مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1071|ئىنكاس: 22

Windows 8 Beta نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن سىلەر بىلەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6530
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7974
تۆھپە نۇمۇرى: 992
توردا: 1920 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 07:25:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

180929i76dx6zh2z887u22.jpg



ئىلگىرى بىز خەۋەر قىلغىنىمىزدەك، مىكروسوفت شىركىتى Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى)نى Beta نىڭ يەنە بىر نامى قىلغان بولۇپ، 2-ئاينىڭ 29-كۈنى (ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 8:00 دىن كېيىن) پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئىستېمالچىلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن رەسمىي جاكارلايدۇ. مىكروسوفت يەنە Windows 8 Consumer Preview دىن باشقا يەنە Windows Server 8 Beta، Visual Studio 11، NET framework 4.5 ۋە كوللېكتىپ يۇمشاق دېتال ئېچىشنى باشقۇرۇش مەھسۇلاتى Visual Studio 11 Team Foundation Serverنى ئېلان قىلماقچى، ئۇلار Windows 8 بىلەن زىچ بىرىكەلەيدىغان بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىللىق يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىغا، ھەتتا دۇنيا يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بۇ قېتىملىق كاتتا تارقىتىش مۇراسىمىنى (يېڭىدىن قۇشۇلغان 14 تىل يەنى ئۇيغۇرچىنىمۇ ئۆز ئالغان) بارلىق ئىستىمالچىلار ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە…
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلىنىڭ تەرجىمىسى تېخى ئۇيغۇر تىلىدىن كېيىن تەستىقلانغان، نوپۇز جەھەتتە ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە قالدى، ئەنگلىيە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ كەينىدە تىزىلدى دېگەن گەپ. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تېز بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. ئەنگلىيە چىقىپ ئوقۇۋاتقانلار ھازىر سەل پۇشايمان قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىپ قويامسىزيە؟ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تەرجىمە سۈرئىتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركلەرنىڭ تەرجىمىسىگە قاراپ باقايلى دېمەڭ ئەمدى. قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، نەق گەپنى دەيلى.
       ئۇنداقتا Windows 8 قاچىلاشقا تەييارلىنىپ بولدىڭىزمۇ؟ تەييارلىق خىزمەت مانا:
       بىرىنچى: مىكروسوفت ئورگان تور بېكىتىدىن ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇيغۇرسوفت شىركىتى Windows 8 نى سىنايدىغان شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم شىركەت بولۇپ كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇرسوفت سىناش دوكلاتى تەييارلاشقا مەسئۇل بولىدۇ، پات يېقىندا (تەخمىنەن 2-3 ھەپتىدىن كېيىن) يەنە مەخسۇس DVD دىسكىسىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالماقچى، ئۇيغۇرسوفتنىڭ يەنە تەشەببۇسى ۋە تەۋسىيە قىلىشى بىلەن مىكروسوفت شىركىتى دىيارىمىزدىكى باشقا نوپۇزلۇق ئورگانلارغا (ئالىي مەكتەپ، تىل-يېزىق كومىتېتى،…) ۋە بىر قىسىم شەخسلەرگە پوچتا ئارقىلىق DVD دىسكىسىنىمۇ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بۇلار ئاساسەن كومپيۇتېر، تىل-يېزىق، ئاخبارات (رادىيو-تېلېۋىزىيە)، نەشرىيات ساھەسىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى ئېلىنىدۇ. بۇ خاتا كېلىپ قاپتۇ دەپ تاشلىۋېتىپ قالماڭ، ئىچىدە Windows 8 Beta بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، كەلگۈسى 15-20 كۈن ئىچىدە ئىدارىڭىزگە خەت-چەك ياكى پوسولكا كەلسە دىققەت قىلارسىز-ھە؟
      ئىككىنچى: 8GB لىق بارماق دىسكىدىن ئىككىنى تەييارلاڭ.
ئۇيغۇرسوفت ماركىلىق بارماق دىسكىڭىز بارمۇ يېنىڭىزدا؟ ھازىرچە Windows 8 Beta نى بارماق دىسكىغا قاچىلىمايسىز، ئەكسىچە UltraISO دېتالىدىن پايدىلىنىپ، ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى بارماق دىسكىغا يېيىپ، بارماق دىسكىدىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا قاچىلايسىز. قارىغاندا بۇ قېتىم ئوپتىك دىسكىنىڭ ئانچە رولى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي ئوپتىك دىسكىلاردىن خۇددىي يۇمشاق دىسكا بىلەن خۇشلاشقاندەك ئايرىلىدىغان ئوخشايمىز. لېكىن بىر نەچچىنى ساقلاپ قويۇڭ، 20-30 يىلدىن كېيىن موزېيخانىلارغا سېتىپ، باي بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، مەن 93-يىلى 2 يۈەنگە سېتىۋالغان بىر يۇمشاق دىسكىنى بىرسى 100 يۈەن بېرەي دىگەن ئىدى، مەن ساتمىدىم.
       ئۈچىنچى: ئەڭ ياخشىسى ئىككى كومپيۇتېر ياكى خاتىرە كومپيۇتېر تەييارلاڭ.
ناۋادا، شارائىتىڭىز يار بەرسە ئىككى كومپيۇتېر تەييارلاڭ، ئۇنداق بولمىسا، مەۋھۇم كومپيۇتېر دېتالىنى قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، نوچىسى مانا (www.virtualbox.org) بۇ ئىنتايىن مۇھىم. بىرسىدە تورغا چىقىپ، ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى بارماق دىسكىغا ئويىسىز. توردىن ياردەم تەلەپ قىلىسىز، مەسىلەن: ئالىم ئەھەت بىلوگى، بىلىك،…دېگەندەك. يەنە بىر كومپيۇتېرغا Windows 8 Beta نى رەسمىي قاچىلايسىز. بۇ نۇسخىسى ئالدىنقى يىلى 9-ئايدا تارقىتىلغان ئىجادىيەتچىلەر كۆرۈپ بېقىش نەشرىدىن زور پەرقلىنىدۇ. رەسمىي نۇسخىسىدەك ئىشلەيدۇ، پەقەت ۋاقىت چەكلىمىسى بار. ناۋادا، Bug تېپىلمىسا رەسمىي نەشىرىنى سېتىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ جۇمۇ. ناۋادا، ئۇلارمۇ ئۇيغۇر تىلىغا كۆڭۈل بۆلدى دەپ، قوللاپ رەسمىي نۇسخىسىنى سېتىۋالىمەن دېسىڭىز، 3-ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا 100 يۈەن يىغىپ قويۇڭ، پەقەت 15 كۈندە بىر قېتىم يەيدىغان چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورمىسىدىن ياكى بىر قېتىملىق رېستۇران ئايرىمخانا زىياپىتىدىن ۋاز كەچسىڭىز، 6 ئايدىن كېيىن 600 يۈەن يىغالايسىز، رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىنسا، بەلكىم يەنە 100-200 يۈەن ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئېشىپ قالسا، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى سېتىۋالسىڭىزمۇ ياق دېمەيمەن، چۈنكى Windows 8 رەسمىي نۇسخىسىنى مەندىن سېتىۋالسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى يېرىم باھادا بېرىمەن، بەلكىم بىر نەچچە كۈن بەزى دېتاللارنى پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. ۋاقتىدا كەلگەندە، ئۇيغۇرسوفتنىڭ قىزىلبايراق يولى 4-قەۋەتتىكى سېتىش ئورنىغا قەدەم تەشرىپ قىلارسىز.
تۆتىنچى: يوق، تامام
باشقىلار:
         بۇ قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك جايلاردا خېلە چوڭ ئۆزگىرىش بار، بەزى يەرلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بۇنى ھازىر دېيىشكە بولمايدۇ، كىنونىڭ ئاخىرىنى دەپ بەرسە كۆرگۈسى كەلمىگەندەك، ئۇنى سىناشقا قىزىقماي قالىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا سىستېما خەت نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر تولۇق قوشۇلغان، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرچىنى بىمالال، راۋان كۆرەلەيسىز. لېكىن ئەلكاتىپنىڭ بەزى خەت نۇسخىلىرى سىزگە لازىم بولىدۇ. سىستېما يادروسىغا قوشۇلغان سۈكۈتتىكى خەت نۇسخىسىدا ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر ئەرەبچىگىمۇ بەك مايىل ئەمەس، ئەمما، كۆزىڭىزگە سەل سىغماي قالسا، بىر نەچچە ئاي ئىشلەتسىڭىز، پات-پات قاراپ تۇرسىڭىز كۆنۈپ قالىسىز، بەلكىم بۇنىڭدەك ئوچۇق كۆرۈنىدىغان خەت نۇسخىسىنى بىر نەچچە يىلغىچە تاپالمايسىز، تور بېكەتلىرىڭىزنىڭ سۈكۈتتىكى خەت نۇسخىسىنى تەڭشىگەچ تۇرۇڭ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Microsoft Uighur دا چوڭ ئۆزگىرىش يوق، ئۇ يەنىلا كىچىك، گەرچە ALKATIP Tor يەتمىسىمۇ (ئېلان قوشتۇم)، لېكىن بېسىپ كۆرگەندە خېلە بولىدۇ. ئۇنى ئۆزگەرتكىن دەپ مۆمىن ساقالنى تار يەردە قىستىماي، باشقا نامدا، باشقا ئۇستىخاندا ئايرىم خەت نۇسخىسى ياساپ بەرسەڭ نەچچە پۇل ئالىسەن دېسەڭلار بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاي ناملىرىدا سۈكۈتتىكى ھالەتتە يانۋار، فېۋرال،….دەپ چىقىدۇ. كىرگۈزگۈچنىڭ نامى ئۇيغۇرچە بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان. لېكىن، ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىشتا سەل ئەندىشەم بار. باشقىلىرىنى ئۆزەڭلار سىناپ تېپىڭلار، قېنى كىم يامان؟ ئۆز ۋاقتىدا Windows Vista Beta ئابدۇرېشىت ئېلى(raxit1973) ئەلكاتىپ بىلەن ماسلاشمايدىكەن دەپ ماڭا چوڭ خاتالىقنى مەلۇم قىلغان. مەن كەسپىي ئۇسۇلدا كودىنىڭ خاتالىقىنى دەلىللىگەن. ناۋادا، چوڭ خاتالىق تاپالىسىڭلار، ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلامدۇ-تېخى؟ (چاقچاق)
سىناش دوكلاتىنى ئايرىم ئەۋەتىمەن دېسەڭلارمۇ مەيلى، لېكىن ئالدىدىن دەپ قوياي، QQ ئىشلىمەيدىكەن، 360 ۋىرۇسخۇر قاچىلانمىدى، Photoshop قاچىلانمىدى، بەزى ئويۇنلارنى قاچىلىيالمىدىم، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن دەپ يوللاپ يۈرمەڭلار، ساۋاتسىزلىقنى چاندۇرۇپ. ئۇ مىكروسوفتنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى شۇ قوللانما دېتاللارنى ياساۋاتقانلارنىڭ ئىشى، رەسمىي نۇسخىسى چىقىپ بولغۇچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېتاللىرىنى ماسلىشىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ بولىدۇ، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىمۇ ھەم شۇنداق. خاتىرجەم بولۇڭلار.
دىيارىمىزدىكى مەلۇم بىر مۇنبەرگە جەم بولۇپ، سىناشقا ئائىت ئىشلارنى شۇ يەردە دېيىشسەكمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە مىكروسوفت ئورگان تور بېكىتىدە يەنە مەخسۇس پىكىر بېرىمىز. ئالىم مۇئەللىم داۋاملىق بېيجىڭغا بېرىپ ئۇلارغا ئۆز قولى بىلەن سىناش دوكلاتى تاپشۇرۇپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ ئەمدى.
قېنى بىرلىكتە بۇ مەھسۇلاتنى ياخشى سىناپ چىقىپ پىكىر بېرەيلى!

مەنبە: ئالىم ئەھەت بىلوگى

.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30001
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1998
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2012-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 10:42:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىزراق تارقىتىلسا بۇلاتتى مۇشۇ سېستىما

ھەر كىچىنىڭ كۈند

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 10997
تۆھپە نۇمۇرى: 1137
توردا: 7002 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 12:38:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆزلىرىڭىزنى كۆرۈپ ئىچ- ئىچىمدىن ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتىمەن. ئالىم مۇئەللىم تـۆت كۆز بىلەن كۈتكەن كۈنلەر يېتىپ كېلىش ئالدىدا سىزگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇيغۇر كومپىيوتۇرچىلىقىدا مەڭگۈ ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتىڭىز ۋە ياراتتىڭىز.   ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

قايغۇرما، ئاللاھ بىر ئىشىكنى تاقىسا مىڭ ئىشىكنى ساڭا ئوچۇق قويغان بولىدۇ !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39266
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2011-4-30
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 12:39:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نەۋاخ 600يۇەن تەييارلاپ قويغىلى

sahip.blogbus.com

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2204
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7228
تۆھپە نۇمۇرى: 287
توردا: 1066 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 12:46:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بەك تەقەززا بولىۋاتىمەن! تۇرۇپ ئىشەنگىممۇ كەلمەيدۇ خۇددى چۈش كۆرىۋاتقاندەك. :qiray4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11334
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5332
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 1505 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 01:03:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ.... نىمە دىگەن كاتتا خۇش خەۋەر بۇ:qiray18:qiray18
بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر چە يېزىقنىڭ قوشۇلغانلىقى :qiray18:qiray18
ۋاھ...ۋاھ....ۋاھ....خۇشلۇقۇمدا كىچىچە ئۇيقۇم كەلمەيدىغان بولدىدە:qiray13

سەۋىر قىلساق غورىدىن ھالۋا پىشىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 197
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 01:05:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۆ

  ئالىم ئەھەت بىلوگىسىدا بۇ تېمىنى كۈچۈرۈپ يۆتكەشكە بولمايدۇ ! دەپ ئەسكەرتىپتىكەن ..  بۇ يەردە يۇرۇيدۇ ھە !!!:qiray13 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   joda☠ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-28 01:06 AM  


دەرت-ئەلەم كەلمىگىچە، بەندە خۇدا دەپ يىغلىماس! ـــــــــــــــ جودا

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10344
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7739 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 01:19:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدا ياخشى ... لىكىن بىشىدىلا  باشقا قوللىنىشچان دىتاللارنى قوللىمىسا ئادەمگە غەيرى تۇيغۇ بىرىپ قويمىسىلا بولتى ئەمدە ... سىزىمچان ئىكران بولغان بولسا  بەك ياخشىتى ...سىلاپ ئويناپ تۇساقمۇ :qiray124

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

توختا ئۇزەڭنىڭ ك

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45666
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 515
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-6-25
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 02:39:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن!!!

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20344
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 5344 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 02:42:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قانچە ياخشى خوش خەۋەر بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ئەجرىنى ئويلىشىشىڭىز كىرەك،  يازمىسىنىڭ بېشىدا ئەسكەرتىپ قويسا شۇ بىر قۇر يېرىنى ئېلىۋېتىپ بۇ يەرگە ئەكەپسىز ...ئاستىغا ئۆزىڭىز بىر قۇر قوشۇپ قۇيۇپسىز ...  

بىزدە مۇشۇنداق ئىددىيە ۋە ئۇقۇم بار ... شۇڭا بۇ ۋىندوۋس8 چىقىپ قالسا ئەسەر ھوقۇقى دەيدىغان ئازراقمۇ ئۇقۇم يوق كىشىلەر بەش يۈەنگە ساختىسىنى ئىشلىتىشى مۇمكىن ،مۇشۇنداق ئىشلار بولغاچقا بىرەر يىلدىن كېيىن  مىكروسوفت شىركىتى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشقانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ قېلىشى مۇمكىن ... :qiray2


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-28 02:52 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
joda☠ + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مايماق بۇلۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن،
         يىغا  ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش