مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2905|ئىنكاس: 47

مەن نىمىشقا ئەيدىز ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17027
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5927
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 4538 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 11:16:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوسلار بۇتىما ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ئويغا سالىدىكەن ، ھەم .ئېچىندۇ رىدىكەن ،شۇۋەجىدىن ھەممىمىز گە بىر ساۋاق بوپقالا دىگەن مەقسەتتە ئەسلى ئاپتور دىن سورىمايلا ،بۇمۇنبەر گە يوللىدىم ، ئەسلى ئاپتورىمۇ بۇنى،بىزلەر
-گە ساۋاق بولسۇن ئۈچۈن يوللىغانىكەن




2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14- كۈنى
                         كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئارىيە                                                                    

                  زىمىستاننىڭ ئاچچىق سۇغۇقلىرى جاندىن ئۆتمەكتە ،خىياللار ئىلكىدە كىتىۋاتىمەن ،ئازاپتا يۈرۈگۈم قاپسىپ ،تىنىقلىرىم ھەسرەتتە يۇغۇرلۇپ ،تۇمۇرلىرىمدىكى قانلار  ئۆكۈنۈش ھەم پۇشايمان دەستىدە گويا ماگمىدەك قايناپ ئۆز ھۇجۇدۇمنى كۆيدۈرمەكتە  .
               ئۆلسەمچۇ؟!!!!!!!!!!
نىمىشقا زادى نىمىشقا ؟
               قىسمەتلەر بايانى كۆرۈنمەكتە ، مانا كۆز ئالدىمدا كىسەل كارۋىتى ، ئاجىزلاشقان كىچىككىنە جىسمىم ،ئۈمۈتسىزلىك ،چۈشكۈنلۈك شولا سالغان نۇرسىز كۆزلىرىم ........
               كۆزۈمگە جىنازا كۆرىنىۋاتاتتى ، چۈنكى مەن ئاخىرەتنىڭ باغىقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بولغان ئىدىم .
ئىلگىرى دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن ، ھەم ھىس قىلماپتىكەنمەن ،تۆت پەسىل ئىزىدە ئەڭ گۈزەل پەسىل ئەسلىدە قىش پەسلى ئىكەن ئەمەسمۇ ؟!
              مامۇقتەك ئاپئاق قارلارنىڭ ئۈستىدە  نام - نىشانسىز ئىزلىرىم قالماقتا ،تېخى ئەمدىلا قىرانلىققا ئۇلاشقان ، ياشلىق ئارزۇلىرى يۈرىگىگە نەقىشلەر سالغان ، غەيرەت شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان نەۋقىران بىر يىگىت ئىدىمغۇ ؟ نىمىشقا ؟ زادى نىمىشقا  ؟ ؟ ؟ ........
               تېخى باياتتىنلا قان ئالغان بىلىكىمنى مەھكەم  سىقىمدىغىنىمچە يول بويىدىكى قۇرۇپ قاقشال بۇلۇپ قالغان قېرى سۈگەتكە يۈلەندىم ،سىنى ئويلىدىم ،تاتلىق كۈلىشلىرىڭ ، نازلىق بېقىشلىرىڭ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى ،ئاھ خۇدا ،  مىنى كەچۈر !!!
              خىياللىرىم مىنى ھەرخىل يوللارغا باشلاۋاتاتتى ، ئۆلىۋالايمۇ  ؟ ياكى ئاتا ئانامنى ، ئۇرۇق تۇققانلىرىمنى ،دوس بۇرادەر خىزمەتداشلىرىمنى  ، گۈزەل يۇرتۇمنى تاشلاپ  باشقا بىر ھېچكىم تۇنىمايدىغان چەت جايلارغا چىقىپ كىتەيمۇ ؟ ۋە ياكى  ........................
             كاللام قۇپقۇرۇق ئىدى ، شوخلۇقۇم ، مەردانىلىكىم ، جاسارىتىم  نەلەگىدۇر يوقاپ كەتكەن ئىدى .
دوختۇرخانىغا نىمىشقىمۇ بارغاندىمەن ، نىمىشقىمۇ تەكشۈرتكەندىمەن ، ئەگر تەكشۈرۈتمىگەن بولسام بۇنداق نەس كىسەلگە گىرىپتار بولغىنىمنى  بىلمەس ئىدىم ، بۇنچە ئازاپقا مۇپتىلا بولماس ئىدىم .
            نىمە ئارزۇقلارنى قىلمىغان ئىدىم ، گۈزەل كىلەچىكىم ، كەلگۈسىدىكى بەخىتلىك ئائىلەم توغرىسىدا نىمە پىلانلارنى سوقمىغان ئىدىم ، ھاياتىم ، بارلىقىم ھەممىسى  ئازلا قالغان ناھايىتى بىرقەدەملا قالغان ئىدىغۇ ، ئەگەر دوختۇرخانىغا كەلمىگەن بولسام ، تاساددىبى تەكشۈرتۈشلەر بۇلۇپ قالمىغان بولسا  ، بۇنداق مەينەت ، مەرەز كىسەلنى يۇقتۇرۋالغىنىمنى
                بىلمەيلا قالاتتىم . ياق !!!!!!!!!!!!!!!!!
               ئالدىنقى ئايدا بولسا كىرەك ، تۇيۇقسىز زۇكامداپ قاتتىق يۆتىلىپ كەتتىم ،پات پات قىززىپمۇ قالاتتىم ،دورىخانىغا چىقىپ دورا ئېلىپ يىدىم ،بىراق بىزەمۇ ئۈنىمى بولمىدى  ،  بۈگۈن ئۇكۇل سالدۇرۇشنى ئويلاپ دوختۇرخانىغا باردىم ،دوختۇرخانىدا چىرايلىق بىر دوختۇر ھەدەش مىنى كۈتىۋالدى ھەم قېنىمنى تەكشۈرتۈپ باققاندىن كىيىن دورا بىرىدىغانلىقىنى ياكى ئۇكۇل ئۇرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى مەن ئىككىلەنمەيلا تەكشۈرتۈش ئۆيىگە كىردىم ، قاپىغىم بىزە تارتىۋاتاتتى ،كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدى ،ئۇ ھەدەش قېنىمنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن يېرىم سائەتتىن كىيىن نەتىجىسىنىڭ چىقىدىغانلىقىنى ، مىنىڭ بىردەم كۈتۈپ ئولتۇرشۇمنى دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .ئالاھەزەل بىرەر سائەت ئۆتتى بولغاي ،دوختۇر قاپىقى تۈرۈلگەن ھالدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلىپ چىققان ئىدى ،ئۇ مىنى ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىرگەندىن كىيىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئۇزاق تىكىلىپ ئولتۇرۇپ كەتتى ۋە مىنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىمنى ئېيىتتى. بېشىمدىن تۇتۇن چىقىك كەتتى ، ئۆستۇمگە يوغان بىر تاغ چۈشكەندەك بولدى ،يۇرۇگۈمگە پىچاق چوقۇلغاندەك ئاغرىپ كىتىۋاتاتتى ، ئورنۇمدىن تۇغان پېتى چىققىپ كەتتىم ، كۆزۈمدىن ياشلار تارام تاراملاپ ئېقىۋاتاتتى ،شۇنچىلىك چوڭ ئىشلار يۈز بەرگەندىمۇ يىغلىمىغان ئىدىم ، يەنە تېخى مەن دېگەن يىغلاشنى ئۇقمايمەن ، يىغلىيالايمەن دەپ چوڭ سۆزلەپ كەتكەن ئىدىمغۇ ، مانا ئەمدى .......................
                  تېلۋۇزۇر گىزىتلەردە كۆرگەن رادىودا ئاڭلىغان ئەيدىز دېگەن مەرەزنىڭ ماڭا يۇقۇپ قالغانلىقىغا ئىشەنگۈ م ەلمەيۋاتاتتى.شۇ جاپاكەش بىچارە ئاتامغا مىھرىبان ئانامغا ،ئۇرۇق تۇققانلىرىمغا قانداق قاراشنىمۇ بىلەمەيتتىم .ئاتا ئانام بۇ ئىشلارنى بىلسە نىم بوپ كىتەر ،ئانام ئەمدىلا تويۇمغا تەييارلىق كۆرىۋاتاتتىغۇ ، ئىسىت ......دادا ، ئانا  ، مەن سىلەرگە يۈز كىلەلمەيمەن ، مىنى نەچچە ئون يىل ئوقۇتۇپ ،دېگىنىمنى قىلىپ بەرگەن ئىدىڭلارغۇ ،ئەمدى مەن نىم بولدۇم .سىلەرنى ئازراقمۇ يول ماڭغۇزماي ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ مەمۇرلۇق ئىمتاھانىدىن ئۆتۈپ بىر دۆلەت كادىرى بولغان ۋاقتىمدا  ، شۇنچىلىك خوشال بوپ كەتكەنتىڭلارغۇ !!!
                  سۇغۇق شامال يۈزلىرىمنى تەلپۈپ ئۆتتى ، خىياللىرىم شۇنچىلىك رەزىل ،ئويلىدىم ، مەنلا ئازاپلىنامدىم  بۇ مەرەزنىڭ ئازابىنى يالغۇز مەنلا تارتامدىم ،باشقىلارچۇ  ؟ نىمە ئۈچۈن مەنلا............ياق ! باشقىلار تارتمىسۇن ، مەن بىلەن ئاخىرلاشسۇن .
                    ھەي نەس باسقۇر كىسەل .سەن مىنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلدىڭ ، ئاتا ئانامدىن ، ئۇرۇغ تۇققانلىرىمدىن ،ھاياتىمدىن ، بەختىمدىن ،كىلەچىكىمدىن ،ياشلىق باھارىمدىن ئايرىدىڭ ،قېنى مەندىكى جاسارەت ، قېنى مەندىكى مەردانىلىك ،تۈگىدى ھەممىسى تۈگىدى ،يەنە نىمەم قالدى مىنىڭ ، مايا ئۈلۈمدىن باشقا يول بارمۇ ؟
بولدىلا  ، ئۆلۈپلا كىتەي ،بۇ رەزىل دۇنيا بىلەن خوشلىشاي، باشقىلار مەن تارىتقان ئازاپنى تارتمىسۇن .....
                   ئىسىت ياشلىقىم ، مىنىڭ شۇ كىسەل كارۋىتىنى ، ئۇرۇقلاپ ئاجىزلاشقان بەدەن ، ئۈمۈتسىز چۈشكۈن چىرايلارنى ئەسلا كۆرگۈم يوق  ،شۇ خىياللار ئىلكىدە  پاك بىغۇبار ئاپئاق قارلارنى دەسسەپ كىتىۋاتىمەن . شۇ تەرقىدە 24 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئەڭ ئۈستى ئۆگىزسىگە چىقتىم ، ئۆگىز  ئۇستى شۇنچىلىك سۇغۇق ، ساپ ھاۋادىن قېنىپ قېنىپ نەپەس ئالدىم ، ئاستا ئۆگزە قىرىغا كەلدىم شەھرىمىزنىڭ ھەممە يىرىنى كۆرگىلى بولاتتى ، شەھرىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى بۈگۈن ھەقىقى ھېس قىلدىم ، تا تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 25 يىللىق ھاياتىم كۆز ئالدىمدىن بىر بىرلەپ ئۆتىۋاتاتتى ، ھەممىدىن رازى بولدۇم ،سەكرەشكە تەمشەلدىم ، بىراق مەندە جۈرئەت يوق ئىدى ،كۈچلۈكرەك شامال چىقىپ مىنى .ئتتىرۋەتسىكەن دەپ شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىۋاتاتتىم . ئويلاپ باقسام بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈمكەن ، تۇغۇلغان كۈنىمنىڭ يەنى ئانامنىڭ مىنى تۇغقان كۈنىنىڭ مىنىڭ ئۆلىدىغان كۈنۈم بوپ قېلىشىنى .ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم ،ئانام كۆزىمگە كۆرنىۋالدى ، بىنادىن ئۆزىمنى تاشلىيالمىدىم ، قانداقتۇر بىر كۈچ مىنى بىنادىن سەكرەتمىدى ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ ئانامنى كۆرۋېلىش ئۈچۈن كەينىمگە ياندىم .




  2012- يىلى 2 -ئاينىڭ 19 كۈنى  
مەلۇم بىر تورخانا ئايرىمخانىسى

م


ئۆزىڭىزنىڭ بۇدۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىز لابىلىپ ئۆتۈپ كەتمەڭ

مەن سۈكۈتتە ...ھامان سۈكۈتتە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31579
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3417
تۆھپە نۇمۇرى: 253
توردا: 2040 سائەت
تىزىم: 2011-2-24
ئاخىرقى: 2012-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 12:12:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈنۈگۈن نادىرلار مۇنبىرىدە كۆرگەنتىم . اللە ئىگەم بۇ نىجىس كېسەلدىن ھەر بەندىسىنى نېرى قىلسۇن!

مەن ئۆزۈمنىڭ دۇنياغا بىر ئايال بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن ۋە بىر ئانا بولۇپ ياشىيالىغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن !!!

جىسمىڭدا قىزلارغا خاس نازىڭ ،ق

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 1246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8087
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 4326 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 12:12:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە بولۇپ يۇقتى ،بىلگىم كەلدى ،خۇدا ساقلىسۇن ھەر بەندىسىنى .................

يىقىلساڭ زارلىما ،ئۈمۈد ئۈزمە ھەم
ھاياتنىڭ يازىدىن قىشى  تولا ھەم
تاغلاردەك مەزمۇت تۇرامسەن بەردەم
كۆرۈپ باق بۇ ھايات سىناقىدا ھەم

سۆيمىگەنگە سۈركەلمە

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4598
يازما سانى: 1081
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -727
تۆھپە نۇمۇرى: 765
توردا: 3134 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 12:45:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق كىسەلدىن خۇدا نېرى ساقلىسۇن.

مەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6049
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5391
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 2862 سائەت
تىزىم: 2010-8-10
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 12:59:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇش سەۋەبىنى يازغان بولسا تەربىيىۋى ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور بولاركەن

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27738
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1984
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 656 سائەت
تىزىم: 2011-1-25
ئاخىرقى: 2012-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 01:06:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11792
تۆھپە نۇمۇرى: 1634
توردا: 5681 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 01:46:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇش سەۋەبىنى يازغان بولسا تەربىيىۋى ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور بولاركەن

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73912
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-1-25
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 02:03:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىكىگە ئەيدىز توغرىسىدا ساۋادلار كىرگۈزۈلسە، بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىلسە ئۈنۈمى بولاتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73912
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-1-25
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 02:08:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالدۇر تەكشۈرتۈپ بالدۇر بايقالغىنى ياخشى بوپتۇ . ئەمدى بالدۇر ئاپتورغا بالدۇر داۋالىنىشنى ئۇقتۇرۇڭ، شارائىت يار بەرسىلا يەنە ئۇزۇن ياشىغىلى بولىدۇ.

گۈللە ئۇيغۇرۇم م

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34573
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2177
تۆھپە نۇمۇرى: 388
توردا: 5036 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 03:10:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى ئۈمۈدسىزلەندۈرىدىغان كېسەل، لېكىن ھەممىسىنى كېسەل دېگىلى بولمايدۇ، بۇ ئىنسانلارغا چاپلاشقان ياۋۇز ۋېروس. ئۇنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر تېزگىنلىسە يەنە خېلى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ. ھەممىمىز بۇ كېسەل ۋە ۋېروسقا توغرا نەزەر بىلەن قارايلى، ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرايلى. لېكىن بۇ ۋېروس بىلەن يۇقۇملانغانلارنى ئاسىرايلى، ئۇلارنى چەتكە قاقىدىغان، كەمسىتىدىغان، مەزخىرە قىلىدىغان ئىشلارنى قىلمايلى. ئۇلارغا قولىمىزدىن كەلگەن يارىدەمنى ئايىمايلى. چۈنكى ھېچكىمنىڭ بۇنداق بوپ قالغىسى يوق دە! ئۇلۇغ اللا بارلىق مۇسۇلمان بەندىلىرىدىن بۇ نىجىس ۋېروسنى نېرى قىلغاي!

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
oguz2 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
oguzkiz + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
joda☠ + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

بۈيۈك ئۇيغۇرۇم بۈيۈك!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش