ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار! مەن ئۆسمۈرلەرنىڭ بولۇپمۇ شەھەر ئۆسمۈرلىرىنىڭ بىر قىسىم ئوت-چۆپ ۋە دەل-دەرەخلەرگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بوپقالار دېگەن مەقسەتتە ئوت-چۆپ ۋە دەل-دەرەخلەرنى كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرىدىغان قوش تىللىق رەسىملىك كىتاب يېزىپ نەشىرىياتقا تەڭلەپ باقاي دېگەنىدىم. لېكىن نۆۋەت «
ئادەمگىياھ» قا كەلگەندە، ئۇنىڭ
ئادەمگىياھ ئۆسۈملۈكى بىلەنلا چەكلىنەمدۇ ياكى «
ئادەمگىياھ» دەيدىغان مېۋىلىك دەرەخ تۈرىمۇ بارمۇ ئۇقالماي قالدىم. بۇرۇن بىر مۇنبەردە تورداشلار ماڭا «ئادەمگىياھ» دېگەن ئۆسۈملۈك بىلەنلا چەكلىنىدۇ، دېگەنىدى، مەنمۇ شۇنداق قاراپ كەلگەنىدىم. لېكىن يېقىندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىگە قايتا بىر قاراپ باقسام، «ئادەمگىياھ مېۋىسى ياپىلاق ۋە چەمبەر شەكىلدە بولىدۇ» دەپ يېزىلىپتۇ. شۇڭا ئەزىز تورداشلارنىڭ بۇ توغرىلىق پىكىر-تەكلىپ ۋە مەلۇمات بېرىشىنى سورايمەن. تۆۋەندە بىر قانچە تال رەسىم يوللىدىم. تورداشلارنىڭ قاراپ بېقىپ «
ئادەمگىياھ» 人参 نىڭ شۇ ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىپ بېرىشىنى، ئەگەر ئەمەس بولسا ئەينەن رەسىمىنى يوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
2. «ئەرمۇدۇن» دەرىخى: ئەرمۇدۇن دەرىخىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە «ئەرمۇدۇن ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، بىر قانچە مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ قوۋزىقى ۋە يوپۇرمىقى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ» خەنزۇچىسى
白蜡树 ئىنگىلىزچىسى
Ash- Fraxinus ئىكەن. لېكىن تۆۋەندىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق رەسمدىكىسى دەل شۇمۇ ئەمەسمۇ ئۇقالماي قالدىم. تورداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
(1) ئادەمگىياھ