مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 860|ئىنكاس: 12

ئەقىدە توغرىسىدا بىر ھىكايە ( تەۋسىيە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9882
تۆھپە نۇمۇرى: 1944
توردا: 1587 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 12:32:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مانا بۇ يەرگە يازدىم

(ھېكايە)

ئاپتورى: م.ياشار كاندەمىر


     ئەلىف ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن، تىرىشچان قىز ئىدى. كاللىسىغا كەلگەنلىكى سوئاللارنى بوۋىسىدىن تارتىنماي سورايتتى. بوۋىسىنىڭ دېگەنلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتى. ئەلىفنىڭ قىزىقسىنىپ سورىغان سوئاللىرى ۋە بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىشى بوۋىسىنى خوشال قىلاتتى. ئەخمەت بوۋا سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىمى ۋە تۇرمۇشتا يەكۈنلىگەن تەجرىبىلىرىدىنمۇ پايدىلىناتتى. بەزىدە بالىلىق چاغلىرىدىكى كەچۈرمىشلىرىمۇ ئىشقا ياراپ قالاتتى.
بىر كۈنى، ئەلىف بىلەن بوۋىسى تۈگىمەس سۆھبەتكە چۈشۈپ كەتتى. بۇ قېتىم ئەلىفنىڭ سوئالى قەدەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ سوئال ئەخمەت بوۋاينى بالىلىق چاغلىرىغا ئېلىپ باردى. ئەخمەت بوۋا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تەمكىن، يېقىملىق ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى:
«ۋاي مېنىڭ شوخ نەۋرەم، مەنمۇ كىچىك چېغىمدا خۇددى ساڭا ئوخشاش ھەممە ئىشقا قىزىقاتتىم. تاغمۇ-تاغ، باغمۇ-باغ ھەر يان چۆگىلەپ يۈرەتتىم. بىر كۈنى قۇشلارنى قوغلاپ يۈرسەم، يەنە بىر كۈنى ئۆستەڭدىن بېلىق تۇتاتتىم. ئېتىزلىقتا، تاغدا، دالىدا ئويناشنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتىم. تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكلىرىنى تاغنىڭ چوقىسىغا چىقىپ تاماشا قىلىش كىشىگە باشقىچە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. لېكىن يېشىم كىچىك بولغاچقا ئۆيدىكىلەر مېنى ئۇ يەرلەرگە يالغۇز بېرىپ ئوينىغىلى قويمايتتى. مەندىن چوڭ بىرەيلەن بىللە بولسا ئاندىن بارغىلى قوياتتى.
تاغامنىڭ ئوغلى ھۈسەيىن ئاكام ئۇستا ئوۋچى ئىدى. ئو ئوۋ ئوۋلاش باھانىسىدە ئورمانلىقتا يۈرەتتى. ئېگىز تاغلارغا يامىشىپ چىقاتتى. بىر كۈنى ھۈسەيىن ئاكامدىن ئوۋغا چىققاندا مېنىمۇ بىرگە ئېلىۋېلىشىنى ئۆتۈندۈم. ھۆسەيىن ئاكام:
- ماقۇل ئەخمەت. ئەتە ئەتىگەن تەييارلانغىن ئەمىسە! – دېدى.
خوشلۇقتا بۇنى يۈگرەپ كېلىپ ئانامغا ئېيتتىم. دادامدىن ماقۇللۇق ئېلىپ بېرىڭ دەپ يالۋۇردۇم. ئانام:
- داداڭ ئاسانلىقچە ماقۇل دېمەيدۇ ئوغلۇم. شۇنداقتىمۇ مەن ئۇرۇنۇپ كۆرەي. – دېدى.
ئورمانلىقتىكى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان يەرلەرنى ئەمدى كۆرمەكچى، چىقىپ باقمىغان تاغلارغا ئەمدى چىقماقچى ئىدىم. بۇلارنى ئويلىغانسىرى قانچىلىك ھاياجانلانغانلىقىمنى بولدى سورىمايلا قوي.
ئانام دادامنىڭ يېنىغا كىردى. مەن تىت-تىت بولغان ھالدا ئىشىك تۈۋىدە ساقلاشقا باشلىدىم. ئۆينىڭ ئىچىدىن دادامنىڭ ئاچچىقلانغان ئاۋازى ئاڭلاندى:
- بولمايدۇ دېدىم ئانىسى، بولمايدۇ! – دەپ ۋاقىرىدى دادام. «ئۆينىڭ ئالدىدىكى كوچىدىمۇ نورمال ئوينىمايدىغان بۇ كەپسىز بالا تاغنىڭ چوقىسىغا چىقسا ئادەمنى خاتىرجەم قىلاتتىمۇ؟ يىلان كۆرسە قولىغا يۆگەشتۈرگۈسى كەلسە، شىرنى كۆرسە ئۈستىگە مىنگۈسى كەلسە!...»  
بىچارە ئانامغا ئاللاھ كۆپ رەھمەت قىلغاي! ئۇ مۇلايىم، يۇمشاق ئاۋازى بىلەن دادامغا چۈشەندۈرۈپ يالۋۇرۇپ ئۇنى دېسە بۇنى دەپ، بۇنى دېسە ئۇنى دەپ دېگەندەك ماڭا رۇخسەت ئېلىپ بېرىشكە تىرىشىۋاتاتتى.
سىرتتا مېنىڭ قانچىلىك تىتىلداپ كەتكەنلىكىمنى بىر كۆرگەن بولساڭ. ئۇلارنىڭ دېيىشىۋاتقانلىرىنى زەڭ قويۇپ تىڭشاۋاتاتتىم. دادام ماقۇل دېمىسە قانداق قىلارمەن دەپ غەم-ئەندىشە ئىچىدە بىئارام بولاتتىم. ئاخىرىدا دادام مۇنداق دېدى:
-ھە بوپتۇ، بوپتۇ. سەن بۇنچىلىك چىڭ تۇرۇۋالغاندىكىن مەيلى بارسا بارسۇن. ئەمما قاراپ تۇر، ئەتە ئۇنىڭ قانداق ھالەتتە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ساڭا ھازىر بىرمۇ-بىر دەپ بېرىمەن. ئەتە مېنى دېمىدى دېمە. بۇ كەپسىز بالا ئۇچرىغانلىكى دەرەخكە يامىشىپ باقىدۇ. قولىنى تىقمىغان تۈشۈك قالمايدۇ... ئاخىرىدا يۈز-كۆزى قان، كىيىملىرى يىرتىلغان، ئۈستى-بېشى توپا-چاڭ ھالەتتە ئۆيگە قايتىپ كېلىدۇ.
ئانام يەنە شۇ تەمكىن، سىلىق-سىپايە ئاۋازى بىلەن:
- ياقەي دادىسى، بىزنىڭ ئەخمەت ئۇنچىلىك كەپسىز ئەمەس. – دېدى.
- ياق! ئۇ ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە كەپسىز! – دەپ ۋاقىرىدى دادام. «مانا قاراڭلار، بۇ يەرگە يازدىم.» رەھمەتلىك دادام ھەمىشە مۇشۇنداق قىلاتتى. دېگەنلىرىنى تامغا يېزىۋاتقاندەك باش بارمىقى بىلەن تامغا سىزىق سىزاتتى.
بولدى، بۇ گەپلەرنى بەك ئۇزاتماي. دادام ماڭا ئاخىرى رۇخسەت قىلدى. خۇشاللىقتا بۆكۈمنى ئاسمانغا ئاتتىم. ئەتىكى تەۋەككۈلچىلىكلىرىمنى خىيال قىلغانسىرى كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيتتى. مىڭبىر تەسلىكتە تاڭنى ئاران ئاتقۇزدۇم.
ھۈسەيىن ئاكام ۋە ئۇنىڭ ئوۋچى ئاغىينىلىرى بىلەن بىللە سەھەردە يولغا چىقتۇق. بۇ يەر مېنىڭ، ئاۋۇ يەر سېنىڭ دەپ يول تالىشىپ يۈگۈرۈشۈپ نەچچە كىلومېتر يولنى بىراقلا مېڭىۋەتكىنىمىزنى سەزمەيلا قاپتۇق. ئورمانلىققا ئىچكىرىلەپ كىردۇق. تاغلارغا، ئېگىزلىكلەرگە ياماشتۇق. بۆك-باراقسان دەرەخلىكلەر ۋە چاتقاللىقلار ئارىسىدا يۈگرەپ ھارغىنىمنىمۇ بىلمەيتتىم. بۈگۈن مېنىڭ قانغۇدەك ئوينايدىغان كۈنۈم. كىيىم-كېچەكلىرىم يىرتىلدى، يۈز-كۆزۈم توپا، چاچلىرىم پاخپايدى، ئەمما بۇلار خىيالىمغا كىرىپمۇ چىقمايتتى. دادامنىڭ دېگەنلىرىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىم.
دادامنىڭ ئانامغا دېگەنلىرىنى قاچان ئېسىمگە ئالغانلىقىمنى بىلەمسەن قىزىم ئەلىف؟ ئاخشام بەئەينى دادامنىڭ بىر كۈن ئىلگىرى ئېيتقىنىدەك، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر ھالدا ئۆيگە قايتقىنىمدا ئەسلىدىم ئۇ گەپلەرنى. ئەمدى دادامغا نېمىمۇ دەرمەن؟ بەز قۇلاقلىقىمنى ئەپۇ قىلىشى ئۈچۈن قانداق باھانە-سەۋەپ كۆرسىتەرمەن؟ نېمە دەپ يالغانچىلىق قىلسام بۇلار؟ دادام بىلەن ئانامنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە ئىنتايىن پەرىشان ئىدىم. ئانام، ئاھ جېنىم ئانام، ئۇ مەندىنمۇ بەك پەرىشان ئىدى. دادام ئانامغا:
- قارىغىنا شۇ ئوغلۇڭنىڭ تۇرقىغا! – دەپ يېغىرىغا تەگدى.
«مەن ساڭا ئۇنىڭ قانداق ھالەتتە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىرمۇ-بىر دېمىگەنمىدىم؟! مانا دەل مېنىڭ دېگىنىمدەك بولۇپتۇ.
دەل شۇ چاغدا كاللامغا بىر شەيتانچە گەپ كەلدى، ئەمما بۇنى دادامغا سۆزلەشكە پېتىنالمىدىم. ئەڭ توغرىسى، بۇنى دېيىشكە يۈزۈم چىدىمىدى.
- نېمە دېمەكچى ئىدىڭ بوۋا؟ - ئەلىف قىزىقسىنىپ سورىدى.
- دەيتتىمكى، دادا! مېنىڭ ھېچقانداق گۇناھىم يوق. بۈگۈن مېنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىمنى سەن بۇرۇنلا بىلەتتىڭ. تۈنۈگۈن بۇلارنى ئانامغا ئېيتتىڭ. ھەتتا تامغا يازغاندەكمۇ قىلدىڭ. مەن سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭنى تىڭشىدىم. ئەگەر مەن خاتا قىلغان بولسام، خاتالىقىم شۇ سىلەرنىڭ دېيىشكېنىڭلارنى ئاڭلاپ سالغانلىقىم.
ئەلىف كۈلدى:
- بۇنى دېمەي ياخشى قىلىپسەن بوۋا. بۇ بالىلارچە بىر گەپ. جىڭدا ئولتۇرمايدۇ. داداڭ بۇ سۆزلەرنى سېنى شۇنداق قىلسۇن دەپ دېمىگەن تۇرسا. ھەتتا كېلىپ سېنى شۇنداق قىل دەپ مەجبۇرلىغىنىمۇ يوق.
ئەخمەت بوۋا ئەلىفنىڭ بۇ سۆزىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى.
- ئاپىرىن مېنىڭ ئەقىللىق قىزىم! قەدەر ھەققىدە ساڭا دېمەكچى بولغىنىممۇ مۇشۇ ئىدى. قارىمامسەن، بۇرۇنقى كەچۈرمىشلىرىم سېنىڭ بىر مەسىلەڭنى ھەل قىلىشتا يەنە ئەسقېتىپ قالدى.
بالام، ئاللاھنىڭ ئىلمى چەكسىزدۇر. ئۇ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاللاھ بىزنىڭ نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ. ئەمما بۇ بىلىش ئەلۋەتتە بىزنى بۇ ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ بىزگە ئەقىل-پاراسەت بەرگەن. ياخشى بىلەن ياماننى كۆرسەتكەن، بۇلاردىن خالىغاننى قىلالايدىغان كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئەركىنلىكنىمۇ بەرگەن. بىزگە ياخشىلىق قىلىپ، «ناچار، قەبىھ ئىشلارنى قىلماڭلار، مەن بۇنى ياقتۇرمايمەن! ئەگەر قىلساڭلار، ئاقىۋىتىڭلار يامان بولىدۇ-ھە!» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
ئەمدى بىز بىر خاتا ئىش، گۇناھ ئىش قىلساق، ئاندىن قوپۇپ بۇنىڭدىكى خاتالىق، گۇناھنى ئاللاھقا دۆڭگەپ تۇرىۋالساق، توغرا بولامدۇ؟ «مەن قانداق قىلىمەن؟ ئاللاھ مېنىڭ مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىمنى بىلگەچكە شۇنداق قىلدىم. تەقدىرىم مۇشۇنداق ئىكەن!» دېسەك، بىزگە كىم ئىشىنىدۇ؟ ئەڭ ئاۋۋال بۇنىڭغا ئۆزىمىزمۇ ئىشەنمەيمىز. شۇنداق ئەمەسمۇ-يا؟
- شۇنداق، شۇنداق! – دېدى ئەلىف قەتئى ئىشەنچ بىلەن. ئەمما كاللىسىغا يەنە باشقا بىر سوئال كەلدى. «بوۋا، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، بىزنىڭ ئەسكى ئىش قىلىشىمىزنى توسىيالايدۇ. ئەمما توسمىدى. بىزنى شۇنچە ياخشى كۆرگەن ئاللاھتائالا نېمىشقا بىزگە بۇ ياخشىلىقنى قىلمىدى؟»
ئەخمەت بوۋىغا ئەلىفنىڭ سوئالى يارىدى. «ۋاي خۇدايىم! بۇ بالا نېمىلەرنى دەيدىغاندۇ ئەمدى؟» دەپ ئويلىدى كۆڭلىدە. ئەلىفكە مۇنداق دېدى:
- ئاللاھتائالانىڭ بىزگە قىلغان ئەڭ چوڭ ياخشىلىقلىرىدىن بىرسى بىزنى ئەركىن-ئازادە قۇيۇپ بەرگەنلىكىدۇر بالام. ئەگەر ناچار، ئەسكى ئىش قىلالايدىغان كۈچ-قۇۋۋەتنى بىزگە بەرمىگەن بولسا ياكى ئەسكى ئىش قىلماقچى بولغىنىمىزدا بىزنى توسۇپ قويغان بولسا، جەننەتنىڭ، جەھەننەمنىڭ، ئۇ گۈزەل مۇكاپاتلارنىڭ نېمە قىممىتى، نېمە ئەھمىيىتى بولاتتى؟ پەيغەمبەرلەرگە، ئىلاھىي كىتابلارغا كېرەك قالارمىدى؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىشلار.
ئەگەر ئاللاھ بىزنىڭ ئەسكى ئىشلارنى قىلىشىمىزنى توسۇپ قويغان بولسا، بىز بەلكىم «ئەسىرمۇ بىز؟ نېمىشقا پۇت-قولىمىزنى چۈشەپ قويىدۇ؟ نېمىشقا خالىغىنىمىزنى قىلالمايمىز؟» دەپ شىكايەت قىلىشىمىز مۇمكىن ئىدى.
ئاللاھنىڭ بىزنى بۈگۈنكى ھالىتىمىزدە يارىتىشى، ھەممە ئىشنى بىزنىڭ قول سېلىپ ئىشلىشىمىزگە باغلىق قىلىشى، ياخشىلىق ۋە يامانلىققا چۈشلۇق مۇكاپات ياكى جازا بېرىشى بىزنىڭ قەدەرىمىزدۇر قىزىم.
ئەلىف:
- جېنىم بوۋا، بۈگۈن سېنى بەك ھارغۇزىۋەتتىم. ئەمما خىيالىمغا يەنە بىر سوئال كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغىمۇ جاۋاب بەرسەڭ، ئەمدى سېنى ئاۋارە قىلمايمەن. ئانام: «ياخشىلىق، يامانلىق ھەممىسى ئاللاھتىن كېلىدۇ» دەيدۇ. بۇ گەپ توغرىمۇ؟ ئەگەر توغرا بولسا، بىز يامان ئىش قىلغاندا ئاللاھنىڭ بىزنى جازالىشى ناھەقچىلىق بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
- بۇ سۆز توغرا. ئەمما قىزىم بۇنى بەزىلەر خاتا چۈشىنىۋالىدۇ. ماڭا قارا، قەيەردە خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىنى دەپ بېرەي: كائىناتتا يېگانە بىر ياراتقۇچى بار. ئۇ ئاللاھتۇر. بۇنى بىلىمىز، شۇنداقمۇ؟
- ئەلۋەتتە!
- يېگانە بىر ياراتقۇچى ئاللاھ بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا ھەممە شەيئىنى، ھەر نەرسىنى، ياخشىلىقنى، يامانلىقنى ياراتقۇچى ئۇ ئاللاھتۇر. ئەمما بۇنىڭدا بىزنىڭ نېمە گۇناھىمىز بار؟ دېيەلمەيسەن. چۈنكى ئاللاھ ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى بىزنىڭ ئارزۇ-ئىستىكىمىزگە بىنائەن يارىتىدۇ. بايىقى نوقتىغا يەنە كەلدۇق. يەنى ئاللاھ بىزگە ئەقىل-پاراسەت بەرگەن. ئاندىن جەننەت ۋە جەھەننەمگە بارىدىغان ئىككى يولنى كۆرسىتىپ، بىزنى ئىمتىھان قىلىپ ئېيتقانكى:
- ئەگەر ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلساڭلار، مەن بۇنى يارىتىمەن ۋە سىلەردىن مەمنۇن بولىمەن. ئەگەر يامان ئىش قىلىشنى نىيەت قىلساڭلار، بۇنىمۇ يارىتىمەن. چۈنكى مەن يېگانە ياراتقۇچىمەن. ئەمما بۇ ئىشىڭلاردىن مەمنۇن بولمايمەن.
كۆرىۋاتىسەن بالام، «ياخشلىق ۋە يامانلىق ئاللاھتىن» دېگەننىڭ مەنىسى بۇ. دېمەك، ئاللاھ ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى يارىتىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ئارزۇيىمىزغا، نىيىتىمىزگە ئاساسەن يارىتىدۇ. شۇڭا بۇ تۈپەيلى قىلمىشىمىزدىن مەسئۇلىيىتىمىزنى سۈرۈشتە قىلىدۇ.
سوئاللىرىنىڭ جاۋابىنى ئالغان ئەلىفنىڭ كۆڭلى ئارام تاپتى. ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا، تەڭداشسىز كۈچ-قۇدرىتىگە بولغان ئىمانى، ئىشەنچىسى تېخىمۇ كۈچەيدى.

ھىكايە تۈگىدى.

  مەنبە _ http://bbs.kangsay.com/read.php?tid=15657&page=16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-28 02:55 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
katran + 101 تەپەككۇرى كۈچلۈك
oychan + 99 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ئىمىنجان ھىدايەت

ئويلانماقتىمەن..

تىرىشچان ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1221
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 24164
تۆھپە نۇمۇرى: 1464
توردا: 5982 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 05:10:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! يۇقىرىدىكى ھېكايە مېنىڭ سوئالىمغا بېرىلگەن جاۋاب ئىكەنتۇق. تېخىچە ئوقۇپ چىقمىغىنىمدىن خىجىل بولىۋاتىمەن. بۇ يەردە ئۇچراشتۇرغان ئاللاھقا شۈكرى،  ئەمدى ئوقۇپ چىقاي.
تېما يوللىغۇچىغىمۇ كۆپ تەشەككۈر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 807
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1432 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 05:27:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان ئەمەس  ئىكەن.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

تاڭ ساباسى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3506
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8409
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 2715 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 08:27:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىدە  كىچىك بىر سەبىنىڭ دىلىغا ناھايىتى  چۈشىنىشلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھىكىمىتىنى چۇشەندۇرۇپتۇ ..........بارىكاللاھ.......
تىما يوللىغۇچى قېرىندىشىمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .(ئامىن)

ھايات شامى ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يىنىق ،
كەلدىڭمۇ دۇنياغا كەتمىگىڭ ئىنىق .
شۇ كىلىپ كىتىشنىڭ ئۆزى بىر سۇئال ،
تەييار بول سۇئالغا پۇتكىچە تىنىق .

*گۇناھنىڭ كىچىكلىكىگە قارىمىغىن ،لكىن ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلىۋاتقان زاتنىڭ كاتتىلىقىغا قارىغىن!

ئاتۇش ۋاسكىتبول

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 2117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1999
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1395 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 08:44:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئەھمىيەتلىك ، ئېسىل تېما ئىكەنتۇق . لېكىن بۇ تېمنىڭ كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ئاز بولشى ھەم تېما ھەققىدە مۇنازىرەنىڭ ئاز بولشى كىشنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ .
ئەگەر قانداقتۇر بىرەر ئەخلاقسىز قىز ھەققىدە تېما بولغان بولسا قانچە قىززىغان ھەم  مۇنازىرىگە چۈشۈپ كەتكەن بولار ئىدۇق ھە ؟ دەپ ئويلىنىپ قالدىم .
تېما ئىگىسىگە : شۇنداق ئېسىل تېما بىلەن بىزلەرنى يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت !

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم . يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئاتۇش ۋاسكىتبول

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 2117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1999
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1395 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 08:44:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتۇرنىڭ ھەقىقى ئىسمى نىمە ئىكەن ؟ دىمەكچى بولغىنىم تولۇق كىڭەيتىلگەن ئىسمى ....
مەن پەقەت بىلەلمىدىم . بولسا ئاپتۇر ھەققىدە بىرەر مەلۇمات بولغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولغان بولاتتى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   篮球美女 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-28 08:47 PM  


تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم . يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

نەئىمە0903

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45579
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 670
تۆھپە نۇمۇرى: 60
توردا: 1792 سائەت
تىزىم: 2011-6-25
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 09:47:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ئۇ كىچىك قىز ئادەم ئويلاپمۇ باقمىغان سۇئاللارنى سورايدىكىنا؟ ئۇ سۇئاللار مېنىڭ كاللامغا كىرىپمۇ باقماپتىكەن ئەمدى ئويلىنىپ قالدىم،بوۋىسىمۇ بەك چۈشۈنۈشلۈك ھەم ياخشى سوزلەيدىكەن،قايىل بولدۇم:qiray121

بۇ دۇنيادىكى بەخت كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىنى كۆرۈش بولسا،شۇنداق بەختنىڭ قۇلىمەن.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26921
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3109
تۆھپە نۇمۇرى: 203
توردا: 5443 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 02:20:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بەك ئىسىلكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41571
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 399
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 1154 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 03:40:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray2   پەرزەنتلېرېمېزگە   كېچېكېدېن باشلاپ  موشۇنداق  ياخشې   تەربېيېە  بېرېپ ياخشې  گۇزەل  ئەخلاقنې  يېتېشتۇرۇپ    ياخشې تەربېيلەش    بەك موھېم       ، تيما ئېگېسگە  تەشەككۇر رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76667
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2012-2-27
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 12:20:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەھمەت،راستىنلا ياخشى يىزىلغان ھىكايىكەن،كۆپنى كۆرگەننىڭ بىلىمى كۆپتە، مانا بۇ بىزنىڭ ئىسىل سۈپەت بوۋىلىرىمىز.


تىما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش