مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5937|ئىنكاس: 129

نيوتون قانۇنلىرى ھەققىدىكى يېڭى بايقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71346
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5237
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 09:18:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      
  
   نيوتون قانۇنلىرى توغرا بولامدۇ ياكى بولمامدۇ فىزىكلار ئۇچۇن بەرىبىرمۇ ؟
                                                                                                                                                        ئىزاھات:بۇ ماقالىدىكى ئاساسى كۇزقاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغۇچىلارنى[url]http://www.21food.cn/company/show-kingraisin.html[/url] نىڭ باش دىرىكتورى،{يېشىل ياقۇت}ماركىسىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى ھەبىبۇل غۇجىئابدۇل ئەپەندىم بىلەن تۇرپان شەھەر يار يېزا ئۇدۇلىدىكى شەمشات دورا دۇكىنى11000يۇئەن بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.                                                                                                                                                       يىتەكچىلەر:شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى مۇدىريەت رەسى ،دوتسىنىت غۇپۇر يۇنۇس،فىزىكا لېكتورى پاتەمخان مەڭنىك،‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلى ژورنىلى ›مۇئاۋىن باش تەھرىرى ،دوتسىنىت ئابدۇروسول كىچىك ئاخۇن،                                                                                                                                                                  ئاپتورلار:‹1›ھاكىم غېنى،‹2› ئادىل مەمەت،‹3› يالقۇن روزى،‹4› تۇردى ئۇمەر ‹5›ئارزىگۇل قېيىم                                                  ھا لقىلىق     ق سۇزلەر؛ماركىسىزىمنىڭ ئاساسى لوگىكىسىنى نيوتون مېخانىكىسىغا ۋە ئېينىشتىيىننىڭ ‹تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى›گە  تەدبىقلاش، نيوتون،ئېنگىلس،كېپلېر ،ئارىستوتىل ۋە گالىلېي .                                                                                                                                                              ئاساسى مەزمونى:بىز  نيوتوننىڭ ‹تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى›دىگەن كىتاۋىنى يېقىندا ئوقۇپ چىقتۇق، بۇنىڭ بىلەن نيوتون ھەركەت قانۇنلىرىنى تۇزگەندە چوقۇم تەڭرىنى فىزىكىغا ئېلىپ كىرىش كېرەك دەيدىغان قاراشنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغانلىغىنى بايقىدۇق،بۇنىڭدانيوتون 22ياش كىرگەن ۋاقىت بولۇپ،   1665-يىللاردا ئەنگىلىيەدە  چاشقان ۋاباسى تارقالغان  ھەم بۇ ۋابادا  70000ئادەم ئۇلۇپ كەتكەن،كېمبىرىج ئۇنىۋېرىستېتىمۇ  بۇ ۋابا سەۋەبىدىن  مەكتەپنى تاقاپ، بارلىق ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنى  ئويلىرىگە تارقاقلاشتۇرغان، نيوتونمۇ يېزىغا قايتىپ18ئاي تۇرغان ھەم  بۇ ۋابادىن پاناخلانغان، مۇشۇ يىللاردا ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى بىلەن نيوتون ھەركەت قانۇنلىرىنى ،دىفاىرىنسىئال -ئىنتىگىرالنى ۋە نۇر ئوستۇدۇكى تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان.لېكىن }نيوتوننىڭ {تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى} ناملىق كىتاۋىدىكى مەزمونلارغا ئوخشىمايدىغان    يەنە بىر ماتىريال مۇنۇ توردا بار   ‹ www.verycd.com/topics/5279›  ، بۇ ماتىريالدىن  ئەنگىلىيەنىڭ1665- 1666يىللىرىدىكى قانۇنلىرىدا  ،نيوتون ئۇزىنىڭ ھەرىكەت قانۇنلىرىنى  پۇتكۇل ئالەمنى تەڭرى ياراتقان ۋە تەڭرى بار دىگەن ئاساس ئۇستۇگە قۇرمايدىكەن ،  ئۇنىڭ  كېمبىرىج ئۇنىۋېرىستېتىدىكى  ماتېماتىكا فرافېسسورلۇق ئۇنۋانىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىغى ھەققىدىكى يېڭە بىر  ماتىريالنى كۇردۇق.لېكىن 1669-يىلى 31-ئىنىستىتوتنىڭ ماتىماتىكا فرافېسسورى بولغان  ،يەنە كېلىپ نيوتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى بىلەن 3ھەركەت قانۇنلىرى بىر سېستىما ئەمەس.نيوتون بۇ تەتقىقاتلىرىنى 30يىلغا يېقىن يۇشۇرۇن ئېلىپ بارغان،باشقىلار ئۇنىڭ تەتقىقاتىدىن خەۋەرسىز تۇرسا،ئۇنىڭ قانۇنلىرىغا قانداق قىلىپ قوماندانلىق قىلالايدۇ،  شۇنىڭ ئۇچۇن نيوتون ھەققىدىكى بۇ ماتىريال ساختا.                                                                                                                             {ئۇچار تەخسە تەتقىقاتى}ژورنىلىىڭ 2002يىلى 6-ئايدىكى سانىدا‹ ماددا ۋە ئاڭ-چۇشۇنۇش تەس بولغان ھالقا› دىگەن ماقالىدە  مۇنداق بىر ئابزاس بار  :{كىلاسسىك فىزىكىنىڭ  ئاساسىنى سالغۇچى نيۇتون بۇلۇپ ،ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى مېخانىك ئىدى.ئۇ ئەينى چاغدا پۇتۇن ئالەمنى غايەت زور مېخانىك سائەتكە ئوخشاتقان بولۇپ ،بۇ سائەتنىڭ ھەممە يەرلىرى ناھايىتى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ،بۇ سائەت تەڭرىنىڭ رولىنى  تامامەن يوققا چىقارغان بولۇپ ،نيۇتوننىڭ نەزىرىيەسى شۇ چاغدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىلاھشۇناسلىق ئىلىمىگە ناھايىتى زۆرۈر زەربە بولغان.لېكىن  نيوتون بۇ سائەتنىڭ تېخى ھەركەت قىلمىغانلىغىنى،بۇ سائەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن‹ بىرىنچى تەسىر كۈچ›نىڭ  زۇرۇر ئىكىنلىگىنى ھەم بۇ كۇچنىڭ كەم ئىكەنلىگىنى سەزگەن.شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز،سىرتقى كۈچ‹تەڭرى›نى چاقىرىپ كەلگەن،بىراق  سىرتقى كۈچ بۇ سائەتنى ھەركەتلەندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن نيۇتون بۇ سىرتقى كۈچنى  دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرمىغان.بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى بولسا نيۇتون ھەركەت قانۇنلىرى چۇشەندۇرگەن،.....،}."                                                                                                                                مانا بۇ 340يىل بۇرۇن نيۇتون دەۋرىدىكى نيۇتون ھەرىكەت قانۇنلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ھەقىقى ئارقا كۇرۇنۇشى  بولۇشى مۇمكىن.بۇنىڭدا بىزگە مۇنداق بىرقانچە سۇئال تۇغۇلىدۇ.ئالدى بىلەن نيوتون شۇ دەۋىردىكى  دىننى كۇچلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا شۇنداق قىلغان دىگەن قاراش،ئەگەر بۇ ماتىريالدا دىيىلگىنى ئىشەنچىلىك بولسا،نيوتون بۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن تەڭرىنى چاقىرغان، تەڭرىنىڭ كېلىش -كەلمەسلىگىنى  خىرىستىئان دىننى  فرۇفېسسورلىرى، نيوتونمۇ ۋە نيوتوندىن كېيىنكى ھازىرغىچە بولغان فىزىكا ئالىملىرىمۇ ئويلاپ كۇرمىگەن  .چۇنكى خىرىستىئان دىنىدىكى فرۇفېسسورلار ‹ تەڭرى ھەممىنى بىلگۇچى،ھەممىگە قادىر، ھەممىدىن مېھرىبان›دەپ قارايدۇ،  يەنى بۇ ئۇقۇم خىرىستىئان دىنى ئۇچۇنلا ئەمەس باشقا دىنلار ئۇچۇنمۇ ئورتاق ھەقىقەت ،لېكىن  ھەقىقەت دەپ قارالغان بۇ سۇزنى  نيوتون تەڭرىنى چاقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق شۇ چاغدىلا ئاغدۇرۇۋەتكەن،لېكىن بۇنى نيوتوندىن كېيىنكى نەچچە مىليارت ئادەم بىلمىگەن ياكى قەستەن  بىلمەسكە سالغان،  بۇنداق دىيىشىمىزنىڭ  سەۋەبى شۇ چاغدا ئىنسانلار بىلىپ يەتكەن قۇياش سىستىمىسى سائەتكە ئوخشايدىغان بولسا،قۇياش سىستىمىسى بىلەن غايەت زور مېخانىك  سائەت بىر گەپ دىگەن سۇز،قۇياش سىستىمىسى ھەرىكەت قىپتۇ؟ نىمە ئۇچۇن قۇياش سىستىمىسىغا ئوخشايدىغان سائەت ھەرىكەت قىلمايدۇ، دىگەن سۇئال سورالمىغان ، ھازىر ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىۋاتقىنى ‹تەڭرى بۇنى ئۇنتۇپ قالغانلىغى ئۇچۇن ئاندىن نيوتون تەڭرىنى چاقىرغان دىگەن مەنا كېلىپ چىقىدۇ›تەڭرىنى بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئىنكار قىلىش بولامدۇ؟،بۇنىڭدا تەڭرى ھەممىنى بىلگۇچى بولمايدۇ،تەڭرى ھەممىنى بىلگۇچى بولمايدىكەن خىرىستىئان دىنىنىڭ ئاساسى تۇۋرىگى  مەۋجۇت ئەمەس دىگەن  گەپ. يەنە كېلىپ نيوتوندىن بۇرۇن  ياشىغان بارلىق ئالىملاردىن ئارىستوتىل،پتولومى،كوپىرنىك،كېپلېر ۋە گالىلېيلار  ۋە ئۇلار بىلەن دەۋىرداشلارنىڭ ھەممىسى  قۇياش سىستىمىسىنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىغى ھەققىدە ناھايىتى ئېنىق چۇشەنچىگە ئىگە ئىدى، يەنە كېلىپ بۇ قاراش ئىنسانىيەت ئۇچۇن ئورتاقلىشىپ بولغان،بۇنىڭ ئىسپاتى ئەتىياز،ياز،كۇز ۋە قىشنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇۋاتقانلىغى  ۋە ھەر بىر پەسىلنى تۇزگۇچى كېچە بىلەن كۇندۇزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇۋاتقانلىغى  بولۇپ،بۇنى ئادەتتىكى كىچىك بالىلارمۇ بىلەتتى،نيوتوننىڭ تەڭرىنى چاقىرغانلىغى  ئۇنىڭ كىچىك بالىلارمۇ بىلىدىغان ئاددى ساۋاتنى بىلمىگەنلىگىنى كۇرسەتمەمدۇ؟ھەتتا مۇشۇنچىلىك ئاددى ساۋاتنىمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويغانلىغىنىڭ ئىسپاتى.                                                                                                                                                           نيوتون ‹مەن گىگانىتلارنىڭ مۇرىسىدە تۇردۇم دەپ قارايدۇ›بۇ گىگانىت ئالىم  گېرمانىيەنىڭ  داڭلىق ئاستىرونومىيە ۋە ماتىماتىكا ئالىمى،پەيلاسوپ  كېپلېر‹   1571-1630 › بولۇپ،ئۇنىڭ قانۇنلىرى مانا مۇنداق:                                                                                                                              ‹1›بارلىق  سەييارىلەر چوڭ كىچىكلىگى ئوخشاش بولمىغان ئوربىتىنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىدۇ،                                         ‹2› قۇياش بىلەن سەييارىلەرنى تۇتاشتۇرغۇچى سىزىق تەڭ ۋاقىتلار ئىچىدە،تەڭ يۇزلەرنى سۇپۇرۇپ ئۇتىدۇ.                                                                                                                       ‹3›سەييارە ئوربىتاسىنىڭ ئۇزۇن يېرىم ئوقىنىڭ كۇپىنىڭ دەۋرىنىڭ كۇۋادىراتىگە بولغان نىسپىتى  تۇراقلىق بولىدۇ.                                                                                                                                      مانا بۇلار كېپلېرنىڭ قۇياش سىستىمىسىنىڭ ھەركىتىنى كۇزۇتۇپ، بايقىغان ناھايىتى مويىم ئۇچ قانۇنيىتى،بۇمۇ قۇياش سىستىمىسىنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىغىنىڭ ئىسپاتى،شۇنداقلا قۇياش سىستىمىسىغا ئوخشايدىغان سائەتنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىغىنىڭ ئىسپاتى،   نيوتون دەۋرىدە بۇ قانۇنلار ‹ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى›نىڭ بايقىلىشىغا ئاساس بولغان،يەنى بۇ قانۇنلاردىن‹ ئالەملىك تارتىشىش كۇچى  قانۇنى›نى كەلتۇرۇپ چىقارغىلى بولىدۇ،لېكىن بىز بۇ ماقالىدە مۇلاھىزە قىلىۋاتقان مەسىلە ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى بولماستىن نيوتوننىڭ مېخانىك   ھەرىكەت قانۇنلىرى،چۇنكى نيوتونننىڭ ھەركەت قانۇنلىرىنى باشقا قانۇنلاردىن  فورمۇلا ئارقىلىق كەلتۇرۇپ چىقارغىلى  بولمايدۇ،چۇنكى نيوتوننىڭ نەزىرىدىكى تەڭرى بۇ ئالەمنى ياراتتى ھەم ھەرىكەتلەندۇردى دىگەنلەرنى تەجىربە ئارقىلىق ئىسپاتلاش مۇمكىن ئەمەس.  يەنە كېلىپ  ئىنسانىيەت پەيدا بولۇپ تاكى ھازىرغىچە ،مايمونسىمان ئادەملەردىن ئىنسانلارغىچە بولغان 2-3مىليون يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ،  بىرمۇ ئادەم  تەڭرىنىڭ بۇ ئالەمنى قانداق ياراتقانلىغىنى كۇرۇپ باقمىغان،شۇنداقلا تەڭرىنىڭ بىرىنچى ئىتتىرىش كۇچى ئارقىلىق بۇ ئالەمنى ھەرىكەتكە كەلتۇرگەنلىگىنىمۇ  ئۇز كۇزى بىلەن كۇرمىگەن،بۇلارنىڭ ھەممىسى رىۋايەت،ئەپسانە ۋە دىننى كىتاپلاردىلا  بايان قىلىنىدۇ،بۇرۇنقى دەۋىرلەردە بۇنىڭغا ئىشەنگەنلىرى ھايات قالىدۇ،ئىشەنمىگەنلىرى بولسا برۇنو،گالىلېي ۋە كوپىرنىكلاردەك ئاقىۋەتكە قالىدۇ.لېكىن نيوتون نىمە ئۇچۇن ئامان قالىدۇ،چۇنكى نيوتون قانۇنلىرىنى نيوتونمۇ ۋە باشقىلارمۇ چۇشەنمىگەن تۇرسا،بۇنىڭ باشقىمۇ چۇشەندۇرۇشى بارمىدۇ؟                                                                                                                                            نيوتون قانۇنلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ئاساسى كەمچىلىگىنى تاپقان  ماركىسىزىمدىكى ‹ماددا بىرلەمچى ،ئاڭ ئىككىلەمچى› نەزىريەسى بولۇپ ،بۇنى ھازىر ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ،يەنى ھازىرقى ‹چوڭ پارتلاش نەزىريەسى›دە،ئالەمنىڭ ئومومى تارىخى 13مىليارت 700مىليون يىل بولۇپ،بۇ ماددىنىڭ ئومومى تارىخى،ئىنسانلارغا خاس بولغان ئاڭنىڭ پەيدا بولغىنىغا  200-300مىليون يىلغىچە بولغان ۋاقىت بولۇپ،نيوتوننىڭ تەڭرىنى چاقىرىشى بولسا،بۇندىن 340يىل بۇرۇن بولغان ئىش.
،  ماددىنىڭ پەيدا بولغان تارىخىغا نىسپەتەن  ئاڭنىڭ پەيدا بولغان ۋاختى بۇ ھازىردىن  تەخمىنەن نەچچە مىنوت بۇرۇنقى ئىش، بۇنىڭغىچە ئالەم ھەرىكەت قىلماي قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ،بۇنىڭغا ھىچكىم جاۋاپ بەرمەيدۇ؟يەنە بەزىلەر ‹ نيوتون دەۋرىدە   ‹ئالەمنىڭ چوڭ پارتلاش نەزىريەسى›دەك نەزىريەلەر يوق ئىدى، نيوتونغا ئامال يوق ›دەپ چۇشەندۇرۇدۇ.شۇنىڭ ئۇچۇن نيوتون دەۋرىدە بار بولغان نەزىريەلەردىن پايدىلانساق توغرا بولىدۇ دەپ قارايدۇ، خوش نيوتون دەۋرىدە ‹ئىنجىل›دىكى  يىللار ئاساسى ئورۇندا تۇراتتى،‹ئىنجىل›دىكى يىللارغا ئاساسلانغاندا تەڭرى بۇ يەر شارىنى ‹ئالەمنى دەپ چۇشەنسەكمۇ بولىدۇ،چۇنكى  نيوتو0ن قۇياش سىستىمىسىنى بىر سىستىما دەپ چۇشەندۇرگەن›،ئالەمنى مىلادىدىن بۇرۇن 4004يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۇنى چۇشتىن بۇرۇن سائەت 10دا ياراتقان بولۇپ،نيوتون ئالەمنىڭ سىموۋىلى بولغان غايەت زور مىخانىك سائەت  ھەرىكەت قىلماپتۇ دەپ تەڭرىنى چاقىرغاندىمۇ تەڭرى ياراتقان ھەم ھەرىلكەتلەندۇرگەن  بۇ سائەت ھەرىكەت قىلغىلى 5600يىلدىن كۇپەرەك ۋاقىت بولغان بولىدۇ،يەنى نيوتوننىڭ تەڭرىنى چاقىرغان ۋاختى بىلەن ئالەمنىڭ ھەرىكەت قىلغان ۋاختى 5600يىلدىن كۇپەرەك پەرق قىلىدۇ ، يەنە كېلىپ نيوتوننىڭ تەڭرىنى  چاقىرىپ كېلىشىمۇ  چۇشۇنۇش مۇمكىن بولمايدىغان  مەسىلە،چۇنكى بۇ ۋاقىتقىچە نيوتون نەزىرىدىكى سائەت ھەرىكەت قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولۇپ،بۇنى تەڭرى قانداقلارچە بىلمەيدۇ؟ يەنە كېلىپ  تەڭرى بۇ سائەتنى ھەركەتلەندۇرگىلى كەلدىمۇ -كەلمىدىمۇ ،بۇنى ھەرىكەتلەندۇرۇش ئۇچۇن قانچە  توننا  كۇچ سەرپ قىلدى،قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلدى، نيوتون تەڭرىنى كۇرگەنمۇ-كۇرمىگەنمۇ ،بۇنى شۇ بىر نيوتوندىن باشقا ھىچبىر كىشى بىلمەيدۇ ھەم ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ،لېكىن لوگىكا نوختىسىدىن تەھلىل قىلساق ھازىرقى فىزىكا ئەلىملىرى قۇبۇل قىلغان . قۇياش سىستىمىسى راستىنلا سائەتكە ئوخشىسا،ئۇنىڭ ھەركىتى قۇياش سىستىمىسى بىلەن ماس قەدەمدە بولىدۇ،قۇياش سىتىمىسى قانچىلىك ھەرىكەت قىلسا،بۇ سائەتمۇ شۇنچىلىك ھەركەت قىلىدۇ،ئۇنداق بولمايدىكەن بۇلار ئىككىسى بىر -بىرىگە ئوخشىمايدۇ،بۇنىڭدا سائەت ئۇقۇمى دىگەن قاراش پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.بۇنىڭدا  تەڭرىنىڭ كېلىپ بۇ سائەتنى ھەرىكەتلەندۇرۇشىنىڭ زۇرۇريىتى پەقەتلا يوق،چۇنكى سائەتمۇ ماددا،قۇياش سىستىمىسىمۇ ماددا،ماددا بىلەن ھەرىكەت ئايرىلمايدۇ،لېكىن  ئىدىيالىزىمچىلار فىزىكا  پېنى بىلەن پەلسەپە پېنى تەتقىق قىلىدىغان ماددا ئوخشاش ئەمەس،دىگەن بىر سۇزنى كۇتۇرۇپ چىقىپ،ماركىسىزىم ئارقىلىق نيوتون قانۇنلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ،نيوتون قانۇنلىرىدىكى قۇياشقا ئوخشايدىغان سائەت نەزىريەسىنى تەتقىق قىلىشنى باشتىن ئاخىر تۇسۇپ كەلگەنلىگى ئۇچۇن،ماركىسىزىم ئۇچۇن ئىنتايىن ئاددى بولغان  بۇ مەسىلىمۇ بۇ يەردە 340يىلغىچە ھەل بولماي كەلگەن.   يەنى نيوتوننىڭ ھەركەت قانۇنلىرىنىڭ ئاساسى تەڭرى‹مەيلى نيوتون ئۈزىنى تەڭرىنىڭ ئورنىغا قويسۇن ياكى تەڭرى بۇ ئالەمنى ھەرىكەتلەندۇرگەن بولسۇن›  بۇلاردىكى ئاساسى ئامىل بولغان  تەڭرىنى ماركىسىزىم تامامەن  ئېتىراپ قىلمايدۇ.   يەنە كېلىپ  ماركىسىزىم شەيئىلەرنىڭ ھەركەت ۋە ئوزگۇرۇشىنى ئىلمى چۇشەندۇرۇپ  ‹بارلىق ھەركەت ۋە ئۇزگۇرۇشنىڭ سەۋەبى ،بۇ شەيئىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئامىلنىڭ ئاساسلىق،سىرتقى ئامىلنىڭ قوشۇمچە رول ئۇينىشى نەتىجىسىدە بولىدۇ ›دەپ قارايدۇ .  ئەلۋەتتە نيوتون قانۇنلىرىنىڭ ئىدىيالىزىمنى ئاساس قىلىپ تۇزۇلگەنلىگى پاكىت. ئۇنداق بولسا بۇ دۇنيادا ماركىسىزىممۇ بار،ئىدىيالىزىممۇ بار،بىرى تەڭرىنى بار دەيدۇ،يەنە بىرى يوق دەيدۇ. نيوتون قانۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا دەرسلىكلىرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىغى دەل مەركىسىزىملىق ئىلمى تەپەككۇرنىڭ فىزىكا پېنىگە كىرمىگەنلىگىنىڭ دەلىلىدۇر.                                                                                                                                                                                   بايا كۇروپ ئوتتۇق، ھازىرقى ئىلىم -پەن ساھاسى نيوتونغا  ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر شەخسلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇدىغان  
ئىسلام دىنىنىڭ بەرپاچىسى بولغان مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇدۇ دەپ باھا بېرىلگەن،بۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئۇنىڭ ئەدەبى ئوبىرازى بىلەن خەلق ئىچىدىكى ئوبىرازى سەۋەپ بولغان، بۇنىڭغا ئوخشايدىغان  مىساللار بىزنىڭ دۇلىتىمىزدىمۇ بار،مەسلەن:                                  ‹1› كوڭزى  دۇلىتىمىز تارىخىدىكى داڭلىق  مائارىپچى، ئەۋلىيا -ئەنبىيا ئەمەس.لېكىن فېوداللىق كونا جوڭگۇدا  كوڭزى2000يىلدىن كۇپەرەك ماختىلىۋېرىپ ئەۋلىيا،تەڭرى بولۇپ كەتكەن،بۇنىڭدا كىشىلەر تەبىى ھالدا ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ،ئېتىقات قىلىدۇ. جۇگېلىئاڭ بولسا  جوڭگۇ تارىخىدىكى بىر سىياسەتچى، يىجوڭتىئەننىڭ  قارىشىدا ئۇنى ھەربى ئالىم دەپ قاراش بەك ئاشۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ،بىز يىڭوڭتىئەننىڭ52 قىسىملىق لىكسىيەسىنىڭ تور ئادىرسى مۇنۇ،                                                                                                                                                                                                                  jiaren.org/2010/06/11/yizhongtianpinsanguo   بولۇپ ، بىز بۇ تۇر ئادىرسىدىن  ‹ ئۇچ پادىشاھلىققا باھا›نى كۇرگەندىن كېيىن ،جۇگېلىئاڭدىن كېيىنكى چوقۇنغۇچىلاردىن بولغان جىن سۇلالىسىدىكى گوسوڭدىن باشلاپ،   لوگۇئەنجوڭغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋە لوگۇئەنجوڭدىن  يىجوڭتىئەنگىچە  بولغان ئارىلىققىچە،جۇگېلىئاڭنىڭ ئەدەبى ئوبىرازى،گۇئەنيۇ،لىۇ بېي،لۇسۇ،جياشۆ، ساۋساۋ ،جوۋيۇ  قاتارلىقلارنىڭ ئوبىرازى  بىلەن سېلىشتۇرۇش ئۇچۇن نۇرغۇن بىمەنە ،لوگىكىغا ئۇيغۇن بولمىغان ھىكايىلەرنىڭ توقۇپ چىقىرىلغانلىغىنى،بۇنىڭ  {3پادىشاھلىق قىسسىسى}دىكى تارىخى ماتىرياللار بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ئىكەنلىگىنى بىلدۇق،  كونا فېوداللىق جوڭگۇدىكى قەلەمكەشلەر  ئۈزلىرى ياشىغان ئاشۇ   دەۋىرلەردىن باشلاپ جەمىيەتنى ۋە  ياش ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەش ئۇچۇن،ھەم  ئەسەرنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش ئۇچۇن‹ھازىر بۇنى بازار ئىگىلىگىگە ماسلىشىپ كوپ پۇل تېپىش ئۇچۇن دەيمىز›جۇگېلىئاڭنىڭ  خەلق ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى يۇقۇرى كۇتۇرپ ،ئۇنى ھەممە   ياخشى    نۇرغۇن ھىكايىلەرنى توقۇپ چىققانلىنى ئېيتىپ ئۇتكەن.مەسىلەن ،{قۇرۇق شەھەر ھىلىسى }نى ئەسلى ساۋساۋ لۇبۇغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلەتكەن،بۇ ھەربى تاكتىكىنىڭ جۇگېلىئاڭ بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، جۇگېلىئاڭنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى  بۇ كەشپىيات ھوقوقىنى  ساۋساۋدىن جۇگېلىئاڭغا ئېلىپ بەرگەن.{كىمە ئۇستۇدىكى ئوت-چۇپ  قارانچۇقلار ئارقىلىق ئوقيا ئوقى يىغىش} ئەسلى سۇنچۇئەن ساۋساۋغا تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن ئىشلەتكەن ھەربى تاكتىكا . بۇنىڭمۇ جۇگېلىئاڭ بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، بۇنىمۇ شۇ چوقۇنغۇچىلار  سۇنچۇئەندىن جوگېلىئاڭغا ئېلىپ بەرگەن.   چىبى ئۇرۇشىدا بولسا  ساۋساۋنىڭ كىمىلىرىگە ئوت قۇيۇش ئۇچۇن{شەرق شامىلىنى چاقىراش}تەك ۋەقە پەقەت يۇز بەرمىگەن،  بىراق جۇگېلىئاڭنىڭ  ئەدەبى ۋە خەلق ئىچىدىكى ئوبىرازىنى يۇقۇرى كۇتۇرۇش  ئۇچۇن  بۇنىمۇ ئويدۇرۇپ چىقارغان.‹بوۋاڭغا ئوت قۇيۇش،شىايېغا ئوت قويۇش›نى بولسا، ئاپتور لوگۇئەنجوڭ جۇگېلىئاڭغا ياردەملىشىپ قويۇشۇپ بەرگەن. قىزىق يېرى شۇكى گۇئەنيۇگە زەھەرلىك ئوق تېگىپ كەتكەندە ئۇنى داۋالىغان خۇاتو بۇ چاغدا ئۇلۇپ كەتكىلى 13يىل بولغان بولۇپ،يازغۇچىلار گۇئەنيۇنىڭ ئوبىرازىنى گەۋدىلەندۇرۇش ئۇچۇن خۇاتونى تىرىلدۇرگەن،  يىجوڭتىئەننىڭ قارىشىدا ئەدەبىياتنىڭ  ئەدىبىي ئوبىرازنىڭ يارىتىلىش نوختىدسىدىن بۇ شۇ قانۇنيەتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ،لېكىن تارىخى چىنلىق نوختىسىدىن  قارىغان ۋاختىڭئىزدا، بۇ   لوگىكىغا  تامامەن ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ساۋساۋ،سۇنچۇئەنلەرنىڭ ھەربى تاكتىكا جەھەتتىكى  كەشپىيات مىسىلىسىگە ئېتىۋار بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ،لېكىن تارىختا ئۇنداق قىلىنمىغان.ئەلۋەتتە  نەزىريە جەھەتتىن تەبىى پەن ساھاسىدە بولسا  ئۇنداق قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ،لېكىن ئەمىليەتتە بولسا  نيوتون مەسىلىسىدە بۇ قائىيدىمۇ يەنە بۇزۇپ تاشلانغان،بارشقىلارنىڭ نۇرغۇن ئەمگەكلىرىنى يازغۇچىلار  ۋە چوقۇنغۇچىلار  تەرىپىدىن  باشقىلارنىڭ قولىدىن نيوتونغا ئېلىپ بەرگەن.
           مەسىلەن، ‹1›نيوتون ئەينى ۋاقىتتا  ھاۋادىن ئېغىر جىسىملارنىڭ ئاسماندا ئۇچالمايدىغانلىغىنى ئۇز قانۇنلىرىنىڭ ئىسپاتلاپ چىققانلىغىنى ئېيتقان بولۇپ، ھازىرقى زامان نيوتون چۇقۇنغۇچىقلىرى ئايرۇپىلاندىن تارتىپ ئاسماندا ئۇچالايدىغان  بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نيوتون قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان دەپ قارايدۇ، بۇ سۇزلەر نيوتون  قاراشلىرىنىڭ مەزمونىغا   تامامەن خىلاپ  ، يەنى ئاۋاز تېزلىگىدىن يۇقۇرى تېزلىكتە ئۇچۇش،  سۇننى ھەمرا،  يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ھاۋانىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرىماي ئۇچۇش  ...  قاتارلىقلارنىڭ  ھەممىسىنى 1908يىلدىن كېيىن دوكتۇر  ۋون كارمان ئۇتتۇرغا قويغان ،  بۇنىمۇ نيوتوننىڭ چوقۇنغۇچىلىرى ۋون كارماننىڭ قولىدىن نيوتونغا ئېلىپ بەرگەن، ھەم بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق پۇتكۇل ئىنسانىيەتنى تەربىيەلەش مەخسىدىگە يەتمەكچى بولغان.بۇنىڭدا ۋون كارماننىڭ كەشپىيات ھوقوقى نيوتوننىڭ بولۇپ كەتكەن، بۇ ماتىريال شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى  تۇزۇپ نەشىر قىلدۇرغان ‹تەرمىلەر›ژورنىلى2008-11سانىدا ئۇچۇرايدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ھازىرقى كەشپىيات ھوقوقى كۇچلۇك بوڭلغان دەۋىردە كەشپىيات ھوقوقى قانۇنىغا خىلاپ .                                                                                                                                    ‹2› خالىي،گوك ۋە داڭلىق قۇرۇلۇش ئۇستىسى لېيئېنلارنىڭ ھەممىسى ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ‹تارتىشىش كۇچىنىڭ چوڭ- كىچىكلىگى ئارىلىقنىڭ كۇۋادىراتى بىلەن تەتۇر تاناسىپ بولىدىغانلىغىنى بايقىغان ›،لېكىن  بۇ ئۈچەيلەن ماتىماتىكا سەۋىيەسىنىڭ چەكلىمىلىگى سەۋەبىدىن  ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىدىن بايا بايان قىلىنغان كېپلېرنىڭ قانۇنلىرىنى  كەلتۇرۇپ چىقىرالمىغان،1684-يىلى لېيئېن ئوكىسفورت ئۇنىۋېرىستېتىدىكى گوك بىلەن خالىينىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ،‹ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىدىن كېپلېرنىڭ ئۇچ قانۇنىنى كەلتۇرۇپ چىقارغىلى بولامدۇ يوق،كىم بۇنى كەلتۇرۇپ چىقىرالىسا،40شىللىڭلىق كىتاپتىن بىرنى سوغا قىلىمەن› دەپ ،بىر كىتاپ دوغا تىككەن.  بۇ ماتىريال{ ‹ئېينىشتىيىن تەڭرىگە ئىشىنەمدۇ؟›-ئاپتورى فاڭ جو زى ،خەنزۇچە 2-بەت،} بۇنىڭ بىلەن خالېي  كېمبىرىجغا كېلىپ نيوتوننى زىيارەت قىلغان .نيوتون  ئۈزىنىڭ بۇ مەسىلىنى  بۇرۇنلا ھەل قىلىپ  بولغانلىغىنى ،لېكىن  تېخى ئۇچۇق ئاشكارە ئېلان قىلمىغانلىغىنى ئېيتقان. خالېينىڭ دەۋەت قىلىشى   بىلەن  نيوتون 1686-يىلى ‹تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپى›نىڭ ئارگىنىالىنى  ئەنگىيىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمىيىتىگە تەكشۇرۇپ بېكىتىشكە  تاپشۇرغان، ئارگىنالنى باھالاشتا،  گوك ‹ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى›نى ئۈزىنىڭ نيوتونغا ئېيتقانلىغىنى،نيوتون بۇ ئەسىرىدە گوكنىڭ  توھپىسىنى ئەسكەرتىشنىڭ كېرەكلىگىنى  ئېيتقان،گوكنىڭ ئېيتىشىچە،بۇندىن 12يىل بۇرۇن يەنى 1674-يىلى ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ،  بۇنىڭدا تارتىشىش كۇچىگە ئائىت ئۇچ پەرەزنى ئوتۇرغا قويغان.                                بۇلار مۇنداق ‹بارلىق ئاسمان جىسىملىرى ئوتتۇرسىدا تارتىشىش كۇچى مەۋجۇت بولىدۇ،تارتىشىش كۇچىنىڭ تەسىرى بولمايدىكەن،ئاسمان جىسىملىرى ئىنىرىتسىيەنىڭ تەسىرىدە تۇز سىزىقلىق ھەركەت قىلىدۇ،جىسىملار ئوتتۇرسىدىكى ئارىلىق قانچە يېقىن بولسا،تارتىشىش كۇچى شۇنچە  كۇچلۇك  بولىدۇ.› ئەلۋەتتە بىز بۇنىڭدىن ھازىرقى دەۋىردىكى  تۇلۇق كۇرۇسنى پۇتتۇرگەن ھەرقانداق  ئوقۇغۇچىنىڭمۇ  ‹ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى›نىڭ  نيوتوندىن ‹ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى›نى ئېلان قىلىشتىن  بۇرۇن ئېلان قىلىنغانلىغىنى  بايقىيالايمىز،،1679-يىلى گوك ئەنگىلىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمىيىتىگە ۋاكالەتەن نيوتونغا  خەت يېزىپ،‹تارتىشىش كۇچىنىڭ ئارىلىقنىڭ كۇۋادىراتىغا نىسپەتەن تەتۇر تاناسىپ بولىدىغانلىغىنى ئېيتقان›،--قالغان ماتىرياللارنى  فاڭ جو زىنىڭ ‹ئېينىشتىيىن تەڭرىگە ئىشىنەمدۇ؟›دىگەن كىتاپنىڭ 23-24-25-26-بەتلىرىدىن كۇرۇڭ.  خالىينىڭ40شىللىڭ پۇل چىقىرىشى بىلەن ‹تەبىئەت  پەلسەپەسىنىڭ  ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى› 1687-يىلى ئېلان قىلىنغان،كىتاپتىن كىرگەن پايدىنى بۇلۇشۇش ھەققىدە نيوتون خالېي بىلەن يەنە قاتتىق تۇتۇشۇپ قالغان. ھازىرقى سودا ئەخلاقى بىلەن قارىساق،بۇ پايدىنىڭ يېرىمىنى نيوتون،يېرىمىنى خاللېي ئېلىشى كېرەك.لېكىن ئۇنداق بولمىغاندەك تۇرۇدۇ.                                                                                                                  {1} ئادەتتە  نيوتون          قانۇنلىرى ھازىرقى زامان سانائىتىنىڭ ئاساسى دەپ قارىلىدۇ،لېكىن بايىقى  دوكتۇر ۋون كارمانننىڭ ھىكايىسىنى تەپسىلى ئوقۇساق،بۇ سۇزنىڭمۇ كوپتۇرۇپ ئېيتىلغانلىغىنى بايقىيالايمىز.  شۇنىڭغا ئوخشاشلا   نيوتون قانۇنلىرىنى كىلاسسىك فىزىكىنىڭ ئاساسى دەپ قاراشمۇ يەنىلا ئېشىپ كەتكەنلىك بولىدۇ.چۇنكى  نيوتون قانۇنلىرىنى تۇزگەندە،‹كۇچ دىگەن نىمە؟› دىگەن مەسىلىدە   نيوتوندىن بۇرۇنقى فىزىكا ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىنىڭ ھەممىسىنى  تامامەن ئىنكار قىلغان،مەسىلەن،  نيوتوننىڭ بىرىنچى قانۇنى ‹بارلىق جىسىملار سىرتقى كۇچنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىمايدىكەن  ھامان ئۇزىنىڭ تۇز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت ھالىتىنى ياكى تىنىچ ھالىتىنى ساخلايدۇ›قانۇنى بىلەن كىلاسسىك فىزىكىنىڭ ‹جىسىمنىڭ جىسىمغا بولغان تەسىرى كۇچ دىيىلىدۇ›دىگەن ئۇقۇم بىر-بىرىگە زىت كېلىدۇ.   مەسىلەن: ئارىستوتىل  ساندۇقنىڭ ھەركىتىنى چۇشەندۇرۇش ئۇچۇن،ئادەم بىر ساندۇقنى ئىتتىرسە ساندۇق ماڭىدۇ،ئىتتىرمىسە ماڭمايدۇ دىگەن،بۇ دەل كۇچنىڭ ساندۇققا تەسىر كۇرسەتكەنلىگى بولۇپ، بۇ ئادەمدىن ئىبارەت بىر جىسىمنىڭ    ساندۇقتىن ئىبارەت يەنە بىر جىسىمغا كۇچ ئارقىلىق تەسىر بەرگەنلىىنى كۇرسۇتۇدۇ.دىمەك  كۇچنىڭ ئاساسى ئۇقۇمىدا ئادەم بىلەن ساندۇق ئوخشاشلا جىسىم.  ئادەتتىكى لوگىكىدا ئادەمنىڭ ھەرىكەت قىلىشى ئۇچۇن  ساندۇققا تەسىر قىلغانغا ئوخشاش سىرتقى كۇچ زۇرۇر بولمايدۇ.يەنى ئادەمنىڭ ھەرىكىتى ‹ئىچكى ئامىلنىڭ ئاساسلىق،سىرتقى ئامىلنىڭ قوشۇمچە رول ئوينىشى› نەتىجىسىدە بولىدۇ،سىرتقى ئامىل دىگەندە،بۇشۇ ئادەمگە بېرىلگەن بۇيرۇق.                                      لېكىن نيوتوننىڭ  ئىنىرىتسىيە قانۇنىدا بارلىق جىسىملار{ئاساسى زەرىچىلەر،ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنىمۇ ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ›،ھەركەت قىلىشى ئۇچۇن سىرتقى كۇچ زۇرۇز بولىدۇ  دىيىلىدۇ،20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالىملار ئاتوم ۋە ئاتومدىن كىچىك بولغان زەرىچىلەرنىڭ ھەركىتىنى  نيوتون قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ چۇشەندۇرگىلى بولمايدىغانلىغىنى بايقىغان،1905-يىلى ئېينىشتىيىن ‹تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى›نى ئېلان قىلىپ،ئادەمنىڭ جىسىم ئىكەنلىگىنى مۇقىملاشتۇرغان ، يەنى ئادەمنىڭ ھەركىتى ئۇچۇن سىرتكى كۇچ زۇرۇر بولمايدۇ.نيوتون  ماتىماتىكا ئالىمىلا ئەمەس،يەنە ئۇ پەيلاسوپ،يەنى ئىدىيالىزىمچى پەيلاسوپ،ئىدىيالىزىمنىڭ پىرىنسىپى‹روخ بىرلەمچى،ماددا ئىكىلەمچى›بولۇپ،تەڭرى بۇ ئالەمنى ياراتقان ھەم ھەرىكەتلەندۇرگەن بولىدۇ،شۇنداقلا بۇنداق بولغاندا ، نيوتون بۇ يەردە تەڭرىدىكى ئاڭنى،روھنى ئېتىراپ قىلىدۇ،ئىنساندا ئاڭ بار ئىكەنلىگىنى  ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئادەم ۋە ئىنسانلاردىن ئىبارەت بۇ  ئىككى جىسىم ئىنىرىتسىيە قانۇنىنى  تامامەن ئىنكار قىلىدۇ.يەنى كىلاسسىك  فىزىكىدىكى كۇچ ئۇقۇمى بىلەن نيوتوننىڭ بىرىنچى قانۇنى بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. خوش، شۇنىڭ ئۇچۇن نيوتون قانۇنلىرىنى كىلاسسىك فىزىكىنىڭ ئاساسى دەپ قاراش لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەس.                                                                        {2}ئىنىرىتسىيە قانۇنى بىلەن نيوتون 2-قانۇنى بىر -بىرىنى يەنە  ئىنكار قىلىدۇ.مەسلەن نيوتون 2-قانۇنىدا‹ جىسىمنىڭ تېزلىنىشى شۇ جىسىم ئۇچۇرىغان سىرتقى كۇچلەرنىڭ يىغىندىسىغا ئوڭ تاناسىپ ،شۇ جىسىمنىڭ ماسسىسىغا تەتۇر تاناسىپ بولىدۇ›دىيىلىدۇ. دۇنيادىكى بارلىق  يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىسىنى ئالايلى ،  ماھىرلارنىڭ  يۇگۇرەش سۇرئىتىنىڭ تېزلىنىشى‹ غەيرەت قىل  ›دىگەن سۇزنىڭ تۇرۇتكىسىدە ئەمەس،بەلكى ماھىرلارنىڭ ئەمىلى كۇچىدىن كەلگەن بولىدۇ،چونكى تاماشىبىنلار ماھىرلارنىڭ ھەممىسىگە مەدەت بىرىدۇ. بۇ  مەدەت قوشۇمچە رول ئوينايدۇ، تەنھەركەتچىلەرنىڭ ھەركىتىنىڭ تېزلىنىشى نيوتوننىڭ قانۇنى بىلەن چۇشەندۇرۇلسە ،نەتىجە ئالغۇچى ماھىر  ئۈزىنىڭ ئەمىلى كۇچىگە تايىنىپ ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ كۇچىدىن يەنى{ سىرتقى كۇچتىن} پايدىلىنىپ تېزلىنىش ئالغان بولىدۇ  ،بۇنىڭدا مۇكاپاتقا باشقىلارمۇ شېرىك بولۇشى كېرەك.نيوتون ۋە نيوتون قانۇنىنى قوللۇغۇچىلار بۇ نوختىلارنى چۇشەندۇرلمەيدۇ .يەنە بىر  مىسال ،  ئافرىقىنىڭ تەبىى يايلىغىدا ،بىر يايلاقتا شىر بىر بۇغىنى  قوغلاپ كېتىۋاتقان بولسۇن دەيلى،بۇلارنىڭ ئىككىسىلا  بۇغا شىرغا تۇتۇلۇپ قالماسلىق ئۇچۇن يۇگۇرەش سۇرئىتىنى تېزلىتىدۇ،شىرمۇ ئولجىنىڭ قېچىپ كەتمەسلىگى ئۇچۇن ھەركىتىنى تېزلىتىدۇ، يەنى   شىرنىڭ ئۇزۇقلۇق تېپىش ئۇچۇن،بۇغىنىڭ بولسا ھايات قېلىش ئۇچۇن ھەر ئىككىسىلا ھەركەتتە تېزلىنىش ئالىدۇ.  بۇنى سىرتقى كۇچ تەسىرىدە تېزلىنىش ئالغان دىسەك تامامەن خاتا بولىدۇ.چۇنكى ئۇلارنىڭ تېزلىنىشى ئۇز بەدەن ساپاسىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ.                                             نيوتون بىرىنچى قانۇندا{ بارلىق جىسىملار ‹ ئادەمنىمۇ ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ› سىرتقى كۇچ بولمىسا ھەرىكەت قىلمايدۇ }دەيدۇ،2-قانۇندا‹  جىسىم ‹ئادەم›نىمۇ ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ ، تېزلىگىنى ئاشۇرۇش ئۇچۇن يەنە سىرتقى كۇچ بولمىسا بولمايدۇ ›دەيدۇ.ئۇنداقتا تېزلىنىش ئېلىشتىن بۇرۇنقى ھەرىكەت نەدىن كەلگەن؟،قايسى كۇچنىڭ تەسىرىدىن بولغان،ھەممە تەنھەركەتچى ئوخشاش سىرتقى كۇچنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەت قىلسا نىمە ئۇچۇن ئۇلارنىڭ  يۇگۇرەشتىن ئالغان نەتىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ؟    بۇنىڭ سەۋەبى نىمە ؟ جانلىق بىلەن جانسىز نيوتون قانۇنلىرىدا پەرقلەندۇرۇلمىگەن.ئومومەن نىيوتون ئۈز قانۇنلىرىدىكى ئاساسى لوگىكىنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى بايقىيالماي قالغان.مانا  بۇ بىز 340يىلدىن كۇپەرەك ۋاقىتتىن بۇيان  ۋارىسلىق قىلىۋاتقان نيوتون قانۇنلىرى.                                                                    ‹3›نيوتوننىڭ 3-قانۇنى‹تەسىر كۇچ بىلەن ئەكس تەسىر كۇچنىڭ مىختارى تەڭ،يۇنۇلۇشى قارمۇ-قارشى بولىدۇ› بىلەن‹جىسىمنىڭ  جىسىمغا بولغان تەسىرى كۇچ ›دىيىلىدۇ ئۇقۇمى بىر-بىرىنى تۇلۇقلايدۇ،بۇنىڭدا تەسىر كۇچ بەرگۇچىمۇ جىسىم،تەسىر كۇچنى قۇبۇل قىلغۇچىمۇ جىسىم،زەيتۇن توپ مۇسابىقىسىنى كۇز ئالدىمىزغا كەلتۇرسەك،بۇنى چۇشەنگىلى بولىدۇ.چېلىشچىلارنىڭ دۇنيايىۋى مۇسابىقىسىنى كۇز ئالدىمىزغا كەلتۇرسەكمۇ بۇنى يەنە چۇشەنگىلى بولىدۇ.بۇلاردا بەزى پايدىسىز مەيداندا تۇرغان،ئۇتتۇرۇپ قويغان تەنھەركەتچىلەرمۇ روھى ھالەتنى تەڭشىگەندىن كېيىن يەنىلا قارشى تەرەپنى ئۇتالايدۇ. بۇ ئەمىليەتتە ئاڭنىڭ مەخسۇلى،نيوتون قانۇنلىرىدا ئاڭ مەۋجۇت ئەمەس. بۇنىڭ بىلەن تەسىر كۇچ بىلەن ئەكس تەسىر كۇچنىڭ مىختارى ئوخشاش،يۇنۇلۇشى قارمۇ -قارشى بولىدۇ دىگەن ئىدىيە ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدۇ.چۇنكى ئادەمدىكى كۇچ بىلەن ئاڭ زىچ باغلانغان.                                                                                                  ‹4› كىلاسسىك فىزىكىنىڭ تارىخىدىن قارايدىغان بولساق، نيوتوندىن كېيىنكى  فىزىكلار،يازغۇچىلار ،مائارىپچىلار،پەننى ئوموملاشتۇرغۇچىلار بولۇپ،بۇلار ئالدى بىلەن نيوتون قانۇنلىرىنىڭ بىر-بىرىگە زىت ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يەتمىگەن ياكى بۇ مەسىلىدىن  ئۈزىنى قاچۇرغان.نيوتوننىڭ ئۈزىنى تەڭرىدىن ئۇستۇن ئورۇنغا قويۇپ تەڭرىنى چاقىرىپ،ئۈزىنىڭ ‹مېخانىك  سائەت ›قارىشىنى قوللاشقا ياردەم قىلدۇرغانلىغىنى خىرىستىئان دىنىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلۇشۇپ كۇرمىگەن.مۇشۇ ئىككى نوختىلا نيوتوننىڭ ئىنسان ئىكەنلىگىنى ،ئۇنىڭمۇ خاتالىشىدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇدۇ.لېكىن نيوتوننىڭ چوقۇنغۇچىلىرى بولغان بىزلەر  نيوتوننىڭ بۇ خاتالىقلىرىنى بىلمىگەندەك قىلىمىز.  بىزنىڭ تۇتقان يولىمىز دۇلىتىمىزنىڭ فېوداللىق تۇزىمىدىكى ئاشۇ تالىپلار،قەلەمكەشلەر ۋە جۇگېلىئاڭنى پايدىلىنىش ئوبىكتى قىلغان ھۇكۇمران پادىشاھلارنىڭ تۇتقان يولى بىلەن ئوخشۇشۇپ كېتىدۇ،بۇلار 1700يىلدىن بۇيان جۇگېلىئاڭنى قانداق چوقۇنۇش ئوبىكتى قىلغان بولسا،  بىزمۇ تەبىىى پەن ساھاسىنىڭ مويىم بىر تارمىغى بولغان فىزىكىدا  نيوتوننى شۇنداق چوقۇنۇش ئوبىكتى قىلدۇق. يەنى نيوتونغىمۇ  خۇددى جۇگېلىئاڭغا  ئوخشاش  مۇئامىلە قىلىپ ،باشقىلارنىڭ  كەشپىيات ھوقوقىنى  نيوتونغا ئېلىپ بېرىش  ئارقىلىق نيوتوننىڭ ئوبىرازىنى ئىلاھلاشتۇردۇق.مەسىلەن،1969-يىلى ‹ئاپوللو  11›ئاي شارىغا چىققاندا ،بىر مۇخبىر ‹سىلەر ئاي شارىغا چىقىشتا ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىلىك نەزىريەسىدىن پايدىلاندىڭلارمۇ ›دەپ سورالغان سۇئالغا، ئاي شارىغا چىققۇچى‹ئامىستېردام بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن›:‹بىز بۇنىڭدا نيوتون قانۇنلىرىدىنلا پايدىلاندۇق،ئېينىشتىيىنغا ھاجىتىمىز چۇشمىدى› دەپ جاۋاپ بەرگەن، نيوتون راكىتانىڭ ئاي شارىغا چىقىشىنى تامامەن مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان، راكىتانىڭ  ئاي شارىغا چىقىش تەسەۋۇرىنى   ۋون كارمان  ئوتتۇرغا قويغان. بۇ يەردە ۋون كارماننىڭ  توھپىسىنى نيوتون قانۇنلىرىنىڭ تۇھپىسى دەپ قارىغان.دىمەك ئاي شارىغا چىقىش بىلەن ۋون كارماننىڭ مۇناسىۋىتى بۇ مىسالدا ئېتىراپ قىلىنمىغان ،بۇ سۇزنى پۇتۇن دۇنيا 43يىل بۇرۇن ئاڭلىغان. مۇشۇ سۇزنىڭ مەنىسىدىنلا كۇرۇۋالغىلى بولىدىكى ، ئىنسانىيەت ۋون كارماننىڭ ئىجادىيەت ھوقوقىغا ئېتىۋار بەرمىگەن.لېكىن‹ قانۇن مۇقەددەستۇر ›دىگگن سۇئال ھازىرغىچە سۇسلاپ قالغىنى يوق،                                                                                                                                       
                                   
                       ‹5›بىز  دۇنيا پەلسەپە بىرلەشمىسى                                                                   International Federation of Philosophical Societies دىن،بۇ ئاپاراتنىڭ دۇنيادىكى 119دىن ئارتۇق  دۆلەتكە   تارقالغان تارماق ئاپاراتلىرىنىڭ تەتقىقات  مەزمونلىرىنى بىرمۇ-بىر كۇرۇپ  شۇنى كۆردۈقكى ،ئۇلارنىڭ تەتقىقات تىمىلىرى ئىچىدە  ئېنگىلسنىڭ لوگىكىسى بولغان{ھەرىكەتنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}ۋە ئۇنىڭ داۋامى بولغان{ماددىنىڭ ئاساسى شەكىللىرى }يوق ، يەنى ماركسىزمنىڭ ماددا كاتۇگىرىيەسىگە ئائىت ھىچ بىر مەزمون يوق ،بۇ دەل دۇنيادا تاكى ھازىرغىچە بوش تۇرىۋاتقان بوشلۇق بولۇپ ،بۇ بوشلۇق دەل  پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى  نيۇتوننىڭ بىر تۇرۇپ ئۇزىنى تەڭرى دەيدىغان ،يەنە بىر تۇرۇپ تەڭرى بۇ ئالەمنى ياراتقان ھەم ھەرىكەتلەندۇرگەن دەيدىغان قاراشنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئېنىق كۇرەلمەيدىغان ھالەتنى شەكىللەندۇرگەن،بۇندىن ئۇن نەچچە يىل بۇرۇن  جوڭگۇ ئىجتىمايى پەنلەر ئاكادىمىيىسى پەلسەپە تەتقىقات ئۇرنى‹ ماركسىزىمنىڭ  ماددا كاتوگىرىيەسى›نى تەتقىق قىلىدىغانلىغىنى،بۇنىڭ ماركىسىزىم ئۇچۇن ئىنتايىن زۇرۇر ئىكەنلىگىنى 70تىن ئارتۇق دۇلەتنىڭ پەيلاسوپ ۋە ئالىملىرى قاتناشقان يىغىندا ئۇتتۇرغا قويغان،بۇ ئىلىمى يىغىننىڭ مەزمونى‹جوڭگۇ ياشلىرى›گېزىتىنىڭ شۇ يىللاردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان،لېكىن ھازىرغىچە ‹ماددىنىڭ ئاساسى شەكىللىرى›نىڭ مەزمونى بايقالمىدى.                                         ‹6›    ئەسلى گەپكە قايتىپ كەلسەك.  {-1تەھلىل} قۇياش سىستېمىسى زادى سائەتكە ئوخشامدۇ ياكى ئوخشىمامدۇ؟  ئىنجىلدا دىيىلىشىچە ،تەڭرى 4004يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۇنى{ يەنى يەكشەنبە}  چۇشتىن بۇرۇن سائەت 10دا،  يەر شارىنى ۋە ئىنسانلارنى يارىتىپ بولغان بولۇپ،بىز ھازىر بۇ كۈننىڭ تەڭرىنىڭ ئالەمنى ياراتقان ئەڭ ئاخىرقى كۈنىمۇ ياكى ئەڭ دەسلەپكى  كۈنىمۇ بۇنى بىلەلمەيمىز. لېكىن نيۇتوننىڭ غايەت زور مېخانىك سائەت نەزىرىيەسىگە ئاساسلانساق ،ئەڭ مۇكەممەل تەڭرىمۇ بۇ سائەتنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن 6كۈن ۋاقىت سەرپ  قىلغان، ئادەتتىكى لوگىكىغا ئاساسلانغاندا،  پەقەت مېخانىك سائەت پۈتكەندىن كېيىنلا ھەركەت قىلالايدۇ. كۆرۈشكە بولىدۇكى  بۇ يەردىكى  روشەن خاتالىق دەل {ئىنجىل}غا ئاساسلانغاندا ، تەڭرىنىڭ سائەت پۈتمەي تۇرۇپ ،ئۇنى ھەركەت قىلدۇرالىشىمۇ  مۇمكىن ئەمەسقۇ؟يەنە كېلىپ،ماددا پەيدا بولۇپ تاكى 6-كۇنىگىچە ئۇ قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇدۇ؟،بۇنىڭغا ھىچكىم جاۋاپ بەرمەيدۇ ياكى جاۋاپمۇ بىرەلمەيدۇ، دىمەك نيۇتوننىڭ مېخانىك   ھەركەت  نەزىرىيەسىدە ماددا پەيدا بولغان بىلەن تەخمىنەن  2320يىلغىچە ھەركەت قىلمايدۇ، پەقەت نيۇتون تەڭرىنى چاقىرىپ كەلگەندىن {توغراراق ئېيتقاندا ،نيۇتۇن تەڭرى بولغاندىن كېيىن}لا،بۇ سائەت ھەرىكەتكە كەلگەن.نيوتوننىڭ بۇ نەزىريەسىنى  ھازىرقى ئىلىم -پەن پاكىت جەھەتتىن  مۇتلەق ئىنكار قىلىدۇ.دىمەك غايەت زور مېخانىك سائەت نەزىرىيەسى پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.  يەنە  نيوتون تەڭرىنىڭ 4004-10-23كۇنى  ئالەمنى ياراتقانلىغىنى   پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. لېكىن بۇ قوللاش نيوتون ھەرىكەت قانۇنلىرىنى تۇزگەندە شۇنداق بولغانمۇ ياكى نيوتون ئۇمۇرىنىڭ ئاخىرىدا خىرىستىئان دىنىغا كىرگەندە شۇنداق بولغانمۇ؟بىز ئىگىلىگەن ماتىرياللارنىڭ ھەممىسىدە بۇ  ئىككى خىل ئەھۋال تەڭلا  مەۋجۇت.                                                                                   ‹7› بىز پتولومىنىڭ ‹يەر مەركەز تەلىماتى›نىڭ 1100يىلدىن كۇپەرەك دەۋىر سۇرگەنلىگىنى،بۇ تەلىماتنىڭ دىننى جەمىيەت تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەنلىگىنى ،  كوپىرنىكنىڭ بۇ نەزىريەنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان ، ‹قۇياش مەركەز تەلىماتى›نى ئوتتۇۇرغا قويۇپ، ناھايىتى چوڭ  بالاغا قالغانلىغىنى بۇ كىتاۋىنى نەشىر قىلغاندىمۇ ئۇمۇرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرقانچە مىنوتقا بېرىپ قالغانلىغىنى ،كېيىن گالىلېينىڭ ‹قۇياش مەزكەز تەلىماتى}قوللاپ قويۇپ، قەدىمقى رىمنىڭ سوتى تەرىپىدىن سوتقا تارتىلغانلىغىنى ،‹يەر شارى قۇياشنى ئايلىنامدۇ ياكى قۇياش يەر شارىنى ئايلىنامدۇ›دىگەن مەسىلىگە ،گالىلېينى دۇمبالاش ئارقىلىق ‹قۇياش يەر شارىنى ئايلىنىدۇ›دەپ جاۋاپ بەرگۇزگەنلىگىنى  ، گالىلېيغا بېرىلگەن جازانىڭمۇ  1980يىللارد كەلگەندە  ئاندىن ئەمەلدىن قالغانلىغىنى ئۇقۇتقۇچىمىزدىن ئاڭلىغان،دەرسلىكلەر ۋە باشقا پايدىلىنىش ماتىرياللىرىدىنمۇ كۇرگەن.                                                                                                                ئىزاھات:‹1›ھاكىم غېنى‹شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ شۇبىسى ئۇرۇمچى شەھەرلىك تارمىغىدىن ›،  ‹2›يالقۇن روزى{شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى تەھرىر بولىمىدىن،دوتسىنىت›.                                                                          ‹3›ئادىل مەمەت‹شىنجاڭ فىداگوگىكا ئۇنىۋېرىستېتى سىياسەت ۋە قانۇن پەنلىرى ئىنىستىتوتى،  پەلسەپە پەنلىرى دوتسىنتى،ماگىستېر يىتەكچىسى›.                                                                                             ‹4›تۇردى ئۇمەر‹شىنجاڭ پەنلەر ئاكادىمىيىسى فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئۇرنىدىن دوكتۇر،تەتقىقاتچى›                                                           ‹5›ئارزىگۇل قېيىم‹شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر دورىگەرلىگى چەكلىك شىركىتى›
پايدىلانغان ماتىرياللار:يالقۇن روزى‹تەكلىماكاندىكى ئالتون كولدۇرماما›،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،1999-يىل 12-ئاي 1-بېسىلىشى.
{2}‹ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىملار› خەنزۇچە 89-بەت.                                                                  {3} .ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىملار› 78-79-بەتلەر،مۇشۇ كىتاپ 74-بەت.{100مەشھۇر شەخس-ئۇيغۇرچە 336-بەت.                     ‹4›دالى كارنىگنىڭ بارلىق  كىتاپلىرى.                                                                                             5‹›‹كەڭ دائىردىكى ›ۋە ‹تار  مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى›-‹ئېينىشتىيىن›  تور بېكىتى .                                         ‹6›‹يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر رىتسىپلىرى› شىنجاڭ نېفىت دوختۇرىانىسى ئەخمەت  مەمەت ‹شىنجاڭ پەن -تېخنىكا سەھىيە نەشىرياتى2000-يىلى نەشىرى。                                                                                                             7‹ېيجىڭ ئۇنۋېرستېتى  دوكتۇرلار ئىلمى ماقالىلەر توپلىمى›                                                                                         ‹ 8›بېيجىڭ ئىلمى مائارىپ كىنو سىتودىيەسى بىلەن  مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسى 6-قانال بىرلىشىپ ئشلىگەن  ئىلمى تەربىيىۋى فىلىم‹ئالەم ۋە ئىنسانلار›.                                                                                                           {8}‹ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى›،‹مىۋە قېپى ئىچىدىكى ئالەم › ئاپتورى  سىتىفون  خوك.                                                 ‹9›يىجوڭتىئەننىڭ  ‹ئۇچ پادىشاخلىق ›قا بەرگەن باھاسى-جەمى 52 قىسىم .                                                                ‹10›.ماركس ،ئېنگىلىس ،لېنىن ،ستالىن تاللانما ئەسەرلىرى 1،2،3،4توملار.                                                         ‹11›‹تەبىئەت دىيالىكتىكىسى›--ئېنگىلىس 1979-يىلى  مىللەتلەر نەشىرياتى يېڭى يېزىق نەشىرى                                               ‹12›  ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر - مەرھۇم يولۋاس راشىدىن -شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى ئەدەبىيات فاكولتىتى 2002يىلى نەشىر قىلدۇرغان.                                                                                                                             ‹13›ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى تەرەقىياتىغا تەسىر كۇرسەتكەن 100مەشھۇر شەخىس. ئاپتورى مېخائىل خارت -ئامىرىكا -تەرجىمە قىلغۇچىلار ئازات ئالماس ،تەلئەت ئىمىن ،رىشىت ئابدۇراخمان ،تىلەك ›.2000 -يىل شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى.                                  ‹14›‹ئەڭ بۇرۇنقى 3 مىنوت› - سىتىۋىن  بوگىن {ئامرىكا›.                                                                        ‹15›-‹ماتىماتىكا -فىزىكا -خىمىيەدىن ئاممىباپ لىكسىيە›-ئاپتورى لىياڭ خېڭ ،مۇھەممەتجان نۇجۇۋۇللا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. [ بۇ يازمىنى كەپتەر تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2012-2-28 11:18 AM ]


شەپەرەڭ ياخشى كۇرمەيدۇ دەپلا قۇياشقا قارشى چىقىش مۇمكىنمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42705
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6705
تۆھپە نۇمۇرى: 840
توردا: 918 سائەت
تىزىم: 2011-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 11:36:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى بۇرۇنمۇ بىر قېتىم كۆرگەن ئىدىم،لىكىن تازا چۈشۈنۈپ كىتەلمىگەن ئىدىم.بۇ تىما نىمە سەۋەپتىن يەنە قايتا يوللانغاندۇ؟مەزمۇندا باشقىچە ئۆزگىرىشلەر يوقكەن.ئوخشىمايدىغان يىرى پەقەت بۇ تىمىدىكى كۆز-قاراشلارنى ئاغدۇرىۋەتكۈچىلەرنى 11000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ.مەنغۇ فىزىكا بىلەن ئۇچراشمىغىلى 20  يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپتۇ.فىزىكىدا تالانتى بارلار 11000 يۈەنگە ئالغا!!!!

كومپاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4770
تۆھپە نۇمۇرى: 238
توردا: 3635 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 12:24:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىغا ئويچان رەددىيە بەرگەنغۇ ؟ ئۇنىڭغا 11000 يۈەن بېرىلمىدىما تېخى ؟

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3969
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 01:02:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلمىگەنلەرگە سۈكۈت ئەلا!مەن نەتىجىسىنى ساقلايمەن.

مىللەتنىڭ خارابىلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ ،ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقى سەۋەب بولىدۇ ،ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ،كەمبەغەللىكى ،جاپا مۇشەققەت ،كۈچسىزلىكى سەۋەب بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3804
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9695
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 2094 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 01:15:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاكىم ئەپەندىم ئالامەت ئادەمدە سىز ، ئايدا 2 كېتىم مۇنبەرنىڭ ئىچىدىن قۇيۇن چىقىرىپ تۇرىسىز ... راستىنى ئېىتسام  فىزىكىنى ئانچە ياخشى ئۇقۇپ كەتمەيمەن .بىراق سىزنىڭ تېمىڭىزدىن بەكەرەك چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈشكە قىزىقىپ قالدىم .  :qiray134

تۇيۇقسىز خوشال بۇلۇپ كەتكەندە ئاسمانغا ئاتاي دېسەم دوپپام يوق،  
كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا بىر سىلاپ قۇيۇشقىمۇ ساقىلىم يوق!

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 01:32:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن فىزىكىنى چۇشەنمەيمەن بىراق قىزىققىمەن ،شۇڭا ئارقىدا  تۇرۇپ باشقىلارنىڭ جاۋابىنى ساقلاي
قېنى قېرىنداشلار  11000  يۇئەن ئۈچۈن ئالغا!!!!!!!!!!!!!!!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1670154432 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-28 01:32 PM  


نۆلدىن باشلىنىپ نۆلدە ئاخىرلىش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72283
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 02:05:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نىيۇتۇن ھەققىدىكى يېڭى بايقاشلارنىڭ قىممىتى مەن ئۈچۈن خۇددى ئىسمىمدەكلا  قىممەتسىز ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نــۆل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-28 02:05 PM  


بەرىبىر قىلغاندىن كىيىن ، ياخشى قىلىش كېرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73912
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3351
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2012-1-25
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 02:38:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاكىمجان ، سىز مۇشۇ ئىشنى تېتىقسىزلاشتۇرۇپ ، بۇندىن كېيىن بىرەرسى نىيوتوننىڭ ئىسمىنى چىقارسىمۇ ئادەمنىڭ ئاڭلىغۇسى كەلمەيدىغان قىلىدىغان بولدىڭىزدە.

ئويلانماقتىمەن..

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1221
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 25985
تۆھپە نۇمۇرى: 1554
توردا: 6015 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 04:52:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ تېمىلارنىڭ مەقسىتى بىزنىڭ دېققىتىمىزنى مۇھىم ئىشلاردىن باشقا ياققا بۇرىۋېتىشمۇ قانداق؟
ئەمدى بۇ تېمىغا ئارىلاشمايمەن.
بۇ ئىنكاسىمغا قارىتا بىر نەرسە دېسەڭلار جاۋاب يازماسلىقىم مۇمكىن.

http://riziq.cn

ئويلانماقتىمەن..

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1221
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 25985
تۆھپە نۇمۇرى: 1554
توردا: 6015 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 04:52:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ تېمىلارنىڭ مەقسىتى بىزنىڭ دېققىتىمىزنى مۇھىم ئىشلاردىن باشقا ياققا بۇرىۋېتىشمۇ قانداق؟
ئەمدى بۇ تېمىغا ئارىلاشمايمەن.
بۇ ئىنكاسىمغا قارىتا بىر نەرسە دېسەڭلار جاۋاب يازماسلىقىم مۇمكىن.

http://riziq.cn
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش