ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار(7)
خىزمەت ئېھتىياجى
ئالىي مەكتەپتە ئاخبارات كەسپىدە ئالتە يىل ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن يېزا ئىشلەپچىقىرىش كادىرى بوپتۇ؛
مۇناسىۋەت يولىنى بىلىدىغانلارغا چوڭ شەھەر ئېھتىياجلىق، ئىشنىڭ يولىنى بىلمەيدىغانلارغا چەت-ياقا يېزا–كەنتلەر ئېھتىياجلىق بوپتۇ؛
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن زىيالىي ئىشلەۋاتقان ئىش ئورنى پار قازان ئىشچىلىقىدىن كادىرلىققا ئۆستۈرۈلگەن خادىمغا ئېھتىياجلىق بوپتۇ؛
نۇقتىلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەن سىتودېنىتلار ئۆز كەسپىگە مۇۋاپىق كەلگۈدەك بىرەر خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە تەمتىرەپ يۈرۈپتۇ، مەلۇم پىشقەدەم ئەمەلدارنىڭ «چالا ساراڭ» ئوغلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئېتىبار بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ.
مەلۇم ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بەش ياشلىق قىزىنى رەسمىي تۈردە كادىرلىق شىتاتىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەت تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىپتۇ؛
ئۇ ئىدارىدە مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئەمەلدارغا بۇ ئىدارە ئېھتىياجلىق بوپتۇ؛
قانۇنشۇناسلىقتا ئوقۇپ سودىيەلىك قىلىۋاتقان زىيالىيغا يەر تەۋرەشنى كۈزىتىش-ئۆلچەش ئىدارىسى ئېھتىياجلىق بوپتۇ.
(نوشىرۋان)
مۇناسىۋەت ئىلمى
مۇناسىۋەت ئىلمىگە پىشقان تاكتىكىچىلارنىڭ دېيىشىچە، زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا بېقىشىڭ، سۇنىڭ ئېقىشىغا، تۈكنىڭ يېتىشىغا قاراپ ئىش قىلىشىڭ، مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قۇربان بېرىشىڭ زۆرۈركەن.
بىر شوپۇر بۇرادەرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ئىلگىرى ئىشلىگەن ئىدارىنىڭ باشلىقى بىر قېتىملىق زىياپەتتە خېلى كەچكىچە ئولتۇرۇپ قاپتۇ. سورۇن ئەھلى قىزىغانسىرى رەڭلىك ئولتۇرغۇسى كېلىپ، ئىدارە باشلىقى ئىشخانا مۇدىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئىدارىدە ئىشلەيدىغان ئۈچ بويتاق قىز بارىكەن، بۆلۈم باشلىقى بولۇشقا چاچ تاراپ يۈرگەن ئۈچىنىڭ ئايالى قوشۇلۇپ، ئالتىسى سورۇنغا تەق بوپتۇ. ھېلىقى ئەركەكلەر ئاياللىرىنى سورۇنغا ئەكىلىپ قويۇپ، باشلىق بىلەن كۆرۈشىۋېلىپ، خوش-خوش ئېيتىپ كېتىپ قاپتۇ.
يەنە بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى: تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتتا يەتتە يىل ئوقۇپ كەلگەن بىرەيلەن ئەمەل-مەنسەبكە ھېرىس بوپ قاپتۇ، ئۇنىڭ نىشانى، بەش يىل ئىچىدە يېزا باشلىقى دەرىجىلىك ئەمەلدار، ئون يىل ئىچىدە ھاكىم دەرىجىلىك ئەمەلدار، 15 يىل ئىچىدە نازىر دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇش ئىكەن.
يېزىغا بېرىپ ئىشلەپتۇ، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، يېزا باشلىقى بوپتۇ. ھەيران قالارلىقى، بەزىلەر ئۇنى كادىر ئەمەس، يەنە بىر ئەمەلدارنىڭ مەدىكار ياكى غالچا-مالىيى دېيىشىدىكەن.
ئۇلۇغۋار نىشاننى كۆڭلىگە پۈككەن شۇ بۇرادەرنىڭ ئىشلىرى دەسلەپ ئوڭغا تارتقان ئىكەن، كېيىنچە، بىر كېلىشمەسلىك بولۇپ، خىزمىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغىلى تاس-تاماس قاپتۇ.
مۇناسىۋەت ئىلمىدە موشۇنداق ئىشلارمۇ بارمىكىن-تاڭ؟
(نوشىرۋان)
تەكشۈرۈش نەتىجىسى
مەلۇم ئىدارىدە ئىشلەيدىغان بىر بۇرادىرىمىز باشلىقىنىڭ بەك ئوساللىقىدىن قاخشايدۇ، ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە، باشلىقى مىجەزى ئەسكى، قىلىقى سەت، زالىم، يېمىخور ئادەم ئىكەن، قولىدىن ئىش كەلمىگىنىگە باقماي، قالتىس لاپ ئۇرىدىكەن، لەببەي دەپ يېقىن تۇرمىغانلارغا كۆيدۈرگىلىك قىلىدىكەن.
يىل ئاخىرىدا تەشكىلات بۆلۈمىدىن تەكشۈرۈشكە كەپتۇ، تەكشۈرۈشنى تۈگىتىپ قايتىپتۇ. باشلىقى يىغىن ئېچىپ، بىر كادىرنى تىللاپ-سەتلەپ، ئىدارىنىڭ يۈزىنى تۆكتى، تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقىدىغان بۇنداق ئادەمگە ئىدارىدە ئورۇن يوق، دەپ قاتتىق چېچىلىپ كېتىپتۇ.
ئەسلىدە ھېلىقى خىزمەتدىشى باشلىقنىڭ كېچە-كېچىلەپ، تاڭ ئاتقىچە قارتا ئوينايدىغان، كەيپ-ساپا بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئەيىپلىرىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا دەپ سالغان ئىكەن، باشقا خىزمەتداشلىرى كېلىشىۋالغاندەك، باشلىقنى ماختاپ-ئۇچۇرغان، ھە-ھۇ دەپ ئۆتكۈزىۋەتكەن، ئېغىز ئاچماي جىم بولىۋالغان ئىكەن، ئۇلار راست گەپ قىلىپ ئۆزىگە چاتاق تېپىۋېلىشتىن ھەزەر قىلىپ شۇنداق قىلغان ئىكەن.
(نوشىرۋان)
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=526
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-27 01:39 AM