كۆز يېشىڭنى سۈرتىۋەت قىزچاق
قىزچاق ،سېنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىڭنىڭ ھەربىر بېقىشى شائىرنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىپ، قەلبىدىكى ئىلھام بۇلاقلىرنى بۇلدۇقشىتىۋېتدۇ..
نازلىنىپ تۇرۇپ تاتلىق كۈلۈشلىرىڭ تەبىئەتتىكى گۈزەل مەنزىرلەرنى سىزغانغا ئوخشاش،رەسسامنىڭ قەلىب تارىنى چىكىپ گۈزەل تەبىئەتكە ئاشىق بولغاندەك مۇھەببەت قاينىمىغا باشلايدۇ.
قىزچاق ئەمما سەن ھېچ نېمە ئەمەس،ئاددى بىر ئىنسانسەن،ئۇلارنىڭ سېنى ئىلھام بۇلاقلىردا مەددىھلىشىنى،گۈزەل تەبىئەتنى ئوخشىتىپ سىزغاندەك سېنىڭ گۈزەل رۇخسارىڭنى سىزىشىنى خالىمايسەن.سەن قەلبىڭنىڭ قات-قېتىدا ئىسمىنى يادىلاپ كېچە-كۈندۈز تەشنالىق بىلەن كۈتكەن ئاددى بىر ئىنساننى سۆيىسەن،ھەردەقىقە شۇنىلا يات ئىتىسەن.
ئوتلۇق كۆزلىرىڭ تاشقىن بۇلاق،
پۈتۈن جىسمىڭ گۈزەل تەبىئەت.
مەددىھلەر شۇڭا شائىر ،رەسسام،
بولغاچ قەلبىدە ساڭا ھۆرمەت.
قىزچاق،سېنىڭ ئويناقشىپ تۇرغان بۇلاقتەك قاپ-قارا خۇمارلىق كۆزلىرىڭ.روخسارىڭ .جىسمىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئادەمنى مەھلىيا قىلغان گۈزەل تەبىئەت.
قىزچاق بېشىڭنى كۆتۈرۈپ خۇمارلىق كۆزلىرىڭ بىلەن ئەتراپقا باق!خۇمارلىق ئويناق كۆزلىرىڭگە يۇشۇرۇنغان سىرلىرىڭنى ئېيتىپ قەلبىڭنى بۇشات.ھەسرەتلىك نىدالىرىڭ يىراق-يىراققا قوغلانسۇن.
ئويناقشىغان خۇمار كۆزۈڭدە،
باققىن ھاياتقا ئۈمۈد بىلەن.
نىدالىرىڭ يىراق قوغلىنىپ،
قەلبىڭدە قالمىسۇن ھەسرەت-غەم.
ئەخلاقلىق ،پاك دىيانەتلىك بۇلۇپ ، پاك پېتى ساقلىغان گۈلۈڭنى باغۋىنىڭگە تاپشۇرۇپ بىرىشتىن بۇرۇن،رەھىمسىز كۈچلەرنىڭ چەيلىشىدىن ھەزەر ئەيلىگىن.ھىسياتنىڭ قۇلى بولماي ئۆزەڭدە غايە ئارزۇ-ئارمان بولسۇن.
مۇھىمى سەن ئۇنى قانداق پەرۋىش قىلىشنى بىلگەندەك قوغداشمۇ ھەردەقىقە ئىسىڭدە مەھكەم بولسۇن.
قىزچاق،سېنىڭ كىيىنكى بەختىڭ ئۆزۈڭنى ياخىشى قوغداشتا،ھەردەقىقە گۈزەل ئەتىنى يارتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرشىشىڭدا،
ھاياتتا ئۈمۈد-ئىشەنچە بىلەن ياشاپ،ئەتىنى خۇشال-خۇرام كۈتۋال،تۈنۈگۈن ئۆتمۈشكە ئايلاندى ئەتە تېخىمۇ گۈزەل بۇلىدۇ.
قىزچاق كۆزيېشىڭنى سۈرتىۋېتىپ،مەردانىلىك بىلەن ئۆزۈڭگە ئىشەن، ھاياتىڭ تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچە يوللىرغا تولسۇن.
سەن ئىشەنچەڭ بىلەن ھەرقەدەمنى توغرا باسقىنىڭدا ،يوللىرىڭدا ئازغان، تىكەننىڭ ئورنىغا قىزىل گۈل ئۈنۈپ،ھەر ئىشتا ئىرادەڭ بىلەن غەلبە قىلالايسەن.
گۈلۈڭنى ساقلىغىن پاك پېتى،
چەيلىمە ھىسياتنىڭ قۇلى بۇپ.
قەلبىڭدىكى ئارزۇ-ئارمانىڭ،
يۇلتۇز بۇلۇپ چاقنىسۇن كۈلۈپ.
پەرۋىش قىل گۈلنى باغۋەن ئۈچۈن،
ئەتىكى بەختىڭ ئۆز قۇلۇڭدا.
تىرىشساڭ بەختىڭ ئۈچۈن ھارماي،
غەلبە قازىنىسەن بۇ ھاياتتا.
بۇ ھايات مۇساپىستىكى تۈرلۈك ،داۋانلاردا ماڭغا چېغىڭدا پىشانەڭدىن ئاققان ئۈنچىدەك تەر ،مېھنەت،ئەجىر تەرى،بۇ تەر ساڭا گۈزەل ئەتىنى مەڭگۈلۈك بەخىتنى ھەدىيە قىلىدۇ.
قىزچاق بارلىق غەم-قايغۇ ئازاپلىرىڭنى ئۇنتۇپ كۆز ياشلىرىڭنى سۈرتىۋېتىپ بۇ گۈزەل دۇنياغا تاتلىق كۈلۈپ باق!ھاياتنىڭ دۇنيانىڭ سەن ئۈچۈن نەقەدەر گۈزەللىكنى بىلىسەن.بۇ گۈزەل مۇقەددەس زىمىن سېنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ،بەختىڭ ئۈچۈن ھەردەقىقە چاۋاك چېلىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرىدۇ.
كۆزيېشىڭنى سۈرتىۋەت قىزچاق،
دۇنياغا تاتلىق كۈلۈپ بېقىپ.
ھاياتىڭ ئۆتسۇن خۇشال-خۇرام،
بۇ زىمىن ئۆز قوينىغا ئېلىپ.
مەنبە قەلىمىم