ساڭا بۇ كۆزلۈرۈم بىلەن تىكىلگىنىمدە، شۇنى ھىس قىلغىنكى: قەلبىم ، دېڭىزدىكى دولقۇنلار كەبى ئاداققىچە ساڭا تەلپۈنسە، مىھرىم دىڭىز سۈيىدەك تىنىچ سەن ئۈچۈن ئاقىدۇ.
ساڭا بۇ كۆزلۈرۈم بىلەن تىكىلگىنىمدە: سەن ئۆيگە كەلگۈچە ، اللە دىن ئامانلىقىڭنى تىلەپ، ھەم ئەنسىرەپ ئولتۇرغىنىمنى مەڭگۈ ئۇنۇتمىغىن جېنىم .
بۇ كۆزلۈرۈمدىن مەڭگۈ ھەزەر ئەيلىگىن، بۇ كۆزلۈرۈمدىن مېنىڭ كۈندەشلىكىمنىڭ نەقەدەرلىكىنى ھىس قىلالايسەن،بىر كۈنى ئىككىمىز ئايلىنىپ تالاغا چىققىنىمىز ئېسىڭدىمۇ؟ بىرىنىڭ سەندىن كۆزىنى ئۈزمەي ھاڭۋاققىنىچە تۇرۇپ قالغىنى ھېلىھەم دىلىمدىن چىقمىدى.....
سېنى سەھەرلەردە قىيماي اللە گە تاپشۇرۇپ تۇرۇپ ئىشقا يولغا سالىمەن . ھەم اللە دىن ساڭا چەكسىز مىھىر، ئېتىقاد،مەڭگۈلۈك ئەقىدە ھەم ئىككىلا ئالەملىك سائادەت تىلەيمەن . ئىمانلىق ياشاپ اللە گە يارىغىدەك ئىبادەت بىلەن اللە نىڭ دەرگاھىغا بارايلى ....
سەنسىز كۈنلۈرۈمنى قورقۇش،تېڭىرقاش بىلەن ئۆتكۈزۈدىغىنمى بىلىسەن ، شۇڭا مېنى ،يالغۇزقويۇپ قويمىغىن.
بارلىق ئامراقلىقلىرىمنى دىلىمدىكى ئەڭ گۈزەل قەسىرلىرىمگە كۆمۈپ قويۇپ ، مەن بۇ دۇنيادىن كەتكەندە ، ساڭا قالدۇرۇپ قويىمەن . ئۇنى ئاسراپ ئىشلەتكىن .ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرغىچە ، ساڭا يېتىدۇ.
مەن كەتكەندە...دىگەن گەپلىرىمنى ئاڭلاپ، ئاچچىقلانغىنىڭنى ھەم قىزىرىپ تۇرۇپ دىگەن مىھىرلىك سۆزلۈرۈڭنى يۈرۈگۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا يېزىۋاتىمەن ، لېكىن جېنىم ،ئەپسۇس، مەن كەتكەندە ، يالغۇز قالىمەن. شۇ چاغدا ئىشلىتىمەن . اللە دىن تىلىگىن .... قەبرە ئازابىدىن ساقلاپ ، سېنىڭ مۇھاببىتىڭنى ماڭا يار قىلسۇن. ئۇ ئالەمدە ھەم مېنى، ساڭا يار قىلسۇن.....ئەلۋەتتە ئۆز مۇھاببىتىنى ، مەڭگۈلۈك ئەقىدەم قىلسا ، كىيىنكى مۇھاببەت سېنىڭ بولسا ، مېنىڭ يەنە ئارمىنىم بارمۇ_ ھە....
مېنىڭ مۇھاببىتىم ، سېنى ھەم تاۋلىسا، پۈتۈن زىمىندىكى ناپاك شاماللارمۇ ساڭا زەرەر يەتكۈزەلمىسە، شەيتانمۇ ،ھەم ساڭا ئامالسىز قالسا...جەننەتكە كىرەتتىڭ . ئەشۇ دەققتە ناۋادا مەن سېنىڭ شۇ جەننەتكە كىرگەنلىكىڭنى بىلەلىسەم ، ھە...........شۇنداق ياشىغىن جېنىم. ئامان بول...قەلبىڭ ئامان بولسۇن....تەنلىرىڭ ئامان بولسۇن!
ساڭا دۈشمەلىك قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەم سېنى ئازدۇرىمەن دىگەن ئىبلىس ،شاياتۇنلارنىڭ جاجىسىنى كېرەملىك اللە بىر، ئۆزى بەرسۇن...!
قەلب گۈلخانىم مەڭگۈ سەن ئۈچۈنلا ئوچۇق. يۈرۈكۈم ئىشىكلىرى ھەم سېنى تونۇيدۇ. يامان كۆزدىن بىزلەرنى ساقلىغان ھەم ساقلايدىغان رەببىمگە شۈكرى-سانالار بولسۇنكى، دىلىمىزنى ئىمان بىلەن تىللىرىمىزنى كالامىڭ بىلەن قىلغايسەن...امىن!
اللە گە ئامانەت.
مەنبە: يىغىپ ساقلىغان رەسىملەر ھەم قەلىمىم.
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-2-27 02:00 PM):