مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 877|ئىنكاس: 5

ساياق ئەمەلدارلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 08:31:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساياق ئەمەلدار (جورىسى ۋە پەرزەنىتلىرى چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ئەمەلدارلار) لار ۋەتەننى سۆيەمدۇ؟ ئەلۋەتتە سۆيىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز، ئۇلارنىڭ دەبدەبلىك سۆزلەر بىلەن يازغان دوكلاتىنى ئوقۇپ بىقىڭ. ساياق ئەمەلدارلار خەلىقنى سۆيەمدۇ؟ ئەلۋەتتە سۆيىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھاياجان ئىلكىدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنى ئاڭلاپ بىقىڭ. ساياق ئەمەلدارلارنى ۋەتەن، خەلىقنى يالغاندىن سۆيىدۇ، دەپ قالماڭ، ئۇلار ھەقىقەتەن چىن كۆڭلىدىن سۆيىدۇ، بۇ ئايالى ۋە بالىلىرنى چەت ئەلگە ئەۋەتىشتە كۆرنەرلىك ئىپادىلىندۇ. بىرەيلەن بۇنى ئاڭلاپ، بۇمۇ ۋەتەن، خەلىقنى سۆيۈش بولامدۇ؟ دەپ مەسخىرە قىلىپ كۈلدى، ئەمما بۇ راستىنلا ۋەتەن، خەلىققە بولغان سادىقلىقنىڭ ئىپادىسى.
ساياق ئەمەلدارلار ئايالى ۋە بالىلىرنى چەت ئەلگە يولغا سېلىۋەتسە، بىر غېمى ئازىيىپ، بارلىق زېھنىنى خىزمەتكە قارتىدۇ. ئۇلار خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسە، ۋەتەن قۇدرەت تاپىدۇ، خەلىق تېخىمۇ بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئېرشىدۇ. ئەجىبا بۇ ۋەتەن، خەلىقنى سۆيۈش روھى ئەمەسما؟!
مەركىزىي كومتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۇلتۇر ئاشكارىلىشچە، يۇقۇرى دەرجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلسى ۋە بالىلىردىن شىياڭگاڭ، ئاۋمېنلارغا كۆچمەن بولغانلىرى 100 مىڭدىن ئاشىدىكەن، چەت دۆلەتلەردە نەچچە ئون مىڭغا يېتىدىكەن. بۇنىڭغا يەنە ئوتتۇرا دەرجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلسىدىكىنى قوشقاندا، ساياق ئەمەلدارلارنىڭ چەت ئەلدىكى بالىلىرى 1 مىليۇندىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ 1 مىليۇن ئادەم جۇڭگۇدا قالسا، ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ ئىشچى، دېھقان ياكى ئەسكەر، ئوقۇتقۇچى، دوختۇر بولمايدۇ، بەلكى مەمۇرلار سېپىگە قوشۇلىدۇ ياكى مونوپول كارخانلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا كىرىدۇ ۋە ياكى ....ئۇلار ھازىر چەت ئەلگە چىقىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن 1 مىليۇن كىشلىك ئىش ئورنى ساقلىنىپ قالدى، ئەجەبا، بۇ خەلىقنى سۆيۈش ئەمەسما؟
بۇ 1 مىليۇن ئادەم جۇڭگۇدا قالسا، چوقۇم ئېسىل پىكاپلارنى ھەيدەيدۇ. ئاپتوموبىل ھەيدىگەنكەن، مۇھىت بۇلغىنىدۇ.1 مىليۇن ئاپتوموبىل چىقارغان بۇلغىلمىغا سەل قارغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇلار چەت ئەلگە كېرەكسىز گازنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزدىكى بۇلغىنىش ئازايدى، خەلىقمۇ سېسىق گازنى ئاز سۈمۈردىغان بولدى، ئۇلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشى ۋەتەن، خەلىقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟
بۇ 1 مىليۇن ئادەم  جۇڭگۇدا قالسا، ئاز دېگەندىمۇ 1 مىليۇن يۇرۇش ھەشەمەتلىك ئۆي سېتۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشگە تەسىر قىلماسمۇ؟ ئەجەبا، بۇ خەلىقنى سۆيگەنلىك ئەمەسما؟
ھازىر قايسى دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ئەڭ بەخىتلىك؟ بۇنىڭغا رەھبەرلەرنىڭ نۇتىقىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان ھەم ئوقۇغانلار ياخشى جاۋابقا ئېرشەلەيدۇ: بىز جۇڭگۇلۇقلار ھەممىدىن بەك بەخىتلىك. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ساياق ئەمەلدارلار بۇ بەخىتلىك مېھىردىن كېچىپ، جۇڭگۇ خەلىقىنىڭ بەختى ئۈچۈن بالىلىرىنى چەت ئەلگە يولغا سالدى، بالىلىرىنىڭ بەختىنى جۇڭگۇ خەلقىگە قالدۇردى، بۇ ساياق ئەمەلدارلارنىڭ ۋەتەننى، خەلىقنى قىزغىن سۆيۈش ئىددىيەسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئالاھىدە تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى، پۇقرالارنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئېرشەلىشى رەھبەرلەرنىڭ توغرا رەھبەرلىك قىلىشغا باغلىق. ساياق ئەمەلدارلار پۇقرالارغا بەختلىك تۇرمۇش ئاتا قىلدى، ئەپسۇس، بالىلىرى يۇرۇت-ماكانىدىن ئايرىلىپ چەت دۆلەتلەردە «جاپا چېكىپ» يۈرمەكتە، بۇ نېمدېگەن ئۇلۇغ ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى-ھە؟!
ۋەتەن-خەلىقنى  سۆيۈشنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئاساسى بار. ساياق ئەمەلدارلار ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسدا دوكلات بەرگەندە ھەرگىزمۇ خىجىل بولماي ناھايىتى تەمكىن ھەمدە دادىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر، خەلىقپەرۋەرلىكىنى دېيەلىشى كېرەك.
مەنبە: «فېليەتونلاردىن تاللانما» دىن ئىلىندى .

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئۇيغۇر ئوغلى باھارى!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27404
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5981
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 436 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 10:18:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   قىززىقكەن......

سةن تذغذلغاندىن باشلاپ ھاياتلىق رومانىڭنىڭ مۇقەددىمىسىنى يېزىشقا باشلايسەن،سەن ئۆلگەندىن كېيىن باشقىلار ئۇنىڭ خاتىمىسىنى يازىدۇ. . .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2595
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10489
تۆھپە نۇمۇرى: 493
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 11:03:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەردە ئاشۇ 1 مىليۇن ئادەمنى بىقىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇللارنىڭ چەتئەللەرگە چىرايلىق ناملار بىلەن چىقىپ كىتىۋاتقىنىنىمۇ ئويلاپ قويايلى .

غۇلجا شەھەر چۇغلۇق يىزا-ئېگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9526
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8428
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 01:07:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى مەيلى قانچىلىك چىقىم چىقىپ كەتسە مەيلى جۇمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4523
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 01:56:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا   سۈيىدىكەن..........:qiray124

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 1257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12384
تۆھپە نۇمۇرى: 567
توردا: 7716 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 10:21:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار ئۇ تەرەپكە چىقىپ كەتمىسە ئىنىقكى بۇ تەرەپكە كىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە ئۇتەرەپكە  كەتكەن تۈزۈك. بۇمۇ ماھىيەتتە خەلىققە قىنغان بىر ياخشى ئىش.

ھايات +كۈرەش دىمەكتۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش