|
|
|
|
چاچ بويىقىدا خىمىيەلىك ماددىلار ناھايتى كۆپ بولۇپ، تەركىبىدىكى فېنىلېن دىئامىن تۈك خالتىسى ئارقىلىق قان تومۇرغا ئۆتۈپ، قان ئارقىلىق يىلىككە بارىدۇ، ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشقاندا قاندىكى زىيانلىق ماددا كۆپىيىپ، ئاق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، فېنىلېن دىئامىن يەنە تېرە راكى، داس بوشلۇقى راكى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنداقتا چاچ بويىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.
ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار چاچ بويىماسلىقى كېرەك.
چاچ بوياشتىن 48 سائەت ئىلگىرى تېرە رېئاكسىيە سىنىقى قىلىش كېرەك. قول بېغىشىغا چاچ بويىقىنى سۈركەپ قۇرغاندىن كېيىن چاچ بويىقى سۈركىگەن ئورۇندا قىزىرىپ ئىشىش ئالامىتى كۆرۈلسە، رېئاكسىيە قىلغان بولىدۇ.
چاچ بوياشتىن ئىلگىرى قۇلاقنىڭ كەينىگە يۈز مېيى سۈركەپ، چاچ بويىقىنىڭ تېرىنى زەخمىلەندۈرۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
چاچ بويىغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى چاچنى تۈگۈۋالماي، قويۇپ بېرىش كېرەك.
ئۈچ ئاي ئىچىدە قايتا چاچ بويىماسلىق كېرەك.
مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
ئۇلىنىش: http://www.xjtsnews.com/normal/c ... /content_193630.htm
|
|
|
|
|
|