ھاياتىنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە قولىدىن قەلەم، قەلبىدىن ئىلىم ئىشتىياقى كەتمىگەن ، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى2011 –يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ، يەنى ئۆتكەن يىلقى بۈگۈنكى كۈندە 84 يىشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى .
مەن ھەم شۇ كۈنلەردە مەكتەپكە قايتىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئىدىم . بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمنى شۇنداق مەيۈسلۈك ، بىچارىلىك باستى . تاكى خىلى كىچېگىچە ياتاق بىناسىنىڭ دەرىزېسىدىن سىرتقا قاراپ تۇرۇپ كەتتىم . ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇق ۋە تۇمانلىق ئاسمىنى ......
ئەتېسى جۈمە نامېزىدا مىيىتىنى چۈشۈردۇق . مەسچىتنىڭ سىرتقى مەيدانىدا بەش-ئالتە يۈزگە يىقىن جامائەت بار ئىدى . سىرت سوغۇق ، قار لەپىلدەپ يېغىۋاتىدۇ . ئىمام نامازنى باشلاشتىن بۇرۇن ئالىمنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى . پەستىكىلەرنىڭ " كىمكەن ئۇ ....كىمكەن " دىيىشكەن ئاۋازلىرى ئىمامنىڭ ئاۋازىنى بىسىپ چۈشەتتى . نامازنى ئوقۇپ بولدۇق . جىنازىغا قولۇم تەگكېنىنى بىلىمەن .....مەرھۇمنىڭ جىنازىسى قولدىن قولغا ئۆتۈپ مەسچىت ئىشىكىدىن ئىلىپ چىقىلىپلا ماشىنېغا سىلىنىپ قەبرىستانلىققا ئىلىپ كېتىلدى . ماشىنا مەرھۇمنىڭ جىنازېسىنىلا ئەمەس ، ئۇيغۇر تۇپرېقىدىكى ئاھۇ-زار ، سېغىنىش ، پىغانلارنىڭ ھەممېسىنى قوشۇپ ئىلىپ كەتكەندەكلا قىلاتتى .
جامائەت ئىشىكتىن چىقىپلا ئۇياق-بۇياقلارغا تاراپ كەتتى . ئەتراپتىكى ھەممە ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن . قۇغۇنچى " كەسىلە غوجام كەسىلە .... ما قۇغۇن ئاجايىم قۇغۇنكەن مانا ~~~" ، ناخشا كىنو پىلاستىنكېسى ساتىدىغانلار " ئاكا دەي ئىلىۋىلىڭە ، ما ئانادالىقنىڭ 60- قىسىمدىن 80- قىسىمغىچە چىقتى~~~" گىزىت ساتىدىغان بالا "گىزىت ئىلىۋالىلى ، گىزىت ئىلىۋالىلى ~~~ ، ئاكا گىزىت ئىلىۋىلىڭە ، خەلىقئارالىق مەسىلېلەر ~~~" ......
ئۇزاققا سوزۇلغان بۇ يولدا ، ماشىنېنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرۇپ قاپتىمەن . كاللامدا مىڭ خىيال ، ئىغىر مىسكىنلىك ......، تۇرغان يېرىمدىن بىر قەدەممۇ مىدىرلىغۇم كەلمەيىتتى . ئىقىۋاتقان شەھەر ، ئايلىنىۋاتقان دۇنيا . ئەتراپقا ئىغىر نەزەر تاشلىدىم . شۇنچە قايناق ، شۇنچە مول مەزمۇنغا تولغان بۇ بوشلۇقنىڭ مەلۇم بىر بۇرجەكلىرىدە ئاللىقانداقتۇر بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى . بېشىغا قالپاق ، ئۇچېسىغا ئۇزۇن پەلتۇ كىيگەن بىر نەچچە مۇيىسپىت قايسى بىر تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا ، قايسى بىر دوقمۇشتا ئىككى قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ يىراققا قاراپ ئىغىر تىناتتى . كۆزلېرىگە ياش ئالغان ۋە ياش تامچىتقان پىتى نىمېلەردىن ئەنسىرەۋاتقاندەك ، نىمېلەردىن ئۆكۈنىۋاتقاندەك قىلاتتى .
قار ! ......
يولنىڭ ئۇ چېتىگە ئۆتۈپ بىرە ئاشىخانېغا كىرىپ تاماق يىمەكچى بولدۇم . مەن كىرگەن ئاشخانېنىڭ ئاستىنقى قەۋېتى لىق ئادەم . راستىنى ئىيىتسام بۇ كەيپىياتىمدا كۆڭلۈم بۇنداق قايناق مۇھىتنى خالىمايىتتى . كەينىمگە ياندىم . مۇلازىمەتچى قىز ئىپادەمدىن بىر نىمېنى سەزدىمۇ نىمە ، " ئۈستىدىمۇ ئورۇن بار " دېدى . ئۈستى جىمجىتلا ئىكەن ، مۇلازىمەتچى بالا كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتى . مەن تامغا يانداپ قويۇلغان ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇم . مۇلازىمەتچى بالا كىلىپ پىيالېنى ماڭا تۇتىشى بىلەن پەلەمپەيدىن خوجايىننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى . " ئۇكام ئاخمەتجان ، نەگە بادىڭىز ، ئەجەپ بىر تەستە ئوقۇپ بولدىڭىز ئۇ جۈمەنى ~~~" ، بالا جاۋابەن " شۇ بىر مىيىت نامېزى باكەن ئوقۇپ ~~~" ، " خەق سىزنىڭ بىرە تۇققېنىڭىزمىتتىيا ؟ ~~~" دېدى خوجايىن ئاچچىقلىغان تەلەپپۇزدا . " ياق ، ئالىم ، بىر يازغۇچى ئادەم دەيدۇ ئىشقىلىپ ~~~" دەپ جاۋاب بەردى بالا چەينەكنى ماڭا سۇنغاچ . " بولدى ، ئىشىڭىزنى قىلىڭ ! " دىگەچ خوجايىن پەسكە چۈشۈپ كەتتى .
چۆچۈرە بۇيرۇتتۇم . ئولتۇرغاچ زادى بىر ئاچچىق تۇتتى ، بۇ ئاشخانېدىن ئىككى يۈز مىتىر نىرىدىكى بىر مەسچىتتە ئالىمىنىڭ ئۆلىمى ئۇزىتىلىۋاتسا ، بۇ كاتتا خوجايىن بۇنىڭدىن ئۆزى بىخەۋەر يۈرگەنلىكىدىن نۇمۇس قىلماي ، ئەجەپ ماۋۇ بالىنى ئەيىپلەپ كەتتا . ئەپسۇس ، بۇ بالىمۇ نامېزىنى ئوقۇغان كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيىتتى . چاي ئىچكەچ توختۇلۇپ ئويلاندىم ، زادى بىر ئىغىز گەپ قىلغۇم بادەك . دۇئا قىلىپ چىقىشقا تەمشەلدىم . مۇلازىم بالا ئۈستەلنى يۇغۇشتۇرغىلى يىنىمغا كەلدى . مەن ھىسداشلىق پۇزىتسىيىسىدە سورىدىم :
" ئۇكام سىز بايا مىيىت نامېزىنى ئوقۇپ كەلگەن ئادەمنى تونۇمسىز ؟ "
" ياق تونۇمايدىكەنمە "
" مۇنداق گەپ ئۇكام ، ئۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىمى ، يازغۇچى ، تەرجىمەشۇناس ، جامائەت ئەربابى ، ئۇيغۇر مىللي ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە كوللىكتىپ ئەخلاق قارىشى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ھۆكۈملەرنى بەرگەن . مۇنداقلا دىسەم ، شۇ ئادەمنىڭ توغرا ئۈگۈتلىرى بولمىغان بولسا ، كىشىلەر ماڭا ئوخشاش ئاشخانېغا كىرىپ چۆچۈرە ئىچمەي ، كوچىدا مېڭىپ يۈرۈپ موما يىگەن بولاتتى . خوجايىنغا ئاشۇ بالا شۇنداق دېدى دەپ قويۇڭ ئۇكام ! "
مېڭىۋاتىمەن ، ھەي تاماششا ، شەھەرنىڭ قايناق تۇرمۇشى ، مەندىن نىرى تۇر !
قار ! مەن ئالدىڭدا سرسىز يالىڭاچ ، سەن بۈگۈن بۇ تۇپراقنىڭ گۇۋاھچىسى ، سەن ھەممىنى كۆرۈپ تۇرۇپسەن . ئىيىتقىنا ، ئۈشبۇ مىنۇتلاردا ئۇيغۇر تۇپرىقىدا يەنە كىملەر سۈكۈتتە ئىغىر تىنىدۇ ، يەنە كىملەر بىخەۋەر يايراپ ؟
توساتتىن بۇ مىسرالار ئىسىمگە كىلىپ قالدى :
ئالقانلاردا ئۇچلانغان تاۋۇت ،
كۆكتە لەرزان ئۈزىدۇ مەغرۇر .
مۈسىبەتتىن ئېغىر تىنىدۇ ،
ئالىمىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر .
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25- كۈنى (ئۈرۈمچى)
يۈرەك سۆزۈم : بۇ ماقالېنى ئۆتكەن يىلى مۇشۇ ۋەقەلەر تۈرتكىسىدە يازغان ئىدىم . مەقسەت ، ئالىمنىڭ ۋاپاتىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر تۇپرىقى سۈكۈتكە چۆمىشى كىرەك دىمەكچى ئەمەسمەن . بەلكى ، قىرىنداشلىرىمىزنى ئۆزىمىز بىلەن يىلتىزى بىر ، ئىتقادى بىر ، تىلى ئوخشاش ، بىر تۇپراقنىڭ تۇزىنى يەپ چوڭ بولغان بۇ ئۆلىمالىرىمىزنى ، ئىلىم-بىلىم ئىگىلىرىنى ، پەخىرلىك ئۇستازلىرىمىزنى قەدىرلەشكە ، تونۇشقا چاقىرىق قىلىش .
بىز تەرەققىياتقا ئىرىشىمىز ، يۈكسىلىمىز ، ئاڭ جەھەتتىن ئويغېنىمىز دەيدىكەنمىز مىللىتىمىزنىڭ تۆھپىكارلىرى ، يەنى ياشاش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان ، ئىجادچانلىققا ئىنتىلىدىغان ، مەسئۇلىيەتچان ، ئەقلى پاك ، دىلى ھۆر زاماندار كىشىلىرىمىزگە تايىنىمىز . غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار مەشھۇر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى ، ئىلىم-پەن پائالىيەتچىسى ، ھاياتلىق ئىلمى ئالىمى مەرھۇم ئابباس بۇرھان ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان "سەنئەتخۇمارلىقتىن ئىلىمخۇمارلىققا كۆچۈشنىڭ تەخىرسىزلىكى توغرىسىدا " دىگەن ماقالېسىدە مۇنداق دەيدۇ " ئالىملىق قىلىش ئۇ بىر ئالىي ھەم مۇقەددەس ئىشتۇر . مەن ئۈچۈن ئىيىتقاندا ئالىملىق قىلىش ئەمەس ، ئالىمنىڭ چاپېنىنى كۆتۈرۈشمۇ ئوخشاشلا شەرەپ ۋە بەخىت " .
تارخقا كۆز سالساق ، تۇنجى ئەۋلات مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ، ئابدۇشۈكۈر ئۇھەممەتئىمىن ، ئابدۇكىرىم خوجا ، ئىمىن تۇرسۇن ، روزى سايىت ، زۇردۇن سابىر قاتارلىقلار " قۇتادغۇبىلىك " ۋە "تۈكى تىللار دىۋانى " غا ئوخشاش دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بۆيۈك تارىخي ئەسەرلەرنى ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىنى ، ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر نوپۇزلۇق تەتقىقاتلارنى خەلىق بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى . ئۇيغۇر تىلى شىۋېلىرىنى تەكشۈرۈپ ئىنىقلاش ۋە بىكىتىش ، باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇزلۇق كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ خەلىققە تونۇشتۇرۇش ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى روياپقا چىقىرىش جەھەتتە ئۆلمەس تۆھپېلەرنى ياراتتى .
ئۇلار ____ مۇقەددەس كارۋانلارغا ئۇلىشىپ ، نۇرانە چىراقلىرىمىزنى ئۆچۈرمەي بىزنى بۈگۈنگە ئۇلاشتۇردى . ئۇلار مىللي مەدەنىيىتىمىزنىڭ پاسىبانلىرى ، ئۇلار ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ قازىلىرى ، مىللي خاسلىقىمىز مەۋجۇتلىقىنڭ ئۇلچىلىرى .
بىز ئۇلارغا قەرزدار ، ئۇلار بىزگە تەۋەررۈك ! بىز ئۇلارنى بېشىمىزغا ئىلىپ كۆتۈرىشىمىز كىرەك !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-25 08:24 PM