مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 644|ئىنكاس: 8

مۇراجەتنامە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21855
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3072
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2010-12-11
ئاخىرقى: 2012-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 02:36:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىرىشچان ئوقۇغۇچى ئابدۇۋەلى رىشتكە ياردەم قولىمزنى سۇنايلى

مۇراجەتنامە

پەيزاۋات ناھيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2-يىللىق 4-سىنىپتا ئوقۇۋاتقان تىرىشچان ۋە ئۈمىدلىك ئوقۇغۇچىمىز ئابدۇۋەلى رىشىت يېقىندا « ئاق قان كېسلى »دەپ دىئاگونۇز قويۇلۇپ ھازىر شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرستىت قارمىقدىكى 1-دوختۇرخانىدا  داۋالانماقتا.

ئابدۇۋەلى رىشىتنى داۋالىتىش راسخوتى ئۈچۈن  تەخمىنەن 300،000 يۈەن ( ئۈچ يۈز مىڭ يۈەن) ئەتىراپىدا پۇل كېتىدىغان بولۇپ، پەقەت دىھقانچلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كۈنلىرىنى سېرىقتال ئۆتكىزىپ كېلىۋاتقان، ئازغىنە تېرىلغۇ يەر كېرىمىدىن باشقا كېرىم مەنبەسى يوق رىشىت ئاكا ئۈچۈن بۇنچىۋىلا كۆپ پۇلنى غەملەش پەرزەنت ئىشقىدا كۆيۈۋاتقان رىشت ئاكنىڭ يەلكىسىگە ئېغىر غەملەرنى يۈكلىمەكتە...

كېسەل كارۋىتىدا ئازاپلىق تولغىنىپ  تۈرلۈك داۋالاشلارنى قوبۇل قىلۋاتقان ئابدۇۋەلى ئەمدىلا 17 ياشنىڭ قارسىنى ئالغان،گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن،نۇرلۇق ئالەمنىڭ يورۇقىغا،مىھرى ئوتلۇق يارۇ- بۇرادەرلىرىنىڭ قېرىنداشلىق مىھرىگە،قۇياشنىڭ ئىللىق تەپتىگە، مىھرىۋان ئاتا-ئانىسىنىڭ مىھىرلىك باغرىغا،بىر سىنىپتا ئولتۇرۇپ بىر ناننى تالىشىپ يىيىشكەن بىغۇبار،ئاقكۆڭۈل ساۋاقداشلىرىنىڭ دوستلۇق مىھرىگە، كېلەچەكنىڭ گۈزەل تېڭىغا،ھاياتنىڭ تاتلىق ۋە قايناق باغرىغا تېخى قانمىغان بىر غەمسىز قېرىندىشىمىز ئېدى. تۈنۈگۈن ئۇچىرىغان قىيىن سۇئالغا بۈگۈن جاۋاپ تاپقۇدەك ئەقىلگە،تۈنۈگۈن نىمىلەرنىدۇر تالىشىپ تەنتەكلىك قىلىپ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويغان ساۋاقدىشىدىن بۈگۈن كەچۈرۈم سوراپ كۆڭلىنى ئالغۇدەك ئەپۇچانلىققا،نەچچە يىل مەكتەپتە ئوقۇش داۋامىدا ئېغىرچىلىقىنى سېلىپ بالىلىق بۇرچىنى ئادا قىلالماي كەلگەن ئاتا- ئانىسىغا ئەمدى ھاردۇقىنى چىقارغۇدەك جاۋاپ بەرگۈدەك ئەقلىي تۇيغۇغا ئىگە بولغاندا كۈتۈلمىگەن يەردىن چاپلاشقان بۇ كىسەل ھەممىنى توزغاقتەك توزۇتۇش ئالدىدا تۇرماقتا !...  

ئوغلىنىڭ كېسەل كارۋېتى يېنىدا پايپېتەك بولۇپ، قورۇق باسقان يۈزلىرى مىھىرلىك كۆز ياشلار بىلەن يۇيۇلغان ساددا،مھرىۋان ئاتىنىڭ كۆزى ئەمەس ناتىۋان يۈرىكى يىغلاپ،ئورۇق،تارشىدەك قوللىرى بىلەن ئوغلىنىڭ چېكىسىنى سىلاپ ئۇنىڭغا ئىشەنچ،مىھىر،يورۇقلۇق ئاتا قىلماقتا.پەقەت تەكشۈرتۈش، دەسلەپكى داۋالىتىش ئۈچۈنلا ئەسلى-ۋەسلىنى تۈگىتىپ بولغان بۇ بەرداشلىق ۋە كۆتۈرۈشلۈك ئاتا ئوغلىغا ئازاپ ھېس قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن ئوغلىنىڭ ئالدىدا زورىغا كۈلۈمسىرەپ،كېسىلىنىڭ پات ئارىدا ساقىيىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاشلا مىھرىبان مۇئەللىملىرىنىڭ ئۇنى بەكلا سېغىنغانلىقىنى، قىلىقلىرى شۇنچىكى تاتلىق ۋە ئوماق،سەبىي ۋە گۆدەك ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇنى ساقلاۋاتقانلىقىنى،غەيرەت قىلسىلا پات ئارىدا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كىتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئوغلىغا ھەمدەم بولماقتا.ئىچىدە بولسا ئىچ- ئچىدىن،مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ يۇم-يۇم يىغلاپ«ئوغلۇم،ھاياتلا بولسام سېنى چوقۇم ئاخىرىغىچە  داۋالتىمەن،غەيرەت قىلغىن،قېنىمنى،بۆرىكىمنى سېتىپ بولسىمۇ سېنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىمەن»-دەپ ئۈنسىز پىچىرلىماقتا!

كېسەل ئازابىدا تولغىنىپ ياتقان ئابدۇۋەلى تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان بىغۇبار ياش ئېدى.ئۇنىڭ تېخى ئىشقا ئاشۇرالمىغان گۈزەل ئارزۇ-ئارمىنى كۆپ ئېدى.تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ روھېي بېسىمدىن تېڭىرقاپ قالغان ئابدۇۋەلى ئاتا-ئانىسىنىڭ تارتىۋاتقان جاپاسىدىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالماقتا...

ئۇ تېخى تۈنۈگۈنلا ئاجايىپ تالانتى بىلەن دىگەن يېرىمىزدىن چىقىپ بىزنى مەمنۇن ۋە پەخىر تۇيغۇسىغا چۈمدۈرگەن شاگىرتىمىز،ئۈمىدلىك ئوقۇغۇچىمىز.بىزنى ھەر كۆرگەندە سالام قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان ئەخلاقلىق  پەرزەنتىمىز.ئۇ بىر سىنىپ-بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ بىر قورساق قېرىنداشتىنمۇ چارە بولۇپ كەتكەن ئەڭ يېقىن قېرىندىشمىز.ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئۇكىمىز!!!

دۇنيادا مىھرى-مۇھەببەتلا بولىدىكەن،يەڭگىلى بولمايدىغان كۈچ يوق.قېرىندىشىمىز ئابدۇۋەلىنى ئىللىق جەمئىيەت قوينىغا،ئاتا-ئانىسىنىڭ مىھىرلىك باغرىغا،مۇھەببەت رىشتى باغلانغان سىنىپقا،ئۇنىڭغا ئىنتىزار بولىۋاتقان،ئۇنى سېغىنىۋاتقان ئاقكۆڭۈل ساۋاقداشلىرىنىڭ يېنىغا،ئىللىق جەمئىيەت قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى ياخشى نىيەتلىك كىشلەرنىڭ مېھر-شەپقەتلىك ياردەم قولىنى سۇنۇپ بۈ ئۈمدىلىك ياشنىڭ ھاياتىغا ئۈمۈد ئاتا قىلىشنى تىلەيمىز...

بەلكىم سىزنىڭ جىددى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ قاينام-تاشقىنىدا ئۆمىلەپ يۈرۈپ تەستە تاپقان پۇلىڭىزدىن ئايرىپ چىقىرىپ قىلغان ئاشۇ كىچىككىنە ياردىمىڭىز ئويلىمىغان يەردىن ئاشۇ سەبىي قېرىندىشىمىزنىڭ ھاياتلىقى ۋە بەختىگە،تاغدەك بەردەم غەيرىتىنى رەھىمسىز تەقدىر سۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتسىمۇ «مۇھەببەت» دىگەن بىر ئاتەش-ئوتنىڭ تەپتىنى ئوغلىنىڭ دىلىغا يېقىپ كېلىۋاتقان ئاتىنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشۇلىشىغا،جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ ئىللىق بولىشىغا،ئەڭ ئاددىيسى ۋە ئەڭ ئۇلۇقى-ئۆزىڭىزنىڭ ئاجايىپ كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە مىھىر-مۇھەببەت تۇيغۇسىدىن قەلبىڭىزنىڭ ئاپتاپتەك پارلىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن  !!!

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،ھەممىمىز ئاتا-ئانا ۋە ئاكا-ئۇكا قېرىنداشمىز. بىر ۋاقلىق تۇرمۇش ئىستىمالىمىزنى ئاددىيلاشتۇرۇپ،بىر قېتىملىق ئورۇنسىز چىقىملىرىمىزنىڭ مىھرىدىن كېچىپ،كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە مىھىر-مۇھەببىتىمىز مۇجەسسەم بولغان ئازغىنە كۆڭلىمىزنى بۇ قېرىندىشىمىزغا سۇنايلى.شۇنى يۈرىكىمىز تۇيسۇنكى،ئابدۇۋەلىنى پەقەت ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى مىھىر-مۇھەببەتلا قۇتقۇزالايدۇ.شۇنىڭغا ئىشىنىڭ:بىر يۈەن پۇلدىمۇ ئالەمچە سۆيگۈ،مىھرى-مۇھەببەت بار !!!...

ئابدۇۋەلىنىڭ  ھازىرقى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولسىڭىز مۇنۇ نۇمۇر بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ:

دادىسىنڭ تېلفۇن نومۇرى : 13565390506                      مۇئەللىمىنڭ تېلفۇن نومۇرى : 13579341612

ئابدۇۋەلى رىشىت ئامانەت قەرىز بانكا كارتا نومۇرى : (   865-9-0300-01-0201-015659-90   )

ئاچسىنىڭ(پاتىگۇل رىشىت)يېزا ئىگلىك بانكىسى كارتىسى:6228210890001941815

clip_image002.jpg

clip_image001.jpg

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-27 02:58 PM  


000.jpg
سايرام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7720
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 5067 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 05:50:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا شىپالىق بەرسۇن بۇ ئىنىمىزغا تاما تاما كۆل بولار دەپتىكەن قىنى ياردىمىمىزنى ئايىمايلى ،ئامانلىقنى بەرسە ئەتە ئازراق كۆڭلىمنى .........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 06:09:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ شىپالىق بەرگەي .ھەي شۇنچە تەرەققى قىلغان باي دۆلىتىمىزدە نىمىشقا مۇشۇنداق ئېغىر كىسەللەرنىڭ دۋۋالىنىش ھەققى شۇنچە قىممەت بولىدىغاندۇ ،مۇشۇ يۈرەك كېسىلى ،ئاق قان كېسىلى ،بۆرەك زەئېپلىشىش دىگەندەك ئېغىر كېسەلەرنى ھەقسىز داۋالاشقا مۇمكىن بولمامدىغاندۇ :qiray11قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا دوپتكەن ،ھەممىمىز ئازراق بولسىمۇ ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى قېرىنداشلار ،ھىچ بولمىغاندا ھەربىر ۋاق نامىزىمىزدا دۇئابولسىمۇ  قىلىپ قويايلى :qiray146

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9526
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 7087 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 06:36:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزۈمدە لىق ياش ،  ھەر بىر مۇراجەتنامى كۆرگىنىمدە  مۇھتاجلىقنىڭ نەقەدەر ئىغىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمەن . ..................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 772
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 07:01:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن!
بانكا نومۇرىنى خاتىرلىۋالدىم...

★ مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ.
★ تىنچ يول بىلەن ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە مۇشت ئىشلىتىپ ئېرىشەلەيسەن.
★ ئىنسانلار مەڭگۈ كۆرەش ئىچىدە قۇدرەت تاپىدۇ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئىچىدە گۇمران بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 94
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 07:48:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىڭلۇڭ  200 مىليون چىقىرىپ مۇشۇنداق بالىلارنى داۋالاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتىكەنغۇ ....  :qiray9:qiray1

دەرت-ئەلەم كەلمىگىچە، بەندە خۇدا دەپ يىغلىماس! ـــــــــــــــ جودا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31954
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1259
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 526 سائەت
تىزىم: 2011-2-27
ئاخىرقى: 2012-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 09:59:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: مۇراجەتنامە

gvlqay يوللىغان ۋاقتى  2012-2-27 07:01 PM
ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن!
بانكا نومۇرىنى خاتىرلىۋالدىم...  ...


ئاقىبەت ئۇچۇن.

پــىــيــاز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6126
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 895 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 11:33:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىفىت بىلوگىنىڭ پۇلى جىق بولغان بولسا ياردەم قىلاتتى ، ئەپسۇس نۇرغۇن كىشىلەر قوشۇلىمىز دەپ يوقاپ كەتتى !! سىز  كۆڭۇل-كۆڭۇلدىن سۇ ئىچەر !!! نامالىق تىمىغا قاراپ بىقىڭ !! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   peyaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-27 11:36 PM  


پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21855
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3072
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2010-12-11
ئاخىرقى: 2012-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 10:09:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچۇم ئىدى .ياردەم قىلىپ قۇيۇڭلار.

سايرام
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش