ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ
كىنوخانىنىڭ چىرىقى ئۈچۈرۈلۈپ كىنو ئەمدىلا باشلىنىشىغا ئەمەتنىڭ يانچۇقىنى كولىغىلى تۇرۇپتۇ،ئەمەت ئوغرىنىڭ قولىدىن كاپلا قىلىپ تۇتۇۋاپتۇ ھەم نىمە قىلماقچى سەن؟دەپ سوراپتۇ.
قول ياغلىقىمنى ئالماقچى ئىدىم،_دەپتۇ ئوغرى قىلچە تەپ تارتماي.
سەل ئۆتكەندىن كېيىن"چارس"قىلىپ شاپىلاقنىڭ ئاۋازى چىقىپتۇ ھەم ئوغرى ئەمەتتىن سوراپتۇ:ھەي،نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟
يۈزۈمگە پاشا قونىۋىدى،شۇنى ئۇردۇم،_دەپتۇ ئەمەت.
ئەيدىس
بىر ئايال قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ يارىسى ئېغىر بولغاچقا بولالماپتۇ ھەمدە ئېرىنى سىرتقا چىقىرىۋېتىپ بالىلىرىغا مۇنداق ۋەسىيەت قىپتۇ:بالىلىرىم،ئەگەر داداڭلار يەنە خوتۇن ئالىمەن دىسە ئالماقچى بولغان ئايالغا"ئانىمىز ئەيدىس كىسىلى بىلەن تۈگەپ كەتكەن دەڭلار" دەپتۇ.
ئويمىچى
يېڭى توي كېچىسى يىگىت ئايالىنى ئۇيان-بۇيان ئايلىنىپ كۆرۈپ توختىمىغىدەك ھەم ئايالىنى توختىماي: بەك چىرايلىق ئىكەنسىز،بەك ئوماقكەنسىز،ئەگەر بىرەر ھەيكەلتاراش بولسا گۈزەل رۇخسارىڭىزنى ھەيكەل قىلىپ ئويۇپ چىقارسىمۇ بولغۇدەك،_دەپ توختىمايماختاۋېرىپتۇ.
بىردەمدىن كېيىن بىرى ئىشىكنى ناھايىتى جىددى چېكىپتۇ.
كىم؟دەپ سوراپتۇ يىگىت.
مەن ،ئاستىنقى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان ھەيكەلتاراش قوشنىڭىز،_دەپتۇ قوشنىسى.