مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 926|ئىنكاس: 5

يــەرشــارىلاشـقان سـەرمايـە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13311
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 838
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2014-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 12:33:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




globalization يەرشارىلاشقان سەرمايە بولسا ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىنى مەركەز يادىرو قىلغان ، ھەرقايسى دۆلەت ، ھەرقايسى مىللەت ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ سىياسىي ، ئىقتىساد ،ھەربىي ئىشلار ،بىخەتەرلىك ، تۇرمۇش ياشاش شەكىلى ، قىممەت قارشى ، كۆپ قاتلاملىق ئۆزئارا مۇناسىۋەت ، تەسىر ، ئۇچىرىشىش، قاتارلىق كۆپ خىل ئېلىمىنىتلىق نەزەرىيە بولۇپ تېخنىكا ،سىياسىي ، ئىقتىساد ، قانۇن ، باشقۇرۇش ، تەشكىللەش ، مەدەنىيەت ، ئىدىيە كۆز -قاراش ، كىشلىك ئالاقە مۇناسىۋىتى ، خەلقئارا ئالاقە مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئون نەچچە خىل تەرەپلەرنىڭ يەرشارىلىشىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

1171 -يىلى ئوتتۇرا ئەسىردىكى دۇنيانىڭ گۈللەنگەن سودا مەركىزى بولغان ئىتالىيەنىڭ ۋىنتىسىيەدە تۈنجى بانكىنىڭ قۇرۇلىشى يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .   
globalization يەرشارىلاشقان سەرمايەنىڭ بىرىنجى باسقۇچى 1492 - 1800 يىل ئارلىقى مەزگىلى . يەنى ئىسپانىيەنىڭ ئامىرىكا قۇرۇقلىقىنى بايقىشى ، ئەنگىلىيەنىڭ ھىندىستان مۇستەملىكىسىگە ئىگە بولۇش مەزگىلىدىن باشلانغان .

1820-ياكى 1825- يىلدىن تاكى 2000-يىلغىچە يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ ئىككىنجى باسقۇچى.  
2000-يىلدىن كىيىن ھازىرغىچە ۋە يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ ئۈچىنجى باسقۇچى.   
  
يەرشارىلاشقان سەرمايە بولسا يەككە شەخىسلەرنىڭ يۇقرى كاپتال پايدىغا ئېرىششى مەقسىتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، بۇ خىل يۇقىرى كاپىتالغا ئېرىشىش قىمار خاراكتىرلىك دوغا تىكىش ھەركىتى ئارقىلىق رىئاللىقا ئايلانغان ۋە راۋاجلانغان. ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي پۇل مۇئامىلە بازىرى بولغان پاي بازىرىدا پايچېكنىڭ بازار باھاسىنىڭ ئۆسۈپ چۈشىشىنى دۆلەت ھۆكۈمەت تەرەپ تارقاتقان ئاخبارات بەلگىلىگەن.يەرشارىلاشقان سەرمايە بولسا دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات تارقىتىش ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى پاي چېكنىڭ بازار باھاسىنى بېكىتىشدىن ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي كۈچى ئارقىلىق دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئاخباراتىغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى پاي چېكنىڭ بازار باھاسىنىڭ ئۆسۈپ چۈشۈشىنى بېكىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئارلىقتىن يۇقىرى كاپىتالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىقتىسادىي ھەركەتلەر نەتىجىسىدە پەيدا بولغان بولۇپ ، دەسلەپتە يەككە ھالەتتىكى كاپتالىسىت ھالىتىدە مەۋجۇت بولغان بولسا كىيىن ئوخشاش مەقسەتتىكى يۇقىرى كاپتالغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان كاپىتالىستاللارنىڭ ئورتاق ھەركەت قىلىشى ۋە پۇل ئارقىلىق دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي تەدبىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ غايەت زور يۇقىرى كاپىتالغا ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كاپىتالىسلارنىڭ قويۇق چەمبەرچاس باغلانغان ئالاقىسى ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈنگىچە تەرەققىي قىلىپ كەلگەن.

ئەڭ ئاددى مىسال ئالساق: 1798 يىلى روستچىلىد جەمەتى ئەنگىلىيەدە ئۆز جەمەتىنىڭ تۈنجى بانكىسىنى قۇردى.1815يىلىغا كەلگەندە ، بەش ئاكا -ئىنى لوندون، فىرانكىفورت،ۋىينا، پارىژ ، نابلۇسلاردا بانكىلارنى ئېچىپ دۇنيادىكى تۈنجى خەلىقئارالاشقان بانكىنى قۇرۇپ چىقتى.مۇشۇ يىللار تارىخىغا نەزەر سالساق ، 1815 يىلى ئەنگىلىيە ۋە ناپالىيون باشچىلقىدىكى فىرانسىيە ئوتتۇرىسدا ئۇرۇش بولدى . نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئەنگىلىيە ياكى فىرانسىيەنىڭ ئۇرۇشتا غەلبە قىلىسىغا قىمار شەكىلىدە دو تىكتى . ئۇرۇش غەلبىسى ئاخباراتنىڭ بۇ قېتىملىق قىمارنىڭ پايدا زىيىنىنى بېكىتىدىغان بولغانلىقتىن ، ياۋروپادا تورلاشقان بانكا قۇرغان روسچىلىد جەمەتى ئەڭ دەسلەپكى ئۇچۇرغا ئېرىشتى (ناپالىيون مەغلۇپ بولۇپتۇ)ۋە 6-19 -كۈنى دەرھال لوندون پاي بازىرىدا ساختا خەۋەر تارقاتتى(ۋېلىنتون مەغلۇپ بولۇپتۇ) ، خەۋەر قۇلاقتىن قۇلاققا تارقىلىپ كىشلەر بىردىنلا ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت زايومىنى سېتىۋالدى ، قايناق بازار كەيپىياتى بارلىققا كەلتۈرگەندىن كىيىنكى بىر قانچە سائەتتىن كىيىن دۆلەت زايومى 5% چۈشتى .بۇ ئەھۋاللارنى سىرتتىن كۆزىتىپ تۇرغان روسچىلىد جەمەتىدىكىلەر تىز سۈرئەتتە كىشلەر قولىدىكى باھاسى تۆۋەنلەپ كەتكەن زايومنى سېتىۋالدى. 6-21-كۈنى ئەتىگەن ۋېلىنتون لوندونغا قايتىپ كەلدى ۋە 'سەككىز سائەتلىك ئۇرۇش ئارقىلىق ناپالىيون مەغلۇپ بولدى ، فىرانسىيە ئەمدى تۈگەشتى'دىگەن خەۋەرلەر تارقالدى . بۇخەۋەر لوندونغا روسچىلىد جەمەتىنىڭ خەۋىرىدىن بىر كۈن كىيىن يىتىپ كەلدى. ئەمما راسىت خەۋەر تارقالغاندا ئەنگىلىيە دۆلەت زايومى تىز سۈرئەتتە ئۆستى (كىشلەر قولىدىكى زايوملارنى روسچىلىد جەمەتىگە سېتىۋېىتپ بولغان ئىدى) روسچىلىد جەمەتى بۇ قېتىملىق سودىدا 20 ھەسسە پايدىغا ئېرىشتى. يەنى ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت مال مۈلىكى زايوم شەكلى ئارقىلىق كاپتالىست بولغان روسچىلىد جەمەتىنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتتى.شۇنداق قىلىپ دەسلەپكى شەكىلدىكى پۇل ئارقىلىق دۆلەت سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە دۆلەت پۇل مۇئامىلىسىنى كونتىرول قىلىپ ، دۆلەت ھۆكۈمەت مالىيەسىنى قەرزگە بوغۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قارا پەردە ئارقىسىدىن كونتىرول قىلىش بارلىققا كەلدى.
ئەينى ۋاقىتىكى ئەنگىلىيە دۆلەت ھۆكۈمىتى تارقاتقان زايوم zf زايوم بولۇپ ، 1670يىلى ئەنگىلىيە خان جەمەتى پادىشاھ تەرپىدىن تارقىتىلغان ، zfبولسا بىر مىليون 200 مىڭ فونىستىرلىڭ نەق پۇل قىممىتىدىكى مەڭگۈلۈك زايوم بولۇپ ،يىللىق ئۆسۈمى 8% ، يللىق باشقۇرۇش ھەققى 4000 فونىستىرلىڭ ، يەنى ھەر يىلى پەقەت 100مىڭ فونىستىرلىڭ قىممىتىدىكى zf زايومنى ، بىر مىليون 200 مىڭ فونىستىرلىڭ نەق پۇلغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ . 2005 يىللىق سىتاتىسكىغا قارىغاندا ،1695 يىلى 1مىليون 200 مىڭ zfزايوم ،2005 يىلى 525مىليارد 900 مىليون فونىستىرلىڭ بولغان بولۇپ ئەنگىلىيە گ د پ سىنىڭ 42.8% نى ئىگللىگەن . ) مانا بۇ نەق بولمىغان تەقلىدىي پۇل دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ مالىيەسىدە بولماستىن ، كۆپ قىسىمى 300يىللىق تارىخدىن بۇيان تارقىتىلىپ شەخىسلەر قولىدا زور مىقداردا ساقلىنىپ قالغانلىقتىن ، ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت مالىيەسىنى باشقۇرۇش ،دۆلەت سىياسىتىنى بەلگىلەش ھوقۇقلىرى ئۆزلىرى تارقاتقان پۇل ئارقلىق شەخىستىن ئىبارەت كاپىتالىستلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ ، پەردە ئارقىسىدا باشقۇرۇلىدىغان چوڭقۇر دۆلەت ۋە دۇنياۋىي خاراكتىرلىك يەرشارىلاشقان سەرمايىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ مۇشۇ خىلدىكى zf زايوملارنى ئەنگىلىيەدىن 150 يىل كىيىن ، 1815--1820 يىللاردىن باشلاپ تارقاتقان . نەتىجىدە يۇقىرى كاپىتالغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىنغان پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشى ئارقىلىق نەچچە يۈز يىللىق تارىخ جەريانىدا دۆلەت مالىيەسىنىڭ ئاستا -ئاستا شەخىسلەر قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى ئارقىلىق پەردە ئارقىسىدا باشقۇرۇلىدىغان چوڭقۇر دۆلەت ۋە ھازىرقى غايەت زور مىقداردىكى دۆلەت ھۆكۈمەت قەرزىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .  


يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بولغان تەسىرى.


  
ئىسپانىيەلىكلەر ئەڭ دەسلەپ ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنى بايقىدى . بۇ خەۋەر ياۋروپادا تارقالغاندىن كىيىن ، ئەنگىلىيەلىكلەر ئامېرىكىغا سەپەر قىلدى ، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدا تېخى ئالتۇن ،كۈمۈش كانلىرى بايقالمىغانتى ،پۇل ئەسلا يوق بولۇپ ، سودىدا پۇل ئارقىلىق ئوبورت قىلىنىش كەم ئىدى. ئەمما ئەنگىلىيەلىكلەر دەسلەپكى ئىپتىدائىي ئالماشتۇرۇش شەكىلى ئارقىلىق سودا پائالىيىتىنى راۋاجلاندۇرغان ئىدى. ئامېرىكىنى ئۆز مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرغان مۇشۇ يىللاردا ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئامېرىكىدا zf قەغەز پۇل تارقىتىش ئارقىلىق سودىدا ئوبورت قىلىشقا ئىشلەتتى، ئەمما 1763يىلى بىنجامىن فىرانكىلىندەك ئامېرىكىلىقلار بىز مۇستەملىكە زىمىن بولغاندىكىن ، بىز ئۆزىمىنىڭ ' مۇستەملىكە زايومى'مىزنى ئىشلىتىمىز دېدى.شۇنداق قىلىپ بۇ يېڭى پۇل ئەنگىلىيە بانكىلىرىنىڭ ئامېرىكا مۇستەملىكىسىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايرىۋەتتى.1764يىلى بۇ خىل رىئاللىقنى قوبۇل قىلالمىغان ئەنگىلىيە بانكىرلىرى 'پۇل سوتى'ئارقىلىق ئامېرىكا مۇستەملىكىسىنىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ قەغەز پۇلىنى تارقىتىشىنى چەكلىدى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ zf نى ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە تىگىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەجبۇرىي ئىشلەتتى. بۇ يىللاردا بىر مەزگىل راۋاجلانغان سودا پائالىيىتى كەينىگە چىكىندى، قىسقارتىپ ئېيتقاندا يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ ئامېرىكا مۇستەملىكىسى زىمىنىدا مەجبۇرىي ھالدا پۇل تارقىتىش ھوقۇقىنى تالىشىش ۋە مۇستەملىكىلەرنى ئۆزىنىڭ 'مۇستەملىكە پۇلى'نى ئىشلەتكىلى قويماسلىقى نەتىجىسىدە ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى پارتىلىدى . ئەينى يىلى 33 ياشلىق ' مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنىڭ يازغۇچىسى ' ئامېرىكىنىڭ ئۈچىنجى نۆۋەتلىك ئەلباشى توماس جېفىرسون ' ئامېرىكا خەلقى ئاخىر ئۆزىنىڭ دۆلەت پۇلىنى تارقىتىش ھوقۇقىنى كونتىرول قىلدى' دىگەن.

ئالىكساندىر خامىلتون روسچىلىد جەمەتى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە مۇناسىۋىتى بار شەخىس بولۇپ، روسچىلىد جەمەتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن (يەنى ھازىرقى دەۋردىكى پارە) . 1789 يىلى خامىلتون ئامېرىكىنىڭ مالىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1790 يىلى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن كىيىن ، دۆلەت مەجلىسىدە ، ئەنگىلىيە بانكىلىرىنىڭ شەخىسلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى مەركىزى بانكىلىرىنىڭ،ئامېرىكىدا پۇل تارقىتىش ھوقۇقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە مۇشۇنداق تەكلىپلەرنى بەرگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىدىيىسى : شەخىسلەر ئىگىدارلىقىدىكى بانكىلار فىلادىلفىيەدە باش مەركىزى بانكا قۇرۇش ، باشقا رايونلاردا تارماق بانكا قۇرۇش، بانكا دۆلەت پۇلى ۋە زايوم تارقىتىش ،ئۆسۈملۈك zfتارقىتىش، يەنى ئومۇمىي پاي قىممىتى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ، شەخىسلەر 80 % پايغا ئىگە ، ئامېرىكا 20% پايغا ئىگە بولۇش .1791-12 -ئايدا ، خامىلتوننىڭ بۇ لاھىيەسى دۆلەت مەجلىسىدە 39:20 ئاۋاز بىلەن تەستىقلاندى . ئەينى يىللىرى جېفىرسون دۆلەتنىڭ پۇل تارقىتىش ھوقۇقىنى شەخىسلەر كونتىرول قىلىشقا قاتتىق قارشى تۇردى، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق كۆرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن ۋاشىڭگىتون 1792يىلى2ئاينىڭ25-كۈنى ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنى قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىمزا قويدى . بانكىنىڭ مۆھلەت ۋاقتى 20 يىل قىلىپ بېكىتىلدى. خەلىقئارالاشقان بانكا بولغان روسچىلىد جەمەتى بانكىسى 1811-يىلغىچە ، 10مىليونلۇق پاينىڭ شەخىسلەر ئىگىدارچىلىقىدا بولىدىغان 80 % پېيىنىڭ 70%نى يەنى 7مىليونلۇق پاي قىسىمىنى تولۇق ئىگەلىۋالدى.توماس جېفىرسون ئەلباشىلىققا سايلانغاندىن كىيىن مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇش شەكىلى ئارقىلىق، 1811-3-3 -كۈنى ئامېرىكىدىكى بىرىنجى بانكىنى تاقىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن 'پۇل تارقىتىش ھوقۇقى'دىن كىيىن ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى يۈز بەرگەن بولسا، پاينى ئەنگىلىيە بانكىرلىرى كونتىرول قىلىۋالغان بانكىنىڭ تاقىلىشىدىن كىيىن 1812 - يىلى ئەنگىلىيە - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىملىق ئۇرۇش بولدى. 3يىللىق ئۇرۇشتىن كىيىن روسچىلىد جەمەتىنىڭ ئەسلىدىكى بانكىدىكى بايلىقى ھەممىسى قۇرۇق قەغەزگە ئايلاندى. 1916-قايتىدىن ئامېرىكا ئىككىنجى بانكىسىنى قۇردى . پاي شەكىلى يەنىلا خامىلتوننىڭ ئىدىيىسىنى ساقلاپ قالدى.لىكىن ئەنگىلىيە بانكىرلىرى zf ئارقىلىق ئامېرىكىنى كونتىرول قىلىش قەدىمىنى توختاتمىدى. 1845- روسچىلىد جەمەتى ئاخىر يەنە بىر قېتىم ئامىرىكىنىڭ ئىككىنجى بانكىسىنى ئۆز كونتىروللۇقىغا ئالدى.1860 يىللاردىكى ئامىرىكا جەنۇپ شىمال ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىمۇ دەل ئەنگىلىيە بانكىرلىرى ، توقۇمچىلىق فابىرىكا خوجايىنلىرى ، ئىكىنزارلىق خوجايىنلىرىنىڭ شىماللىقلارنىڭ ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى چىقىشىدىن كېلىپ چىقتى. بۇ يۇقىرى كاپىتالغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ ئامېرىكا تارىخىدا پەيدا قىلغان ئۈچىنجى قېتىملىق ئۇرۇشى بولۇپ ،600 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جەنۇپ شىمال ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كىيىن لىنكولىن يېڭى نۇسخىدىكى پۇل تارقىتىش سىياسىتىنى ئوتتۇرغا قويدى ، بۇنداق بولغاندا 1812- يىلدىكى بىرىنجى قېتىملىق ئامېرىكا بانكىسى تاقالغان ۋاقىتتىكىدەك ئەنگىلىيە بانكىرلىرى ئۆزلىرى ئىگە بولغان zf تىن مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيتى . شۇنىڭ بىلەن يەرشارىلاشقان سەرمايە بولغان ئەنگىلىيە بانكىرلىرى (جەنۇب شىمال ئۇرۇشىدىكى ئامېرىكا جەنۇبلۇقلىرى )سەنئەتكار جون ۋىلكىس بوسنى ياللاپ لىنكولىننى قەستلەپ ئۆلتۈرىۋىتىش ئارقىلىق يېڭى پۇل تارقىتىش سىياسىتىنى بىكار قىلدى.(لىنكولىننىڭ يېڭى پۇل سىياسىتىدىكى ئۆسۈم نىسبىتى ئىلگىرىكىدىن بەكلا تۆۋەن ئىدى.)  

ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ، جەنۇب شىمال ئۇرۇشى ، 1837،1857،1907،1929، يىللاردىكى ئامېرىكىغا ۋە لىنكولىن ، كىننىدى قاتارلىق يەتتە نەپەر ئەلباشىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىشىگە ۋە قايسى دەۋرلەردىن باشلانغان ئامېرىكا ئەلبەشىنىڭ سايلىنىشىغا نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىنىشقا نەزەر سالىدىغان بولساق ، مانا بۇ ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى كاپىتالغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان ئەنگىلىيە كاپىتاللىرىنىڭ يەنى يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ ئامېرىكىدا پۇل تارقىتىش ھوقۇقى ۋە zf ئامېرىكىنىڭ دۆلەت زايومىنى ئىگللەش ، پۇل سىياسىتى ئارقىلىق دۆلەتنى قارا پەردە ئارقىسىدىن كونتىرول قىلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .

دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، قانداق قىلىپ نەچچە تىرلىيون غايەت زور قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان؟ دىسەك ، دەل يۇقىرى كاپتالغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان كاپىتالىستلارنىڭ، شەخسىيلەر ئىگىدارچىلىقدىكى مەركىزىي بانكىلار ئارقىلىق دۆلەتكە ۋاكالىتەن دكلەت زايومى ۋە zf تارقىتىپ بېرىشى ۋە بۇ خىل يۇقىرى ئۆسۈملۈك مەڭگۈللۈك zf لارنى ئۆز كونتىروللىقىغا ئېلىۋېلىشى نەتىجىسىدە، 200 --300 يىل ئىلگىرىكى ئىگەللىۋالغان zf لارنىڭ قىممىتى ئۆسۈپ بۈگۈنكى كۈندىكى نەچچە تىرلىيون دۆلەت ھۆكۈمەت قەرزىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ..   
ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشى تەرەققىي قىلىپ تويۇنۇپ قېلىش دەرىجىسىگە يەتكەن ،يىتەرلىك بازار ئېھتىياجى بولمىغان تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىگە يېڭى بايلىق مەنبەسى ئىزدەش ، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىغا ۋ ە ئىشلەپچىقارماقچى بولغان مەھسۇلاتىلىرىغا بازار ئېھتىياجى يىتىشمىگەنلىكتىن، يېڭى سودا بازىرى ئىزدەش ، ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي قورال ياراقلىرىنى تەجىربە سىناق قىلىش ئۈچۈن،رايون ئىزدەش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن نەزەرىيە .ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشى بۈگۈنكى كۈندىكى نەزەرىيە بولماستىن،غەرب كاپتالىزىمىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئوينىغان سىياسىي ئويۇنىنىڭ ئەمەلگە ئاشقاندىن كىيىنكى كۆرىلىۋاتقان نەتىجىسى .  

تارىخقا نەزەر سالساق : سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ، روبىلىنىڭ قىممىتى ، ئاسىيا پۇل مۇئامىلە بورىنى، 'تۆت كىچىك ئەجدىھار' نىڭ گۈللىنىشى ، ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشىدا بىز ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلاندۇقمۇ ؟ بۇ بىر تاسادىپىيلىقمۇ؟ ياكى ماس كېلىشمۇ ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ، پەردە ئارقىسىدىكى ھەققىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ كىم؟ كىم كىلەركى نۆۋەتلىك قەستلەنگۈچى بولۇشى مۇمكىن ؟ يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە خادىمى ۋە ئېنىرگىيە مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش ، ياۋروپادىكى بانكىرلارنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىشى ،بۇلارنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق ؟ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشنى سىياسىي ئىنقىلاب ياكى پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشى بېكىتكەنمۇ؟ ...  
ئەنگىلىيە يەرشارىلاشقان سەرمايە تەرەپدارلىرى ئامېرىكىدا زايوم تارقىتىش ، zf تارقىتىش ، پۇل تارقىتىش ھوقۇقىغا قايتا --قايتا ئۇرۇشلارنى قىلىپمۇ ئېرىشگەلمىگەندىن كىيىن،1861 يىلى كاناداغا 8000 ئەسكەر يۆتكەپ كەلدى ۋە جەنۇبتىن ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىپ ، شىمالىي قىسىمدىكى لىنكولىننىڭ تارقاتقان zf تەھدىد سالدى ، 1862- ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە ، ئىسپانىيەلەرنىڭ ئارمىيەسى مېكسىكىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى ۋە جەنۇبىي قىسمىغا توپلاندى. 1863- فىرانسىيە ئارمىيەسىنى 30 مىڭغا كۆپەيتىپ مېكسىكا شەھرىنى ئىگەللىدى. مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئەنگىلىيە بانكىرلىرى لىنكولىنغا شەرتلىك تەلەپنى قويدى . ئەسلىدىكى ئەنگىلىيە بانكىرلىرى ئىگە بولغان zfنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى 24% تىن 36% كە ئۆستۈرۈپ بېرىش تەلىپىنى قويدى . لىنكولىن بۇ تەلەپنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىپ ئەنگىلىيە بانكىرلىنى ئامررىكىدىن ئايرىلسۇن دىدى. نەتىجىدە ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولغان جەنۇبتىكى ئارمىيەلەر بىلەن لىنكولىن باشچىلىقىدىكى شىمالدىكى ئارمىيەلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ ، ئامېرىكا تارىخىدىكى جەنۇب شىمال ئىچكى ئۇرۇشى يۇز بەردى . پۇل بولمىسا ، ئۇرۇشنى قىلغىلى بولمايدۇ ، بۇ پۇلنى خەلقئارالاشقان بانكا روسچىلىد جەمەتى بانكىسىدىن قەرز ئالسا ئۆزىنىڭ توزاققا چۈشىدىغىنى بىلگەن لىنكولىن ئەسلىدىكى zfنى بىكار قىلىپ ، يېڭىدىن لىنكولىن zfتارقاتتى. جەنۇب شىمال ئۇرۇشى دەۋرىدە لىنكولىن 20 يىللىق مۆھلەت بىلەن ، يىللىق ئۆسۈمى 5% بولغان ئومۇمىي قىممىتى 450 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق يېڭى zfتارقاتتى. جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى بولىۋاتقان ئامېرىكا پارچىلىنىپ،ياۋروپالىقلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان پەيىتلەردە،لىنكولىن 7مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بەدىلىگە،لىۋىسكىي باشچىلىقىدىكى روسىيە ئارمىيەسى بىلەن سودىلاشتى .1863-9 -24 -كۈنى روسىيە ئارمىيەسى نىيويورىك پورتىغا يىتىپ كەلدى. 10-12 - كۈنى سان فىرانسىسكوغا باردى. ئاخىر ئۇرۇش لىنكولىننىڭ روسىيە ئارمىيەسىگە 7مىليون 200 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىپ شىماللىقلارنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. (قىسقارتىپ ئۆتۈپ كەتسەك ، مەقسىتىگە يېتەلمىگەن يەرشارىلاشقان سەرمايە تەرەپدارلىرى 1867 يىلى روسىيەنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھەربىي گېنىرالىنى قەستلىدى ، ئەمما تەلىيىگە ئۆلمەي قالدى ، 1881 -يىلى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا جەھەنەمگە يولغا سالدى.) شىمال ئارمىيەسى غەلبە قىلغاندىن كىيىن لىنكولىن شىمالدىكى نىگىر قۇللارنى ئازاد قىلدى ، كاپىتللارنىڭ ئىكىنزارلىقلىرىدا ھەقسىز ئىشلەيدىغان نىگىر قۇللار يوق بولدى ، ئەنگىلىيە بانكىرلىرى يۇقىرى ئۆسۈمگە ئىگە بولالمىدى ۋە ئەسلىدىن ئىگە بولغان zf لىنكولىننىڭ يېڭى پۇل سىياسىتىدە قۇرۇق قەغەز بولۇپ قالدى ،شۇ سەۋەب ئەنگىلىيە بانكىرلىرى ، جەنۇبىي قىسىمدىكى ئىكىنزار خوجايىنلىرى لىنكولىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگۈزىۋەتتى. لىنكولىن ئۆلگەندىن كىيىن ، يىڭى ھۆكۈمەت دۆلەت مەجلىسىدە ئۇرۇش يىللىرىدا تارقىتىلغان ئومۇمىي مىقدارى 400 مىليون ئامىرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى لىنكولىن zf نى بىكار قىلدى ، ئەنگىلىيە بانكىرلىرىنىڭ 24%لىك ئۆسۈمنى 36% كە ئۆستۈرۈپ بېرىشىنى رەت قىلىپ ئۆزىنىڭ ئامىرىكا zf سىنى ( United States Notes) يەنە بىرخىل ئاتىلىشى Greenback يېشىل پۇل تارقاتقان بولۇپ ، لىنكولىن يېشىل پۇلى 1994 -يىلغىچە ئامېرىكىدا ئوبورت قىلىنغان. مۇشۇ جەنۇب شىمال ئۇرۇشىدا لىنكولىن يېشىل پۇلغا تايىنىپ غەلبە قىلدى ، 1863- يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك بانكا قانۇنىغا ئىمزا قويدى .مانا بۇ قېتىملىق ئىمزالانغان ئامېرىكا دۆلەتلىك بانكا قانۇنى لىنكولىننىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر خاتالىقى بولۇپ ، ئۇ بۈگۈنكى كۈندىكى ئامېرىكىنىڭ غايەت زور مىقداردىكى دۆلەت ھۆكۈمەت قەرزىنى پەيدا قىلدى. يەنى ئامېرىكا بانكىسى تارقاتقان zf ئۆسۈملۈك ۋە مەڭگۈلۈك zf بولىدۇ. خەلقئارا بانكىرلار ئەنگىلىيەنى قەستلىگەنگە ئوخشاش ئۇسۇلدا ئامېرىكىنىمۇ قەستلىدى. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ تۇرىدىغان zf لىرىغا ئىگە بولغان . 2006 يىللىق سىتاتسىكىغا قارىغاندا ،10تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق zf قا ئىگە بولغان بولۇپ ،ھازىر ھەر سىكۇنتىغا 20مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق سۈرئەتتە ئۆسۈپ ماڭماقتا .   

1910-11-22-كۈنى كىچىدە ، ئامىرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم بانكىرلىرى بىر مەخپىي پويىزغا چىقىپ جەنۇبتىكى گىئورگىيە شىتاتىنىڭ جېكىي ئارىلىغا يىتىپ كەلدى. جېكىي ئارىلى بولسا ئامېرىكىنىڭ پۇل ماگىناتلىرى قىش پەسىلىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىگەللىۋالغان زىمىن ئىدى. JP Morgan Chase Et CO (يەنى ھازىرقى ئامېرىكىدىكى دۇنيادا بەشىنجى ئورۇندىكى چوڭ بانكا ) دىكىلەر جېكىي ئارىلىدا بىر ئوۋ ئوۋلاش كۇلۇبى قۇرغان .يەرشارىدىكى 6 ئۈلۈش بايلىق مۇشۇ كۇلۇپ ئەزالىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ ،ئەزالىق سالايىتى مىراس قالىدۇ ،لىكىن باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىلمەيدۇ. كۇلۇپنىڭ قائىدىسى : كۇلۇپنىڭ مۇلازىمەتچى خادىملىرى باشقا قۇرۇقلۇقتىن تاللاپ كېلىنگەن ، كۇلۇپ ئەزالىرى 2 ھەپتە ئەتىراپىدا كۇلۇپتا تۇرىدۇ .كۇلۇپ ئەزالىرى كۇلۇپقا كەلگەندە ئۆز ئىسىم فامىلىسىنى ئىشلەتمەيدۇ ۋە باشقا ئىسىم ئىشلىتىدۇ . 50 ئىنگىلىز مىلى دائىرە مۇخىبىرلاردىن خالىي قىلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق مەخبىي يىغىنغا مورگان jp نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ، نىيويورىك بىرىنجى دۆلەتلىك بانكىسىنىڭ لىدىرى،روكفىللىر جەمەتدىكىلەر، روسچىلىد جەمەتىنىڭ ۋەكىلىرى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كىشلەر يىغىلغان بولۇپ ، بۇلار Federal Reserve Act فىدىراتسىيە زاپىسى لاھىيەسىنى مۇزاكىرە قىلماقچى بولغان.   
  
paul warburg پائۇل ۋاربۇرگ گېرمانىيەدىن كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەن يەھۇدىي بولۇپ ، kuhn loeband company شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇپ ، بانكا كەسپى بىلىمى مول ، بۇقېتىملىق لاھىيەنىڭ يازغۇچىسى ۋە چۈشەندۈرگۈچىسى بولغان. nelson aldrich نىلسون بولسا national monetary commission نىڭ رەئىسى بولۇپ ، روكفىللىر جەمەتدىن ، بۇ پىلان ئوخشاش بولمىغان بانكا گوروھىدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ئۇيغۇن ھالدا لاھىيەلەنگەن ۋە دۆلەت مەجلىسىدە 9 كۈنلۈك تالاش --تارتىش ئارقىلىق يولغا قويۇلۇش تەستىقلانغان. بۇ قېتىملىق بانكىرلار پىلانىدىن كىيىن ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىمۇ ئەنگىلىيەنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، پۈتۈنلەي خۇسۇسىيلاشقان. دۆلەت زاپىسىدىكى ئەسلىدىكى 20% لىك zf مۇ بىراقلا خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن. بانكا كىرزىسى يۈز بەرگەندىن كىيىن پۇقرالار بانكىرلاردىن نارازى بولغان ، ئەمما نارازىلىقىنى ئوچۇق ئاشكارا ئىپادىلىيەلمىگەن ، ئامېرىكىنى ئوتتۇرا شەرقىي قىسىم ۋە شەرقىي قىسىمدىكى ئوتتۇرا قاتلام ئۇششاق كارخانچىلار ۋە كىچىك بانكىرلار بۇلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىمىغان . شۇنىڭ بىلەن پائۇل قايتىدىن بىر لاھىيە تۈزگەن ،ئۇلار ئوخشاش بولمىغان نامدىكى نۇرغۇنلىغان بانكىلار ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى پايدىغا ئىگە بولغۇچى پەقەت ئۆزلىرىلا بولىدىغان كىشلەر ئاسان چۈشىنەلمەيدىغان ، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلا چۈشىنىدىغان بىرخىل لاھىيەنى تۈزۈپ چىققان ، مۇشۇ دەۋردىن باشلاپ يەرشارىلاشقان سەرمايە بولغان خەلقئارالاشقان بانكىرلار دۆلەت مەجلىسى (پارلامىنىت) گە سىڭىپ كىرىپ ئەلباشىنىڭ بېكىتىلىشىنى بەلگىلەش، پۇلنىڭ تارقىتىلىشىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆز كونتىروللىقىغا ئېلىۋالغان. ۋال كوچىسىدىكى 1910- يىللىق جىكىي پىلانىغا قاتناشقان بانكىرلار ئامېرىكىنىڭ زور كۆپ قىسىم بايلىقىنى باشقۇرىدىغان بولۇپ ، بۇلار روسچىلىد جەمەتىنىڭ ئەنگىلىيەدە بانكا قۇرۇپ غايەت زور كىرىمگە ئېگە بولۇشىنى ئامېرىكىدا قايتىدىن ئوخشاش تەقلىد قىلىپ ئورۇنداپ چىقتى. بۇ قېتىملىق مەخبىي يىغىنغا قاتناشقان مورگان jp نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ، نىيويورىك بىرىنجى دۆلەتلىك بانكىسىنىڭ لىدىرى،روكفىللىر جەمەتدىكىلەر، روسچىلىد جەمەتىنىڭ ۋەكىلىرى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كىشلەر بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ تارقاتقان zf لىرىنى بارا- بارا يىغىۋېلىپ، zf زاپاس مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ۋە مونوپۇل سودا تىجارىتى ئارقىلىق ۋال كوچىسىدا باش كۆتىرىپ چىققان پۇل ماگىناتلىرى.  

1918-11-11-كۈنى بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشتى . ئۇرۇش رەسمى شەرتسىز ئاياقلاشقان بولماستىن ، ئەكىسچە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇشقا ئاجىراتقان ھەربىي چىقىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ، ئىقتىسادنىڭ خورىشىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىشى بىلەن ئاخىرلاشتى . ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر، دۆلەت ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ زىمىن ۋە بايلىقىنى ئىگەللىۋېلىپ،يەرشارىلاشقان سەرمايە بولغان خەلقئارا بانكىرلار بىلەن سودىلىشىش ئارقىلىق،دۆلەت تاشقى قەرزىنى قايتۇرماقچى بولغان ۋە مۇشۇ خىل ئۇرۇش قىلىپ دۇنيانى بۆلىشىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنى قۇتقۇزماقچى بولغان.لىكىن مەقسەتكە يىتەلمىگەنلىكتىن گىرمانىيەنىڭ 13% زىمىنى بۆلىۋېلىش ، گېرمانىيە 32 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تۆلەش، ھەريىللىق ئۆسۈمى 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈم تۆلەش .20 يىل ۋاقتىنچە ئۇرۇش قىلماي ئارام ئېلىپ تۇرۇشتەك شەرت ئاستىدا گېرمانىيەنىڭ شەرتنامىگە قول قويىشى بىلەن بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.ئەمما 20 يىلدىن كىيىن قايتىدىن كۈچلىنىپ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاپ،ئاجىز دۆلەتلەرنى قايتىدىن بۆلىشىۋېلىش شەرتنامە ھالىتىدە مەخپىي ئىمزالاندى ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىندى. بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە،خەلقئارا بانكىرلار ئۇرۇش مەزگىلى قەرز پۇلى تارقىتىش ئارقىلىق، غايەت زور مىقداردا كاپتالغا ئىگە بولدى. 1927-يىلى بىنجامىن مورگەن ۋە kuhn loeband company قوللىشى ئاستىدا،نىۋيورىك بانكىسىنىڭ لىدىرى ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى ، خەلقئارا بانكىرلار ئۇنىڭغا ئامېرىكا بانكىلىرىنىڭ ئۆسۈمىنىڭ ئەنگىلىيە بانكىلىرىنىڭكىدىن، تۆۋەن بولۇشىنى مەسلەھەت كۆرسىتىپ مەخپىي خەت يازغان بولۇپ،بۇ پىلان ئىجىرا قىلىنغاندىن كىيىن ،ئۇرۇش ئامېرىكا زىمىنىدا بولمىغانلىقتىن ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ،ئۇرۇش رايونلىرىدىكى ئوتتۇرىھال ئۇششاق بۇرژۇئازىيەنىڭ ئامېرىكىغا كىلىپ ئامېرىكىنى گۈللەندۈرۈش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.دۆلەت ئىچى تىپتىنىچ بولغان ئامېرىكا مۇھىتى يارىتىش ، دۆلەت سىرتىدا ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق تا بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان،بارلىق كىشلەرنىڭ تىپتىنىچ ئۇرۇشتىن خالىي مۇھىتقا ئىگە بولغان ئامېرىكىغا ،سەپەر قىلىشى ۋە ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە ۋەيران بولۇپ كېتىش خەۋىپىدىن ئەنسىرىمەيدىغان مۇھىت بولغانلىقتىن ، يۇرەكلىك ھالدا زاۋۇت،كان،كارخانا قۇرۇشتەك ھالەت دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كەلدى.   
  
ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىگەنلىكتىن مەبلەغ سېلىش دولقۇنى كۆتىرىلىپ ، ۋال كوچىسىدىكى كۆپتۈرۈلگەن قايناق سودا ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. 1928 -يىلى خەلقئارا بانكىرلار پىلانىنى داۋاملاشتۇرۇ پ ، پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئالتۇننىڭ بازار باھاسىنى تۆۋنلەتكۈزدى. كۆپتۈرۈلگەن قايناق مەبلەغ سېلىشتىن كىيىن ، باھانىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن 1927-1929 يىلغىچە بولغان ۋال كوچىسى پۇل مۇئامىلە بازىرى، پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادى بورىنى كېلىپ چىقتى. ئەمما نىۋيورىك بازىرىدا باھا تۆۋەنلىتىلگەن بولسىمۇ، لوندون بازىرىدا باھا ئەسلى ھالىتىدە مۇقىم بولغاچقا ، ئارلىقتىكى باھا پەرقىدىن پايدا ئېلىندى ، بازار باھاسىدىكى باھا پەرقىدىن ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ياخشى پايدىلىنىپ ، ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان ئىقتىسادىنى تىزلا ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدى. يەنە بىر قېتىملىق پىلاندىن كىيىن لوندون ۋە نىيويورىك پۇل مۇئامىلە بازىرىدا، باھا پەرقىنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئارلىقتىكى ۋاقىت پەرقى ۋە باھا پەرقىدىن بۈگۈنكى كۈندىكى،مەڭگۈلۈك پايدىغا ئېرىشىكىلى بولىدىغان ھالەت شەكىللەتندى . (ھازىرمۇ لوندون ۋە نىۋيورىك بازىرىدىكى، ئالتۇننىڭ بازار باھاسىدا ھەر ئۇنسىيەدە نەچچە دوللار پەرق بار بولۇپ، غايەت زور مەبلەغكە ئىگە بولغان خەلقئارا بانكىرلار، ئارلىقتىكى پەرقتىن توختىماي پايدىغا ئېرىشىپ تۇرىدۇ . ) ئەمدى ئاشۇ يىللاردىكى ئىقتىسادىي كىرزىس بىلەن ھازىرقىنى سېلىشتۇساقمۇ ، يەنە ئوخشاپ قالىدۇ ، ئالدىنقى يىلى ياز پەسىل ئولىمپىك مەزگىلىدە ئالتۇننىڭ بازار باھاسى 970-980 دوللار ئەتىراپىدا ئىدى ، ئىقتىسادىي كىرزىس داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە 870--890 ئارلىقىدا ساقلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ .. خەلىقئارا بانكىرلارنىڭ قولىدا غايەت زور كاپىتال بار ، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا تەقلىدى ۋە رىئال ئالتۇننى ئۈزلۈكسىز سېتىۋالسا ، ۋە ساقلاپ قالسا (بىزدەك قىسقا ۋاقىتلىق باھا ئۆسكەندە سېتىپ ،يەنە ئېلىپ دىگەندەك قىسقا ۋاقىتلىق ئوبورت قىلمايدۇ ) ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەت ئاپاراتلىرى ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئۆز دۆلىتىنى ئىقتىسادى كىرزىستىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش بىلەن،دۇنيا خاراكىرلىك بولغان بۇ ئىقتىسادىي كىرزىسنى تەڭ ئىقتىسادى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاخىرلاشتۇرسا ، قايتىدىن كىرزىستىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدەك گۈللىنىش بارلىققا كېلىدۇ. كىشلەر قايتىن پۇل مۇئامىلە بازارلىرىغا مەبلەغ سالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي كىرزىستىن كىيىنكى كۆپتۈرۈلگەن قايناق بازار شەكىلىنىپ ، نىيويورىك ۋە لوندوندا پاي ۋە ئالتۇننىڭ باھاسى قىسقا ۋاقىت تىز سۈرئەتتە ئۆسىدۇ . نەتىجىدە غايەت زور مىقداردىكى كاپىتالغا ئىگە بولغان خەلقئارا بانكىرلار، يىغىپ ساقلىۋالغان ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا ئۆسۈپ كەتكەنلىكتىن ئارلىقتا نەچچە يۈز مىليارد ئىقتىسادىي كىرىمگە ئىگە بولالايدۇ . ئەكىسچە ئوتتۇرا بۇرژازىيە ۋە ئاددى خەلقنىڭ زور مىقداردىكى كاپىتالى بولمىغانلىقتىن يەنىلا كۆپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.   
  
ئەمدى مۇشۇ يەرلەرگە كەلگەندە گەرچە كىنو فىلىم بولسىمۇ ، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ھىتلېر فىلىمىدىكى كۆرىنىشلەرگە دىققەت قىلساق. دەسلەپ ئادولىف ھىتلېر قەھۋاخانىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، بىر ئامېرىكىلىق ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالىدۇ ۋە كىيىنچە ھىتلېر بىر ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىگە كەچلىك زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنىدۇ .ھەمدە ناھايىتى تىزلا ئادولىف ھىتلېر پارتىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي مەبلىغى ئېشىپ ماڭىدۇ ۋە ئۇ كىنودا نۇرغۇنلىغان قارا پەردىلەر ئارقىسىدىكى كىشلەر كۆرۈنمىگەن بولسىمۇ ، ئادولىف ھىتلېرنىڭ ھەر قېتىملىق نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى جەريانىدىكى ، تۈرمىگە قامالغاندىن كىيىن بىراقلا پارتىيەنىڭ ۋەزىپىسى ئادولىف ھىتلېرنىڭ قولىغا ئۆتىشى ، ئاخىرىدا دۆلەت مەجلىسىنى قالايمىقان قىلىۋېتىشى ، ئەلباشىغا مەن زۇڭلى بولۇشۇم كېرەك دەپ تەھدىد سېلىشى ، تولۇق ھوقۇقلارنى ئۆز قولىغا ئېلىپ بولۇپ ئادولىف ھىتلېر ناتسسىت ئارمىيەسىنى تەرەققىي قىلدۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىنى ئەينى ۋاقىتتا پارتىيە ئىچىدىن باش كۆتىرىپ چىقىشىغا ياردەم قىلغان نۇرغۇنلىغان كىشلەرنى قەتلى قىلىۋېتىدۇ ...مانا مۇشۇ فىلىمدىمۇ گەرچە بۇ بىر كىنو بولسىمۇ ، كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان چالا رىژىسورلۇق قىلىنغان ، بالىلار چۆچىكى ئېيتقاندەك بىر نۇتۇق سۆزلەش بىلەنلا خەلقنى قايىل قىلىپ پارتىيە ئىچىدە قوللاش نىسبىتى يۇقىرى كۆتىرىلىپ زۇڭلى بولغاندەك كۆرىنىشلەر مەۋجۇت. ۋال كوچىسىدىكىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى نەتىجىسىدە، ئادولىف ھىتلېرنىڭ ناتسسىت ئارمىيەسى تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى . بۇ يەردە يەنە بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ . بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى تولۇق ماشىنلاشقان ھەربىي ئۇرۇش ئەمەس ،يەنى نېفىتتىن ئىبارەت بايلىققا ئېھتىياج كۆپ چۈشمىگەن . ئۇلار يىگىرمە يىللىق ئارام ئېلىپ قۇدىرەت تېپىپ قايتا ئۇرۇش قىلىشتىن ئىلگىرى،خۇددى ئەينى يىللىرى ئەنگىلىيەلىكلەر تارىم بوستانلىقىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ چىقىپ كەتكەندەك ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بايلىقلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە جايلىشىشىنى مەخسۇس ئۆمەكلەرنى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققان . ئەگەر ئەينى يىللىرى نېفىت زاپىسىنىڭ مىقدارىنى ھازىرقىدەك تەقلىدىي ئۆلچەش بارلىققا كەلگەن بولسا ، بەلكىم بىز ياشاۋاتقان تارىم بوستانلىقى بىر مەيدان قانلىق بايلىق تاللىشىش ئۇرۇشىنىڭ قۇربانى بولۇپ ، بىز ئويلىمىغان دەرىجىدە ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەپسۇس ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ،ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرونۋىك قىسىملىرىنى ئاساس قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرىشىدىن ،ئۇ بىر مەيدان ماشىنلاشقان ئۇرۇش بولىدىغان بولغاچقا ، تەبىي ھالدا نېفىتقا ئېھتىياج چۈشكەن ۋە ئىلگىرىكى بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئالتۇن كۈمۈش بايلىقىنى ئىگەللەش ۋە باشقىلارنىڭ دۆلەت زىمىنىنى مۇنقەرز قىلىش بولغان بولسا ، بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغىنى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى، نېفىت بايلىقىنى تالىشىش قوشۇلغان .(بۇيەردە بايلىق ئۇرۇشى ، نېفىت ئۇرۇشى دىگەنلەر يېزىلمايدۇ ...شۇڭا قىسقارتىپ يازدىم ) بىرنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ دۆلەت قەرزى ئارتىپ كەتكەن ئامېرىكا، رۇزىۋېلىتنىڭ يېڭى سىياسىتى بويىچە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قەتئىي قاتناشماسلىق ، ئەكىسچە ئۇرۇش يىللىرىدا قەرز تاقاتقۇچى ،ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ساتقۇچى دۆلەت بولۇپ بۇ ئىقتىسادى كىرىم ئارقىلىق دۆلەت ھۆكۈمەت تاشقى قەرزىنى قايتۇرۇش ئوتتۇرغا قويۇلدى. 1918-11-11 ئۇرۇشنى 20 يىللىق ئۇرۇش قىلماسلىق مۆھلىتى بىلەن توختاتقان بولسا ، 1936 يىللارغا كەلگەندە گېرمانىيەنىڭ باش بولۇپ ئۇرۇشنى باشلىشى ئۈچۈن بىر مەيدان سۈيقەسىت ، مىيۇنخىن سۈيقەستى بارلىققا كەلدى. كۆرىۋالالايمىزكى ئۇرۇشنى گېرمانىيەنىڭ باش بولۇپ قىلىشى ئۈچۈن ئەنگىلىيە ، فىرانسىيەلەر گېرمانىيەنىڭ ئاۋىستىرىيە ، چېخوسلوۋاكىيە ، پولشالارغىچە ھۇجۇم قىلىشىغىچە بولغان دەسلەپكى مەنپەئەتىگىچە قاراپ تۇردى.ئەمما بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۇرۇش يىللىرىدىكى قەرز پۇلنى يەنىلا خەلقئارا بانكىرلاردىن ئېلىپ تۇردى. نۇرغۇنلىغان ئىقتىساد ۋە دۆلەت ئىگىلىكى ۋەيران بولغان بولسىمۇ، خەلقئارا بانكىرلار يەنىلا پايدىغا ئېرىشىپ كەلدى.  

ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى .ھەرقايسى دۆلەتلەر قاتناشچىلىقىدا ب د ت ۋە ھەرخىل شەكىلدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى قۇرۇش پىلانلىۋاتقان مەزگىلدە ، خەلقئارا بانكىرلار پۈتۈن دۇنيانىڭ پۇل تارقىتىش ھوقۇقىنى كونتىرول قىلىشنى پىلانلىدى. خەلقئارا بانكىرلار بىر يادىرولۇق تەشكىلات قۇرغان : ئەنگىلىيە خان جەمەتى خەلقئارا ئىشلار كېلشىمىRoyal InstuteofInernationalAFFAIRS ئامىرىكا تاشقى دىپلوماتىيە كىلشىمى CouncilonForeignAffairs...  

ئۇلار قۇرغان ئامېرىكا تاشقى دىپلوماتىيەكىلىشىمىنىڭ 3600 ئەزاسى بولۇپ ، مۇتلەق ئامېرىكا پۇقراسى ، مۇھىم تەسىرى بولغان بانكىرلار چوڭ شىركەت كاپىتالىستلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىمى ، مىدىئا ساھاسىدىكىلەر، ھەربىي قىسىم رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، 1987-يىلدىكى بىر دوكىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 262 دىن ئارتۇق مۇخبىر ۋە مىدىئا ساھەسىدىكى مۇتەخەسىس بار بولۇپ , دىپلوماتىيە كىلىشىمىدىكىلەر : نىيويورىك گېزىتى ، ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى مۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى، بالدىمور قۇياش گېزىتى ،لوس ئانجىلىس گېزىتى، دەۋر ژۇرنىلى، بايلىق ژۇرنىلى ،تۇرمۇش ژۇرنىلى، پۇل ژۇرنىلى ، ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى ، سودا ھەپتىلىك خەۋەرلىرى ژۇرنىلى، ئامېرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا خەۋەرلىرى ژۇرنىلى ، فوبۇس ژۇرنىلى ، ئاتلانتىك ئوكيان ھەپتىلىك ژۇرنىلى، ئوقۇرمەنلەر ھەپتىلىك ژۇرنىلى يەنە بەش ئالتە نەشىرىيات قاتارلىق مىدىئا ساھەسىنى كونتىرول قىلغان بولۇپ شۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا.

1943-1-13 -كۈنى Roosevelt and Churchill كاسابلانكىدا ، گېرمانىيەنىڭ شەرتىسز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ گېرمانىيە ئىچكى قىسىمىدىكى ھېتلىرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرىغان، ئەسلىدە 1942-يىلى8 -ئايدا گېرمانىيە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن گېرمانىيە 1939-9-1-كۈنىدىن ئىلگىرىكى تىرىتورىيەسىگە قايتىش ۋە ئۇرۇش گېرمانىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياقلىشىش شەرتىنى كۆرسەتكەن.   

ئەمما خەلقئارا بانكىرلار بۇ قېتىم كەم تېپىلغۇسىز پۇرسەتتە غايەت زور ئىقتىسادى كىرىمگە ئىگەبولغان.ئۇرۇش ئوتى 1945-8-ئايدا ئاياقلاشتى،ئامېرىكىنىڭ دۆلەت زايومى1930 يىلدىكى 16 مىلياردتىن 1946 يىلى169 مىلياردقا كۆپەيگەن. ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بولسا ئۇرۇش يىللىرىدا،قۇرۇلغان خەلقئارالىق دۇنيا بانكىسى ھېسابلانغان ھېسابات ئۈزۈش بانكىسىدىن ،ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئىگەللىۋالغان بايلىقلار ۋە باشقا بايلىقلار بولۇپ ئۇلارمۇ نۇرغۇنلىغان ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادى پايدا مەنپەئەتىگە ئېرىشكەن.ئەمما تارىختا سۆزلەنگەن ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مانچە مىليارد بايلىققا زىيان سالدى دىگەن بايلىقلار، بۇلارنىڭ ئۇرۇشتىن ئېرىشكەن پايدا مەنپەتىدىن ئاز بولغان.ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۈچنى ئىشقا سېلىپ يەرشارىلاشقان سەرمايە بىلەن ھەمكارلىشىپ قوزغىغان دۇنيا ئۇرۇشىدىن، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېنىق قانچىلىك ئىقتىسادى كىرىمگە ئېرىشكەنلىكى نامەلۇم .ئۇرۇشتا گەرچە لوندون ،رىم، پارىژ ،بېرلىن شەھەر بىنالىرى ۋەيران بولغان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇلار ئافىرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق ، ئاسىيا رايونلىرىدىكى ئۇنۋېرسال دۆلەت كۈچى بىرقەدەر ئاجىز بولغان دۆلەتلەردىن نۇرغۇنلىغان بايلىقلارنى ئۆز دۆلىتىگە توشۇپ ئەكەتكەن.   

بۇلارنى ھەقىقى ئىشەنچىلىك دېگىلى بولمايدۇ ،ئەمما تارىختىكى ئۆز يىل نامىلىرىدە بولۇنغان بىرگە بىر ماس بولغان راستلىقلارمۇ ئاز ئەمەس، راسىتلىق دەرىجىسىنى 60%--80% كىچە دەپ قارايمەن.


مەنبە : جىدەلخور بىلوگى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-27 03:46 PM  


مۇنبەر ئاجايىپلا بىر دۇنيا، ئىتنىڭ سايىسى بۆرە كۆرۈنىدىغان........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73757
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 241 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 01:32:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىم قېيىپ كەتتى .........

ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر،
ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال.
قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،
ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48606
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3085
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2011-7-21
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 05:54:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى بىر سىرلىك تەشكىل كونتىرول قىلۋالغاندەكلا ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17823
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6631
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 09:34:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسلە ئىكەن. ھېساپتا پۈتۈن دۇنيا خەلقى مۇشۇ خەلقئارا بانكىرلارنىڭ قۇللېرى ئىكەن. مېنىڭچە مۇشۇ بانكىرلار بىلەن دۇنيادىكى بارلىق ئاخپارات ساھەسىدىكىلەر بىرمىكىن دەيمەن. ئاخپارات ساھەسىدىكىلەر خەۋەر-ئۇچۇر تارقىتىدۇ. دۇنيا خەلقى ئېرىشكەن ئۇچىرىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ كېيىنكى قەدەمدە نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىكىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز مەيلى نىملا قىلايلى مۇشۇ بانكىرلارغا قۇل بولغىنىمىز قالىدۇ. كىچىكرەك مىسال كەلتۈرسەم ئەتە قار ياغىدۇ، ۋاي ئۇنداق بولسا چاپان ئالاي. كىلەركى ئايدا ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن. ۋاي ئۇنداق بولسا ئالتۇنلېرىمنى ساتاي. ئامرىكا ئىرانغا ھۇجۇم قىلىدۇ. نىفىتنڭ باھاسى ئۆستى دىگەندەك..........

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 1010
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6401
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1295 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 05:06:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tugrul525 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-28 09:34 PM
ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسلە ئىكەن. ھېساپتا پۈ ...

مىنىڭچىمۇ شۇنداقتەك....مۇشۇ ئامرىكا دېگەن ....

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13311
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 838
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2014-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 04:18:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tugrul525 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-28 09:34 PM
ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسلە ئىكەن. ھېساپتا پۈ ...


ئىيىتقانلىرىڭىز ئورۇنلۇق، تىمىنى چۈشىنىپ ئىنكاس يازغان ئادەمنىڭ چىققىنىدىن خۇشالمەن.
ھازىر چوڭ دۆلەتلەر ئاشكارا ھەربىي توقۇنۇشتىن قاتتىق ساقلىنىدۇ، ناۋادا تۇتۇشۇپ قالسا ھەر ئىككىلىسى ئىغىر چىقىمدار بولۇپ ئىقتىسادى چىكىنىپ كىتىدۇ، ھەتتا ئامېركىمۇ چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بىۋاستە تۇتۇشۇشتىن قورقىدۇ، تۇتۇشۇپلا قالسا دۇنيادىكى بىرىنچىلىك ئورنىدىن ئايرىلىپ قىلىش ئىھتىماللىقى بار.
شۇڭلاشقا ھازىر ھەربىي ئۇرۇشقا قارىغاندا ئىقتىسادىي ئۇرۇشنىڭ رولى چوڭ بولۇۋاتىدۇ، ھەربىي ئۇرۇشتا يەڭگەن يىڭىلگەن ھەر ئىككىلى تەرەپ زور چىقىمدار بولىدۇ، ئىقتىسادىي ئۇرۇشتا بولسا يەڭگەن تەرەپ غايەت زور پايدىغا ئىرىشىدۇ، يىڭىلگەن تەرەپ ئىچىدىنلا تۈگىشىپ كىتىدۇ، سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىمۇ ئىقتىسادىي ئۇرۇشنىڭ مەھسۇلاتى.
يەرشارىلاشقان سەرمايە تەرەپدارلىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن بايلىق توپلاپلا قالماستىن دۆلەنىڭ سىياسىي مەقسىتىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇپ بىرىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى بىتچىت قىلىدۇ، بۇ ئۇرۇشتا يەڭسە دۆلەتكىمۇ ئۆزلىرىگىمۇ پايدىسى بار، يىڭىلسىمۇ دۆلەتكە ھىچقانچە زىيىنى بولمايدۇ، بۇنى بىر چالمىدا 4 پاختەك سوقۇش دىسەك ئارتۇق كەتمەس، بەلكىم بىز خەۋەر تاپمىغان 5- 6- پاختەكلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن،  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياۋۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-2 04:19 PM  


مۇنبەر ئاجايىپلا بىر دۇنيا، ئىتنىڭ سايىسى بۆرە كۆرۈنىدىغان........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش