مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 262|ئىنكاس: 0

كەچكى شەپەقتىكى تۇيغۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 509
تۆھپە نۇمۇرى: 2846
توردا: 10312 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 12:49:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كەچكى شەپەقتىكى تۇيغۇ


ئىككى كۈنلۈك قار شېۋىرغانلىق ھاۋادىن كىيىن تەبىئەت پاكىزلىنىپ ،كۆپ-كۆك ئاسماندا قۇياش تۇلىمۇ چىرايلىق جۇلالىنىپ چىققان ئىدى...قەلبىمنىڭ ئىزگۈ-سىرلىرى قۇياشنىڭ نۇر-زىياسىدا چەكسىز خۇشاللىقنى ھىس قىلدى. كۆپكۆك ئاسمانغا تويماي قاراپ،قېشىچە تۇمانلىق ،سۇغۇق ھاۋادىن زىرىككەن كۆزلىرىم قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرىدا باھارنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدى...بۇ بىر كۈن شۇنداق تىز ئۆتكەندەك تۇيۇلدى...قۇياشنىڭ پېتىشىغا ئەگىشىپ كەچكى شەپەقنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرى ئاستا-ئاستا يىراقلاپ ،گۈگۈم چۈشتى...ئاسماندا پەقەت كەچكى شەپەقنىڭ قىزغۇچ ئالتۇنرەڭ نۇرلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىلا قالدى.

ئۈن-تىنسىز دەرىزەمدىن كەچكى شەپەقنىڭ ئاجىز نۇرلىرىغا قاراپ،ئەسلىمىگە پېتىپ خىياللىرىم سېنڭ قېشىڭغا ئۇچتى...ھېلىمۇ ئىسىمدە؟بىز تەڭ سەيلە قىلغان شۇ كۈنى كەچكى شەپەقنىڭ نۇرىدا ،قىيمىغان ھالدا خوشلاشقان ئىدۇق، شۇكۈنى كەچكى شەپەقنىڭ قىزغۇچ نۇرى كۆزلىرىمنى قاماشتۇرۇپ ،خۇددى رەنجىشىپ قالغاندەك ھالەتتە خوش دېگەن ئىدىم...سەن قايتىپ بېرىپ ،<<رەنجىپ قالدىڭىزمۇ؟>>دەپ،ئۇچۇر يازغاندا قاقاقلاپ كۈلۋەتكەن ئىدىم.ۋاقىت نېمە دېگەن تىز ئۆتكەن ھە!

مانا شۇ گۈزەل مىنۇتلارغا ئۈچ پەسىل بۇلۇپ قاپتۇ...

بۇ ئۈچ پەسىلدە سېنىڭ ھىس-تۇيغۇڭنى قەلىب تىۋىشىڭنى ،شوخ كۈلكەڭنى يېنىڭدا تۇرۇپ ئاڭلىيالمىغان،قايغۇڭغا ئۈلپەت ،مۇڭىڭغا مۇڭداش بۇلالمىغان  بولساممۇ؟ھىس-تۇيغۇم ،سەزگۈم ، ساڭا بولغان ئىشەنچەم،ئۆزگەرمەس قەلبىم بىلەن،چىن قەلبىڭدىن دائىم مېنى ئويلايدىغىنىڭنى،غىرىپسىنغان كۈنلەردە ماڭا سىرلىرىڭنى دىگۈڭ،چارچىغان چاغلىرىڭدا يۈلەنگۈڭ كىلدىغىنىڭنى  سىزىپ تۇرۋاتىمەن...سەنسىز كۈنلەر شۇنداق تەس بىلىنگەچ سەن بىلەن پاراڭلاشقاندا بەزىدە ساڭا،كۆڭلىڭنى رەنجىتكۈدەك  مەنىلىك سۆزلەرنى قىلىپ سالىمەن.سەن بۇ چاغدا مەندىن ھەرگىز رەنجىمە؟

مېنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆردىكەن،ھەر دەقىقە سېغىنىپ ئويلايدىكەن دېگىن.

ئادەم كۆڭلىدىكى ئادىمىگە قەلبىدىكى بارلىق سىرلىرىنى دىگۈسى ،ھەر ۋاقىت سىردىشىپ مۇڭىغا-مۇڭ قىلغۇسى كىلدىكەن.ئەنە شۇنداق غىرىپسىنجان،سېنى سېغىنغان  چاغلىرىمدا ،داتلاپ كۆڭلىڭنى رەنجىتىپ سالىمەن.ئۇنداق چاغلاردا مەندىن ھەرگىز رەنجىمە؟قەلىب تىۋىشلىرىمغا قۇلاق سېلىپ،غىرىپسىنغان سېنى سېغىنغان قەلبىمگە،قۇياشنىڭ ھارارىتىدەك مېھرىڭ بىلەن تەسەللى بەرگىن.سېنىڭ ئوتلۇق مېھرىڭ بىلەن بەرگەن تەسەللىرىڭ مەن ئۈچۈن ،دۇنيادا ئەڭ-ئەڭ چوڭ بەخىت،سېنىڭ ئاشۇ پەپىلەشلىرىڭ بىلەن ھەرۋاقىت ئۆزۈمنى شۇنداق خۇشال سىزىمەن.سەن بارلىق ئارزۇ -ئۈمۈدۈم،ھاياتىمنىڭ نۇرلۇق ئۈمۈد يۇلتۇزى.ئادەمدە ئۈمۈد يۇلتۇزى بولمىسا،كۈيۈپ ئۆچكەن شامدەكلا ئۈچۈپ قالىدۇ.

كەچكى شەپەقنىڭ قوينىدا مۇڭلانغان خىياللىرىمنى يىغىپ،ئاسماندىكى

قۇياشنىڭ كەچكى شەپەقتىكى  ئالتۇن رەڭلىرنىڭ ئورنىغا ،ئاينىڭ ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۈم...ئاسماننى تېخى تۇلۇق قاراڭغۇلۇق قاپلىمىغان بولغاچ ،ئاي نۇرى تۇلىمۇ ئاجىز ئىدى...قاراڭغۇلۇقنىڭ قاپلىشىغا ئەگىشىپ تۇنجى چاقناپ چىققان يۇلتۇز كۆزۈمگە خۇددى مېنىڭ ئۈمۈد يۇلتۇزۇم سەندەكلا كۆرۈندى.

جىمجىت سۈكۈت ئىچىدە مۇڭلۇق ئاۋازىڭ  قەلبىمنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭلىرغىچە سىڭىپ كىردى.

سۈكۈت شاخلىرىمدىكى سېغىنىشلىق ئىچىدە ،قەلبىمدىكى ئۈمۈد يۇلتۇزىنى ئۇچۇم-ئۇچۇملاپ ساڭا چاچماقتىمەن.

خىيالەن چۈشلەرنىڭ جۇلاسىدا كەچكى شەپەقتە خوشلاشقان كۆزلىرىم بىلەن، ئەسلىمە بارخانىلىرىنى  كىزىپ ،يىراق  گۈزەل شەھەردىكى ،ئىككىمىز بىللە ماڭغان تۈگىمەس ئاسفالىت ئۇزۇن يوللار،ياپ-يېشىل گۈل-چىمەنلەر،سۈپ-سۈزۈك ئېقىن سۇلار ،ئېگىز تاغلاردىن قەلبىمدىكى ھەردەقىقە يۇلتۇزدەك چاقناپ ،ماڭا ئۈمۈد بېغىشلىغان ئىسمىڭنى چاقىرىپ چىقتىم.

خىرە كۆكلەرگە چاچراپ چىقىپ كەتكەن رەڭدار چۈش ساليۇتلىردەك،شىرىن تاتلىق ھىسلىرىم ئاينىڭ بارغانسىرى كۈچيىۋاتقان نۇرىدا قەلبىمگە تامچىپ چۈشتى.

ئەسلىمگە ئاستا-ئاستا قايتىپ كەلدىم.كۆكتىكى تەنھا ئايمۇ، كەچكى شەپەقتەك جۇلالىنىپ ماڭا قاراپ تاتلىق كۈلۈمسىرمەكتە.

كەچكى شەپەق نۇرىدا جىمجىت،

ئەسلەپ قالدىم گۈزەل كۈنلەرنى.

مۇڭغا تولدى شەپەق نۇرىدا،

كۆزۈم ئۇچۇق كۆرۈپ چۈشلەرنى.

ئوي-ئويلىدىم ئويچىدەك گۇيا،

كىزىپ ئەسلىمە بارخانلىرىنى.

ئىزگۈ-تۇيغۇلۇرۇمدا چاقىردىم،

ئۈمۈد بېغىشلىغان ئىسمىڭنى.

رەڭدار ھىسلىرىم قايتىپ كىلىپ،

ئاي نۇرى تامچىدى قەلبىمگە.

شەپەق نۇردەك ئايمۇ پەپىلەپ،

كۆكتە قاراپ تاتلىق كۈلمەكتە.

جىمجىت سۈكۈت ئىچىدە مۇڭلۇق،

ئىسمىڭنى چاقىردىم رەتمۇ-رەت.

چاقناپ تۇرغان ئۈمۈد يۇلتۇزدىن،

يۇللاپ تۇرىمەن سالام ئەبەت.

كېچە سۆيسە مەڭزىڭنى شامال،

پۇراپ قويغىن سەنمۇ ھىدىلاپ.

شەپەق نۇرى چۈشسە خانەڭگە،

ئەسلەپ قويغىن سالامنى يوللاپ.

مەنبە قەلىمىم



ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش