باشقا مۇنبەر ئەزالىرى بۇ تېمىنى مەنبەنى ئەسكەرتىپ چاپلاپ قويساڭلار، تېخىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ.
===========================================================
كېلەر ھەپتە مىكروسوفت شىركىتى بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە كۆپچىلىكتىن ئاشكارە پىكىر ئالماقچى. بۇ مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاتالغۇلار بولۇپ، تەرجىمە سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ مۇنازىرە بۇ قېتىم ئالىم ئەھەت بىلوگىدا ياكى بىلىكتە ئېلىپ بېرىلماستىن، مىكروسوفت ئورگان بېكىتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، 4-5 كۈن ئىچىدە قاتنىشىدىغانلارغا تەكلىپ ئەۋەتىلىدۇ، ئىنگلىز تىلىدا مۇنازىرە قىلىنىدۇ، ئوخشىمىغان كۆز قاراش بولسا، بېلەت تاشلىنىپ بېكىتىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى كۆپچىلىككە ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
بۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، مەن يەنە 10 كىشىنى ئارتۇق تەكلىپ قىلماقچى. ئۇلارغا ۋاكالىتەن ئېلېكتىرونلۇق خەت ئارقىلىق تىزىملاش نومۇرى،...قاتارلىقلارنى ئەۋەتىپ ئۇقتۇرۇش قىلىمەن. شۇڭا، ئىنگلىز تىلىدا يېزىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان، خالس قاتنىشىشنى خالايدىغان پىدائىيلار بولسا ياكى شۇنداق تونۇشۇڭلار بولسا، مەن بىلەن ئەڭ كېچىككەندىمۇ 28-چېسلادىن بۇرۇن ئېلېكتىرونلۇق خەت ئارقىلىق تېزدىن ئالاقە قىلىشىڭلارنى سورايمەن. ئادرېسى ئەڭ ئاستىدا
ياكى خالىسىڭلار مۇشۇ يەرگە ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ.
ئېسىڭلاردا بولسۇن بۇ ئىشنىڭ يەنە ئاخىرقى چېكىمۇ ئېنىق بېكىتىلگەن بولۇپ، ۋاقىت ئىنتايىن چەكلىك. بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە 100 ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىسىلەر، ھەممە ئىش ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلسا، ئەڭ ياخشى بولىدۇ، ۋاقىت چېكىنى ئۇزارتىش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس.
ئاساسىي شەرتى:
(1) كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى چۈشىنىدىغان بولۇش،
(2) ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولۇش، ئىنگلىز تىلىنى پۇختا بىلىش،
(3) بىر-ئىككى كۈندە چوقۇم مۇنازىرىگە قاتنىشالايدىغان بولۇش، ئاز دېگەندىمۇ بىر-ئىككى جۈملە ئىنگلىزچە پاكىتلىق، ئىلمىي كۆز قاراشلارنى راۋان يازالايدىغان بولۇش،
كومپيۇتېر كەسپىگە ۋە ئىنگلىزچىگە پىششىق، تورغا دائىم چىقىپ تۇرالايدىغان تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭ مەن بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ياكى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
دىلشات ھېۋزۇللا
غەيرەت توختى
ۋارىس ئابدۇكېرىم
بۈركۈت (Eagle)
تۇرسۇنجان (جېك)
ئابدۇسالام (Final Fantasy)
تەكلىماكان
...
...
(ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى يوق، چۈشۈپ قالغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن،كەچۈرۈڭلار)
بۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك بولۇشى ئۈچۈن، مەن يەنە بىرەيلەننى مىكروسوفت ئىنگلىزچە مۇنازىرە مۇنبىرىدە چۈشكەن كۈندىلىك مۇھىم نۇقتىلارنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ، ئالىم ئەھەت بىلوگى، بىلىك،...قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىمىزنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشىغا تەكلىپ قىلىمەن. شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ تەتقىقات مەركەزلىرى، يۇمشاق دېتال تەرجىمە گۇرۇپپىلىرى، ئىنگلىز تىلى تەربىيەلەش مەركەزلىرى، كومپيۇتېر شىركەتلىرىنىڭ نازارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۆز ۋاقىتىدا ئاكتىپ قاتناشماي بىلىمىڭلارنى ئاياپ، ئىش تاماملانغاندىن كېيىن ئۇنداق ياكى مۇنداق دېيىش، ياخشى ئەخلاق ئەمەس.
2012-يىل 25-فېۋرال، سەھەر 1:20
======================
ئېلېكتىرونلۇق خەت:
===========