مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3464|ئىنكاس: 38

كروراننى كىم تاپقان (تارىخى تېما) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پــىــيــاز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9538
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 11:01:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ors.jpg

غالىب بارات  ئەرك

چارروسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچىلەردىن پېرژىۋالىسكى ۋە شاگىرتى كوزلوۋ بىلەن گېرمانىيىلىك ئالىم رىچخوفېن ۋە شاگىرتى شىۋىتسىيىلىك داڭلىق ئېكىسپىدىتسىيىچى سېۋىن ھېدىنلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىلىم جېڭى سەۋىۋىدىن سېۋىن ھېدىن تارىم  ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئاياغ ئېقىنلىرى ھەم لوپ قۇملۇقلىرىدا كۆپ قېتىم ئېكىسپىدىتسىيە قىلىدۇ. لوپلۇق ئۇيغۇر يىگىتى ئۆردەك 1899 – يىلىدىن باشلاپ سىۋىن ھېدىنغا يول باشلىغۇچى بۇلۇپ ئىشلەيدۇ. 1900 – يىلى تۇزسىز كۆل – قارا قۇشۇن كۆلىنىڭ تارىختىكى لوپ كۆلى ياكى ئەمەسلىگىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاتمىش بۇلاقتىن جەنۇپقا يەنى پېرژىۋالىسكى تارىختىكى لوپ كۆلى دەپ ئاتىغان قارا قۇشۇن كۆلىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. قارا قۇشۇن كۆلىگە تەخمىنەن 4 – 5 كۈنلۈك يول قالغاندا بىر يۇلغۇنلۇققا كېلىپ قۇدۇق قېزىپ سۇ ئالماق بۇلىدۇ ۋە ئۆزلىرىدە بار بولغان بىردىن بىر گۈرجەكنى ئالدىنقى قېتىم ئۇچراتقان خارابىدە ئۇنتۇلغىنى مەلۇم بۇلىدۇ ، بۇ چاغدا  ‹‹قۇملۇقتا تەرەپلەرنى خۇددى كومپاسەك پەرقلەندۈرەلەيدىغان›› ئۆردەك گۈرجەكنى تېپىپ كېلىش ئۈچۈن ھارغىن بىر ئات بىلەن يولغا چىقىدۇ ۋە ئۇ يولغا چىقىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن قارا بوران چىقىپ بىر كۈن داۋام قىلىدۇ. شۇ بوراندا ئۆردەك بىر قەدىمىي شەھەر خارابىسىغا بېرىپ قالىدۇ ۋە ئۇ جايدىن ياغاچتىن نەپىس ياسالغان بىزەكتىن ئىككىنى ئېلىپ ۋە گۈرجەكنى تېپىپ ئەتىسى ئېكىسپىدىتسىيەچىلەرنى تاپىدۇ ھەمدە كۆرگەنلىرىنى سېۋىن ھېدىنغا دوكلات قىلىدۇ. بۇ 1900 – يىلى 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى بۇلۇپ، سېۋىن ھېدىنننىڭ گەرچە ئۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى سۇ، ئۇزۇقلۇق ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى كېيىن قايتا كېلىشنى پىلانلاپ يولنى داۋام قىلىدۇ. كېيىنكى يىلى بۇ خارابە قايتىدىن تېپىلىپ يازما ماتېرىياللاردىن ۋەيران بولغىنىغا مىڭ نەچچە يۈز يىل بولغان مەشھۇر قەدىمكى شەھەر كروران ئىكەنلىگى مەلۇم بۇلۇپ دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ. كروران شەھرىنىڭ بايقىلىشى سېۋىن ھېدىننىڭ «مېنىڭ ئېكىسپىدىتسىيە ھاياتىم» ناملىق كىتابىنىڭ 35 – بابىدا تەپسىلى خاتىرىلەنگەن بۇلۇپ، پۈتۈن ئالەمگە شۇنىڭدىن مەلۇم بۇلىدۇ. بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا سېۋىن ھېدىن ئۆردەكنىڭ كروران شەھرى خارابىسىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن 2 ئات بىر مىلتىق مۇكاپات بەرگەن ئىكەن (بۇ ئۇچۇر ئۆردەكنىڭ قىزى نىيازخان تەمىنلىگەن بولسا كېرەك).

     ئۆردەك 1901 – يىلى 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى قەشقەردە سېۋىن ھېدىندىن ئايرىلىدۇ، شۇندىن كېيىن ئۇ بىر قانچە قېتىم ئۆزى قۇملۇققا كىرىپ ئېكىسپىدىتسىيە قىلىدۇ ھەمدە 1910 – يىللىرى ئەتراپىدا بىر قۇم دۆۋىسىدىكى قەبرىستانلىقنى بايقايدۇ، بۇ كېيىنكى كۈنلۈكتە «ئۆردەك قەبرىستانلىغى»، «5 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىق»، «كىچىك دەريا قەبرىستانلىغى» دەپ ناملانغان قەبرىستانلىق ئىدى.  1927 – يىلىدىن 1935 – يىلىغىچە داۋاملاشقان جوڭگۇ – شىۋىتسىيە بىرلەشمە ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى تۇرپانغا كەلگەندە تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ 1921 – يىلىدىن باشلاپ قۇم دەريا (قۇرۇق دەريا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كۆنچى دەرياسىنىڭ ئەسلىدىكى ئېقىنى) ئارقىلىق تارىختىكى لوپ كۆلىگە قۇيۇلغانلىغىدىن خەۋەر تاپقاندىن  كېيىن، بىر گۇرۇپپا كېمە ئەترىتى بىلەن سۇ يولى بىلەن لوپ كۆلىگە بارماق بۇلۇپ يولغا چىقىدۇ. 1934 – يىلى 4 – ئايدا سېۋىن ھېدىننىڭ كەلگەنلىگىدىن لوپنۇر ناھىيىسى تەۋەسىدىكى چارادا ئۆي تۇتۇۋاتقان ئۆردەك بۇ خەۋەردىن بىر ئاي بالدۇر خەۋەر تاپقان بولغاچقا ئوغلى سادىق بىلەن ئاتلىق بېرىپ دەريادا كېمە بىلەن كېتىۋاتقان سېۋىن ھېدىنلار بىلەن دىدارلىشىدۇ ھەمدە 30 نەچچە يىللىق تۇرمۇشىنى ۋە قەبرىستانلىقتا كۆرگەنلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سېۋىن ھېدىن شىۋىتسىيىلىك ئارخىئولوگ فورگ بېرگمان باشچىلىقىدا بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ ئۆردەكنىڭ يول باشلىشىدا قەبرىستانلىقنى ئىزدەشنى قارار قىلىدۇ ۋە نەچچە ئون كۈن جاپالىق ئىزدەش نەتىجسىدە 1934 – يىلى 6 – ئايدا قايتىدىن تېپىلىدۇ. بۇ جەريانلار  سېۋىن ھېدىننىڭ «ئاسىيانىڭ مەركىزىدە 8 يىللىق ئېكىسپىدىتسىيە (1927 – 1935)» ۋە  فورگ بېرگماننىڭ  «شىنجاڭ ئارخىئولوگىيىسىدىن خاتىرە» لاردا خېلى مەلۇماتلار بار، بۇلۇپمۇ بېرىگمان شۇ قېتىمقى ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشنىڭ  تەپسىلى خاتىرىسىنى قالدۇرغان. بۇ قەبرىستانلىق كۆنچى دەرياسىنىڭ قۇم كۆل ۋە ياپچانلىق كۆل ئەتراپىدىن جەنۇپقا ئاققان بىر ئېقىننىڭ ئارغاننىڭ سەل شەرقى شىمالىدىكى بۆلىكىگە 4 كېلومېتىر كېلىدىغان قۇم دۆڭ ئۈستىدە 100دىن ئارتۇق ياغاچ تىكلەنگەن (بېزەلگەن ۋە سىرلانغان). بۇ قەبرىستانلىق كروران بىلەن دەۋرداش ھەم بىر مەدەنىيەت سېستىمىسىغا تەۋە بۇلۇپ، قەدىمكى دەۋر لوپ رايۇنىدىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشۈنۈشتە ئىنتايىن يۇقۇرى قىممەتكە ئىگە. شۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتىن كېيىن بۇ قەبرىستانلىق قايتىدىن قۇم تېگىدە قالغان بۇلۇپ 2001 – يىلى ئاندىن قايتىدىن تېپىلغان.

     ئۆردەكنىڭ ئىسمى بۇرۇنقى ماتىرىياللاردا ھەر خىل ئېلىنغان جۈملىدىن ئارتىق دىگەنگە ئوخشاش ھەر خىل ناملاردا يېزىلغان بۇلۇپ سېۋىن ھېدىن ۋە بېرگمانلارنىڭ كىتاپلىرىنىڭ نەشىر قىلىنىشى بىلەن  «ئۆردەك» دەپ ئېلىشنىڭ توغرا بولغانلىغى ئىسپاتلاندى، ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ ئەسلى كىتاپلىرىدا  ördek دەپ يېزىلغان. بېرگماننىڭ يۇقۇرىقى كىتابىدا ئۇنى 1934 – يىلى 72 ياشتا (خەنزۇچە نەشرى 61 – بەت) ئىدى دەپ يېزىلغىنىغا قارىغاندا 1862 – يىلى ئەتراپىدا تۇغۇلغان بولسا كېرەك. سېۋىن ھېدىن «كۆچمەن كۆل» ناملىق كىتابىنىڭ خەنزۇچە نەشرى 53 – بېتىدە 72 ياشلىق ئۆردەكنىڭ سۈرىتىنى سىزىپ قالدۇرغان. ئۆردەكنىڭ تۇغۇلغان جايى ۋە ۋاپات بولغان جايى ھەققىدە ئىككى خىل قاراش بۇلۇپ بىر خىلى، ئابلا سايىت ۋە خۇ باڭجۇلارنىڭ تەكشۈرۈشى بۇلۇپ بۇ ماتېرىيال  «بايىنغۇلىن تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ ئۇيغۇرچە توپلامىدا ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ يېزىلىشىچە ئۆردەك چارالىق (ھازىرقى يېزا ئىگىلىك 2 – دىۋىزىيە 31 – پولك دائىرىسىدە) بۇلۇپ ئۆردەكنىڭ تەبپىق ئىسىملىك بىر ئۇكىسى بۇلۇپ ئۆردەكتىن بۇرۇن ۋاپات بولغان. ئۆردەكنىڭ بىر قىز، بىر ئوغلى بۇلۇپ قىزى بالدۇر قازا قىلغان، ئوغلىنىڭ ئىسمى مۇسا بۇلۇپ 1964 – يىلى 68 يېشىدا لوپنۇر ناھىيە تارىم يېزا 3 – كەنتىدە ۋاپات بولغان. ئۆردەكنىڭ قەبرىسى چارادا يەنى كورلا – چاقىلىق تاشيولىنىڭ بويىدا بۇلۇپ ئۆردەك 1944 – يىلى (بەزى مەنبەلەردە 1942 – يىلى دىيىلىدۇ ) ۋاپات بولغان ئىكەن. بۇ قەبرە 1955 – يىلى شىۋىتسىيە سېۋىن ھېدىن فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن لوپنۇر ناھىيە بازىرىغا يېقىن جايلاشقان ئۆردەكۋاي دىگەن ساياھەت نۇقتىسىغا جايلاشقان ئورۇنغا يۆتكەپ قەبرە قاتۇرۇلغان.

     فلوكلۇرشۇناس مۇھىددىن سايىت ئەپەندى ‹‹كروراننى كىم تاپقان ؟›› (‹‹ كروران ›› ژورنىلى 2002 – يىللىق 4- سان) ناملىق ماقالىسىدە يېزىشىچە ئۆردەك ئەينى دەۋردە ئۆردەك ئالتۇن دەپ ئاتالغان بۇلۇپ 1860 – يىلى كونا چارادىكى تۆمۈر كۆل – تۆمۈر دادا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، بوۋىسى ئوماق ئۆتەڭ ئەسلى شىڭدىلىق بۇلۇپ كونا چاراغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ماھىر ئىزچى، ئوۋچى، قوشاقچى ئىكەن.

     «سۈبھى›› ناملىق خەنزۇچە ژورنالنىڭ 2000 – يىللىق 7 – سانىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ لوپ كۆلى›› ناملىق ماقالىدا «ئۆردەك 1949 – يىلى يېڭىسۇدا قازا تاپقان، قازا تاپقان ۋاقتىدا 80 ياشتىن ئاشقان ئىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا كورلا ۋە لوپنۇر ناھىيىسىدە ئۇنىڭ قىزى نىيازخان  ئوغلى داۋۇت» )ماقالىدا 再达吾提 دەپ يېزىلغان) لار بار ئىكەن دىيىلگەن.

     ئىككىنچى بىر خىل قاراش جوڭگۇ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنىدىكى ياڭ نىيەن ئەپەندى لوپلۇقلار ھەققىدە خېلى كۆپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان بۇلۇپ ،  «ئەڭ ئاخىرقى لوپلۇق» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغان. ئۇ كىتابىدا كۈنچىققانبەگ ۋە ئۆردەك قاتارلىق تارىخى شەخسلەر توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشلىرىنى ئېلان قىلغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ مەلۇماتىچە ئۆردەكنىڭ قەدىناس دوستى نىيازنىڭ يۈزنەچچە ياشلىق ئوغۇللىرى ئوسمان ۋە ياسىنلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۆردەك ئەسلى كونا ئابداللىق (بۇ جاي قۇمچاپقان دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1898 – يىلى ۋەيران بولغان) بۇلۇپ، يېڭى ئابدالغا (شىرگە چاپقان دەپمۇ ئاتىلىدۇ) كۆچمەي ئارغان تەرەپلەرگە كەتكەن. ئۇنىڭ بىرلا ئوغلى بۇلۇپ ئىسمى سادىق، ئۇنىڭ بىر ئىنىسىنىڭ ئىسمى پەلەي ئىكەن (يۇقارقى كىتاپ 22- بەت). ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى يېڭىسۇ ۋە ئارغان ئەتراپلىرىدا ئۆتكۈزۈپ شۇ ئەتراپتا قازا قىلىپ دەپنە قىلىنغان.

     2003- يىلى 9 – ئاينىڭ 20 – كۈنى لوپنۇر ناھىيە لوپنۇر مېھمانخانىسىدا ‹‹بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يېزا تېمىسى›› ئىجادىيەت سۆھبەت يىغىنىغا بارغىنىمدا فولكلۇرشۇناس مۇھىددىن سايىت ئەپەندى بىلەن ئۆزىنى ئۆردەكنىڭ نەۋرىسى دەپ ئاتىغان لوپنۇر يول ئاسراش ئوچاستىكىسى ئائىلىلك بىناسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىگىز بويلۇق ئىسمايىل سادىق (ساۋاتلىق) بىلەن بولغان سۆھبىتىدىن بەزى مەسىلىلەرنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ئۇنىڭ قولىدا 1959 – يىلى 7 – ئايدا ئۈرۈمچىدىن ئادەم كېلىپ ئۆردەك ئوغلى سادىقتىن ئەھۋال ئىگەللىگەندە يېزىلغان دىيىلگەن 3 بەتلىك قوليازما (يېزىقتىكى ى ھەرىپىنىڭ ئاستىغا قۇيۇلغان چېكىت كونىلارنىڭ يازمىسى ئىكەنلىگىدىن ئۇچۇر بەرسىمۇ قەغەز  1980- يىللىرىغا مەنسۇپتۇر) ۋە مۇشۇ قوليازمىغا ئاساسەن شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››نىڭ 2002 – يىلى 30 – دىكابىر سانىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ئۆردەكنىڭ نەسىل نەسەبى توغرىسىدا›› دىگەن ماقالىسى بىلەن ئۆردەكنىڭ سېۋىن ھېدىن سىزغان رەسىمىگە ئاساسەن سىزغان رەسىملىرى بولدى، ئىككى مويسىپىتنىڭ سۆھبەتلىرىدىن مەنمۇ قىسمەن ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم. 3 بەتلىك يۇقارقى قوليازمىدا يېزىلىشىچە ئۆردەك 1864 – يىلى چاقىلىق ناھىيىسىدىكى لوپلۇقلارنىڭ كونا ماكانلىرىدىن بىرى بولغان كونا ئابدالدا ئوماق ئىسىملىك كىشىنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئوماق بۇ يەردە 2 پەرزەنت كۆرگەن (پەرزەنتلىرى ئۆردەك بىلەن تۆمۈر كونا ئابدالدا تۇغۇلغان). ئۆردەك بۇ يەردە كۈنچىققانبەگنىڭ بەگلىك قىلىشىدا ياشىغان. 1898- يىلى كونا ئابدال ۋەيران بولغاندا ئوماق پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ ئارغان تەرەپكە كۆچۈپ كەتكەن. ئوماق كۆچۈپ يۈرۈپ چارا قاتارلىق جايلارغا كەلگەندىن كېيىن چارا قاتارلىق جايلاردا بېلىقچىلىق ، ئۇلاق چېپىش، تەڭلە، ئىگەر جابدۇق ياساپ سېتىپ ھايات كەچۈرگەن. ئوماق چاراغا كەلگەندىن كېيىن يەنە  تەپىق ۋە ھەجەرخان قاتارلىق 2 پەرزەنت كۆرگەن. ئۆردەكنىڭ ئەسلى ئىسمى ئوسمان بولۇپ ئوسمان سۇدا خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك بىمالال ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن دادىسى ئۇنى ئۆدەك  بالام دەپ ئاتاپ يۈرۈپ تەدرىجى ئۆردەك نام ئىسىم بولۇپ قالغان.  ئوماق سىيەت كۆل بىلەن داشكۆل ئارىسىدا تېرىقچىلىقمۇ قىلغان بولۇپ  «ئوماقنى تاختىسى» دىگەن نامدا يېقىنغىچە كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدە ساقلانغان. ئوماقنىڭ تۆمۈر ئىسىملىك ئوغلى 46 يېشىدا سىيىت كۆل ئەتراپىدا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن قازا تاپقان، ئوماقمۇ ئەنە شۇ يەردە قازا تاپقان. ئوماق ۋاپات بولغاندىن كېيىن بالىلىرى سىيىت كۆل ئەتراپىدىن چارا ئەتراپىغا كېلىپ كېسەكتىن ئۆي سلىپ ئولتۇرغان. ئۆردەك 20 يېشىدا چارادىكى ئېزىم باقى دىگەن كىشىنىڭ دۆلەتخان دىگەن قىزىغا ئۆيلەنگەن. بۇ 1884 – يىلى بولۇپ 1886 – يىلى بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن، بۇ قىزى 6 يېشىدا قىزىل كېسىلى بىلەن قازا قىلغان1896 – يىلى بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن بولۇپ سادىق دەپ ئىسىم قويغان. ئۆردەك تامچىلىق، ياغاچچىلىق ئۈگەنگەن بولغاچقا ئوغلىغىمۇ ئۈگەتكەن. 1899- يىلى 6 – ئايدا ئۆردەك سېۋىن ھېدىنغا يول باشلىغۇچى بولغان…. 1899 – يىلى 10 – ئاينىڭ 5 – كۈنى سېۋىن ھېدىن بىلەن قەشقەردە خوشلاشقان. 1935 – يىلى 6 – ئايلاردا سېۋىن ھېدىن چاراغا ئۆردەكنى ئىزلەپ كەلگەن. ئۇ چاغلاردا ئۆردەك 72 ياشلاردا … 1936– يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۆردەك ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆزى ئەما بولۇپ قېلىپ 1942 – يىلى 78 يېشىدا ۋاپات بولغان…. ئۆردەكنىڭ ئوغلى سادىق 1964 يىلى 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ۋاپات بولغان (قەبرىسى تارىم يېزىسىنىڭ بەخت كەنتىدە). سادىقنىڭ زورىخان دىگەن خۇتۇنىدىن 2 قىز، تۇردىخان دىگەن خۇتۇنىدىن 1 ئوغۇل قالغان. ىسمايىل سادىق يەنە ئۆردەك بوۋام ئەما بولۇپ قالغاندىن كېيىن نىيازخان ئاچام يېتىلەپ يۈرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئالغان ئېيتىدۇ. مۇشۇ قېتىم ئۆردەكنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ مەخسۇس زىيارەت قىلدۇق. بۇ نەسەبنامىدە بەزى مەسىلىلەر ساقلانغان، ئالدى بىلەن تەكىتلەشكە بولىدىغىنى بۇ قوليازما ھەرگىزمۇ ئۆردەك ئوغلى سادىقنىڭ 1959 – يىلى سۆزلەپ بەرگەنلىرىگە ئاساسەن ئەمەس بەلكى ئىسمايىل سادىقنىڭ ئۇنىڭ بۇنىڭدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن يېزىپ چىققانلىرىدىن ئىبارەت. سېۋىن ھېدىننىڭ بايانلىرىغا مۇراجەت قىلساقمۇ ئۆردەكنىڭ 1901 – يىلىدىن كېيىن توي قىلغانلىقى يازىدۇ، 1934 – يىلى رەسىمىنى سىزغاندا 72 ياش دەپ يازغان بولۇپ ئىككى خىل باياندا سەل پەرقلەر بار، شۇنداقتىمۇ بۇ ماتىريالنى يەنىلا باشقا ماتىرىياللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ پايدىلىنىشنى كۆزدە تۇتۇپ قىسقارتىپ كىرگۈزۈلدى.

     ئەنگىلىيىلىك يۇھان خېر  «يۈتكەن تۈگە» ناملىق كىتابىدا  پىچان ناھىيىسىنىڭ قۇرۇقتاغنىڭ شىمالى باغرىغا جايلاشقان، لوپ كۆلىگگ ئەڭ يېقىن بوستانلىق دىغار يېزىسىدا  ئۆردەكنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى جۈملىدىن نەۋرىسى تۇردى ئاخۇن  ۋە قېرىندىشى سادىقلار بىلەن كۆرۈشكەن، بۇ 1990 – يىللاردىن كېيىنكى ئىش بولۇپ ئۇلار يەنە سېۋىن ھېدىن سىزغان، سادىق سېۋىن ھېدىن سىزغان رەسىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ رەسىمگە چۈشكەن بولۇپ سادىقنىڭ تاغىسى ئەينى چاغدىكى شىنگىرلىق ياۋا تۆگە ئوۋلايدىغان پاۋان ، ئاتمىش بۇلاقنى بىلىدىغان بىردىن بىر كىشى (بولۇپ رەسىمدىن قارىغاندا ئۇ  سېۋىن ھېدىن 1934 – يىلى سىزغان ئابدۇرېھىمنىڭ رەسىمى بولسا كېرەك) رەسىمى ۋە باشقا كۆپلىگەن رەسىملەرنى كۆرسەتكەن . سادىق ياۋا تۆگە ئوۋلاپ 20 مىڭ يۈەن جەرىمانەمۇ قۇيۇلغان ئىكەن.

     ئۆردەك قازا تاپقان جاي ۋە دەپنە قىلىنغان يەر ھەققىدە يۇقارقى قاراشتىن باشقا يەنە چارا ئەتراپىغا دەپنە قىلىنغان دىگەن قاراشمۇ بار، ھازىر لوپنۇر ناھىيىسى ئۆردەكۋاي نامىدا بىر ساياھەت نۇقتىسى تەسىس قىلغان بۇلۇپ ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۆردەكنىڭ ئۇستىخانلىرى يۆتكەپ كېلىنىپ مۇشۇ جايغا دەپنە قىلىنغان ھەمدە ئۇنىڭ نامىدىن ئېلىنىپ شۇنداق ئاتالغان ئىكەن.

     ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ كىتاپلىرىدا ئۆردەك توغرىلىق ئازراق مەلۇمات بار. سىۋېن ھېدىن  «كۆچمەن كۆل» دىگەن كىتابىدا ئۆردەكنىڭ 1899 – يىلى 11- ئايدىن باشلاپ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىغىنى، ئۇلارغا چاراغا يېقىن يېڭى كۆل ئەتراپىدا ئۇچراشقانلىغىنى يازىدۇ. سېۋىن ھېدىننىڭ ‹‹شىزاڭ ئېكىسپىدىتسىيىسى›› ناملىق كىتابىدا يېزىشىغا قارىغاندا ئۆردەك شۇندىن باشلاپ سېۋىن ھېدىن ئېكىسپىدىتسىيىسىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپۈتىدە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغان ۋە چەرچەنگىچە ئۇ يەردىن ئاتمىش بۇلاق ئەتراپلىرىدىن قارا قوشۇن كۆلى بويلىرىغىچە بارغان، بۇ جەرياندا 1900 – يىلى 3 – ئاينىڭ 29 – كۈنى بوراندا ئېزىپ كروران خارابىلىقى (بىز كروران شەھرى دەپ تونۇۋاتقان قەلئە بىلەن ئارىلىقى 5. 8 كېلومېتىر كېلىدىغان LB خارابىسىگە بېرىپ قالىدۇ)، مانا بۇنى بەزىلەر ئىنكار قىلىپ كروران شەھرىنى تاپقانلىق ئەمەس، ئۇ قەلئەگە بارسا ئاندىن كروراننى تاپقان بولىدىكەن. مانا بۇنىڭ ئۆزى بىر خاتالىق، چۈنكى LB  كروراننىڭ شەھەر رايۇنى بولۇپ ئارىلىقتىكى خارابىلەرنى 2000 يىلغا يېقىن بۇران چاپقۇن، تەبىئەت ھادىسىلىرى يۇتۇپ كەتكەن ئىدى. 1901 – يىلى 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى سېۋىن ھېدىننىڭ ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتىدىكى شاغدۇر بىلەن ئۆردەك ۋە غەربى تۈركىستانلىق كارامەت ئاقساقال قاتارلىقلار بىلەن 1901 – يىلى 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنلىرى ئەتراپىدا شىزاڭغا ئېكىسپىدىتسىيىگە ئاتلانغان سېۋىن ھېدىنلەرگە قۇشۇلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا 1900 – يىلى 4 – ئايلاردىن تارتىپ 1901 – يىلى 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان بىر يىل ۋاقىتنىڭ تەپسىلاتىدا ئۆردەككە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار يوق دىيەرلىك . ئەجەپلىنەرلىگى ئۆردەك يېڭى كۆل ئەتراپلىرىدىن ئۆزلۈگىدىنلا سېۋىن ھېدىننىڭ ئەترىتىنى قوغلاپ يېتىپ شىزاڭ ئېكىسپىدىتسىيىسىگە قاتناشقانمۇ؟ ئۆردەك نەچچە يۈز كىلومېتىر نېرىدىكى يېڭى كۆلدە تۇرۇپ سېۋىن ھېدىننىڭ پىلانىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغانمۇ؟ ئەجابا 1901 – يىلى 3 – ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئۆردەك بايقىغان خارابىگە كېيىنكى يىلى كېلىدىغانلىقىنى، يول باشلاپ بېرىشىنى ئېيتقانۇ كېيىنكى يىلى رەسمىي ئېكىسپىدىتسىيە بولغاندا ئۇنى يول باشلاشتىن قالدۇرۇپ يېڭى كۆلگە قايتۇرۇۋەتكەنمۇ؟ ئەگەر  سېۋىن ھېدىننىڭ شۇنچىلىك ئىشەنچى بار بولۇپ ئۆردەكسىز ئۇ خارابىلەرنى تاپالايدىغان بولسا، ئۇنداقتا شۇنچە چوڭ كۆلەمگە ئىگە قارا قوشۇن كۆلى بۇيىدا ھەر كېچىسى گۈلخان يېقىپ نىشان كۆرسىتىشكە ئادەم قۇيۇشى بىمەنىلىك ئەمەسمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۆردەكنىڭ 1901 – يىلىدىكى كروران ئېكىسپىدىتسىيىسىدە بولىشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن، ئۇنىڭ ئېكىسپىدىتسىيىدىن كېيىن ئاندىن يېڭى كۆل ئەتراپىدىكى بازىغا بىرەر ئىشقا بۇيرىغان بولىشى مۈمكىن ۋە قانچىلىك ۋاقىتتا قايتىپ شىزاڭ ئېكىسپىدىتسىيىسىگە ئىشتىراك قىلىشى ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بولىشى مۈمكىن. ئۆردەك بىلەن سېۋىن ھېدىن  1901 – يىلى 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى سېۋىن ھېدىننى يۋەتىنىگە يولغا سېلىپ قۇيۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆردەك ئۆيلۈك ئۇچاقلىق بولغان. شۇ ئايرىلغىنىچە 1934 – يىلى 4 – ئايدا ئۇچراشقان بۇلۇپ ئوغلى سادىق ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىكەن. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلەر ئىچىدە ئۆردەكنىڭ ئايالى ۋە كېلىنى بار. كىتاپنىڭ 34- بېتىدە ئۆردەكنىڭ خۇتۇن قىزلىرى مەنىسىدە 女眷 خېتىنى ئىشلەتكەن بۇلۇپ ، قانچە قىزى بارلىغى ئېنىق ئەمەس.

ئۆردەك مەشھۇر تارىخى شەخس بۇلۇپ ، «قۇملۇقتىكى يوللارنى 5 بارماقتەك بىلىدىغان» (بېرگمان)  ئالاھىدىلىگى بىلەن كۆپ تارىخى تۆھپىلەرنى قالدۇرغان. ئۇ مەيلى چارادا تۇغۇلغان بولسۇن ياكى قارا قۇشۇن كۆلى بويىدىكى كونا ئابدالدا تۇغۇلغان بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئېكىسپىدىتسىيە تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدىغان تارىخى شەخستۇر.


كىلىش مەنبەسى : نىفىت بىلوگى دىگەن خەتنى بېسىڭ !! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-27 10:26 AM  


پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

قان ئىچدە قان ......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68484
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2317
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 11:20:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى تېخىمۇ ئىنىق چۈشەنمەكچى بولغانلار تەۋسىيە : كىروراندىكى ئىزچىلار  ناملىق رومان

كەتكەنلەردىن كەلگەنلەر يوق ، كەتمىگەندىن كەتمىگەنلەر !

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 04:08:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىفىت بئولوگىغا بىر كىرىپ باقايچۇ..

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

ھەر ۋاقىت ھۇشيار

باش رەسىمى نىقابلانغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24343
يازما سانى: 1259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8708
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1408 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 04:37:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
يولۋاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4523
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 04:38:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرقى  خۇلاسە ئۇنى ئۆردەك باي  تاپقان دەڭلا.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 05:05:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولۋاس يوللىغان ۋاقتى  2012-2-26 04:37 PM
ئۆردەك دىگەن ئادەمنىڭ ئىسمىمۇ ؟

ئۆردەك ئەلۋەتتە ئادەم ئىسمى يانا كىلىپ كىرورەن خارابىسنى بايقاشتا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقۇچى دەل مۇشۇ ئۆردەك .ئەھۋالدىن قارىغاندا تېمىنى ئوقۇمايلا ھاپلا - شاپلا ئىنكاس يازغان ئوخشايسىز ھە

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 05:06:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆردەك دىگەن ئادەمنىڭ ئىسمىمۇ ؟
ئۆردەك ئەلۋەتتە ئادەم ئىسمى يانا كىلىپ كىرورەن خارابىسنى بايقاشتا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقۇچى دەل مۇشۇ ئۆردەك .

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ھەر ۋاقىت ھۇشيار

باش رەسىمى نىقابلانغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24343
يازما سانى: 1259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8708
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1408 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 05:15:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
يولۋاس

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13227
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 06:07:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ ئۆردەك ›› توغۇرلۇق مەن  ئەسەت سۇلايمان  ئاكىنىڭ ‹‹ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ›› دىگەن كىتابىدا  ئازراق كۆرگەن تۇلۇق تەپسىلاتىنى ئەمدى بىلدىم راستىنلا ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز . رەھمەت سىزگە !

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76386
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3508
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 06:47:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالام كىلىپ ئۇقۇپ بەرمىسە . كۇز چىدىمىدى:qiray16

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش