|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
زامان ۋە پەن - تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى تۈرتكىسىدە جەمئىيىتىمىزدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفۇن ۋە پەدلەرنى ئىشلىتىشكە ئەگىشىپ يانفۇندا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلىش ھەمدە ئۇيغۇرچە يانفۇن يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىش قىزغىنلىقى كۈندىن كۈنگە ئاشماقتا. تورداشلارنىڭ ئاندرويد (Android) سىستېمىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن ۋە پەدلەرنىڭ كۆپلەپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا <<شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت گورۇپپىسى>> مەزكۇر <<زامانىم ئەپ بازىرى>> يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەپ چىقتۇق.
ئەپ بازىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولۇپ، ئاساسىي رايوندا ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان يان تېلېفۇن سىستېمىلىرىدا نورمال خىزمەت قىلالايدۇ.
بىز ئەپ بازىرىغا بارا-بارا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەپلەر ۋە ئۆزىمىز ئىشلىگەن ئەپلەرنى داۋاملىق چىقىرىپ تۇرىمىز.
ئەپ بازىرىدا ئۇيغۇرچە ئەپلەردىن باشقا خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچە قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارمۇ داۋاملىق تۈردە يوللىنىپ تۈرىدۇ.
<<زامانىم ئەپ بازىرى>> ئۆزىمىز نۆلدىن باشلاپ ئىشلەپ چىققان ئەپ بازىرى سىستېمىسى بولۇپ، ھازىرچە ئاددىيراق بولسىمۇ سىزنىڭ ئىشلىتىشىڭىزگە سۇندۇق. بۇ ئەپ بازىرى ئۇيغۇرچە ئەپ بازىرى ئىچىدە تۇنجى ئېلان قىلىنغان ئەپ بازىرى بولۇپ، يوقلۇقتىن نۇرغۇن ئەجىر قىلىپ بارلىققا كەلتۈردۇق. شۇڭا كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن سەمىمىي تەكلىپ، تەنقىدىي پىكىرلىرى بولسا ئايىماي بېرىپ تۇرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ ئەپ بازىرىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئاشكارىلانغان ئادېرىسى:
زامانىم ئەپ بازىرى سىناقتىن ئۆتتى
http://www.shahdiyar.com/korush.asp?mid=715
مەزكۇر ئەپ بازىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى تۆۋەندىكىچە:
بۇ ئەپ بازىرىنىڭ باش كۆزنىكى بولۇپ، سىز باش كۆزنەكنى ئاچسىڭىزمۇ ياكى مەلۇم يۇمشاق دېتال تۈرىنى ئاچسىڭىزمۇ يۇمشاق دېتال ماۋزۇسى، قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى، يوللانغان ۋاقتىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىن باشقا نەق چۈشۈرۈش ئورنى بىلەنمۇ تەمىن ئەتكەن
بۇ يۇمشاق دېتال باش كۆزنەك ئاستى تەرىپى
بۇ مەلۇم بىر يۇمشاق دېتال مەزمۇنىنى كۆرگەن كۆرۈنۈشى
بۇ مەزمۇن كۆرۈنۈشى
بۇ مەزمۇن كۆرۈنۈشى ئاستى تەرىپى
بۇ يۇمشاق تۈرى رايونى
ئەپ بازىرىدا تۇرۇپ يانفۇن ياكى پەدنىڭ تىزىملىك (Menu) كونۇپكىسىنى باسسىڭىز بۇنىڭدەك 3 تاللاش تۈر چىقىدۇ
پروگرامما ھەققىدە (بۇ يەردە نەشىر ئۇچۇرى تەمىنلەنگەن)
مەزكۇر ئەپ بازىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلدى.ھەر قايسى ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەردىكى ھەقسىز تارقىتىلغان ئۇيغۇرچە ئەپلەرمۇ داۋاملىق بۇ يەرگە يىغىلىدۇ.لازىملىق بولغان خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچە ئەپلەرمۇ داۋاملىق تۈردە بۇ يەرگە يىغىلىدۇ.مەزكۇر يۇمشاق دېتال ئۆزىمىز ئىشلەپ چىققان يۇمشاق دېتال بولغاچقا، ھازىرچە ئاددىي بولسىمۇ كەڭ يانفۇن ئىشلەتكۈچى ھەۋەسكارلارنىڭ قىزغىن قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەپ بازىرىغا قارىتا ھەر قانداق تەكلىپ پىكىرلەر بولسا تۆۋەندىكى ئېلخەت ساندۇقىغا قالدۇرۇپ قويساڭلارمۇ ياكى بۇ مۇنازىرە ئادېرىسىغا قالدۇرۇپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ.شاھدىيار: shahdiyar نامىدىكى gmail.com ئېلخەت ساندۇقىhttp://www.xjcfan.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2514
مەزكۇر ئەپ بازىرىغا داۋاملىق تۈردە يۇمشاق دېتال چىقىرىپ تۇرىدىغان ئەپ باشقۇرغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ.شەرت تۆۋەندىكىچە:1. مەلۇم دەرىجىدە تور تېخنىكىسى بولۇش2. ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىنى بىلىش (ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تىل بىلسە تېخىمۇ ياخشى)3. مەلۇم دەرىجىدە ئەپ تەرجىمە قىلىشنى بىلىش4. ئەستايىدىل، راستچىل، سەمىمىي بولۇش5. تور دۇنياسىدا مەلۇم دەرىجىدە سالاھىيىتى بولۇش6. .................ئەپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ شەرتلىرى يۇقارقىدەك بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئەپ بازىرىنىڭ يوق بولۇشىدەك بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن بىز توختاۋسىز ھالدا ئۆزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرىشىمىز كېرەك.ئەپ باشقۇرغۇچىلار <<شاھدىيارسوفت>> نىڭ ئىچكى سىنىقىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇندىن باشقا ئەھۋاللىرى كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.ئەپ ئىشلەش خىزمىتىنى <<شاھدىيارسوفت گورۇپپىسى>> دىكىلەر داۋاملاشتۇرىدۇ.ھازىر مەزكۇر ئەپ بازىرىنى باشقۇرۇشقا بىر ئادەمنى تەيىنلىدۇق.ئەپ بازىرىنى باشقۇرغۇچى:شەيدائى: xaydayi نامىدىكى oghlan.net خەت ساندۇقى
[دىققەت] مەزكۇر ئەپ بازىرى ھەقسىز تەمىنلەندى. ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخىسنىڭ ئىقتىسادىي ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەقلىق قىلىشىغا قەتئىي بولمايدۇ. ئۆزگەرتىپ ئىشلەش ۋە ئوخشىتىپ ياساشقا بولمايدۇ.
ھەمكارلاشقۇچىلار:كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىhttp://www.xjcfan.comئوغلان تورىhttp://www.oghlan.net
چۈشۈرۈش ئورنى
چۈشۈرۈۋېلىڭ بارلىق ھوقۇق <<شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت گورۇپپىسى>> غا مەنسۇپ!<<زامانىم يانفۇن تورى>>
مىلادى 2012- يىلى 2- ئاينىڭ 26- كۈنىھىجىرىيە 1433- يىلى مۇھەررەم ئېيى 1- كۈنى |
|
|
|
|
|
|