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسسالامنىڭ، مۈشۈكنىڭ ئىچىپ ئېشىپ قالغان سۈيىدە، تەھارەت ئالغانلىقىنى كۆرگەنئىدىم،دېدى.
ئەبۇداۋۇت توپلىغان سەھىھ ھەدىس
بۇ ھەدىسلەرنى مەن نەچچە يىل ئىلگىرى كۆرگەن،ئەمما ئۇزۇندىن بىرى ئىنسانچىلىقتا ”مۈشۈك دېگەن نىجىس چاشقانلارنى يەيدىغان تۇرسا…“ دېگەندەك يامان شەك- گۇمانلاردىن ساقلىنالمىغان. بۇ ماقالە دەل شۇنداق گۇمانلىرىمنى يېشىۋەتتى.ماقالىنىڭ ماۋزۇسىنىڭ قويۇلىشى بىر جەھەتتىن قىزىقتۇرۇش مەقسىتىدە بولسا ،يەنى بىر جەھەتتىن نەچچە يىلدىن بىرى شەيتاننىڭ بەزى بەزىدە ماڭا سېلىپ قويىدىغان ئازغۇن گۇمانلىرىرىنىڭ بۇ ماقالىنى كۆرگەندىن كېيىن يۇيۇلۇپ تاشلانغانلىقىدىندۇر .ئاللاھ ھەممىمىزنى يامان خىياللاردىن ساقلىغاي!
مەنبە: مۇتتەقىيىن تور خاتىرسىhttp://tahirbeg.com/?p=260
مەنبە:BBC نىڭ 2010-يىلى11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرى،ئاپتۇرى BBCئىلىم-پەن خەۋەرلىرى مۇخبىرى