ھاياتنىڭ يوشۇرۇن سىرلىرى ئۇستىدە 50 سوئال
بىر كۇنى نۇشىرۋان ئادىل ۋەزىرى بۇزۇرجۈمىھر بىلەن يالغۇز قالدى.
-سەن،-دېدى نۇشرىۋان ۋەزىرگە،-ئەقىل ۋە ھېكمەتتە زاماننىڭ داناسىسەن،شۇڭا سەندىن ھاياتنىڭ سىررى نىھانلىرى< يۇشۇرۇن سىرلار> ئۇستىدە ئەللىك سوئال سورىماقچىمەن،تەخىر قىلماي جاۋاب بەرگەيسەن .
-قۇللۇق ،-دېدى ۋەزىر ،-ئاللاھ پىكىرىمگە جاۋاب سالماقنى نېسىپ قىلغاي!
نۇشرىۋان سوئالنى باشلىدى،ۋەزىر جاۋاب بەردى.
سوئال: خۇدايىتائالادىن نېمە تىلىمەك كېرەك؟
جاۋاب : ياخشىلىق ۋە ئىككىلا دۇنيادا سالامەتلىك.
سوئال : يول نېمىدۇر ؟
جاۋاب : خۇدانىڭ ئەمىرىنى تۇتماق ۋە بەندىلىرىگە شەپقەت قىلماق.
سوئال : ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزمەك كېرەك ؟
جاۋاب : خوشاللىق ۋە باشقىلارغا ئازا بەرمەسلىك.
سوئال : ئۆمۇرنى قايسى كەسىپكە سەرىپ قىلماق كېرەك؟
جاۋاب : تەھسىلى ئىلىمىگە< ئىلىم ئالماققا>
سوئال : ئىلىمنىڭ نەتىجىسى نەتىجىسى نېمىدۇر؟
جاۋاب : ئىلىم ئوقۇغۇچى بولسا ،ئۇلۇغ بولغاي،كەمبەغەل بولسا باي بولغاي.
سوئال : توغرا يول نېمە بىلەن مەلۇم بولۇر ؟
جاۋاب : ئىلىم نۇرى بىلەن.
سوئال : دۇنيا دەپ نېمىگە ئېيتىدۇ؟
سوئال : ئاخىرەتكە يارىمىغان ھەر قانداق نەرسىنى.
سوئال : سۈلۈك يولىنىڭ روشەنلىكى نېمە بىلەن بولۇر؟
جاۋاب : نەپىسكە غالىب كەلمەك بىلەن.
سوئال : قانداق تەدبىر بىلەن نەپىسكە غالىب كەلگىلى بولىدۇ؟
جاۋاب : ئۇنىڭ تەتۈرىگە ماڭماق بىلەن.
سوئال : ھەممىدىن بۇرۇن كېمگە ياخشىلىق قىلماق كېرەك ؟
جاۋاب : ئاتا-ئانىنىڭ ھەققىگە.
سوئال : كىمگە يامانلىق قىلماق كېرەك ؟
جاۋاب : ئۆز نەپىسىگە.
سوئال : خۇدانىڭ خۇشلۇقى نېمە بىلەن ھاسىل بولۇر ؟
جاۋاب : ئاتا-ئانىغا خىزمەت قىلماق بىلەن.
سوئال : قايسى ياخشىلىق خۇدانىڭ ئالدىدا مەقبۇلدۇر ؟
جاۋاب : ئاتا-ئانا،پەرزەنىت،قېرىنداشلىرىغا قىلغان ياخشىلىق.
سوئال : قايسى يامانلىق خۇدانىڭ ئالدىدا ئالدىدا خاردۇر؟
جاۋاب : پەرزەنىتلىرىگە دۇئايى بەد < قارغىماق> قىلماق ۋە ئاجىزلارغا زۈلۈم يەتكۈزمەك.
سوئال : بەختىيار كىشىنى قانچە دەلىل بىلەن تونۇغىلى بولغاي !
جاۋاب : ئۈچ دەلىل بىلەن : بىرىنچى ،ئىلىم تەلەپ قىلماق. ئىككىنچى ،ساخاۋەتلىك بولماق. ئۈچىنچى ،ئوچۇق يۈزلۈك بولماق ۋە كۈلۈمسىرەپ تۇرماق.
سوئال : ھەممە ئىشنىڭ ياخشىراقى نېمە ؟
جاۋاب : ئالىملار ۋە دانىشمەنلەرنىڭ سۆھبەتلىرىدىن بەھىرە ئالماق.
سوئال : تونۇغۇچى كىشىنىڭ دەلىلى نېمىدۇر ؟
جاۋاب : باشقىلارغا ئازار بەرمەك پىكىرىدە بولمىسا.
سوئال : كەم ئازارلىق قانداق ھاسىل بولۇر؟
جاۋاب : ھەممە جانلىقلاردىن ئۆزىنى كەم ۋە ناچار بىلمەك بىلەن.
سوئال : بۇ خىسلەت قانداق ھاسىل بولۇر ؟
جاۋاب : ئالىم ۋە دانىشمەنلەر سۆھبىتىنىڭ بەركىتىدىن.
سوئال : يوقسۇزلۇقتا نېمىنى ئىختىيار قىلماق كېرەك ؟
جاۋاب : خۇدانىڭ رازىلىقىنى .
سوئال : خۇدانىڭ ئىبادىتىگە كۆڭۇل نېمە بىلەن مايىل بولۇر ؟
جاۋاب : ئولۇمنى يادلىماق بىلەن .
سوئال : كۆڭۇل نېمە بىلەن قاراڭغۇ بولۇر ؟
جاۋاب : دۇنيا مېلىنىڭ مۇھەببىتى بىلەن.
سوئال : كۆڭۇل نېمە بىلەن روشەن بولۇر ؟
جاۋاب : دۇنيا مېلىنى دوسىت تۇتماسلىق بىلەن.
سوئال : دۇنيادا تۇرماقلىق نېمىگە ئوخشايدۇ ؟
جاۋاب : بىر مۇساپىر بىر سارايغا چۈشۈپ ،كېچىنى ئۆتكۈزۈپ تاڭ ئاتقاندا كۆچكەنگە.
سوئال : كىشىگە جاندىن ئېزىزراق نېمە بار ؟
جاۋاب : دىندار كىشىگە ئىمان ،دىنسىز كىشىگە ئاقچا .
سوئال : كىشىنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرىدىن قانداق خەۋەردار بولماق كېرەك ؟
جاۋاب : مۇئامىلە بىلەن.
سوئال : قايسى سۆز راسىت بولسىمۇ يالغاندەك تۇيۇلىدۇ ؟
جاۋاب : ياشلىقتىكى كۈچ -قۇدىرەتنى قېرىغاندا سۆزلىمەك ۋە بايلىق راھىتىنى كەمبەغەللىكتە ھېكايە قىلماق.
سوئال : دوستىنى قانداق چاغدا سىنىغىلى بولغاي ؟
جاۋاب : ھاجەت چۇشكەن چاغدا .
سوئال : يامان پەرزەنىت نېمىگە ئوخشايدۇ ؟
جاۋاب : گويا ئالتىنچى بارماققا،ئۇنى كەسسە ئاغرىيدۇ،كەسمىسە ئەيىب .
سوئال : ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئوتتۇرسىدا قانچىلىق پەرىق بار ؟
جاۋاب : ئاسماندىن يەرگىچە ،ئاسماندىن ياغمىسا يەردە كۆكەرمىگەي.
سوئال : مۇساپىرلىق < سەپەر قىلماق> ياخشىمۇ ياكى مۇقىملىق ؟
سوئال : مۇساپىرلىق ئېقىن سۇغا ئوخشىسا ،مۇقىملىق توختام سۇغا .
سوئال : گۈناھنىڭ داۋاسى نېمە ؟
جاۋاب : تۆۋە قىلماق .
سوئال : دۆلەتمەن كىشىگە قايسى ئەمەل ياخشى ؟
جاۋاب : مۇھتاجلارغا نان بەرمەك ۋە مېھمانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلماق .
سوئال : نېمىنى كۆپ يادىلىماق كېرەك ؟
جاۋاب : ئاللانىڭ نامى بىلەن ئۆلۇمنى .
سوئال : رىزقى نېمىدۇر ؟
جاۋاب : ساڭا يەتكەن ھەر قانداق نەرسە .
سوئال : قانداق كىشىلەرنى قەيەرگە بارسىلا كىشلەر دوسىت تۇتىدۇ ؟
جاۋاب : ئەدەبلىك كىشىنى .
سوئال : ئۇيقۇ ياخشىمۇ ئويغاقلىق ؟
جاۋاب : زالىمغا ئۇيقۇ ياخشى ،ئادىلغا ئويغاقلىق.
سوئال : ئۇ قانداق كىشىدۇركى ،يۈزلەپ ئەيىپى بولسىمۇ ،كىشلەر ئۇنى ئەيىب قىلمىغاي ؟
جاۋاب : سېخىي كىشى
سوئال : قانچە نەرسە قايغۇنى يوقاتقاي ؟
جاۋاب : ئىككى نەرسە ،بىرى ،مۇۋاپىق يولداش ،يەنە بىرى سادىق دوستىنى ككرمەكلىك .
سوئال : ئاقىل كىشى كىمدۇۇر ؟
جاۋاب : دۇنيانىڭ ئىگىز-پەسلىكىدىن كۆڭلىنى يېرىم قىلمايدىغان كىشى .
سوئال : ئالىي ھىممەت كىشى كىمدۇر ؟
جاۋاب : ئاخىرەت نېمىتىىنى دۇنيا نېمىتىدىن ئايرىغان كىشى .
سوئال : قايسى كېسەلدۇركى ،تىۋىپ ئۇنىڭ ئىلاجىنى قىلىشقا ئاجىز كەلگەي ؟
جاۋاب : ئەخمەقلىق ۋە ئەبلەخلىق .
سوئال : قايسى ئىشنى قىلماق بىلەن جاھان ئەھلىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ ؟
جاۋاب : دوسلارغا مېھرىبان بولماق ۋە دۇشمەن بىلەن چىقىشماق بىلەن .
سوئال : تىرىكلىكتىن ياخشىېاق ،ئولۇمدىن يامانراق نېمىدۇر ؟
جاۋاب : تىرىكلىكتىن ياخشىراق نەرسە --ياخشى نامدۇر.
ئۆلۇمدىن يامانراق نەرسە --بەتنام < يامان نام >دۇر .
سوئال : ھەممە ئەمىرلەرنىڭ ئىچىدە قايسى بىرى ياخشى ؟
جاۋاب : ئاللانىڭ ېازلىقى .
سوئال : تەننىڭ ساقلىقى نېمە بىلەن بولۇر ؟
جاۋاب : ھەقىقى ئىشتىھا قوزغالغاندا تاماق يېمەك ۋە ئىشتىھاسى بار تۇرۇپ تاماقتىن قول يىغماقلىق بىلەن .
سوئال : دوسىت كىمدۇر ؟
جاۋاب : ئەيىپىنى يوشۇرۇپ ،ئارتۇقچىلىقىڭنى ئاشكارلىغان كىشى .
سوئال : ئىنسان قايسى ئەمەلنى قىلماق بىلەن ھەممە كۆڭۇللەرگە ياققاي ؟
جاۋاب : راسىت مۇئامىلە قىلماق ۋە كۈلۈمسىرەپ تۇرماق بىلەن.
سوئال : دۇنيا نىمەتلىرىدن قانچىسى ياخشىراقتۇر ؟
جاۋاب : بىرى ياراملىق پەرزەنىت .ئىككىنچىسى ،ھالال كەسىپتىن تاپقان مال . ئۈچىنچىسى ،ياخشى قىلىق ۋە ساھىبجاماللىق .
سوئال : سادىق دوسىتنىڭ ئالامىتى نېمە ؟
جاۋاب : دوسىتقا يار -يولەك بولماقلىق ۋە ئۆز دوستىنى يامانلىقتىن ياندۇرماق ۋە توسماقلىق .
نۇشرىۋان ۋەزىرنىڭ جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ ،ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە ئىنتايىن كۆپ ئىنئام ئاتا قىلدى.
مەنبە: قىياپەتنامە ۋە سائەتنامە دېگەن كىتابدىن ئىلىندى.